سىز بۇ تېمىنىڭ 531ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئابدۇل قۇددۇس : ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ ....... IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
AbdulQuddus

ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 13111
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 310
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە310دانە
شۆھرەت: 420 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3140 سوم
تۆھپە: 139 نۇمۇر
ياخشى باھا: 171 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :420(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-17
ئاخىرقى :2008-04-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئابدۇل قۇددۇس : ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ .......

ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ ئوتلۇق مېلودىيىسى


___  قەدىرلىك سىڭلىم مېھرىگىيا خانقىزنىڭ « سۇلماس گۈل » ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن


ئابدۇل قۇددۇس ئابدۇل ھافىز


كۈنلەر تۈنلەرنى قوغلۇشۇپ توختاۋسىز ئالمىشىپ داۋاملىشىۋاتىدۇ . شۇ ھالدا قانچە كۈننى قانچە تۈنگە ۋە قانچە تۈننى قانچە كۈنگە ئۇلىۋەتكەنلىگىمنىمۇ بىلمەيمەن . خىيال ئىكرانىمدا مېھىرگىيا خانقىزنىڭ بىر قانچە گۈزەل ئەسىرى ئاجايىپ سىرلىرى ۋە جەزىبىلىك ھالىتى بىلەن ئىزچىل ئەكىسلىنىپ ئۆزگىچە سۆيۈنۈش ۋە ئۆرتۈنۈش تۇيغۇلىرىغا چۆمدۈرۈپ قولۇمغا قەلەم ئېلىشىمغا كۈچلۈك ئىلھامچى بولغانلىغىدىن ، گەرچە تەسۋىرى ئىقتىدارىم ئاجىز كەلسىمۇ ۋە ھەر قانچە ئالدىراش بولساممۇ ئەمما ھېسياتىمنى بايان قىلىپ ئۆتمەسلىككە كۆڭلۈم قويمىدى ، ــ دە ، بۇ يازمىنى تەييارلاشقا كىرىشتىم . ئەگەر كەمچىل تەرەپلەر سېزىلسە مۆھتەرەم خانقىزدىن ، شۇنداقلا ئوقۇرمەن قېرىنداشلىرىمدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن . ئەلبەتتە ، « تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر ، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز » ــ دە (؟)

شۇنداق !

ئەنە ، ئۆزگىچە خۇشبۇي ۋە رەڭدار گۈزەللىگى بىلەن جىلۋىلىنىپ ئاجايىپ زوق ـ ھاياجېنىمنى قوزغاپ ، ئارمان بىلەن « ئۇھ !» دىگۈزۈپ ، روھىم ۋە ئىلھامىمنى ئەرشىگە كۆتۈرۈپ قولۇمغا قەلەم ئېلىشىمغا ئىشتىياق باغلاتقۇزىۋاتقان بىر نەچچە تال قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسى سۆيۈملۈك ۋە گۈزەل مۇنبىرىمىز شەبنەمگە پەيدا بولغاندىن بۇيان يېزىق ئۈستىلىمدە ، كۆز ئالدىمدىلا تۇرۇپتۇ ۋە مەن گۈل ئاشىغى بۇلبۇل كەبى بۇ گۈللەرگە ھەيرانە ــ ھەس بولۇپ تويمىغۇرلۇق بىلەن كۈندە قانچە رەت قاراپ قېلىۋاتىمەنكى ، شۇ قەدەر سۆيۈنۈش ۋە ئۆرتۈنۈش سەۋەپلىك ، تەسۋىرى بايانىم ئۈچۈن گەپنى نەدىن باشلاشنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن ! ...........
مىنى مانا شۇنداق ھەيرەتكە سېلىپ تەسىرلەندۈرگەن ، دېمەك قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك جەلپكارلىغى بىلەن « بۇلبۇلى بىچارە » ھالىتىگە كەلتۈرگەن ئەسەرلەر ـــ قەدىرلىك سىڭلىم مىھرىگىيا خانقىزنىڭ شاھانە ئەسەرلىرى :
« تۇزىماس گۈل »
( ./read.php?tid-41328-keyword-.html )
« پاك گۈللەرنىڭ قۇربان بولار ئاشىقى بار »
( ./read.php?tid-50375-keyword-.html )
ۋە يەنە بىر نەچچە ئەسىرىدىن ئىبارەت .
شۇنداق !
پاك ئىمان ، ئوتلۇق ۋىجدان بىلەن تولغان گۈھەر كاللا قەلەم ئېگىلىرىنىڭ تىلسىملىق ۋە جەزبىدار ئەسەرلىرىمۇ كىشىنى گۇيا خۇشپۇراق گۈل – لەيلىزارلىققا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ ، بۇ گۈلزارلىقنىڭ مىسلىسىز ھۇزۇر قىسمىتى ۋە كارامەت ھىكمىتى قەلبلەرنى ئەجايىپ لەرزىگە سېلىشىدىن ، كىشىنىڭ ئىلھام بۇلىغى قايناپ تېشىپ ، بوي بەرمەس توسۇن ئاتتەك نەلەرگىدۇ ئېلىپ قاچىدىكەن ! .........
ناھايىتى رۇشەنكى ، بىرەر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ كىشىنى شۇ قەدەر تەسىرلەندۈرەلىگۈدەك كامالىتىگە يەتكەن ھالدا مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىلىشى ، باشقا جەھەتلەردىن تاشقىرى ئاپتورنىڭ مۆل تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى ئاساسىدا كىشىلىك ھايات ھەقىقىتىنى ئاقىلانە ھالدا چىن مەناسى بىلەن توغرا تەھلىل قىلالىشى ۋە ئادىلانە ھالدا ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلالىشىغا باغلىق بولۇش بىلەن ، ئىنسانلارنى ئاقكۆڭۈللۈك ، ياخشىلىق ۋە ئادىللىق بىلەن مۇجەسسەملەنگەن گۈزەل ئىنسانىي ئەخلاقنى قەدىرلەشكە ، ئۇنىڭ ئەكسى بولغان قاراكۆڭۈللۈك ، رەزىللىك ۋە ھەققانىيەتسىزلىك ئۈستىدىن جاسارەت بىلەن ئىسيان كۆتۈرۈشكە يىتەكلىيەلىشىدە ۋە يۈكسەك ئەدەبىي ۋە بەدەئىي ماھارىتى بىلەن پارلاق ، توغرى يولنى رۇشەن كۆرسۈتۈپ بىرەلىشىدە ئىپادىلىنىدۇ !
ئەلبەتتەكى ، بۇ گۈزەل شاھانە ئەسەرلەرنى ئوقۇغان كىشى ئالدى بىلەن مېھرىگىيا خانقىزنىڭ مانا شۇ جەھەتتە يېتۈك ، ــ ئىمانىي كامىل ۋىجدانى ئوتلۇق ، بىلىم – قابىلىيەتلىك بىر قەلەم ئېگىسى ئىكەنلىگىنى چۇڭقۇر ھېس قىلماي قالمايدۇ !
بۇ يەردە قىسقىچە ئېيتىپ ئۆتسەم ، قەدىرلىك سىڭلىم مېھرىگىيا خانقىز « تۇزىماس گۈل » ناملىق ئەسىرىدە ، بىر ۋىجدانسىز قارا يۈرەك تەرىپىدىن ناھەق ھالدا ۋە رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋىتىلگەن پاك ۋە باكىرە بىر قىزنىڭ بىچارىلىك تەقدىرىگە قاتتىق ئېچىنىش بىلەن ئۇ لەنەت تەككۇر ئەرۋانى غەزەپ نەشتىرى بىلەن تىتما ــ تالاڭ قىلغان ھالدا يازغان مونۇ كىچىككىنە بايانىلا بۇ دېگىنىمگە پۇلاتتەك شاھىت بولالايدۇ : « ... ئۇ شۇ دەقىقىدە يۈرىگىنىڭ قاتتىق مۇزلىغىنىنى ، قەلبىگە قاراڭغۇلۇقنىڭ سايە تاشلىغىنىنى ، قول ـ پۇتلىرى بەختسىزلىكنىڭ تۆمۈر زەنجىرىدە قاتتىق باغلىنىپ بەكمۇ قىنالغىنىنى ھېس قىلدى . چۈنكى ئۇنىڭ پاك – سەمىمىي سۆيگۈسى بەكمۇ رەھىمسىز بىر جاللات تەرىپىدىن بىمەھەل ئۆلۈمگە ئۇزۇتۇلغان ئىدى . ...... »
كۆرۈپ تۇرۇپسىلەركى ، يۈرىگىدە ئىمان ، ۋىجداننىڭ زەررىچىمۇ ئۇچقۇنى بولمىغان ئۇ رەزىل شۇم « جاللات » دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ تەسۋىرلىنىش بىلەن ، روھىيىتىدە ئادالەتسىزلىك ، رەھىمسىزلىك ئورۇن ئالغان ئىنسان تىپىنىڭ نەقەدەر ژىركىنىشلىك ، ئەشەددىي ياۋايى مەخلۇقلارچە نەپرەتلىك ئىكەنلىگى ئوبرازلاشتۇرۇلغان ھالدا جانلىق ئىپادىلەنگەن !
شۇنداق !!!
جاللات !!!
زادى جاللات تۈپەيلى قانچىلىغان بىگۇنا ئىنسانلار تىنىدىن جۇدا بولدى ؟؟؟
جاللات تۈپەيلى قانچىلىغان خەس كۆڭۈللەر خاساڭ بولدى ؟؟؟
ۋە يەنە شۇ جاللات تۈپەيلى قانچىلىغان ، قانچىلىغان مەردۇ – مەردانلاردىن ئايرىلىپ قالدۇق !!!؟؟؟
................................. !!!
جاللات !
جاللات !!
جاللات !!!
بۇ نەقەدەر قەھرى غەزەپلىك لەنەت – نەپرەتكە مەھكۇم ، تۈكۈرۈندى ، مىشقىرىندى ھەتتا بېشىدىن تاپىنىغىچە قان قاخشىتىپ توغراپ قىيما – چىيما قىلىۋەتسىمۇ كىشىنىڭ دەردى ، نەپرەتلىك تۇيغۇلىرى بېسىقمايدىغان بىر ناكەست مەلئۇننىڭ نامى ھە؟
يۇقال نەپسىگە بالا تەككەن ئەي ئاچ كۆز ، تويمىغۇر ۋىجدانسىز رەزىل جاللات !!!!!!!!!!

