(بۇ ئەسىرىمنى مۇنبەردىكى ئايال قەلەمكەشلەرگە ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن )
ئۇنىڭ بالىلىغى يۇرتىمىزنىڭ تولىمۇ ساپ ھاۋالىق ، گۈزەل مەنزىرىلىك تاغلىق رايونلىرىدا بالىلىقىغا قېنىپ ئۆتكەنىدى .
ياشلىغى گەرچە يارقىن ئىزلارنى قالدۇرۇشقا قابىل بولالمىسىمۇ گۈزەل ئارزۇ - ئىستەكلەرگە كۆمۈلۈپ ئۆتتى .
ياشلىق ئىنسان ئۈچۈن ئاجايىپ قىممەتلىك ، گۈزەل ، جۇشقۇن چاغلار ئىكەن .نۇرغۇن كىشىلەر بۇ گۈزەل چاغلارنى مۇھەببەتتىن ئىبارەت ئاشۇ يالقۇنلۇق قەسىرگە ئەسىر بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ .ئۇمۇ ھەم ئاددى بىر ئىنسان بولغاش بۇ دوقمۇشلاردىن ئەگىمەي ئۆتەلمىدى .ئۇمۇ قىزىقىش ھىسلىرىنى يوشۇرالماي ھايات داۋانلىرىدىن بىرگە ئۆتەلىگىدەك قەلىبداشتىن بىرىگە ئۈمۈد باغلىدى .
يىگىت خەلق ئەسكىرى ئىدى .قىز يىگىتنىڭ سالماق ، تەمكىن ھالىتىنى ياقتۇرۇپ قالدى . يىگىتمۇ قىزنى ئۆزىگە مۇناسىپ كۆرگەنىدى . ئاق كۆڭۈل ، سەمىمى قىز يىگىتكە چىن يۈرۈگىدىن بېرىلدى .
ھايات بىر مەھەل ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىملىق ، ئەڭ گۈزەل سىمفونىيىلىرىنى ياڭراتتى .بۇ چاغدا ھايات ئۇلارغا باھار يامغۇرىدەك تازا ، باھار ئاپتىۋىدەك ئىللىق ، ئايدىڭ كېچىلەردەك گۈزەل تۇيۇلۇپ ئۆزلىرىنى بەخت بۆشۈكلىرىدە ئەللەيلىنىۋاتقاندەك بەختىيار سېزىشتى .
لېكىن ھايات نەدىمۇ ئۇنداق كۆل سۈيىدەك تىنىچ ئۆتسۇن ؟ ئۇزۇنغا قالماي ئۇلارمۇ ھاياتنىڭ رەھىمسىز چاخچاقلىرىدىن ، قاتتىق ئالقانلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى .
يىگىت نۇرغۇن سەبداشلىرى ئىچىدىن تاللىنىپ ئوفىتسىرلار مەكتىۋىگە يول ئالغاندا قىز ئۆزىنى يىتىم قوزىدەك بىچارە ھىس قىلدى .
شۇندىن كېيىن قىز تولىمۇ جىمغۇر ، خىيالچان بولۇپ كەتتى .بىر كۈنلەردە ئۇزۇنغىچە خەت - خەۋەرسىز يىگىتنى كۈتكەن سۇلغۇن قىزغا ئاجايىپ سوغۇق ئىبارىلەر بىلەن تولغان بىر پارچە خەت يېتىپ كەلدى .مانا بۇ خەت ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتتى ، گۈزەل شىرىن چۈشلىرىنى مەڭگۈلۈككە دەپنە قىلدى .
