ئوماق چولپان-ئارافان بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 32945ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: شەبنەم يېڭى مۇنبىرى قوللانمىسى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
xabnam
شەبنەم تورى

ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 434
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە434دانە
شۆھرەت: 497 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2536 سوم
تۆھپە: 1011 نۇمۇر
ياخشى باھا: 176 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :518(سائەت)
تىزىملاتقان :2005-02-12
ئاخىرقى :2008-08-17

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

دېققەت : ئولىمپىك مەزگىلىدە ھەرقانداق دىنى ، سىياسىي تېما ـ ئىنكاسلار تەستىقلانمايدۇ ! قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچىلار جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ !

 شەبنەم يېڭى مۇنبىرى قوللانمىسى

بۇ تىمىنى parwin ئىلگىرلەتتى(2008-06-09)

 

كونا مۇنبەر ئەزالىرى يېڭى مۇنبەرگە تۇنجى كىرگەندە قايتا تىزىملىتىش ھاجەتسىز ، كونا مۇنبەردىكى ئىسىم ۋە شېفىر نورمال ئىشلەيدۇ ، بىراق ئەزالار يېڭى مۇنبەرگە كىرگەندە چوقۇم تۇنجى بولۇپ ئەزالىق ئارخىۋىنى قايتا تەھرىرلىشى كېرەك . ئەزالىق ئارخىۋىدا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟مۇشۇنداق سۇئال بەلگىسى بولغان بارلىق جايلارنى چوقۇم قايتا تولدۇرۇپ يوللىشى لازىم ، بۇنداق بولمىغاندا كېيىنكى تېما يوللاش ۋە ئەسەر ئەۋەتىشتە خاتالىق كۆرۈلىدۇ . خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە كونا يېزىقتا تىزىملاتقان كونا مۇنبەر ئەزالىرى چوقۇم قايتا تىزىملىتىشى ياكى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىسىمنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك . يېڭى مۇنبەردە پۈتۈنلەي لاتىن ھەرپىتە تىزىملىتىش قوللىنىدۇ . تورداشلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !

ئەسسالام شەبنەم مۇنبىرىنىڭ مۆھتىرەم كۆرۈرمەنلىرى :
شەبنەم يېڭى مۇنبىرى تورداشلارغا ئېچىۋېتىلىش ئالدىدا ، يېڭى مۇنبەر قائىدە - تۈزۈملىرى ۋە ئىقتىدارلىرى توغرىلىق يېزىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى .
شەبنەم يېڭى مۇنبىرى ئۇچۇر - مۇلاھىزە ، ئەدەبىياتنى ئاساس قىلغان ئونىۋېرىسال مۇنبەر . يېڭى مۇنبەردە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسىلىلەر تۆۋەندە بېرىلدى .