قەدىرلىك سىڭلىم مىھرىگىيا خانقىز مانا شۇنداق يۈكسەك ئەقلىي ، ۋىجدانىي تەپەككۈرى بىلەن ئەسەرلىرىنى تولىمۇ شاھانە ، سۆيۈنۈشلۈك ، مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا يېزىپ چىقالىغان !

ئاپېرىن ، قەدىرلىك سىڭلىم !
قوللىرىڭىزدىن مەڭگۈ قىزىل گۈللەر ئۈنۈپ كەتكەي ، سىزگە كۆز تەگمىگەي ، سۆز تەگمىگەي ئىلاھىم !

شۇنىڭ بىلەن ئەمدى بىز بۇ شاھانە ئەسەرگە شۇڭغۇپ كىرەيلى ، ــ قەدىرلىك سىڭلىم مىھرىگىيا خانقىزنىڭ مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلەرگە قانداق قىممەتلىك ، ئاجايىپ ھۇزۇرلۇق مەنىۋىي گۈزەللىك باغچىسىنى تەقدىم قىلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ باقايلى !

تۇزىماس گۈل !!!

ئەنە ، « تۇزىماس گۈل » ، ــ مەڭگۈلۈك شىرىن ، خۇش ھىدى بىلەن باقىي ئالەمگە قەدەر تۇزىماستىن يۈرۈش قىلغان لەتاپەت گۈلى !

