ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2113 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ( مېھرىگىيا ) پاك گۈللەرنىڭ قۇربان بولار ئاشىغى بار پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

mehrigiya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9032
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 1686
شۆھرەت: 1826 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 17030 سوم
تۆھپە: 483 نۇمۇر
ياخشى باھا: 399 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 827(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 ( مېھرىگىيا ) پاك گۈللەرنىڭ قۇربان بولار ئاشىغى بار

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ تىمىنى parwin نادىرلىدى(2008-04-14)
( مەسەل )
جەم بولۇپتۇ بىر كۈن ھەممە كېپىنەكلەر ،
خۇش -پۇراقلار چاچار ئىكەن گۈل - چىچەكلەر .

كۆرسىتىشكە بىر - بىرىگە ئۆز بىڭسىنى ،
سۆزلەشمەكچى بولۇشۇپتۇ كەچمىشىنى .

ھەممە بىردەك تەقەززادا ئولتۇرۇپتۇ ،
قىسقا مەھەل سۈكۈت ئىچرە ئويلۇنۇپتۇ .

ئاق كېپىنەك چىقىپ شۇ چاغ ئوتتۇرىغا ،
مەغرۇرانە نەزەر ساپتۇ دوستلىرىغا .

قاناتلىرىن كېرىپ كۆز - كۆز قىلىپتۇ ئۇ ،
بەكمۇ شىرىن ھىس تۇيغۇغا چۆمۈپتۇ ئۇ .

دەپتۇ :«مەندەك چىرايلىقتىن ئاراڭلاردا
بولسا قېنى كۆرسۈتۈڭلار ھەدەڭلارغا  .

بۇ جاھاندا ھىچكىم مەندەك ئوينىيالماس ،
گۈل بەرگىدە سائەت - سائەت ئۇخلىيالماس .

باھار بىلەن تەڭ ماڭىمەن شوخ سەيلىگە ،
ھەر بىر گۈلنى قويۇۋەتمەي ئۆز مەيلىگە .

گۈلدىن گۈلگە توختىماستىن قونۇپ يۈرۈپ ،
بۇ ھاياتىم ئۆتتى خوشال ئويناپ - كۈلۈپ .

بۈگۈنگىچە دىشۋارى يەپ قاخشىمىدىم ،
ئاۋارىكەش پەرۋانىغا ئوخشىمىدىم .

ئېيتىڭلارچۇ قېنى مەندەك ئوينايدىغان ،
ئويناپ - ئويناپ ھەم ئويۇنغا تويمايدىغان .

بارمىكىنە مەندەك دانا  ئاراڭلاردا ،
مەن يۈرمەيمەن قۇرۇق خىيال ئارمانلاردا .

ئۈگۈنەمسىز ھەر بىرىڭىز ئىشلىرىمنى ،
جاۋاپ بېرىڭ ئويلاپ بېقىپ سۆزلىرىمنى .»

رەڭدار قانات تۈگىشىگە ئەمدى گەپنىڭ ،
ئۆتۈپ دەرھال ئالدىغا ئۇمېڭىپ سەپنىڭ.

ئاچچىقلىنىپ دەپتۇرەنجىپ قولىن سىلكىپ، 
«ئاڭلىدۇق بىز سۆزلىرىڭنى سەۋىر  قىلىپ .

خىسلەتلەرى كۆرۈنمەمدۇ ساڭا خەقنىڭ،
قاراڭلارچۇ گەپلىرىنى ماۋۇ سەتنىڭ.

قونار يىرىپ چەللە- باراڭ ھەشقىپىچەك ،
تەڭداشسىز دەپ ماختىغىنىڭ سۇلغان چىچەك .

قايسى چاغدا كەزگەن ئىدىڭ چىمەنلىكنى ،
ئوھۇي ....تېخى سەن بىلەمسەن گۈزەللىكنى .

ئۆمرۈڭ بويى بىزگە ئوخشاش بولالمايسەن ،
بىز قونغان گۈل ياپرىغىغا قونالمايسەن .

نەچچە باھار -ياز چىمەنلەر ئارىسىدا ،
راھەتلەندىم گۈل - بەرگىنىڭ سايىسىدا .

جاپا چېكىش رىيازەتنى ھىچ بىلمەيمەن ،
تەقدىرىمدىن قىلچە ۋايىم غەم يىمەيمەن .

ۋاپاسىزنى مەن ئۆزۈمگە دوست كۆرمەيمەن ،
ئىدرىكى يوق ھاماقەتنى مەن سۆيمەيمەن .