يىگىت ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلىرىنىڭ بارلىغى ، يېقىنقى يىللاردا توي قىلىش ئويۇنىڭ يوقلۇغى ، قىزنىڭ بەختىگە توسالغۇ بولۇشنى خالىمايدىغانلىغى ........قاتارلىق چويلىدا توختىمايدىغان بىر مۇنچە سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ قىزدىن كەچۈرۈم سوراپ خېتىنى تۈگەتكەنىدى . قىز ھەممىنى چۈشەندى . يىگىتنىڭ يۇقۇرى ئۆرلەش ئىستىگى ، قىزنى نامرات كۆرۈشى ، ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن مۇھەببىتىنى ئەرزىمەس نەرسە ئورنىدا قۇربان قىلىشى .......ھەممە ھەممىسى ئايان بولدى . يىگىت خەت بىلەن قوشۇپ قايتۇرىۋەتكەن قىزنىڭ ئەتلەس كۆينەك ، شايى ياغلىق ئىچىدىكى يېقىملىق تۇرقى مانا ئەمدى ئۆزىگە شۇنچە مەيۈس ، خۇددى غېرىپ قۇشتەك بىچارە تۇيۇلدى .
ئۇ شۇ دەقىق يۈرۈگىنىڭ قاتتىق مۇزلىغىنىنى ، قەلبىگە قاراڭغۇلۇقنىڭ سايە تاشلىغىنىنى ، قول - پۇتلىرى بەختسىزلىكنىڭ تۆمۈر زەنجىرىدە قاتتىق باغلىنىپ بەكمۇ قىينالغىنىنى ھىس قىلدى .چۈنكى ئۇنىڭ پاك - سەمىمى سۆيگۈسى بەكمۇ رەھىمسىز بىر جاللات تەرىپىدىن بىمەھەل ئۆلۈمگە ئۇزىتىلغان ئىدى .لېكىن ئۇ ئۆلمىدى .ھاياتقا ئۈمۈد بىلەن باقتى .
يىللار ئۆتتى . ھايات يەنە ئۆزىنىڭ تۈگۈمەس ، يېڭى - يېڭى ناخشىلىرىنى توختىماي ياڭرىتىۋاتاتتى .
يىگىت ئۆز ئارزۇسى بويىچە ياشىدى . يەنى ئەمەلدار بولۇپ ، يۇقۇرى ئىمتىيازلار ئىچىدە مەدىھيە ناخشىلىرىغا كۆمۈلۈپ ئۆتمۈشىنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتتى .ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىكىر ، ئوخشاش ئارزۇدىكى كاتتا ئەرباپنىڭ ئۆز ئانا تىلىنىمۇ تۈزۈكرەك بىلمەيدىغان شوتىدەك ئىگىز ، ئورۇق قىزىغا ئۆيلەندى . ئەپسۇس پەرزەنتلىك بولالمىدى ۋە بىر ئوغۇل بېقىۋالدى .
ھاياتتا بەزى ئىشلارغا توۋا دىگۈلۈككەن .ئۇ ياشلىغىدا تۇنجى مۇھەببەتلەشكەن قىزىنىمۇ بىر مەھەل شۇنداق ئىشتىياقى بىلەن سۆيگەنىدى .ئۇ ھەم ئايالىنىمۇ ئوخشاشلا سۆيەلىدى .ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە كۆۋرۈگلۈك رول ئوينىيالايدىغان قىينى ئاتىسى ئۇنىڭ ئارزۇلىرىنى قاناتلاندۇردى .ئۇ ئۆزىنى خۇددى بۇلۇتلار ئۈستىدە لەيلەۋاتقاندەك ، بەخت - ئامەت ئىشىكلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈچۈن تامام ئوچۇقتەك بەختىيارلىققا چۆمەتتى .ئۇ ئۆمۈر باغلىرىدىن شىرىن مىۋىلەرنى ئۈزۈشنى ئەمەس ، چىرايلىق خۇش - پۇراق گۈللەرنى ئۈزۈشنى ئەۋزەل بىلەتتى .قىينى ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ ئۆز كۆڭلىنى قانداق خوش قىلىشنىمۇ ، ئاۋاز چىقارماي تائام يىيىشنىمۇ ئۈگۈنىۋالدى .