شۇنداق !
قەدىرلىك سىڭلىم مېھرىگىيا خانقىز بۇ ئەسىرىنىڭ باش قىسمىدا ، ياشلارنىڭ ھايات مۇساپىسىدا كۆرۈلىدىغان كۈتۈلمىگەن كېلىشمەسلىكلەرنى دەۋرى ئارقا كۆرۈنىشى قىلىپ ، ئىجتىمائىي رېئاللىققا نىسپىتەن ئالاھىدە سەزگۈر ، ھۇشيار بولۇش كېرەكلىگىنى ، كۆڭۈلنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كىتىپ بىراۋغا ئالدىراپ كۆڭۈل بىرىشنىڭ كۈتۈلمىگەن ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرگىمۇ ئېلىپ بارىدىغانلىغىنى سەمىمىيەت بىلەن سەمىمىزگە سالىدۇ ۋە ئۆزى ياڭراق سادالىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇ ۋىجدانسىز ، لەنەت تەككۈرگە قەھرى غەزىۋى بىلەن « جاللات » تامغىسىنى بېسىۋېتىدۇ ۋە ئاندىن « .... يىگىت ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە ياشىدى . ....... ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىكىر ، ئوخشاش ئارزۇدىكى كاتتا ئەرباپنىڭ ئۆز ئانا تىلىنىمۇ تۈزۈكرەك بىلمەيدىغان شۇتىدەك ئىگىز ، ئۇرۇق قىزىغا ئۆيلەندى . ئەپسۇس پەرزەنتلىك بولالمىدى ۋە بىر ئوغۇل بېقىۋالدى ..... » دەپ يېزىپ ، ھەقىقىي يىگىتلىك سالاھىيىتىنى يۇقاتقان ئىمانسىز ، ۋىجدانسىز قارا قۇساقلارنىڭ مۇقەررەر ھالدا ئۆز قىلمىشىنىڭ مەسخىرىلىك جازالىرىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنىمۇ بايان قىلىدۇ ، ئاقكۆڭۈل بىچارىلەرگە بولسا چىن قەلبىدىن ھېسداشلىق قىلىدۇ !!!
زادى شۇنداق ئەمەسمۇ ؟
قاراڭلار! ـــ ئانا تىلىنىمۇ تۈزۈكرەك بىلمەيدىغان شۇتىدەك ئىگىز ئۇرۇق قىز بىلەن ئۇ زادى قانچىلىك راھەتلىنىپ كىتەر ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغماسلىق بەلاسىنىڭ چاپلىشىپ كېلىشىچۇ تېخى ؟ ..........
چۈنكى ، تىل دىگەن سېھىرلىك ئالتۇن ئاچقۇچ ! ـــ ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈلنىڭ ئۇلۇق دەرۋازىلىرىنى ئاچقىلى ۋە ئاندىن مۇھەببەتلىك ھاياتنىڭ ئەڭ شىرىن قايناملىرىغا چۇڭقۇر چۆكۈپ ئۇنىڭ ھۇزۇر – لەززىتىدىن قانا – قانا بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟ ..... ! ئەمما كىشى بۇ سېھىرلىك ئاچقۇچتىن مەھرۇم بولسىچۇ ؟
مەن شۇنداق بىر ھىكمەتلىك گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم : « دۇنيادىكى ئەڭ قىزىقارلىق كىتاپلارمۇ ئاشىغىڭنىڭ بىر ئىغىز سۆزىچىلىك ھۇزۇرنى بىرەلمەيدۇ » ....
قېنى ، ئەمدى ئۇ قانداق ياشايدىكىنە ؟ .........
اللە ساقلىسۇن مۇنداق فاجىئەلىك قىسمەتتىن !!!!!!!!!!
ئەمدى تۇغماسلىقنىڭ ئازابىچۇ ؟
بۇمۇ ئۈستىلەپ بىرىلگەن قاتتىق بىر جازا ، ئەلبەتتە !!!.........
مانا ، تەقدىرنىڭ ، تېخىمۇ توغرىسى جەنابىي اللەنىڭ نائەھلىلەرگە رەھمىسىزلىك بىلەن بەرگەن جازالىرى !!!
ناھايىتى ياخشىكى ، بىچارە قىز تۇرمۇشنىڭ سىرلىق سوقماقلىرى ۋە قىرلىق توقماقلىرى ئالدىدا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويماستىن ، « ھاياتقا ئۈمىت بىلەن باقتى .» شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تاكى ئالمىدەك گۈلدەك چىرايىغا قورۇق ، قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرىغا قىرو چۈشكەنلىگىنى سەزمىگەن ۋاختىغا قەدەر ، نارىسىدە بالىلاردەك پاك ۋە باكىرىلىغى بىلەن ياشىدىكى ، رېاللىقىمىزدا يۈزلىنىۋاتقان پۈتكۈل روھى مەينەتچىلىك، روھىي بۇزۇقچۇلۇقنى ۋۇجۇدىغا ھەرگىزمۇ يېقىنلاشتۇرمىدى . بەلكى ، « خاتا باسقان قەدىمى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاپ ياتلىق بولۇشنى خالىمىدى .... گۈزەل ياشلىق باھارىنى جاپالىق ئىشلەش ، كىتاپ ئوقۇش ۋە تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى بىلەن ئۈن – تۈنسىز ئۆتكۈزىۋەتتى .... !!!!!!!! »
بۇ يەردە قەدىرلىك سىڭلىم مىھرىگىيا خانقىز ئاشۇ قىزنىڭ روھىيىتى بىلەن ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ قەلبىدىكى ۋىجدانىي تۇيغۇ ۋە پەزىلەتنى نامايان قىلغان ئاساستا ئىمانىي ، ۋىجدانىي ھاياتنىڭ ماھىيەتلىك كۆرىنىشىنى تولىمۇ قىسقا ئەمما تەسىرلىك ھالدا بايان قىلىپ ، تۇرمۇش سىناقلىرى ئالدىدا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتقان خانىم – قىزلىرىمىزنى ئېقىل – پاراسەت ۋە چىدام – جاسارەتكە ئىندەيدۇ !!!
ئەلبەتتە بۇ ، ھەر – بىر پۇشتى ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ چۇڭقۇر ئويلىنىشى ، ئويغىنىشى ۋە ئانىلىق بۇرچىنى ھەقىقىي ئۆتەش ئۈچۈن پېداكارلىق كۆرسىتىشى تەقەززا قىلىۋاتقان ناھايىتىمۇ قىممەتلىك روھى پەزىلەت !
چۈنكى ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن ئىدىكى ، « جەننەت ئانىلارنىڭ ئاياق ئاستىدا » ، « جەننەت قىلىچنىڭ ئاستىدا » .
خوش ، ئەگەر بىزنىڭ خانىم – قىزلىرىمىز ، ئىمان – ھايالىق ، ۋىجدان – نومۇسلۇق ۋە قەيسەر ـ جاسارەتلىك بولمىسا ئەۋلاتلىرىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۆكمىگە مۇناسىپ ھالدا جەننەت مەنزىلىگە يىتەكلەشكە قادىر بولالامدۇ ؟
بۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس !!!

قېنى ئەمدى سۆز سىلەردە !!!