قوشۇلساڭلار سەردار بولاي ھەممىڭلارغا ،
داغدام يوللار ئېچىپ بېرەي بەختىڭلارغا .

قېنى مەندەك  ھەقىقەتنى ياقلاپ تۇرۇپ ،
دانىشمەنلەر چىقالامدۇ كۆكرەك ئۇرۇپ .»

قارىغاندا ئۇ سۆزىنى تامام قىلىپ ،
كۆپچىللىككە ئۈمۈد بىلەن نەزەر سېلىپ .

توپ ئىچىدە كۆتۈرۈلۈپ كۆپ غۇلغۇلا ،
دەپتۇ بىرى «لاۋزا گەپنى قىلدى تولا .»

ئىككى ئاخماق باش بولماقچى ھەممىمىزگە ،
سالغىنىچۇ خىسلىتىنى سەمىمىزگە .

ئېغىر ئىكەن ماختاشلارغا سەۋرى قىلىش ،
بارمۇ - يوقمۇ دوستلارنىمۇ كۆزگە ئىلىش .

يەنچىپ تاشلاپ ئىككىسىنى يوقۇتايلى ،
كۆپچىللىكنىڭ كۈچىنى بىر تونۇتايلى .

«ھاي - ھاي » دەپتۇ بىرى شۇندا قاتتىق قىلىپ ،
قىلسا بولماس بۇنداق ئىشنى ئاچچىق قىلىپ .

قاراڭلارچۇ ماڭا ئەمدى نەزەر سېلىپ ،
بېرەي مەنمۇ ھاياتىمنى بايان قىلىپ .

چىقىپ كەپتۇ بىر كېپىنەك زەر تون كىيىپ ،
كۆپچىللىكنىڭ ئارىسىدىن ئاقساپ مېڭىپ .

قولىدا بار بولغاشقىمۇ بىر ھاسىسى ،
كۈلۈشۈپتۇ زاڭلىق قىلىپ گاھىلىرى .

كۆپچىللىككە ئېچىنىپ ئۇ نەزەر سېلىپ ،
ھەسرەت بىلەن كۆزلىرىگە لىق ياش ئېلىپ .

سۆزلەپتۇ ئۇ :«ياش ئىدىم دەپ بىر چاغلاردا ،
سىلەردەك ھەم ئوينىغانمەن گۈل - باغلاردا .

نەچچە يىللار ئىلگىرى بىر  گۈل باھاردا ،
سەھەر پەيتى كىرگەنىدىم بىر گۈلزارغا .

تۇرغان ئىكەن گۈللەر شۇنچە ئۇز ئېچىلىپ ،
ھەممە يانغا خۇش - پۇراقلار تەڭ چېچىلىپ .

ياقۇت كەبى يالتىرايتتى گۈلدە شەبنەم ،
خەندان ئۇرۇپ سايرىشاتتى بۇلبۇلمۇ ھەم .

ئۇ گۈزەللىك ئالىمىنى كۆرۈپ توۋا ،
ھۇسسىزلىنىپ كەتتىم جاھان بولۇپ غۇۋا .

شەيدالىقتا ئەقىل ھىسسىم يوقاپ كەتتى ،
سەۋىر قىلىپ تاقىتىمنىڭ چېكى يەتتى .

ئالمان - تالمان قىزىلگۈلگە ئۆزۈم ئاتتىم ،
نىمە بولدۇم جانسىزلىنىپ يەردە ياتتىم .

ئەس ھۇشۇمغا كېلىپ بىلسەم ئەسلى مېنى ،
چېقىۋاپتۇ گۈلنىڭ تىلى  (گۈل تىكىنى ) .

مانا ئەمدى ياخشىراقمۇ ماڭالمايمەن ،
گۈللەر ئارا يۈرەكلىكرەك قونالمايمەن .

بىر پۇتۇمدىن ئايرىلدىممەن شۇندىن بۇيان ،
دىلنى ئۆرتەر پۇشايمان ھەم دەرتلىك پىغان .

بۈگۈنگىچە ئۇنداق گۈلنى سۆيگۈنۈم يوق ،
شۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگۈنۈم يوق .

ئۇ گۈل ۋەسلى بۇلبۇلغىلا تەئەللۇقكەن ،
چىن مۇھەببەت ئەسلى بىلسەم بەك ئۇلۇغكەن .»

بۇنى ئاڭلاپ كېپىنەكلەر بوپتۇ خىجىل ،
«تىرىشقانغا بۇ ھاياتمۇ ئەمەس بېخىل » .

شۇندا ئۇلار قىلمىشىنى ئويلاپ قاپتۇ ،
يېلىنغاندەك ئاقساقجانغا قاراپ قاپتۇ .

دەپتۇ ئۇمۇ كۆپكە قاراپ سېزىپ شۇ چاغ ،
ياقايلى بىز  ئىشقىمىزدىن نۇرلۇق چىراق .

ئۆتمىسۇن بۇ ھاياتىمىز ئاتلاپ - تاخلاپ ،
ئۆزگەرمىسەك قالاركەنمىز بىر كۈن ئاقساپ .

پاك گۈللەرنىڭ قۇربان بولار ئاشىغى بار ،
نىسىپ بولماس بىزگە ئۇلار چاققىغى بار .

يېتىلدۈرۈپ بىزمۇ دوستلار ئىسىل خىسلەت ،
قالدۇرمايلى زەررىچىلىك يامان ئىللەت .

شۇندىلا بىز يېتەلەيمىز گۈزەللىككە ،
ئېرىشەرمىز ھەقىقى چىن مۇھەببەتكە .»

قوشۇلۇپتۇ ھەممە بىردەك بۇ تەكلىپكە ،
قەلىبلىرى تولۇپ ئىشەنچ ھەم بەختكە .

لېكىن ئۇلار سۆزلىرىگە قىلماي ئەمەل ،
داغدا يۈرەر بۇرۇنقىدەك بەرمەي بەدەل .

كەسپى يەنە لاغايلاشتۇر ئەتىدىن - كەچ ،
نىسىپ بولدى شۇنىڭ ئۈچۈن سەت يۆگىمەچ .

..............................
ئوسال خۇي گەر سىڭىپ قالسا روھىڭ تامام ،
ئاقىۋەتتە كۆرەر كۈنۈڭ شۇنداق يامان .
...............................
ئۆز ئۆمرىدە يىسە دەشنام تالاي قېتىم ،
ئەپسۇس يەنە ئۆزگەرمىدى نائەھلىلەر .
ھەسەل ھەرە چاقسىمۇ گەر بەردى شەربەت ،
كېپىنەكتىن ئەلا بىزگە شۇ ھەرىلەر .............

ئاپتورى : مېھرىگىيا
[ يوللىغانmehrigiyaتەرىپىدىن2008-04-14 22:07قايتا تە ]

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+15(alturuk) بەك ياخشى يې ..
  • تۆھپە:+10(gul-zat)
  • تۆھپە:+10(layli0317) ئىجادىي ئەسە ..
  • تۆھپە:+10(Ark-zat) ئىجادىي ئەسە ..
  • بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
    بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-04-06 00:05 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    Ark-zat
    ئەمەتجان مۇھەممەت
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2
    نادىر تېما : 14
    يازما سانى : 5516
    شۆھرەت: 5922 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 41070 سوم
    تۆھپە: 881 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 605 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14

     

    ئەمدى توردىن چۈشەي دەپ تۇرسام بۇ مەسەلگە كۆزۈم چۈشۈپ قېلىپ باشتىن ئاياق ئوقۇپ چىقتىم،كېپىنەكلەرنىڭ دىئالوگى ئارقىلىق رىئاللىق ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ،رەھمەت.سالامەت بولۇڭ.

    basbas
    شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
    قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
    تېمىلىرىمگە قىزىقسىڭىز Ark-zat.Xabnam.com دىن كۆرۈڭ.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 00:25 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    anjurguli
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22927
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 798
    شۆھرەت: 836 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8790 سوم
    تۆھپە: 31 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 40 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 94(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-03

     

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    كۆڭلۈڭنىڭ ئارامىدا بولۇشىنى ئىستىسەڭ ، پاك-دىيانەتلىك بول.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 00:26 |
    majnuntal666
    مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 21863
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1621
    شۆھرەت: 1672 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 16160 سوم
    تۆھپە: 30 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 116 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    مىھرىگىيا ئاپىرىن !!!!يازمىللىرىڭىزدىن سۆيۇندۇم .بۇ تىما ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۇرۇپسىز .ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي !!!!بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .تەپەككۇر ئۇرغۇپ تۇرسۇن قېرىندىشىم .

