| |||||||
pandora دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئوقيا شىركىتى يېڭىدىن خىزمەتچى كۆپەيتىدۇخىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى
شىنجاڭدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كارخانا باشقۇرۇش قانۇن مۇلازىمەت ئاپپاراتى—— شىنجاڭ ئوقيا ماركا – پاتېنت ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى تەرەققىيات ئىھتىياجى بىلەن يەنە بەش نەپەر خىزمەتچى كۆپەيتىدۇ: 1– مۇئاۋېن باش دىرېكتور: تەكلىپ قىلىنغۇچى مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپنىڭ قانۇن، ئىقتىساد، ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق كەسپلىرىنىڭ بىرىدە تولۇق كۇرس ياكى ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئۈچ يىللىقتىن ئارتۇق ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسى بار، ئۇيغۇر– خەنزۇ تىل– يېزىقى ۋە كومپيۇتېرغا پىششىق، شوپۇرلۇق پىراۋىسى بار، ئەخلاق– پەزىلەتتە كامىل، ئېتىقاتلىق، تىرىشچان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بولۇشى كېرەك. 2– مالىيە دىرېكتورى: تەكلىپ قىلىنغۇچى مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپنىڭ مالىيە– بوغالتىرلىق، باج، ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق كەسپلىرىنىڭ بىرىدە ئالىي تېخنىكومدىن يوقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، بەش يىللىقتىن ئارتۇق مالىيە– بوغالتىرلىق خىزمەت تەجرىبىسى بار، ئۇيغۇر– خەنزۇ تىل– يېزىقى ۋە كومپيۇتېرغا پىششىق، ئەخلاق– پەزىلەتتە كامىل، ئېتىقاتلىق، تىرىشچان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بولۇشى كېرەك. 3– ئادۋوكات ياردەمچىسى: تەكلىپ قىلىنغۇچى مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپنىڭ قانۇن كەسپىدە تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئۇيغۇر– خەنزۇ تىل– يېزىقى ۋە كومپيۇتېرغا پىششىق، شوپۇرلۇق پىراۋىسى بار، ئەخلاق– پەزىلەتتە كامىل، ئېتىقاتلىق، تىرىشچان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بولۇشى كېرەك. 4– تور باشقۇرغۇچى: تەكلىپ قىلىنغۇچى مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر، ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار كەسپلىرىنىڭ بىرىدە تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئۇيغۇر– خەنزۇ تىل– يېزىقىغا پىششىق، كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال كاشىلىلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغان، توربەت ئىشلەش، ماركا لايىھەلەش ۋە توردا كەسىپ بىجىرىشكە ئېپى بار، ئەخلاق– پەزىلەتتە كامىل، ئېتىقاتلىق، تىرىشچان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بولۇشى كېرەك. 5– ماركا لايىھەلىگۈچى: تەكلىپ قىلىنغۇچى مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر، گۈزەل– سەنئەتكە ئالاقىدار كەسپلىرىنىڭ بىرىدە تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئۇيغۇر– خەنزۇ تىل– يېزىقىغا پىششىق، تەكشىلىكتە ماركا– ئېلان لايىھەلەش، رەسىم سىزىش، ھۆسىن خەت يېزىشقا ئېپى بار، ئەخلاق– پەزىلەتتە كامىل، ئېتىقاتلىق، تىرىشچان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بولۇشى كېرەك. قوبۇل قىلىش تەرتىپى: يوقۇرىدىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار زۆرۈر بولغان سالاھىيەت ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ شىركىتىمىزگە كېلىپ، ئەنكىت تولدۇرۇپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. باش دىرېكتورنىڭ يۈزتۇرانە سىنىقىدىن ئۆتكەنلەر ئۈچ ئايلىق تەربىيىلەشكە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. تەربىيىلەشتە لاياقەتلىك بولغانلار رەسمىي ئەمگەك توختىمى تۈزۈپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىش ھەققى تەمىناتى: تەربىيىلەش مەزگىلىدە ھەر ئايدا 600 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە تۇرمۇش كاپالەت خىراجىتى تارقىتىلىدۇ. رەسمىي خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، مۇئاۋېن باش دىرېكتور، مالىيە دىرېكتورىنىڭ ھەر ئايلىق ئىش ھەققى 1600 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ، ئادۋوكات ياردەمچىسى، تور باشقۇرغۇچى، ماركا لايىھەلىگۈچىنىڭ ھەر ئايلىق ئىش ھەققى 1000 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ. رەسمىي ئەمگەك توختىمى تۈزگەن خىزمەتچىلەر دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىلىرىغا قاتناشتۇرىلىدۇ. شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى دۆڭكۆۋرۈك بازىرى يېنىدىكى «قىران بۈركۈت» سارىيى(ئەلئامان مىھمانخانىسى) نىڭ 6– قەۋىتىدە، تېلېفون: 0991- 2864588 7790388 2861160 تور ئادرېسى: www.OKYA.CN ___ باشقۇرغۇچى : Juda تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-05-10
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
كىنو دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى | مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر، ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار كەسپلىرىنىڭ بىرىدە تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە،
سىزچە بولغاندا مۇشۇنداق بولسىلا تالانتلىق ، كامىل بولىدىكەندە ؟ سىزگە ئىيتىپ قوياي مۇنتىزىم تولۇق تولۇق كۇرۇس تەربىيىسى دىگەنلەر ھازىر پەقەت تۆمۈر تاۋاقلا خالاس ، سىلەر باشقىلارنىڭ ئوقۇغان مەكتىپىگە ، دېپلۇملىرىغا قارساڭلا دەھشەت بىر تەرەپلىمىلىك بولمامدۇ ، ئىقتىدارىغا قاراش كىرەكتە! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yiwu8866 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇئاشى بەك تۆۋەن ئىكەن !!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ay-kut دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ۋاي -ۋۇي بۇلارغا قاراڭلار قايناپ كىتىنشكىنىنى ،كىم سىلەرنى كىلىپ ئىشلەڭلار دىدى ،بۇ شەرتلەرگە چۈشسەڭلار بىرىپ مەيدەڭلەرگە مۇشلاپ قىلالايمەن دىسەڭلار بولىدىغۇ ،بۇيەردە دىپلۇم بۇلىشى كىرەك دەپتۇ .بۇيامان گەپ ئەمەس .قىلالمىساڭلار ئىشىڭلارنى قىلىڭلار .خەق خىزمەت بىرەي دىسىمۇ كۇتىلداۋىردىغان خەقكەن بۇ .خەق سىلەرنى ئىنكاس يىزىڭلار دەپ مەجبۇرلىمىغاندىن كۈرۈپ بۇلۇپ چىقىپ كەتسەڭلار بۇلدىغۇ ،
مائاش مەسلسىگە كەلسەك بۇنى ئۇنچە تۆۋەن دەپ كەتكىلى بۇلمايدۇ .مەنمۇ بىر ئۇيغۇر شىركىتىدە ئىشلەيمەن مۇئاشىم 800يۈئەن .مىنىڭچە خىلى بۇلغۇدەك .مۇشۇ ئقتىدارلارنىڭ ھەممىسى بارلار بارساڭلار مىنىڭڭچە شۇ 5ئادەمنىڭ مۇئاشىنى 1ئادەمگلا بىرىشى مۇمكىن .پەقەت تالانتىنىز بۇلسىلا ،قىلالامسىز بۇ ئۇزىڭىزدىكى گەپ . <<ئوقيا شىركىتى >>بىز ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئىچىدە خىلى تىز تەرەققى قىلۋاتقان كارخانا . بىر- بىر مىزنىڭ ئەيپىنى كۇلىمايلى. بىر ئۇيغۇر بۇلسىمۇ خىزمەت تاپسۇن. بىر كارخانا بۇلسىمۇ تەرەققى قىلسۇن !!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0995asrar دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ...ياخشى ئىش ... راس،ئۇيغۇر كارخانىلىرى تەرەققى قىلىۋاتىدۇ .يەنە كىلىپ بۇ كارخانا مىللىيلارنى ئالىدىكەن
| ||||
---|---|---|---|---|---|