قەدىرلىك سىڭلىم مېھرىگىيا خانقىز ، ئەسەر قەھرىمانى قىزنىڭ روھىيىتىدىكى قىممەتلىك پەزىلەتنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ئۇنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە باغلاپ تەسۋىرلەپ :
« ............. ئۇنىڭ پاكىزە تۇيغۇلىرى قەلىمىگە قۇۋۋەت بېغىشلىدى .
ئۇ يېزىۋەردى . ئۇ شۇ يېزىشىدا ھاياتنى شۇ قەدەر گۈزەل ئەمما رەھىمسىز ، مۇھەببەتنى شۇ قەدەر ئۇلۇغ ئەمما قەدىرسىز ، كۆڭۈلنى شۇ قەدەر پاكىز ئەمما يۈگەنسىز قىلىپ يازدى . يازغانلىرى ناھايىتى كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقتى . .
ئۇ يەنە ھاياتىدا تالاي كىشىلەرنىڭ قىسمەتلىرىنى كۆردى . ئۇلارنىڭ رەڭگا - رەڭ ھايات كارتىنىلىرىنى خاتىرىگە ئالدى .ئۇنى ئەجەپلەندۈرگىنى ۋە ئېچىندۇرغىنى شۇ بولدىكى قاتتىق بورانغا بەرداشلىق بېرەلىگەن چىنار قامەتلەرنىڭ مەيىن شامالدا ئۆرۈلۈپ چۈشكىنى ، قار - شىۋىرغاندا مەزمۇت تۇرغان دالا قارىغايلىرىنىڭ باھار ئاپتىۋىدا قۇرۇپ قالغىنى ، قارا ئېيىقنى يېڭىپ ھەممىنى تاڭ قالدۇرغان ئەزىمەتلەرنىڭ قەغەز يولۋاستىن يېڭىلىپ قېلىپ شەرمەندە بولغان رەسۋا كەچۈرمىشلىرى ئىدى .
ئۇ يەنە ئىسىل يىپەك كىيىملەر ئىچىدە ئەرلىكىنى يوقاتقان سەرۋى قامەتلەرنىمۇ ، جەندى - كۇلاھ ئىچىدە ئۆڭمەس تاۋاردەك جۇلالىنىپ تۇرغان پاكىزە يۈرەكلەرنىمۇ ، غۇرۇرىنى ئىت يەپ كەتكەن ئەمما چىرايلىق زىننەتلەنگەن قەلىبلەرنىمۇ ، تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۈزۈپ يۈرگەن ئەجرى كۆپ ، نېمىتى ئاز غەۋۋاسلارنىمۇ كۆردى ، يازدى . ئۇ يەنە باشقىلار تەرىپىدىن نەزەرگە ئىلىنماي تاشلىۋېتىلگەن قەدىرسىز گۈلنىڭ بەزىلەرنىڭ قولىدا ، شاھانە سارايلاردا قەدىرلىنىپ كۈمۈش لوڭقىلارغا سېلىنىپ ئەتىۋارلانغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. .
ئۇ ھەممىنى شۇنچە چىن ، يېقىشلىق تەسۋىرلىدى . يازغانلىرى بارغانچە تەبىئى ، ھايات قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن چىقتى . ئېتىقاد سۈيىدە سۇغۇرۇلغان ھەر بىر ئەسەر ئۇنىڭ قەلبىدەك جۇلالاندى . بىر كۈنلەر كەلدىكى ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدە ئۆزىنى شەرەپ سەھنىلىرىدە كۆردى .
قېرىنداشلىرى ئۇنى ئالقىشلاۋاتاتتى . تالاي كۆزلەر ئۇنىڭغا ھەيرانلىق ، قىزىقىش ، پەخىرلىنىش ، ھەسەت ئوتلىرىدا يېلىنجاپ تىكىلمەكتە ئىدى . تېخىمۇ ھەيران قالارلىغى شۇ بولدىكى 45 باھارنى ئۇزاتقان ، ئۈششۈك تەككەن ياپراقلارغا ، رەڭگىنى ، خۇش - پۇرۇقىنى يوقاتقان بۇ گۈلگە بىر مۇنچە گۈل خۇمارلار قول ئۇزىتىشقا تەييار بولۇپ تۇراتتى » دەپ يېزىپ ، بىزنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ئويغا سېلىپ ، ئختىيارسىز ھالدا ئاپېرىن ، تەشەككۈرلىرىمىزنىڭ ياڭرىشىغا ئىلھامچى بولىدۇ . چۈنكى ، بۇ بايانلاردا ئىجتىمائىي رېاللىقتا يۈزلىنىۋاتقان ئەخلاقى ، ۋىجدانىي قىسمەتلەر يۈرەكنى جىغىلتىدىغان ھالەتتە ناھايىتى رۇشەن ئېچىپ بىرىلگەن بولۇپ ، بۇ نۆۋەتتە مىھرىگىيا خانقىزنىڭ كىشىلىك خارەكتىرىدىكى مۇھەببەت – نەپرەت تۇيغىلىرىنىڭ ناھايىتىمۇ يارقىن ئىپادىلىنىشى بولۇش بىلەن ، بىر ئىنساننىڭ ئىجتىمائىيەتتىكى خاسلىقىنىڭ ماھىيەتلىك سۈپىتى قانداق بولىشى كېرەكلىگى كەسكىن تەنقىدى قاراش بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىلگەن . مانا شۇ ئاساستا قەدىرلىك سىڭلىم مىھرىگىيا خانقىز تىڭىرقاش ، چۈشكۈنلۈك ۋە بوشاڭلىقنىڭ ھالاكەتلىك قىسمىتىنى نەپرەت كۆزى بىلەن قامچىلاپ ، ئېقىل – پاراسەت ، چىدام – جاسارەتنى ئىشقاسېلىشنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك كۆرۈنۈشلىرى قىزغىن مەدھىيە بىلەن تۈگەللىنىدىغانلىغىنى رەھمەت نەزىرى بىلەن ئالقىشلىغان ..... !
بۇ ، دېمەك بىر ھەقىقىي ئوت يۈرەك ئىنسانپەرۋەر خەلق يازغۇچى - شائىرلىرىنىڭ ۋجدانىي بۇرچى ۋە تارىخىي رولىنىڭ كەمالىي شەرھىسى !
ئەمدى قەدىرلىك سىڭلىم مېھرىگىيا خانقىز ، بۇ قىممەتلىك شاھانە ئەسىرىنى شۇ يەرگىچە يېزىپ كېلىپ ، ھايات ھەقىقىتىگە تەشنا چاڭقاق كۆڭۈكللەرنىڭ جاراھەتلىرىگە شىپاگەر مەلھەم بولغانغا مۇناسىپ ، ئۇ جاسارەتلىك قىزنىڭ روھىيىتىدىكى بىر ئاجىزلىقنى ئاقكۈللۈك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى يەنە بىر ئۆزگىچە چۇڭقۇر ئويلۇنۇشقا يىتەكلەيدۇ . ئۇ بولسىمۇ ، قىزنىڭ يەككە – يىگانە تۇرمۇشقا « كۆنۈش » ئاساسىدا ياشاش يولىنى كەسكىن ھالەتتە تاللىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت . بۇ توغرۇلۇق شۇنداق دەپ يازىدۇ : « ئۇ كۆڭۈل دەرۋازىسىنى چېكىۋاتقان تالاي قوللارنىڭ تېخىچە چارچىمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئاچچىق كۈلۈپ قويدى . ئۇ مەڭگۈگە قۇلۇپ سالغان كۆڭۈل ئىشىگىنى ئەمدى بۇ چاققا كەلگەندە ئېچىشنى ھەرگىز خالىمايتتى . »
مەن مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قاتتىق ئازاپ تۇيغۇلىرىم بىلەن خېلىغىچە ئولتۇرۇپ قالدىم .....
ئەلبەتتە ئىنسان ھەر قانچە كەمالەتكە يەتتىم ، يېتىلدىم ، دىگەندىمۇ يانىلا تۈرلۈك خاتالىقلاردىن ، ھەتتا ئەڭ كىچىك كەمچىلىك ، نوخسان سۈپەتلەردىنمۇ خالىي بولالمايدۇ . پەقەت جەنابىي اللە ھەر نوخساندىن خالىدۇر .
دېمەكچىمەنكى ، ئۇ قىز گەرچە 45 باھارنى ئۇزاتقان بولسىمۇ ، ئەمما يەنە ئۆزىگە ئوخشاش مانا شۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەرگە دۇچ كەلگەن تالاي بىچارىلەرنىڭمۇ ( ئاياللارلا ئەمەس ئەرلەرنىڭمۇ ) بولىدىغانلىغىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا ، كۆڭۈل دەرۋازىسىنى چەككەن بىرەر ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىپ ، قالغان ئۆمرىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈشكە جاسارەت بىلەن قەدەم تاشلىغان بولسا، ھايات خارابىلىرىدا تەنتىرەپ يۈرگەن مىليونلىغان تەنھا قەلپلەرگە دانكو كەبى ماياكلىغى بىلەن ، ھاياتقا ئۈمىتۋارلىق بىلەن قاراش روھىنى بېغىشلىغان بولاتتى .......! بۇ جەھەتتە قەدىرلىك سىڭلىم مېھرىگىيا خانقىزنىڭ « پاك گۈللەرنىڭ قۇربان بولار ئاشىغى بار » دىگەن بۇ قىممەتلىك شاھانە نەزمىي ئەسىرىدىكى ئاشۇ تولىمۇ سۆيۈنۈشلۈك تىماتىك خىتابەن سۆزى كىپايە ، ئەلبەتتە !
بىز بۇ يەردە ئەسەر قەھرىمانىنىڭ بۇ سەلبىي تەسىرلىك (؟) خاھىشىدىن ئىجابىي نەتىجە ھاسىل قىلالايمىز . ئەلبەتتە . چۈنكى ، قارىماققا ، بىز ئۇ ئەھۋالنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ماھىيەتلىك تەرىپى يانىلا بۇ ھاياتلىق ئالىمىدە « يالغۇزلۇق ئىنسانغا ياراشمايدىغان بىر خىل ياشاش مەنتىقىسى » ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىمىز . بۇ سەۋەپتىن مېھرىگىيا خانقىزنىڭ بۇ ئەسىرىنى سېھىرلىك ئەينەك ئىكەن ، دىگەن تۇيغۇغىمۇ كېلىپ قالىمىز . چۈنكى ، نورمال ئەينەك پەقەتلا ئۇدۇلىدىكى مۇئەييەن كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىلا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ . ئەمما بۇ ئەسەر ئارقىلىق ، بىز كۆرۈنمەيدىغان « مەۋھۇم مەۋجۇتلۇق » نى ، ــ ئاچچىق ساۋاق تەربىيىسى ئارقىلىق ئىجابىي تەرىپىنىمۇ كۆرەلەيمىز ئەمەسمۇ ؟؟؟؟
خەيرىيەت ، ئۇ قىز ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بۇيىچە قەلەم تۇلپارىنى مىنىپ ھايات مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇردى ۋە تىللاردا داستان بولغىدەك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇردى . بۇ توغرۇلۇق قەدىرلىك سىڭلىم مېھرىگىيا خانقىزنىڭ تەسىرلىك بايانلىرى بىزنى يەنە بىر چۇڭقۇر ئويلۇنۇش قاينىمىغا چۆكىرىدۇ ۋە بىز بۇ قاينامدا « سىرلىق ھايات » نىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز . بۇ جەھەتتە ئەرلەرنىڭ مۇھەببەت قىسمىتى بىلەن ئاياللارنىڭ مۇھەببەت قىسمىتى ئوتتۇرىسىدىكى رۇشەن پەرقلەر جەنابىي اللەنىڭ ھىكمىتى بىلەن مۇجەسسەملەنگەن ھالدا بايان قىلىنىپ ، بىزنى قاتتىق بىر سىلكىنىشكە ئىندەيدۇ ....
قىزنىڭ ئەنە شۇ « سىرلىق ھايات » ناملىق ئەسىرى ئاخىرقى ھېساپتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلپ جاراھەتلىرىگە شىپاگەر مەلھەم بولۇپ قالىدۇ . ..... ۋە بۇ سەۋەپلىك ئۇ قىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياختۇرىشى ، ياخشى كۆرۈپ قېلىشىغا نائىل بولىدۇ ....... ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئارمان – ئىستىگى بۇيىچە ياشاپ ، ھايات بىلەن ۋاقىتسىز ۋىدالىشىدۇ !!!!!
قەدىرلىك سىڭلىم مېھرىگىيا خانقىز ، بۇ قىممەتلىك شاھانە ئەسىرىنى تولىمۇ ئەۋزەل ۋە ناھايىتى تەسىرلىك مونۇ بايانى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ شۇنداق دەپ يازىدۇ :
« ... ئۇ ھاياتتىن قۇرۇق قول كەتمەيدىغانلىغىدىن ئۈمىتلەندى ، قەلبى ئويغاق ، پىتنە – پاساتلاردىن يىراق ياشاشنى مىزان قىلدى .
ئۇ بۇ قېتىم دانالارنىڭ مۇنداق ھىكمەتلىرىنى خاتىرىسىگە پۈتۈپ قويدى .
ــ « ئۆتۈپ كەتكەن ھەر – بىر پۇرسەت تەڭداشسىز گۈھەردۇركى ، ئىنسان ئۇنىڭ باھاسىنى بىلىشى كېرەك . چىقىۋاتقان ھەر – بىر نەپەسنى غەنىمەت بىلىپ ، زايە قىلماسلىق كېرەك . تىرىگلىكتە ھامان بەزى ئىشلار ئۆتىدۇ . ئەمما ئۇنى ياندۇرۇپ قولغا كەلتۈرمەك مۇمكىن ئەمەس . قىلىنماي قالغان بەزى ئىشلىرى غايىۋىيلىك پەردىسى ئىچىدە ئۆزىدىن نىشان بەرمەس . ئۆتۈپ كېتىدىغان ئۆمۈرنى غەنىمەت بىلىپ ، ۋاقتنى زايە قىلماي ، ئاخىرەت جابدۇغىنى قىلىش كېرەك . شۇندىلا يول سەپىرىدە ئىنسان ئۆز مەنزىلىگە بىخەتەر يەتكۈسىدۇر . »
بەس ، ئەمدى يېتەر ..... بولدى توختاپ قالاي ، ــ دەپ ئۆز ـ ئۆزىگە پىچىرلىدى ئۇ ئاخىرقى يازمىلىرىدا .
ھېلىمۇ كۆپ گۇناھتا ياشىدىم . يازغانلىرىمدا قانچىلىك ئادەم ، بىلمەيمەن . ئاخىرقى ئۆمرۈمدە قەلبىمدىن غەپلەت پەردىسىنى كۆتۈرىۋېتىپ دىلىمنى نۇرغا پۈركىگەيمەن ! ياخشى نام ۋە سۈپەتلەر بىلەن كەتكەيمەن !
ئاللاھىم ! مېنى ئۆزۈڭگە ھەم پەرىشتەلىرىڭگە يېقىن قىلغىن !
ئەتىسى ئۇ ئانا يۇرتى بىلەن ئۈن – تۈنسىز خوشلاشتى . ئۇنىڭ قەلبى ئاشۇ بۇيۇك ، مۇقەددەس ماكانغا ئوتتەك تەلپۈنمەكتە ئىدى .»
مەن ئەسەرنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىر پەس سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ قالدىم ۋە ئىچىمدە « ئەلھوكۇمۇللاھ !» دېدىم.... ئاندىن ، قەدىرلىك سىڭلىم مېھرىگىيا خانقىزغا بولغان « رەھمەت » لىك تۇيغۇلىرىم ئەرشىگە كۆتۈرۈلدى !!! چۈنكى قەدىرلىك سىڭلىم مېھرىگىيا خانقىزنىڭ بۇ تەسىرلىك بايانىدا، ئىنسانىي ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىغى ۋە بولىشى كېرەكلىگى تولىمۇ رۇشەن شەرھىلىنىشى بىلەن ، بىزنى ھاياتنىڭ ھەر – بىر مىنۇتىنىمۇ قەدىرلەش ، ئاخىرەتنى ئويلاش ئاساسىدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چاقىرىدۇ ! چۈنكى ، بىز باقى ئالەمگە ، جەنابىي اللەنىڭ ئالدىغا بارىمىز ۋە بۇ پانىي ئالەمدىكى ھەر – بىر ئېغىز سۆزىمىزنىڭ ، ھەر – بىر ھەرىكىتىمىزنىڭ ھېسابىنى بېرىمىز ئەمەسمۇ ؟؟؟
بۇ ، دېمەك ھاياتنىڭ قىزىغى مۇشۇ دۇنيادا ، دەپ ئاخىرەتلىك مەنزىلىنى ئويلانماي ھاماقەتلىك ، تەلۋىلىك بىلەن بۇزۇق ، شەرمەندە ئوي ـ خىياللار بىلەن بەنت بولۇپ ياشاشقا ، ھەتتا قانخورلۇق ، بۇلاڭچىلىق .... كەبى رەزىللىكلەر بىلەن باشقىلارنى پاراكەندە ، ۋەيرانە قىلىشقا بىرىلىپ كەتكەن لەنەت تەككۈرلەرگە قىلىنغان جىددىي ئويلۇنۇش ، قاتتىق ئويغۇنۇش خىتابىدۇر !

