| ||||||||||
uyghur214 | ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئەسلەپئەسسىلامۇ- ئەلەيكۇم شەبنەم ئەھلى ، يېڭى ئۆيگە كېچىكىپراق كىرىپ قالغان بولساممۇ كونا مۇنبەردە قىلغان ۋەدەمگە ئەمەل قىلىپ ئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ دۇنياغا كەلگىنىنىڭ 84 يىللىقىنى خاتىرلىش مۇراسى ئورۇنلاشتۇردۇم ! دوسىتلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى ۋە شائىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ! ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﯘﺗﺘﺎ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . 1931 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﮬﯧﺰﯨﻤﺎﺧﯘﻥ ﻟﯘﭘﺘﯘﻟﻼﻧﻰ ﺭﻭﺱ ﯞﻩ ﺗﺎﺗﺘﺎﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ ... لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «يىللارغا جاۋاپ » خىيالچان تىلەك « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ، »پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ « « ئەجەل ھودۇقۇشىدا » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى يېزىپ قالدۇردى ،شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت مىللەتپەرۋەرلىك ، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ،ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا !! لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ، 1944 يىلى غولجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ، لۇتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە ، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەر لۇتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتتىنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئامىۋە قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان . لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىيياتتى .ۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىيەتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىبلا بۇلۇپ قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز ! شائىرنىڭ خەلىق ئاغزىدىكى ئېقىپ يۈرگەن شېئىرىدىن : تېڭىرقىمايمەن دوسىتلار ، تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى ، چۈشۈرمەيمەن كۆرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى . مەرىت باغۋەن غازاڭ قىلماس ۋاقىتسىز باغنى ، تەربىيسىز سولدۇرۇپ گۈل-چېچەكلەرنى خىيالىم تەلپۈنۈپ تۇرغان بىز سەبىي بالا ، ئىمىش ئۈچۈن قەدىردان ئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى !~ ( ئانا يۇرت ) رومانى 3 قىسىم ، 1377- بەت ! لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەۋرىسىنىڭ تۇزىۋېتىلشى ۋە قايتا قوپۇرۇلىشى : http://koklam.com/bbsxp/ShowPost.asp?ThreadID=2543 شائىرنىڭ قىممەتلىك تارىخى رەسىملىرىنى بۇ ئادىرىستىن كۆرۈڭ : http://bbs2.xabnam.com/ShowPost.asp?id=9985 شائىرنىڭ ئەسەرلىرى : http://bbs2.xabnam.com/ShowPost.asp?id=9878 شائىرنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدىن ئارىيە : http://koklam.com/bbsxp/ShowPost.asp?ThreadID=982 شائىرغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار : http://bbs2.xabnam.com/showpost.asp?id=10841&forumid=33 http://bbs2.xabnam.com/ShowPost.asp?id=10946 دوسىتلاردىن ئۆتۈنۈشۈم : كونا مۇنبەرگە بۇرۇن بىر قىز لۇپتۇللا مۇتەللىپنىڭ بىر نەچچە شېئىرىنى يوللاپ قۇيۇپتىكەن ، مەن ئارقىسىغا بارلىق شېئىرلىرنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىۋەتكەندىم ،، بىراق ھازىر تاپالمىدىن ئۇچۇراتقۇچىلار بولسا خەۋەر قىلۋىتەرسىلەر ، رەھمەت !! 文字 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
taranqi1 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | لۇتپۇللا مۇتەللپ1931-يىلى ئىلىنڭ قەدىمى يىزلىرنىڭ بىرى بۇلغان جاغسستاي يىزسىغائائىلىسى كۆچۆپ كەلگەن.لۇتپۇللا مۇتەللىپ جاغسستايدا تۇنجى مەكتەپنى ئۇقىغان. كىيىن دادىسى تەكلىپ بىلەن نىلقا ناھيىسىگە ئىماملىق قىلغىلى كۇچۇپ كەتكەن. دىمەك لۇتپۇللا مۇتەللپ جاغسستاي يىزسىدا ئككى يىل تۇنجى بىلمىنى ئالغان. ھازىرمۇ جاغسستاي خەلقى لۇتپۇللا مۇتەللپتىن پەخرلىندۇ. ئۇنىڭ كىچىك ئاپسى ھىلىمۇ جاغسستايدا ھايات.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