مۇنبەردە تېما يوللاشتا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
يېڭى مۇنبەرنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ، يېڭى مۇنبەردە كونا مۇنبەردىكىدەك چاپلانما تېمىلارنىڭ ئاز بولۇشى ، مۇنبەر تېمىلىرىنىڭ ئىجادىيلىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تورداشلارنىڭ ئىجادىي تېمىلارنى كۆپلەپ يوللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز ! چاپلانما ، كۆچۈرۈلمە تېمىلار مەزمۇنى ۋە قىممىتىگە قاراپ ، ئوخشاش بولمىغان تۈردە جازالىنىدۇ ياكى ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ . ھەر قانداق بىر تېمىنىڭ باشلىنىشىدا چوقۇم ئاپتور ۋە تېما ماۋزۇسى يېزىلغان بولۇشى ، ئەسەرنىڭ ئىجادىي ياكى كۆچۈرۈلمە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن بولۇشى شەرت ! ئاپتورى ئېنىق بولمىغان شېئىرلار ، كېلىش مەنبەسى يېزىلمىغان ئەسەرلەر ئوخشاشلا باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
شەبنەم ئىجادىي ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن ، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ . تېمىلاردا مىللى بۆلگۈنچىلىك ، ئۆز-ئارا قۇتراتقۇلۇق ، كەمسىتىش خاراكتىرى بولۇشقا بولمايدۇ . قۇتراتقۇلۇق ۋە ئەھمىيەتسىز ، بىر قانچە جۈملىدىن تۈزۈلگەن تېمىلارنى تەستىقلىغان ۋە يوللىغان باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالار قاتتىق جازالىنىدۇ ۋە مۇنبەر تۇرمىسىگە سولىنىدۇ ! شەخىسلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز يەتكۈزىدىغان تېمىلارنى يوللىغان ئاپتورلار ۋە شەھۋانىي رەسىملەرنى ۋە تېمىلارنى يوللىغانلار ip ئادرېسىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ چىقىرىلىپ ، شۇ جايدىكى ج خ ئورۇنلىرى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇلىدۇ . كەڭ مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ تور بېكىتىمىز ۋە شەخىشلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈدىغان تېمىلارنى يوللىماسلقىنى ئۈمىد قىلىمىز !
كۆرگەن چۈشلىرىمىزنى ، ئاڭلىغان ناخشىمىزنى تېما قىلىپ يېزىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ . مۇنبەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ، قىممىتىنى قوغداشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار . قەشقەردە بوران چىقتى ، ئۈرۈمچىدە توپا ياغدى .... دېگەندەك تېمىلار باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆچۈرۈپ تاشلىشىغا ئۇچۇرۇشى مۇقىم ، شۇڭا تېما يوللىغاندا ئەڭ ئاۋۋال تېمىنىڭ قىممىتىنى ئويلىشايلى ، ئۆزىمىزگىمۇ ، ئۆزگىگىمۇ پايدىسى بار ، ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللىساق ھەممە ھوزۇرلىنىدۇ .
تېمىلارغا ھەدىىدىن زىيادە كۆپ رەسىم ۋە ناخشى قىستۇرۇشقا بولمايدۇ . تور دۇنياسىدا ئىت - مۇشۇك ، ماشىنا ، تاغ-دەريا ... دېگەندەك رەسىم ئىنتايىن كۆپ ، ئۇنى يەنە ئەكىلىپ مۇنبەرگە يوللاشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق . چىقمايدىغان ناخشا، ئېچىلمايدىغان فىلىملەرنى يوللاپ ئۆزىمىزنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ . فىلىم ۋە رەسىم مەنزىلىنى مۇقىم قىلغاندىن كېيىن ئاندىن مۇنبەرگە يوللاش شەرت . ئېچىلمايدىغان ھۆججەتلەر باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن تازلىۋېتىلىدۇ .


تېما ۋە ئىنكا س توغرىسدا
ئىملا خاتالىقى مەسلىسى - تېما ۋە ئىنكاسلاردىكى ئەڭ چوڭ مەسلە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ . ھەر بىر تېما يوللىغۇچى ئاپتور چوقۇم ئۆزىدىن باشلاپ ئىملانىڭ توغرىلىقىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك ! ھەرگىزمۇ تورداشلار ئوقۇپ چۈشۈنەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى ئەخلەت تېمىلارنى يوللاشقا ھەم تەستىقلاشقا بولمايدۇ .
كونا مۇنبەردە كۆپىنچە شېئىرىيەت ئەدەبىيا ۋە كۆڭۈل ئېچىش توغرىسىسدا توختالدۇق . ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى مەخسۇس ئەدەبىياتلا ئەمەس ، ھەر قايسى يۆنىلىشلەرگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، شەبنەم مۇنبىرىمىز كۆڭۈل ئېچىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىش ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ! شۇڭا تورداشلارا تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز ، يېڭى مۇنبەرنى يېڭىچە قىياپەتتە گۈللەندۈرۈپ ، خەلقىمىز پايدىلىنالىغۇدەك ، تورداشلارنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتكۈدەك تېمىلارنى كۆپلەپ يوللايلى ! يېڭى مۇنبىرىمىزدە باشقۇرغۇچىلار ۋە مۇنبەر مەسئۇللىرى تېخىمۇ كۆپەيتىلىپ ، باشقۇرۇش تېخىمۇ چىڭىتىلىدۇ . يوللىغان تېمىلارنىڭ ھەممىسى باش بەتكە چىقىرىلىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىلىپ ،< شاكىلىنى ئايرىپ مېغىزىنى تاللاش > بويىچە ، ئىجادىي ۋە قېرىنداشلارغا پايدىلىق بولغان تېمىلار تەستىقلىنىدۇ . قارايدىغان بولساق ، مۇنبىرىمىزدە شېئىر مۇتلەق كۆپ سالماقىنى ئىگەللەيدۇ . نۇرغۇن شېئىرلارغا پەقەت ماختاش ، پۈۋلەپ كۆتۈرۈشتەك ئىنكاسلار يېزىلغانلىقىنىلا كۆرىمىز ، يېڭى مۇنبەر شېئىرلارغا پەقەت ماختاش ئىنكاسى ئەمەس ، تەنقىدىي پىكىر بېرىش ، ئاپتورنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەت يولىغا يېڭى ئۇقۇم ئېچىپ بېرىشتەك رولى بولغان ئىنكاسلارنى يېزىشنى قىزغىن تەۋسىيە قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، بەزى يېزىلغان ئىنكاسلار خۇددى بىز يادقا ئېىلىۋالغاندەك ياكى بولمىسا يازما سانىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن زورلاپ يېزىلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ . يېڭى مۇنبەردە دەل مۇشۇنداق ئىشلارغا قارشى تۇرۇپ ، يازغانكەنمىز قىممىتى بار ، <مەن ئىنكاس يازدىم > دىگەنگە چۇشلۇق ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللىشىمىز لازىم . ئۇدا قەستەن ئەھمىيەتسىز ، ھەرپ سانى بىر قانچىگە بارمىغان ئىنكاس يوللىغان مۇنبەر ئەزالىرى مۇنبەر تۈرمىسىگە تاشلىنىدۇ ياكى ئىنكاس ۋە تېما يوللىشى چەكلىنىدۇ !
<ياخشى بوپتۇ!><ھارمىغايسىز !><ئوبدان><رەھمەت>........ دېگەندەك ئىككى تال سۆز ياكى بىز ياد بولۇپ كەتكەن سۆزلەر ۋە قەستەن يازما سانىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن زورلاپ يېىلغان ئىنكاسلار بىردەك تازلىنىدۇ . ئاشكارلانغان ھامان ، ئىنكاس ئاپتورلىرىنىڭ يوللاش ھوقۇقى توختىتىلىدۇ !
ئىملا خاتالىق ئەھۋالى مۇنبىرىمىزدە ۋە ئۇيغۇر مۇنبەرلرىدە ئورتاق ساقلىنىۋاتقان ئەھۋال . مۇنبەر - ئەزەلدىن يېزىش قابىلىيىتى بولغان ، يازغاننى چۈشىنىپ ھەزىم قىلالايدىغان تورداشلارنىڭ ئەركىن پىكىرلىشىدىغان كەڭرى سورۇنى . ھەرگىزمۇ تورداشلار ئارا ئۆچ-ئاداۋەت پەيدا قىلىدىغان ، كىشىلەرنى كەمستىىدىغان جاي ئەمەس ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر تېما ۋە ئىنكاستا باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يېتىدىغان ، باشقىلارنى كەمسىتىدىغان ، ئۆز ئارا ئاداۋەت ھاسىل قىلىدىغان ، قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان سۆز ۋە ئىبارىلەرنىڭ بولۇشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ! ھەر قانداق ئاقىۋەتكە تور بېكىتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ !


مۇنبەر ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا
شەبنەم يېڭى مۇنبىرى PHPwind(ئوغۇز ئۇيغۇرچە نەشىرى) گە شەبنەم لايىھەسى قوشۇلۇپ قايتا ئىشلەنگەن كۆپ ئىقتىدارلىق مۇنبەر بولۇپ ، ئالدىنقى كونا مۇنبەر BBSxp5.16دىن ئىقتىدار ۋە بىخەتەرلىك ، سۈرەت قاتارلىقلاردا ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ .يېڭى مۇنبەرنىڭ ھەر قايسى سەھىپىلىرى كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەم كېڭەيتىلگەن . تۆۋەندە تېما يوللاشتا ئىشلىنىدىغان بىر قانچە ئىقتىدارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .
تېما يوللىغاندا ئىشلىنىدىغان رەسىم چاپلاش ، فىلىم قىستۇرۇش ۋە خەتنى تەڭسەش قاتارلىق ئىقتىدارلار كونا مۇنبەردىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ . ئاساسلىقلىرىدىن :
رەسىم قىستۇرۇش كونۇپكىسى
فىلەش قىستۇرۇش كونۇپكىسى
سۈرەتلىك فىلىم قىستۇرۇش كونۇپكىسى (ئادەتتە ,Mp3,Wmv,Mpg قاتارلىق شەكىلدىكى ھۆججەتلەرنى قوللايدۇ)
ناخشا ، فىلىم قىستۇرۇش كونۇپكىسى (Rm,Ram ھۆججەتلىرىنى قوللايدۇ)
تور ئادرېسىنى قىستۇرۇش
خەتنى ئوتتۇرغا ئەكىلىش
خەت ئاستىغا سىزىق قىستۇرۇش
خەتنى يانتۇ قىلىش
خەتنى توملاشتۇرۇش

ئۇنىڭدىن سرت : كونۇپكىسى ئارقىلىق تېمىنى دوستلىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق تەۋسىيە قىلغىلى ، كونۇپكىسى ئارقىلىق تېمىنى تەھرىرلىگىلى ، كونۇپكىسى ئارقىلىق تېمىنىڭ نادىر ياكى ئەھمىيەتسىز تېما ئىكەنلىكىنى باشقۇرغۇچىغا مەلۇم قىلغىلى بولىدۇ . مۇنبىرىمىزدە ھەر ئاينىڭ ئاخىرى <نادىر تېمىلارنى باھالاش> ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە نادىر تېما ئاپتورلىرىغا مۇنبەر پۇلى ، شۆھرەت ، دەرىجە قوشۇپ بېرىلىدۇ .

ھەر كۈنلۈك تېما چولپانلىرى مۇنبەرنىڭ تۆۋەن قىسىمىدا كۆرۈلىدۇ ۋە باش سۈرىتى قوشۇپ چىقىرىلىدۇ . ئۈمىدلىك چولپانلار تەرتىۋى تىزىلىدۇ .

قالغان كونۇپكىلارغا مائۇسنى ئاپارسىڭىز ئاساسەن چۈشەندۈرۈلۈشى چىقىدۇ . بۇ ئىقتىدارلار بۇرۇنقى كونا مۇنبەر بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ . ھۆججەت قىستۇرغاندا چوقۇم ئادرېس توغرا بولۇش ، رەسىم قىستۇرغاندا چوقۇم ھەر بىر رەسىمنى قىستۇرۇپ بولۇپ ، بىر قۇر تاشلاپ قىستۇرۇۇش كېرەك ، بۇنداق بولغاندا قىستۇرغان رەسىمىڭىز رەتلىك چىقىدۇ . فىلىم ۋە ناخشا ھۆججەتلىرىنىڭ ئادرېسىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن قىستۇرۇش ، فىلەشلىك فىلىملەرنى چوقۇم قىستۇرۇپ بولۇپ ، كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن يوللاش شەرت . بۇنداق بولغاندا باشقۇرغۇچىلارمۇ ، ئۆزىڭىزمۇ ھارمايىسىز ! نۇرغۇن فىلىم ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش ، باشقۇرغۇچىلارغا ئاۋارچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئەھۋال ئىنتايىن كۆپ . مەيلى قانداقلا مەشغۇلات ئېلىپ بارمايلى ، مەشغۇلاتىمىزنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئاۋۋاال تۆۋەندىكى <كۆرۈپ بېقىش > كونۇپكىسىنى بېسىپ ، ئۆزىمىز يوللىغان تېمىنىڭ قانداق چىققانلىقىنى كۆرۈپ باققاندىن كېيىن ئاندىن جەزىملەشتۈرۈپ يوللايلى ! بۇنداق قىلغاندا مۇنبەرنىڭ پاكىزلىقى ۋە ساپلىقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ .


مۇنبەر پۇلى ۋە ئەزالار دەرىجىسى توغرىسىدا
يېڭى مۇنبەردە ئەزالار دەرىجىسى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرالايدۇ . يېڭى مۇنبەرنىڭ تەڭشەش ئىشلىرى تېخى مۇكەممەل پۈتۈپ كەتمىگەچكە ، بىز يېڭى ئەزالارغا يۇقىرى چەك قويۇۋالمىدۇق . مەسلەن ، بىر تېمىنى كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم تىزىملىتىش ياكى تىزىملىتىپ مۇنچە ۋاقىتتىن كېيىن تېما يوللىيالايدۇ دېگەندەك چەك قويۇلمىدى . لېكىن دەرىجىسى يۇقىرى ، شۆھرىتى ئۈستۈن ئەزالار مۇنبەرنىڭ باش سۈرەتنى مۇنبەر بوشلۇقىغا يوللاش ، ئۆزىنىڭ يازمىسىغا قوشۇمچە ھۆججەت چىقىرىش ، تېمىسىنى پاروللاش ، مۇنبەر پۇلى تاپشۇرغاندىلا تېما كۆرۈشكە بولۇش .... دېگەندەك بىر قاتار ئىلغار ئىقتىدارلاردىن بەھرىمەن بولالايدۇ . مۇنبەردىكى دەرىجە ۋە ئىمتىياز توغرىسدا مۇنبەر باش بېتىدە مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىنىپ ، دەرىجىنىڭ قانچە مۇنبەر پۇلىغا يەتكەندە ئۆسۈشى دېگەندەك تالاش-تارتىشلار شۇ سەھىپىدە مۇنازىرە قىلىنىدۇ . دېققىتىڭىز مۇنبەر مەخسۇس سەھىپىسىدە بولسۇن . ئۇندىن باشقا ئالاھىدە تۆھپىكار ئەزالار مېدال ، ئۆز تېمىسىنى ئۆچۈرۈش دېگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلالايدۇ . دەرىجىسى مەلۇم چەككە يەتكەن ئەزالارنىڭ ئىمزاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا چەك قويۇلمىغان شۇنداقلا ئۆئارا مەھەللە قۇرۇش ئىقتىدارلىرى ئېچىلغان ، بۇ ئىقتىدارلارمۇ مۇنبەر مەخسۇس سەھىپىسىدە تەھلىل قىلىنىپ ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ . مۇنبەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىشتا سىزنىڭ قىممەتىلىك پىكىرىڭىزدىن ئايىلالمايمىز !