شۇنداق قىلىپ ، كىچىگىدىلا سۆيگۈ فاجىئەسىدىن يۈرىكىگە قاتتىق دەز كەتكەن (؟) بىچارە قىز بىز بىلەن پاك – باكىرە ھالدا مەڭگۈلۈك خوشلاشتى . ئۇنىڭ مۇشۇ « ئېتىقات سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلغان » پاك ۋىجدانىي غۇرۇرلۇق كەيپى كۆز ئالدىمدا ھەقىقىتەن كەڭ تەبىئەتنىڭ سېخىلىغى بىلەن ، تېخىمۇ توغرىسى جەنابىي اللەنىڭ رەھمىتى بىلەن ھەرزامان كىرسىز، پاكىزە ھالەتتە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان تۈمەن مىڭ قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىلىرىنى ئەسلەتتى ، مانا ، كۆز ئالدىمدا شۇ تاپتا بىر سېھىرلىك نۇر بىلەن بىرلەشكەن گۈللۈك كەبى مەنزىرە يالتىرىماقتا ....... !
رۇشەنكى ، مانا شۇنداق پاكىزە مەنىۋىيەتلا ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ ئوتلۇق مېلودىيىسىنى مەڭگۈ ياڭرىتالايدۇ (؟؟؟) ۋە مىليونلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئەسلەش ، كۈيلەش نىشانى بولۇپ قالىدۇ ، ئەلبەتتە !
ئەلۋىدا « تۇزىماس گۈل ، ئەلۋىدا ! »
جەنابىي اللە سىزنى جەننەت راھىتى بىلەن قۇتلۇقلىغاي ، امىن !