لېكىن قىز ھاياتىدا خاتا باسقان شۇ بىر قەدىمى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاپ ياتلىق بولۇشنى خالىمىدى .دادىسى ياش ئۆلۈپ كەتكەچكە يالغۇز ئانىسىنى ۋە بىر تال سىڭلىسىنى تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلىمۇ ئۇنىمىدى .ئۇ گۈزەل ياشلىق باھارىنى جاپالىق ئىشلەش ، كىتاپ ئوقۇش ۋە تۈگۈمەس ئائىلە ئىشلىرى بىلەن ئۈن - تۈنسىز ئۆتكۈزىۋەتتى . سىڭلىسىنىڭ بىر قىزىنى بالىچىلاپ بېقىۋالدى ۋە تەربىيىلىدى .بىر چاغرار كېلىپ ئۇ ھاتتا سۇمبۇل چاچلىرىغا قاچانلاردا قىرو چۈشكىنىنى ، ئالمىدەك چىرايلىق يۈزلىرىگە قاچانلاردا روشەن سىزىقلارنىڭ گۈل باسقىنىنىمۇ سەزمەي قالدى . لېكىن بۇ سېخى ھايات ئۇنىمۇ تاشلىۋەتمىدى .
شۇ قەدەر مول تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر كۈچى ئۇنىڭ قۇرۇپ قاخشال بولاي دىگەن قەلبىنى قايتىدىن ياشناتتى .
ھاياتىدا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى ئويلىغانلىرىغا ھەم جۇدالىق زارىغا قوشۇلۇپ ئۇنى قولىغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى .ئۇنىڭ پاكىزە تۇيغۇلىرى قەلىمىگە قۇۋۋەت بېغىشلىدى .
ئۇ يېزىۋەردى . ئۇ شۇ يېزىشىدا ھاياتنى شۇ قەدەر گۈزەل ئەمما رەھىمسىز ، مۇھەببەتنى شۇ قەدەر ئۇلۇغ ئەمما قەدىرسىز ، كۆڭۈلنى شۇ قەدەر پاكىز ئەمما يۈگەنسىز قىلىپ يازدى . يازغانلىرى ناھايىتى كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقتى .
ئۇ يەنە ھاياتىدا تالاي كىشىلەرنىڭ قىسمەتلىرىنى كۆردى .ئۇلارنىڭ رەڭگا - رەڭ ھايات كارتىنىلىرىنى خاتىرىگە ئالدى .ئۇنى ئەجەپلەندۈرگىنى ۋە ئېچىندۇرغىنى شۇ بولدىكى قاتتىق بورانغا بەرداشلىق بېرەلىگەن چىنار قامەتلەرنىڭ مەيۈن شامالدا ئۆرۈلۈپ چۈشكۈنى ، قار - شىۋىرغاندا مەزمۇت تۇرغان دالا قارىغايلىرىنىڭ باھار ئاپتىۋىدا قۇرۇپ قالغىنى ، قارا ئېيىقنى يېڭىپ ھەممىنى تاڭ قالدۇرغان ئەزىمەتلەرنىڭ قەغەز يولۋاستىن يېڭىلىپ قېلىپ شەرمەندە بولغان رەسۋا كەچۈرمىشلىرى ئىدى .
ئۇ يەنە ئىسىل يىپەك كىيىملەر ئىچىدە ئەرلىكىنى يوقاتقان سەۋرى قامەتلەرنىمۇ ، جەندى - كۇلاھ ئىچىدە ئۆڭمەس تاۋاردەك جۇلالىنىپ تۇرغان پاكىزە يۈرەكلەرنىمۇ ، غورورىنى ئىت يەپ كەتكەن ئەمما چىرايلىق زىننەتلەنگەن قەلىبلەرنىمۇ ، تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۈزۈپ يۈرگەن ئەجرى كۆپ ، نېمىتى ئاز غەۋۋاسلارنىمۇ كۆردى ، يازدى . ئۇ يەنە باشقىلار تەرىپىدىن نەزەرگە ئىلىنماي تاشلىۋېتىلگەن قەدىرسىز گۈلنىڭ بەزىلەرنىڭ قولىدا ، شاھانە سارايلاردا قەدىرلىنىپ كۈمۈش لوڭقىلارغا سېلىنىپ ئەتىۋارلانغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .
ئۇ ھەممىنى شۇنچە چىن ، يېقىشلىق تەسۋىرلىدى . يازغانلىرى بارغانچە تەبىئى ، ھايات قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن چىقتى .ئېتىقاد سۈيىدە سۇغۇرۇلغان ھەر بىر ئەسەر ئۇنىڭ قەلبىدەك جۇلالاندى . بىر كۈنلەر كەلدىكى ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدە ئۆزىنى شەرەپ سەھنىلىرىدە كۆردى .
قېرىنداشلىرى ئۇنى ئالقىشلاۋاتاتتى .تالاي كۆزلەر ئۇنىڭغا ھەيرانلىق ، قىزىقىش ، پەخىرلىنىش ، ھەسەت ئوتلىرىدا يېلىنجاپ تىكىلمەكتە ئىدى . تېخىمۇ ھەيران قالارلىغى شۇ بولدىكى 45 باھارنى ئۇزاتقان ، ئۈششۈك تەككەن ياپراقلارغا ، رەڭگىنى ، خۇش - پۇرۇقىنى يوقاتقان بۇ گۈلگە بىر مۇنچە گۈل خۇمارلار قول ئۇزىتىشقا تەييار بولۇپ تۇراتتى .
ئۇ كۆڭۈل دەرۋازىسىنى چېكىۋاتقان تالاي قوللارنىڭ تېخىچە چارچىمىغانلىغىنى كۆرۈپ ئاچچىق كۈلۈپ قويدى .ئۇ مەڭگۈگە قۇلۇپ سالغان كۆڭۈل ئىشىگىنى ئەمدى بۇ چاققا كەلگەندە ئېچىشنى ھەرگىز خالىمايتى .
ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقتى - سائىتى بولىدۇ دەپ قارايتتى ئۇ . ئۇ ھايات ھەققىدە كۆپ تەپەككۈر قىلاتتى .ئۇنىڭ « سىرلىق ھايات » ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلىنغان مەزمۇنلار ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئويغا سالاتتى .يەكۈن شۇ بولدىكى بۇ ھاياتتا ئەر زاتىنىڭ قەلبىگە بىرلا ۋاقىتتىمۇ نەچچە ئايال سىغاتتى . ئۇلار مەيلى ھاياتىدا قانچە ئايال بىلەن ياشىسۇن ياكى مۇھەببەتلەشسۇن ھەممىسىگە ئوخشاشلا كۆڭۈل بېرەلەيتتى ، سۆيەلەيتتى. لېكىن ئايال كىشى ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى .
ئايال كىشىنىڭ ھاياتىغا مەيلى قانچە ئەر تەسىر كۆرسەتكەن بولسۇن ئارىسىدا پەقەت بىرىلا ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئىگىسى بولالايتتى ، چىن سۆيگۈسىگە ئېرىشەلەيتتى .پەقەت بىرىلا ئۇنىڭ بەختىنىڭ كاپالىتى ئىدى .
بۇ ئىنساننىڭ يارىتىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئادالەتلىك قانۇنىيەت بولۇپ ، ناۋادا ئاياللارغىمۇ سۆيگۈ ئۈچۈن شۇنداق سېخى قەلب ئاتا قىلىنىدىغان بولسا بۇ دۇنيا تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ ، تېخىمۇ خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالاتتى .
شۇڭا بۇنىڭغىمۇ ئاللاھنىڭ بۈيۈگ سىر - ھىكمىتى يوشۇرۇنغان ئىدى .
