ئەسسالام ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى :
شەبنەم مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بېرى نۇرغۇن نادىر ئەسەر ۋە تېمىلار مۇنبىرىمىزگە توپلاندى ھەم باشقۇرغۇچى قۇرۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئالاھىدە تېما ، نادىر ئەسەر قاتارلىق باھالارغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرمۇ ئاز بولمىدى . شەبنەم مۇنبىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تېما سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش ، تېما تۈرلىرى كۆپەيتىش ، جانلىق پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىلارنى كۆپلەپ ئېلان قىلىش مەخسىتىدە ، مۇنبىرىمىزدە <شەبنەم ئەڭ نادىر ئەسەرلەر مۇكاپاتى> تاللاشنى باشلىدۇق . ھەر قايسى مۇنبەر ئەزالىرى ئۆزلىرى نادىر دەپ قارىغان ئەسەر ۋە تېمىلارنىڭ ماۋزۇسى ، ئادرېسى ۋە شۇ تېمىغا بولغان تەپسىلىي كۆز قارىشى باھالىشى ، نېمە ئۈچۈن شۇ تېمىنى نادىر دەپ كۆرسىتىدىغانلىق سەۋەبى بىلەن ئىنكاس سۈپىتىدە تۆۋەندە قالدۇرسا بولىدۇ . بىز نادىر ئەسەرلىككە كۆرسىتىلگەن تېمىلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ۋە شۇ تېمىنىڭ نادىر ئەسەر بولۇشقا شەرت توشقانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن <شەبنەم ئەڭ نادىر ئەسەرلەر مۇكاپاتى> غا ئەڭ نادىر 3 تېمىنى باھالاپ چىقىمىز ۋە تېما ئاپتورلىرىغا ، مۇنبەردە ئۆمۈرلۈك شەرەپ مېدالى ، تۆھپە ۋە ئالىي ئەزالىق نامزاتى (ئالىي ئەزالارنىڭ تېمىسى تەستىقلىنىش ھاجەتسىز ، ئۇدۇللا مۇنبەر باش بېتىگە چىقىدۇ ) تارقىتىپ بېرىمىز . شەبنەم مۇنبىرىنىڭ ھەر ئايلىق نادىر ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتى شۇ ئاينىڭ 30-كۈنى بېكىتىلىدۇ . بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ . مۇنبەر ئەزالىرىنىىڭ يېقىندىن ماسلىشىپ ، نادىر پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىلارنى كۆپلەپ يوللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .
نادىر ئەسەر بولۇش شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە :
1. چوقۇم مۇنبەردىكى تېمىلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان قىزىق تېما بولۇشى كېرەك ؛
2. ئەسەرنىڭ بەدىئىي قوللىنىش قىممىتى بولۇشى ، مەزمۇنى ساغلام ، مۇنبەر قانۇنلىرىغا زىت بولمىغان ، پايدىلىنشچان ئەسەر بولۇشى كېرەك ؛
3. ئەدەبىيات شەرتلىرىگە ئۇيغۇن ، ئىملانىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئەسەر بولۇشى كېرەك ؛
4. ئەسەرنىڭ شېئىر ، ماقالە ، ئوبزور ، ئۇچۇر ياكى رەسىم بولۇشى چەكلەنمەيدۇ . پەقەت پايدىلىنىش قىممىتى ۋە مەلۇم سالمىقى بار ئەسەرلەرنى نامزاتقا كۆرسىتىشكە بولىدۇ ؛
5. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرۈش سانى 1000 دىن ئاشقان ئەسەر بولۇشى كېرەك ؛(بۇ تەلەپ قوشۇمچە ھېسابلىنىدۇ)
نادىر ئەسەرلرنى چوقۇم تېما ئادرېسى بىلەن قوشۇپ يوللاش تەلەپ قىلىنىدۇ !
ھۆرمەت بىلەن : بېيجىڭ شەبنەم ئۇيغۇر تورى مۇنبەر گۇرۇپپىسى