باش سۈرەت ۋە ئارخىپ توغرىسىدا
يېڭى مۇنبەردە باش سۈرەت ئالماشتۇرۇشقا بەزى بىر كىچىك چەك قويۇلغان ، نۇرغۇن قېرىنداشلار باش سۈرەت رەسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە دېققەت قىلمىغاچقا ، مۇنبەر چولپانلىرى سايلاشتا ۋە تېما كۆرۈشتە باش سۈرەتنىڭ شەكىللىنىشى بىر قەدەر قالايمىقان ھەم رەتسىز بولغان ، يېڭى مۇنبەردە بۇ مەسلىلەر بىر قەدەر ئىلغار تۈردە ھەل قىلىندى . باش سۈرەتنى ئالماشتۇرۇشتا مۇنبىرىمىز تەمىنلىگەن باش سۈرەتنى ئىشلەتسىڭىزمۇ ھەم ئۆزىڭىز رەسىم ئارقىلىق قىستۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ ئەزالىق شەرتىڭىز باش سۈرەت ئالماشتۇرۇشقا يەتسىلا ، (باش سۈرەت ئالماشتۇرۇش بېتىدە سېستىما ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىز) توردىن خالىغان باش سۈرەتنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارخىۋىغا چاپلىيالايسىز . لېكىن مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە ، سۈرەت كەڭلىكى ۋە سۈرەت ئېگىزلىكىنى تەڭشىشىڭىز شەرت! بۇنداق بولمىغاندا باش سۈرەتنى غەلبىلىك ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ . ئەزالىق پۇلى ۋە تۆھپە شۆھرىتى مەلۇم يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەن ئەزالارغا مۇنبىرىمىز باش سۈرەتنى بىۋاستە مۇنبەرگە يوللاش ئىقتىدارنى ئېچىۋېتىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم تۆھپە سوممىسى ۋە مۇنبەر پۇلى بولۇش شەرت . تۆھپىسى قانچە يۇقىرى ، مۇنبەر پۇلى قانچە كۆپ ئەزالار مۇنبەرنىڭ خىلمۇ خىل نادىر ئىقتىدارلىرىدىن بەھرىمان بولالايدۇ . شۇڭا يېڭى ئەزالارنىڭ تخىمۇ تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ- ئەلۋەتتە !
ئەزالىق ھوقۇقى باش سۈرەت چىقىرىشقا يەتمىگەن ئەزالار چوقۇم توردا ئادرېسى بار بولغان رەسىمنى ياكى مۇنبىرىمىز تەمىنلىگەن 100 پارچىدىن ئارتۇق باش سۈرەتىىن بىرنى تاللاپ بېكىتسە بولىدۇ . توردىن قوشۇلغان باش سۈرەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ .



دەسلەپكى يېڭى مۇنبەر بىلىملىرىنى مۇشۇ يەرگىچە تونۇشتۇرۇرىمىز . يېڭى مۇنبەر دەسلەپكى قەدەمدە يولغا قويۇلغاچقا ، نۇرغۇن يېتەرسىز تەرەپلىرى بولۇشى مۇمكىن ، ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قىسىم ئىقتىدارلار ۋە بەتلەرنىڭ نورمال بولۇشىغا ئىشىنىمىز . يەنە بۇندىن باشقا بىلەلمىگەن جايلانى مۇنبەر مەخسۇس سەھىپىسىدە ئوتتۇرغا قويسىڭىز بولىدۇ . بۇ تېمىغا ئىنكاس قۇبۇل قىلىنمايدۇ .
ھۆرمەت بىلەن : شەبنەم ئۇيغۇر تورى مۇنبەر گۇرۇپپىسى
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
شەبنەم ئىللىق ئائىلىمىز ، بىز شەبنەمدە كۆكلەيمىز !
| ۋاقتى : 2006-11-18 01:07 [باش يازما]


 


Time now is:08-18 22:44, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质