judun | ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم دېدار غەنىمەت ! يوللىغان بۇ تىمىنى كۈرۈپ ھەقىقەتەن بەكمۇ ھاياجانلاندىم . كۆنا مۇنبەرگە يوللىغان تىمىدا سىزنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى مەرھۇمنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 84يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزسىدىن مۇنبەردە بىر پائالىيەت ئېلىپ بارساق دېگەن ئاقىلانە پىكىرڭىزنى ئوتتۇرغا قويغان ئېدىڭىز . تولىمۇ ئەپسۇس بۇ كۈنلەر بىزگە نېسىپ بولمىدى . مەنمۇ چىن يۇركۈمدىكى بارلىق ئىسشقى مۇھەببىتىم ،چەكسىز ھۆرمىتىم يۇزسىدىن مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا بىر مەرسىيە يېزىشنى دېلىمغا پۈككەن بولساممۇ ، ئوت يۇرەك پەخرلىك ئوغلانىمىزنى ئاددى تىللار بىلەن تەرىپلەپ قۇيۇشتىن قورىقتىم .( قاينام ئۆركىشى )،(ئاقسۇدا 1945-يىلىم )دېگەن تارىخى رومانلارنى ئوقۇغۇنىمدا مەرھۇمنىڭ پۈتكۈل جىسمىنىڭ ئەقىل دۇردانىللىرى بىلەن قوراللانغان ئۇلۇغۋار ئابىدىللىرنى كۈرۈپ مىللىتىمنىڭ بۇ پەخىرلىك ئوغلانىدىن بىر ئۆمۈر سۈيۈندىغىنىمنى قەلىپ تۆرىمدە ئۆزۈمگە ئەينەك قىلدىم . شۇ تاپتا يۇركۇم ناھايتى تىز سوقۋاتىدۇ... مۇشۇ مۇناسىۋەتتە بىزنىىڭ ئۆتكۈر ئەدىپلىرمىزدىن بىرى بولغان شائىر ئابدۇراخمان پولات ئەپەندىمنىڭ مەرھۇمنى ئەسلەپ يازغان مۇنۇ شېئىرنى بارلىق قېرىنداشلارغا سوۋغا قىلاي ! ل.مۇتەللىپنى ئەسلەپ يۈگۈرتسەم مەرىپەت قامۇسىغا كۆز ، كۈرۈنەر مۇتەللىپ ئوت يۇرەك شائىر. سەنئەتنىڭ جۇشقۇنلۇق بەزمە تۆرىدە، ئولتۇرار ئۇ گويا بىز بىلەن ھازىر . تەپەككۇر كۆز بىلەن قارايمەن ئۇنىڭ ، بىغۇبار شەپەقتەك رەڭدار چېھرىگە. ئاڭلىنار شائىرنىڭ مۇقام نەزمىسى ، ئەۋلادى سازلىغان جۇپ تار ئەۋجىدە. مۇتەللىپ بىز بىلەن بۈگۈن مەركىدە، شادلىنىپ ئېتماقتا بەخىت ناخشىسى. نۇرلىنار سەھنىمىز ھۆرمەت ئىلكىدە، ئېھتىرام بىلدۈرەر ئاڭا بارچىسى. دەرىخا...كاژ پەلەك رەزىل شۇم دەۋران ، ۋاقىتسىز چەيلىدى ئۇنىڭ گۈلىنى . ياۋۇزلار تىرنىغى ،قاباھەت ئەجەل ، ئايرىدى بېغىمدىن ئەل بۇلبۇلىنى . ئىسىمدە كۆرەش!دەپ تۈرگەن يىڭىنى ، ۋەتەنگە مىللەتكە سادىق ئوت يۇرەك . قورقمىدى ئۈلۈمدىن قېلىچ ئالدىدا، پارلىغان قەلبىدە نۇرانە تىلەك . ۋەتەننى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ ئۇ ، كەچتى ئۇ ئاقىۋەت ئەزىز جېنىدىن . پورەكلەپ گۈللەرنىڭ ئېچىلىشىغا ، ئىشەندى تۇپراققا تامغان قېنىدىن . خەلقىمنىڭ غورۇرى ،شانۇ-شۆھرىتى ، تارقالدى نامىڭدىن پۈتكۈل جاھانغا. ئەرك سۆيەر ئىنسانلار : ئاپىرىن دېدى، يىللارغا جاۋاب نى بەرگەندە توغرا. ياشايدۇ دېللاردا مەڭگۈ نۇر چېچىپ ، چېلىشچان يىللارنىڭ باتۇر كۈيچىسى. ئارزۇڭنى پەرۋىش قىپ ئاچقۇزدۇق چېچەك ، ئەمىن بول ئەي ئۇلۇغ قاينام ئۆركىشى . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tanhakalip | ئوت يۇرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاز يازدى بىراق ئۇنىڭ ئاز ھەم ساز ئەسەرلىرى خەلق قەلبىدە نۇرلۇق
ئابىدە بولۇپ ساقلانماقتا! مەن شائىرنىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلىرىنى ھەمىسنى ئوقۇدۇم. ماڭا ئەڭتەسىر قىلغىنى شائىرنىڭ يىتۇك ئەسىرى ؛يىللارغا جاۋاپ؛ بۇ ئەسەردىن بىر كۇبلىتنى يىزىپ قۇياي. يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۇلمە، ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىەن ئۆلۇمنى. قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۇل بۆلمە، ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
meripet | رەھمەت سىزگە،بەك قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىپسىز،بولۇپمۇ قوليازمىسى.
ئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
taranqi1 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كەچۈرۈڭلار لۇتپۇللا مۇتەللپنڭ كىچىك ئاپسى ئەمەسكەن، كىچىك ئاپسىنڭ قىزى ئىكەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kayghu دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | سالام لۇتپۇللا ئەسلەيمەن سىنى
تاپسام قەۋرەڭگە يۇپۇق ياسايمەن قايسى يەر سىنى ئالدى قوينىگە قەۋرەڭنى شائىر نەدىن سورايمەن ئاجايىپ ھەيۋەت قەيسەر ئىدىڭ سەن شۇڭا دۇشمەنلەر كۈرەلمىگەنتى ئۇيغۇر نەسلىدىن تا بۈگۈنكىچە سەنچىلىك شائىر تۆرەلمىگەنتى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
u.m.u.d دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | uyghur214 كوپرەخمەت دوستۇم بىز لەرنى ئوت يۇرەك شائىرىمىز لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ بىشىدىن ئوتكەن بىزبىلمىگەن نۇرغۇن ئىشلاردىن خەۋەردارقىلغىنىڭىزغا ئەجرىڭىز گەكوپ تەشەككۇر ئوقۇغىچە شۇنداقتەسىرلەندىم موزىكىمۇ شۇنداق بىرخىل ئادەمنىڭ يۇركىنى تىترىتىدىكەن دوسلارنىڭ بولسا مۇشۇ تىما ئۈستىدە ئەركىن ۋە بىمالال پىكىر يۇرگىزىپ بىز بىلمىگەن ئىشلاردىن بىزلەرنىمۇ خەۋەردارقىلشىڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن ........!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turghun500 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مەن يېقىندا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەