| |||||||
xabnam شەبنەم تورى | ئابدۈشۈكۈرنىڭ ئاخىرقى غەلبىسى ئۈچۈن ...بۇ تىمىنى xabnam چوققىلىدى(2008-03-11)
ھۆرمەتلىك شەبنەم ئەھلى !
مەملىكەت بويىچە 10 مېھرىبان مۇخبىر نامزاتىغا كۆرسۈتۈلگەن ئابدۇشۇكۈر ئابدۇكېرىم ، مەملىكەتلىك مېھرىبان مۇخبېر نامزاتلىرى ئىچىدە ئۇ بىردىن-بىر ئازسانلىق مىللەت_ئۇيغۇر . دەرھال بېلەت تاشلاڭ!باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ! ئۇنىڭ غەلىبىسى بىزنىڭ غەلبىمىز! http://poll.people.com.cn/297_ctdzb_001/reporter.php ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم 1969- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى چاپچال ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، 1991- يىلى 8- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ گېزىت چىقىرىش بۆلۈمى، مەخسۇس بەتلەر بۆلۈمى ۋە مۇخبىرلار بۆلۈمىدە مۇھەررىر ۋە مۇخبىر بولغان. ھازىر «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر مۇخبىرلار بۆلۈمى ئىقتىسادىي خەۋەرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇخبىرى، مۇدىر مۇخبىر. ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 16 يىلدىن بۇيان ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارتىشقا جۈرئەت قىلىپ، 3000 پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك ژانىرىدىكى ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يېزىپ، نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرى ئارقىلىق كەسىپداشلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ 58 پارچە ئاخبارات ئەسىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايون ۋە ساھەلەر بويىچە نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيەتلىرىدە 1-، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 11 پارچە ئەسىرى شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، ئۈچ پارچە ئەسىرى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا؛ تۆت پارچە ئەسىرى مەملىكەت بويىچە بەش ئاپتونوم رايون پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ ياخشى ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئۈچ پارچىسى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۇنىڭ ئەسەلىرى 1999- يىلدىن 2006- يىلغىچە ئۇدا سەككىز يىل شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ ھازىرغىچە شىنجاڭ گېزىتىدىكى ئېرىشكەن مۇكاپات سانى ئەڭ كۆپ بولغان مۇخبىرنىڭ بىرى. بۇندىن باشقا، ئۇ يۇسۇپجان ئەخمىدىنىڭ «چوقان سال، ئەي بېپايان زىمىن» ناملىق نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرى توپلىمى ۋە «ئابدۇۋەلى جاروللايوپ ھەققىدە ئەسلىمىلەر» ناملىق كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررلىكىنى ئىشلىگەن. ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم يەنە 2003- يىلى 7- ئايدا مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيتى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە <سارس>قا قارىشى تۇرۇش تەشۋىقاتىدىكى مۇنەۋۋەر مۇخبىر»، 2007- يىلى 1- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا خىزمەتچىسى» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى. يىقىندا بۇ داڭلىق مۇخبىرىمىز مەملىكەتلىك ئون «مېھرىبان مۇخبىر» نامزاتىغا كۆرسىتىلدى بۇ مۇخبىر ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تاللانغان بىردىنبىر مۇخبىر شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە نامزات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت مۇخبىرى.بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تاللىنىشى ئۈچۈن توردىكى بىلەت تاشلاش ئاساس قىلىنىدىكەن.شۇڭلاشقا تورداشلار بۇ داڭلىق مۇخبىرىمىزنىڭ تاللىنىپ چىقىشى ئۈچۈن ئايىماي بىلەت تاشلىسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە مىللىتىمىز ئىچىدىكى داڭلىقلارنى قوللاش مەن ئۇيغۇر دىگەن ھەربىر كىشىنىڭ مەجبۇريىتى تۆۋەندىكى ئادرىسنى چىكىپ بىلەت تاشلاپ قويوڭ سىزنىڭ بىرنەچچە سىكونىت ۋاقىتىڭىزنى چىقىرىشىڭىز پۇتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن يەنە بىر كاتتا شان-شەرەپتىن دىرەك بىرىدۇ __________________________ بىلەت تاشلاش ئادىرىسى : http://poll.people.com.cn/297_ctdzb_001/reporter.php بىلەت تاشلاشنى بىلمىگەن قېرىنداشلار ،،، ئاشۇ ئاكىمىزنىڭ رەسىمنىڭ ئاستىدىكى كاتاكچىگە توغرا بەلگىسىنى قويۇۋېلىپ ئاستىدىكى مۇشۇ خەتنى بېسىۋەتسىڭىزلا بۇلۇدىكەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
~uyghurjan~ Uyghurjan | ئۇيغۇرىمىزنى قوللايلى ! ئۇيغۇرنى قوللىمىسىڭىز كىمنى قوللايسىز . چۇنكى سىز ئۇيغۇر .
مەن بايا بىر IP دا تاشلاش توشقىچە تاشلىدىم ...~~~!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
munawwar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ۋاھ مەنمۇ بىر بىلەت تاشلىدىم
توختىماي 30 نى تاشلىيالايسىلەر ! ____ ماتېماتىكا ئەسكەرتمىسى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
lale دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كەينى- كەينىدىن تاشلىسىمۇ بۇلامدۇ - نىمە؟
مەن خېلى بولدى تاشلاپلا ۋاتىمەن. | ||||
---|---|---|---|---|---|
Mu-allime نۇرلۇق شام | ئاران 8-چى ئىكەن ھازىر، قېنى دوستلار داۋاملىق تاشلايلى!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0999yurut ساغلام تەندە ساپ ئەقىل | مەنمۇ نەچچىنى تاشلىۋەتتىم..............ئابدىشۇكۇرنىڭ غەلبىسى ئۇچۇن ھوررا.!
ھوي شەبنەمكا نىمە بۇلدىرۇر بۇ تورىڭىزغا مەن بۇ يىڭى مۇنبەرگە پەقەتلا كۇنەلمىدىمغۇ ،بۇرۇنقى مۇنبەر نەگە كەتتى ،بۇرۇنقىسى <شاگاڭ>بۇلمىغاندۇ . چۇشەنچە بىرىڭە ئاكارۇر... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
munawwar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما5قەۋەتتىكى0999yurutنىڭ2008-03-11 20:40يوللىغان : بۇ پىكىرگە قۇشۇلىمەن ، تازا كۈنەلمىدىم مەنمۇ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
intezar11 ئاللا بىر ! | مەنمۇ بىر بىلەت تاشلىدىم ئەمىسە؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AtTiLA | ھەي خاكىر بالار بامۇ مۇنبەردە مەن بىر خاكىرلىق قۇرالى بار مۇشۇنداق نەرسىلەرگە ئۇلاپ قويسا ئۆزى چىكىدىكەن دەپ ئاڭلىغان بولسا باللار ئىزدەپ باقسا كىچە كۈندۈز چىكىلسە.....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yagaqkulak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىر كومپيۇتېردا ئارقا- ئارقىدىن ناھايىتى كۆپ بىلەت تاشلىغىلى بولىدىكەن، بىر- ئىككى بىلەت بىلەن توختاپ قالمايلى قېرىنداشلار!
قېرىندىشىمىزنىڭ شان- شەرىپى- ئۆزىمىزنىڭ شان- شەرىپى. قېرىندىشمىزنى ئۆزىمىز قوللاپ، ئۆزىمىز يۆلىمىسەك، باشقىلار يۆلىمەيدۇ، قېنى ئەمىسە! داۋاملىق تىرىشايلى! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mirbahadr دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ خېلە جېقلا تاشلىدىمغۇ تازاااااااااااااااااااا
| ||||
---|---|---|---|---|---|
weliyar | ھېي بالىلار مەن بىر نەرسە تاپاي ئاڭلىسام مۇشۇنداق نەرسىلەرنى تەڭشەپ قويسىلا ئاپتوماتىك ھالدا نۇرغۇن بېلەت تاشلىيالايدىكەن..........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
emrb دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ بىر بېلەت تاشلىدىم.تېخى ھېلىلا ئەزا بولۇپ كىرگەن.
دوستلار ھەممىز بېلەت تاشلايلى!!!!!!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Biperwa | 2007十大爱心记者
1).甘晶:华商晨报 2).李国臣:内蒙古赤峰日报 3).郭震海:长治日报 4).熊芙蓉:广元日报 5).肖玉:中央人民广播电台 6).晨阳:山东人民广播电台 7).王欣慰:吉林电视台 8).阿不都许库尔•阿不都克里木:新疆日报 9).张春兰:福建三明人民广播电台 10).喻敏:武汉晚报 11).王玮萱:焦作日报 12).冯舒玲,宁夏日报 13).武鹏:安徽商报 14).宝鸡日报:杨晓东 15).汪成明:浙江日报 16).吴光曦:中央电视台 17).李敏:广东南方电视台 18).杨燕:云南电视台 19).梅伟:黔南电视台 20).梁敏力:桂林日报 21).刘文燕:北京电视台 22).高志民:人民政协报 23).卫敏丽:新华社 24).李宁:甘肃广播电影电视总台 25).陈劲松:人民日报 26).蒋韡薇:中国青年报 27).李爽:河北电台 28).刘华:江西电视台 29).丁志平:新闻晨报 30).唐悦:新华日报 ئۇ ھازىرغىچە 8- قاتاردا ئىكەن . بىلەت تاشلىمىغانلار بىر قانچىنى ھە دەۋەتمەمسىلەر . 10 مىنۇت ۋاقىتڭلارنى چىقارساڭلار !!! | ||||
---|---|---|---|---|---|
Akarsu دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىر كومپيۇتېردا 50 بېلەت تاشلىغىلى بولىدۇ. تاشلاپ بولغاندىن كېيىن تورنى ئۈزۈۋېتىپ، قايتىدىن ئۇلىسىڭىز، داۋاملىق تاشلىغىلى بولىدۇ. مەن 100بېلەت تاشلاپ قويدۇم.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
uyhan22 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەنمۇ خىلى تاشلدىم ئۆتكەندە تىخى 2- ئۇرۇندا ئىدى ھازىر 8- ئۇرۇنغا چۇشۇپ قاپتۇ ، مەن تاشلاۋەرسەم بىر ۋاقتىدا تاشلىغىنى قۇيمىدى .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
shakira | مەنمۇ كۈندە تۇلۇق تاشلاۋاتىمەن.مۇكاپات ئالغاندا تورداشلارغىمۇ رەھمەت دەۋەتسۇن جۇمۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
masuma دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىر بېلەت تاشلىغانلار داۋاملىق تاشلاۋەرسىڭىز بولىدىكەن ، بولسا ئايىماي كۆپرەك تاشلاڭ !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
M... دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەن 30نى تاشلىيالىدىم~بىرلىكتە تاشلايلى قېرىنداشلىرىم~بىزنىڭ ئۇيۇشقاقلىغىمىز مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ~ۋۇررا~~
| ||||
---|---|---|---|---|---|
izna429 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ بىر بىلەت تاشلىدىم ،يەنە تاشلىماقچى .سىلەرمۇ جىق تاشلاڭلار!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|