بۇ ئەسەرلەر بارغانچە كىشىلەر كۆڭلىگە ياقتى ، ئاچقان يېرىگە باردى . مەنىۋىيىتى قۇرغاچلىشىپ كەتكەن بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئۆز قەلبىگە شىپالىق يامغۇر بولغىنىدىن سۆيۈندى .ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى ئۇنىڭ كەچۈرمىشىنى بىلىدىغانلارنىمۇ ھەيران قالدۇردى .ھاياتىدا توي قىلمىغان بىر قېرى قىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشنى ، ھايات ھەقىقەتلىرىنى ، مۇھەببەتنى شۇ قەدەر يارقىن ، تەبىئى تەسۋىرلىشى ، ھاياتىدا بالىلىق بولمىغان بىر قىزنىڭ پەرزەنت ئىشقىنى ، پەرزەنت تەربىيىسىنى ۋە ئانىلىق پۇرچىنى شۇ قەدەر قايىل قىلارلىق ، ئالىجاناپ تۇيغۇلارغا تويۇنغان ھالەتتە ئىپادە قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن بىر سىرلىق تېپىشماق بولۇپ قالدى .
شۇنداق قىلىپ چاچلىرىغا كۆرۈنەرلىك ئاق ئارىلىغان ، زىلۋا بوي ، پاكىزە چىراي بۇ ئەدىبنى ئەسەرلىرى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر تونۇپ كەتتى .نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئەسەرلىرىنى ياقتۇرغاندەكلا ياقتۇرۇپ قېلىشتى .
ئۇ ھاياتتىن قۇرۇق قول كەتمەيدىغانلىغىدىن ئۈمۈدلەندى . قەلبى ئويغاق ، پىتنە - پاساتلاردىن يىراق ياشاشنى مىزان قىلدى .
ئۇ بۇ قېتىم دانالارنىڭ مۇنداق ھىكمەتلىرىنى خاتىرىسىگە پۈتۈپ قويدى .
« ئۆتۈپ كېتىدىغان ھەر بىر پۇرسەت تەڭداشسىز گۆھەردۇركى ، ئىنسان ئۇنىڭ باھاسىنى بىلىشى كېرەك .چىقىۋاتقان ھەر بىر نەپەسنى غەنىمەت بىلىپ ، زايە قىلماسلىق كېرەك .تىرىگلىكتە ھامان بەزى ئىشلار ئۆتىدۇ .ئەمما ئۇنى ياندۇرۇپ قولغا كەلتۈرمەك مۈمكىن ئەمەس .قىلىنماي قالغان بەزى ئىشلىرى غايىۋىلىك پەردىسى ئىچىدە ئۆزىدىن نىشان بەرمەس .ئۆتۈپ كېتىدىغان ئۆمۈرنى غەنىمەت بىلىپ ، ۋاقىتنى زايە قىلماي ئاخىرەت جابدۇغىنى قىلماق كېرەك .شۇندىلا يول سەپىرىدە ئىنسان ئۆز مەنزىلىگە بىخەتەر يەتكۈسىدۇر .»
بەس ، ئەمدى يېتەر ........بولدى توختاپ قالاي ، - دەپ ئۆز -ئۆزىگە پىچىرلىدى ئۇ ئاخىرقى يازمىلىرىدا .
ھىلىمۇ كۆپ گۇناھتا ياشىدىم .يازغانلىرىمدا قانچىلىك ئازدىم ، بىلمەيمەن .ئاخىرقى ئۆمرۈمدە قەلبىمدىن غەپلەت پەردىسىنى كۆتۈرۈۋېتىپ دىلىمنى نۇرغا پۈركىگەيمەن ! ياخشى نام ۋە سۈپەتلەر بىلەن كەتكەيمەن !
ئاللاھىم ! مېنى ئۆزۈڭگە ھەم پەرىشتىلىرىڭگە يېقىن قىلغىن !
ئەتىسى ئۇ ئانا يۇرتى بىلەن ئۈن - تۈنسىز خوشلاشتى . ئۇنىڭ قەلبى ئاشۇ بۈيۈگ، مۇقەددەس ماكانغا ئوتتەك تەلپۈنمەكتە ئىدى .
[ بۇ يازما mehrigiya تەرپىدىن 2008-02-08 11:48 دە قا ]