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ئەگەر ئاچقۇچ بولمىسا ئۆز قولۇڭدا ،
    بەخىت_ تەلەي بولماس ماڭغان يولۇڭدا .
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 02:14 |
    sabiha
    bbs.xabnam.com
    ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 12131
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 1029
    شۆھرەت: 1289 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10499 سوم
    تۆھپە: 778 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 573 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 755(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    ئوسال خۇي گەر سىڭىپ قالسا روھىڭ تامام ،
    ئاقىۋەتتە كۆرەر كۈنۈڭ شۇنداق يامان .

    ئەزىزىم ئۇزاق بوپتىكەن  ئەسەرلىرىڭىزنى  كۆرمىگىلى  ،ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .ئىلھاملىرىڭىز  تېخمۇ  قۇدرەت تاپقاي!

    بىلىم قىمىتىنى بىلىملىك بېلۇر،
    ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 03:47 |
    molla-zaidin
    شەبنەم ئەركىسى
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە موللا تاپقاق
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30658
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 2418
    شۆھرەت: 1080561 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2522722 سوم
    تۆھپە: 894 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 701 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1780(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    ئاجايىپ ياخشى يېزىۋېتىپسىز~~~يەنە بولسا يوللاپ تۇرۇڭ `~~

    نادىر تېمىلىرىڭىزنى ئايىماڭ ~~

    شىنجاڭ تور مەكتىپى


    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 10:55 |
    nurdun
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


    UID نۇمۇرى : 1058
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 777
    شۆھرەت: 804 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2272 سوم
    تۆھپە: 47 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 144(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-15

     

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 11:11 |
    4026905
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37236
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 310 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-06

     

    ياخشى يىزىپسىز يەنىمۇ تىرىشىڭ ؛؛؛

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 11:29 |
    4026905
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 37236
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 310 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-06

     

    رەخمەت سىزگە ؛؛؛؛؛؛؛؛

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 11:32 |
    arteken
    ئوغلۇم ئەلقۇت
    ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 19860
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1494
    شۆھرەت: 134976 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5215 سوم
    تۆھپە: 254 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 255 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 789(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    تەربىيىۋى قىممىتى ۋە بەدىئى قىممىتى يۇقىرى بولغان بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ ھەممىمىزگە ئىلھام ۋە مەدەت شۇنداقلا ئىبىرەت مايىكى بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

    قارا لايدىن ئاقارماق كۇتمە،
    شىۋىرغاننى باھار دەپ سۆيمە .
    ھەر نەرسىنىڭ ئۆز پەسلى باردۇر ...
    كەلمىگەنگە ئارتۇق غەم يىمە؟!

    http://nazim.blogbus.com
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 11:40 |
    gul-zat
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 753
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1415
    شۆھرەت: 1498 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4722 سوم
    تۆھپە: 35 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 200(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-18

     

    بۇ تىمىنى كۆرۇپ ھەقىقەتەن سۆيۇندۇم،ئويغاق تەپەككۇرلاردىن تامغان تامچىلار كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالماي قالمايدۇ،مىھرىگىيا خانىم ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ئاياللار ئۈچۈن پەرزەنتىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش--شەرەپ ۋە بۇرچ.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 12:12 |
    otyak
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22209
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1571
    شۆھرەت: 1687 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 15780 سوم
    تۆھپە: 198 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 231 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 426(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    ئىسىل يازمىلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى خىلى بوپتىكەن بۇنى ئوقۇپ، ھاردۇقۇم چىقىپ قالدى. ئۇھ..
    رەخمەت سىزگە !

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 12:41 |
    mehrigiya
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9032
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1686
    شۆھرەت: 1826 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17030 سوم
    تۆھپە: 483 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 399 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 827(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    ماڭا ھەقىقەتەن كۆپ ئىلھام بېرىپسىلەر ، ھەممىڭلارغا رەھمەت قېرىنداشلىرىم .

    بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
    بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-06 12:59 |
    xhnaz520
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14877
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 595
    شۆھرەت: 596 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 18 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 777(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    بۇ شىئېرىڭىزنى بەك ياختۇرۇپ قالدىم ھەدە،  تىخىمۇ تىرىشىڭ ~

    قەدىرلەيمەن ،قەدرىمنى بىلسەڭ.
    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-07 23:11 |
    nur-ziya
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 21464
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1307
    شۆھرەت: 1449 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1024 سوم
    تۆھپە: 80 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 59 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 638(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-10

     

    ھەقىقەتەن نادىرلىغۇدەك نادىر تېمىكەن ! قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن !

    [پاقىرىغانلىكى  نەرسىنىڭ  ھەممىسى،  ئالتۇن  ئەمەس]
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-04-07 23:26 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » شېئىرىيەت گۈلزارى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-06 01:20, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