قەدىرلىك سىڭلىم مېھرىگىيا خانقىز !
سىزنىڭ بۇ ۋە يەنە قانچىلىغان قىممەتلىك ئەسەرلىرىڭىز مۇناسىۋىتى بىلەن سىزنى تەكرار چىن قەلبىمدىن قىزغىن تەبرىكلەيمەن !
جەنابىي اللە ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن ، ئېزىز تىنىڭىزنى مەڭگۈ سالامەت قىلغاي ! شۇنداقلا ئائىلىڭىزنىڭ مەڭگۈ خۇشۋاخلىق ئىچىدە ئۆتىشىنى ، يېڭى - يېڭى شاھانە ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىشىڭىزنى ۋە شۇئاساستا مىللىتىمىزنىڭ مەڭگۈ پەخىرلىنەرلىك قىزىل گۈلى بولۇپ قېلىشىڭىزنى نېسىپ ئەيلىگەي ، امىن !
ئەمدى ، ئاددىي بولسىمۇ شۇبۇ گۈزەل ئەسىرىڭىزنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىر تال گۈل تەقدىم قىلىمەن ، قوبۇل قىلغايسىز !
 

[ يوللىغانAbdulQuddusتەرىپىدىن2008-04-29 23:09قايتا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+20(gul-sanam)
  • تۆھپە:+20(nuri0996) ئىجادىي ئەسە ..
  • Uyghurx.com
    اللە اكبر
    | ۋاقتى : 2008-04-28 05:43 [باش يازما]
    kuraxjan
    كۆرەشجــــــــــان

    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 17800
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1153
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1153دانە
    شۆھرەت: 1253 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9231 سوم
    تۆھپە: 121 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 73 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :635(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-06-22
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مانا مانا يەنە بىر ياخشى ئەسەر بىلەن يۇز كۆرۈشتۇردىڭىز ! ئابدۇل قۇددۇس قېرىندىشىم
    Uyghurx.com

    ﺑﻪﺯﻯ ﯪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﯪﺑﯩﺪﻩ ﯮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﭘﯘﻝ ، ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ ، ﯞﻩ ﭘﻪﻳﺘﯘﻥﺩﯨﻦ ﯸﺒﺎﺭﻩﺕ 3ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﯻﺰﻧﻪﻙ ﺗﺎﻗﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﯪﯕﻠﯩﺴﺎﻡ ﯰﻻﺭ ;ﺯﺍﻣﺎﻧﺸﯘﻧﺎﻟﯩﻖ ﯻﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺶ ،ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﺧﺎﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻮﻧﻼﺭ!!!


    | ۋاقتى : 2008-04-28 06:21 1 -قەۋەت
    gul-sanam
    توغراق قىزى

    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 15298
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 1984
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1984دانە
    شۆھرەت: 2322 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20047 سوم
    تۆھپە: 640 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 434 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :1017(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-05-04
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     





    ئۇستاز  سېلىگە ئالى ئېھتىرام :
    <<سۇلماس گۈل>>  مۇنبىرمىزدىكى   يۈركى  چىن تەپەككۇر ھەم
    ھەققانىيەت بىلەن پۈتۈلگەن مىھىرگىيارىمنىڭ تالاي  مۇۋەپقىيەتلىك چىققان ئەسرى ئىچىدىكى  بىرسى ،
    ئۆزلىرنىڭ بۇ ئەسەرنى  تېخمۇ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ ،مۇۋاپقىيتىنى  بىز بىلەن يۈز كۈرۈشتىرگىنىڭىزگە تەشەككۇر .  مىھىرگىيا مىللەت ئۇغۇل قىزلىرىغا بولغان ئوتلۇق سۆيگۈسى ، مەسسۇلىيتىنى   ئاشۇنداق  ئۆزىنىڭ پاك غۇبارسىز قەلبى ، ئېتقاد  ،پەزىلىتىدە تېخىمۇ  نامايەن قىلىپ،ھەر قەدەمدە بىزنى سۈيۈندىرىپ كېلىۋاتقان  ،بىزنىڭ سۈينىشىمىزگە ،پەخىرلىنىشىمىزگە  تۇلۇمۇ مۇناسىپ ھەقىقى مىھىرگىيادۇر. ئۇستاز سېلىگە  تەشەككۇر .
    ئاللا سېلىنىڭ تەنلىرىنى سالامەت قىلغاي.
    ھۆرمەت بىلەن :گۈل-سەنەم
    .


    | ۋاقتى : 2008-04-28 09:09 2 -قەۋەت
    Gulgina

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1536
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1327
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1327دانە
    شۆھرەت: 1349 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 13290 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :486(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-02-15
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ھۈرمەتلىك ئابدۇل قۇددۇس ئاكا !
    ئەزىز تىنىڭىز سالامەتمۇ ؟  بۈگۈن بۇ تىمىڭىزنى كۈرۈپ بەرىكەتلىك قەلەم قۇۋۋىتىڭىزغا يەنە بىر قىتىم ئاپىرىن ئوقۇدۇم ،
    دەر ھەقىقەت مىھرىگىيا ھەدەمنىڭ ھەر بىر تىمىللىرى كىشىلەرگە ئەدەپ ئەخلاق ، شەرمى ھايا ، كىشىلىك قادىر قىممەت ، ئىنسانى بۇرىچنىڭ نىمىلىكىنى جانلىق سۈزلەيدىغان بىر كىتاپقا ئوخشايدۇ ، مىھرىگىيا ھەدەمدىكى ھەقىقىي ئاياللارغا خاس ئىسىل پەزىلەت ھەممەيلەننىڭ قەدىرلىشىگە ، ھۈزمەتلىشىگە لايىق ، ئۇنى ھەممىمىز شۇ قەدەر ھۈرمەتلەيمىز ھەم سۈيىمىز ھەم ئۇنىڭدىن ئۈگىنىمىز ، مەن مۇشۇنداق ھەدىللىرىم بولغانلىقىدىن چەكسىز بەخىرلىنىمەن ئا
    خخرىدا ھەدەمنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە ئابدۇل قۇددۇس ئاكامغىمۇ چەكسىز بەخىت ھەم خاتىرجەملىك تىلەيمەن ، نادىر ئەسەرلىرىڭلار ئۈزۈلمىسۇن
    Uyghurx.com
    كۈڭۈل خالىغاننى قىلما
    ۋىژدانىڭ كۈتۈرگەننى قىل
    | ۋاقتى : 2008-04-28 19:35 3 -قەۋەت
    huxnigar

    دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 32411
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
    شۆھرەت: 19 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 170 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :21(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-02-13
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ھۆ رمەتلىك ئابدۇل قۇددۇس ئاكا، ھەقىقەتەنمۇ بىر ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز ،مىھرىگىياھ ھەدەمنىڭ ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تىگىشلىك ئەسەرلەر  . «سۇلماس گۈل» دىگەن بۇ ئەسەر مىنىمۇ  شۇنداق تەسىرلەندۇرگەن ئىدى. مەن سىزنىڭ بۇندىن كىيىن داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
                                                                              ھۆرمەت بىلەن:
                                                                                                        سىڭلىڭىز خۇشنىگار
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-04-28 21:38 4 -قەۋەت
    xhnaz520

    دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14877
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 465
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە465دانە
    شۆھرەت: 466 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4590 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :112(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-04-23
    ئاخىرقى :2008-04-28

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    مىھرىگىيانىڭ ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان  بۇنىڭ مىسالى<<سۇلماس گۈل >>    . بۇئەسەر ماڭا ھەقىقەتەن بەك تەسىر قىلغان .،سىزنىڭ بۇ ئەسەرنى يەنىمۇ بىيىتقىنىڭىزغا رەھمەت!
    | ۋاقتى : 2008-04-28 21:59 5 -قەۋەت
    mehrigiya

    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9032
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1234
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1234دانە
    شۆھرەت: 1366 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 12430 سوم
    تۆھپە: 223 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 279 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :541(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-12
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئابدۇلقۇددۇس ئاكا ، بۇ ئەسىرىڭىزنى  ھەم ھاياجانلىق ھەم خىجىللىق ئىلكىدە كۆرۈپ چىقتىم . ئاددىغىنە ئەسەرلىرىمنىڭ  سىزدەك بىر ئىستىدات ئىگىسىنىڭ نەزىرىڭىزگە ئىلىنغىنىدىن ئالەمچە خوش بولدۇم . سىزگە كۆپ تەشەككۈر .
    ھەقىقەتەن  ۋەتەن ، مىللەت ئوتىدا كۆيگەن قەلىبلەرنىڭ ئارمانلىرىمۇ شۇنداق بۈيۈك ھەم گۈزەل بولىدىكەن .
    سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئاكا ! پەخىرلىك نامىڭىز قەلىبلەردە مەڭگۈ يادلانغۇسى !
    Uyghurx.com
    بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
    بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .
    | ۋاقتى : 2008-04-28 22:33 6 -قەۋەت
    nuri0996
    باشئەگىم قىزى

    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3025
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 792
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە792دانە
    شۆھرەت: 954 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 260 سوم
    تۆھپە: 130 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 141 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :624(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-04-13
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئابدۇل قۇددۇس ئابدۇل ھافىز ئاكا ،  مۇنبەردىكى دىلى ئويغاق ، تىلى ئويناق جاپاكەشلىرىمىزنىڭ قان تەرىگە ئىزچىل تۇردە بۈيۈك ئەستايىدىللىقىڭىز بىلەن چولپان كەبى چاقناق نەزىرىڭىزنى تىكىپ كېلىۋاتىسىز. پىكىر قىلىشتىكى ئاجايىپ دانالىقىڭىز، تەھلىل ،تەھقىق قىلىشتىكى تەسەۋۋۇرغا بايلىقىڭىز، ئىپادىلەشتىكى ئۆزگىچىلىكىڭىز ، ئانا تىلىمىزغا بولغان يۈكسەك سەزگۈرلىكىڭىز بىلەن ھەر- بىر ئاپتۇر نىڭ يارقىن تۇيغۇلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ ،تور ئەدەبىياتىمىزدا چاقناۋاتقان يۇلتۇزلارنى ۋاقتىدا بايقاپ ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ چاقنىشى ئۈچۈن  پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ياردەم قىلىۋاتىسىز. مانا شۇلارنىڭ ئارىسىدا شەبنەم مۇنبىرىمىزنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزى بولغان مېھرىگىيا ھەدەمنىڭ شاھانە ئەسەرلەرىنى چوڭقۇر تەپەككۇرلىرىڭىز ئارقىلىق  بىزنىڭ ئاپتۇر ۋە پىرسۇناژ بىلەن بولغان ئارلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ ئەسەرنى قانداق تەھلىل قىلىىش ، قانداق باھا بېرىش جەھەتلەردە بىلىم بەرگەندىن باشقا ، مېھرىگىيا ھەدەم ئەسەرلىرىدىكى بىزدەك بوۋاق ھەۋەسكارلارنىڭ تېيىز تەپەككۇرىنى غىدىقلاشقائۈلگىرەلمىگەن ئاجايىپ يارقىن تەسۋىرلەرنى ۋە چوڭقۇر پىكىرلەرنى قايتا تىلغا ئېلىپ  ، ئىنسانى ھاياتقا بولغان نەزىرىمىزنى يەنىمۇ ئۈستۇن قىلىشقا مۇئەييەن ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردىڭىز.  رەھمەت سىزگە ، ئىشىنىمەنكى مېھرىگىيا ھەدەم سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ تىلەكلىرىمىزدىكىدەك تېخىمۇ چاقنىيالايدۇ.
    Uyghurx.com
    | ۋاقتى : 2008-04-28 23:45 7 -قەۋەت
    matimatika

    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 11327
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1700
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1700دانە
    شۆھرەت: 8038 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10820 سوم
    تۆھپە: 250 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 125 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :854(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-01-20
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەسسالام ئەلەيكۇم ئابدۇل قۇددۇس ئەپەندىم:

        مۇنبىرىمىزدىكى قەلىمى ھارماس ، قولى تالماس، سۆزلىرى ئالماس ، ئىجادىيەتتە باشقىلاردىنى كىيىن قالماس.... مېھرىگىياھنىڭ «سۇلماس گۈل » ناملىق ئەسىرىگە يازغان بۇ تىرەن پىكىرلەر يۇغۇرۇلغان ئوبزورىڭىزنى كىچىكىپ كۆرۇپ تۇرۇپتىمەن.
          سىز بۇ يازما ئارقىلىق شۇ ئەسەرگە ئوبېيىكتىپ ۋە قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئارقىلىق كۆزقاراش ۋە باھايىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن بىرگە مېھرىگىياھنىڭ ئىجادىيەت مۇھاپىقىيەتلىرىنى مۇئايەنلەشتۇرۇپ ،ئۇنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئۇلۇقۋار ئىشلىرىنىڭ ئىلھاملاندۇرغۇچىسى بولاپسىز! ، ئوبزۇردىن كۆرىۋالالايمىزكى ، مېھرىگىياھ ھەقىقەتەنمۇ سىز ئىيىتقاندەك « ھەقىقى گۈزەللىكنىڭ ئوتلۇق مېلودىيىسى» نى ياڭرىتىۋاتقان ۋە ياڭرىتىشقا بەل باغلىغان قابىل مۇنبەردىشىمىز ۋە دوستىمىز.
    بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمىز.
    سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۇچۇن تەۋرەتكەن قەلىمىڭىزگىمۇ تەشەككۇر !
    دانالار بىساتىنى ئۆگىنىش بىزنى يۈكسەكلىككە كۆتۇرۇپ ، قۇدرەتلىك ۋە ئالىيجاناب ئىنسانغا ئايلاندۇرىدۇ.
    ./search.php?authorid-11327.html
    | ۋاقتى : 2008-04-29 10:29 8 -قەۋەت
    AbdulQuddus

    ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13111
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 310
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە310دانە
    شۆھرەت: 420 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3140 سوم
    تۆھپە: 139 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 171 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى :420(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-03-17
    ئاخىرقى :2008-04-29

    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ !

    ئېزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىنداشلىرىم !
    دىدار غەنىمەت !
    قىممەتلىك ئىنكاسلىرىڭلار ئۈچۈن كۆپتىن - كۆپ رەھمەت !
    ناھايىتى تەسىرلىك ئىنكاسلىرىڭلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، قەدىرلىك سىڭلىم مېھرىگىيا خانقىز ھەقىقىتەن كىشىنى ئاجايىپ سۆيۈندۈرىدىغان بۇ ۋە يەنە قانچىلىغان شاھانە ئەسەرلەرنى يېزىپ ، ئىلھام ، تەپەككۈرىمىزنى ئەرشىگە كۆتۈرمەكتە !
    مەن تەكرار تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرۈش بىلەن ، قەدىرلىك سىڭلىم مېھرىگىيا خانقىزنىڭ شۇنداقلا سىز ئېزىز قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ ئىزچىل مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ بىر بۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مەنىۋىي پاكلىغى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىڭىزلارغا چۇڭقۇر ئىشىنىمەن .
    جەنابىي اللە ھەر - بىرىمىزنى ئۆز پانايىدا ساقلىغاي ۋە كۆزلىگەن ئۇلۇقۋار ئارزۇ - ئارمانلىرىمىزغا يېتىشىشىمىزنى نېسىپ ئەيلىگەي ، امىن !
    Uyghurx.com
    اللە اكبر
    | ۋاقتى : 2008-04-29 21:01 9 -قەۋەت


     

    Time now is:04-29 23:59, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation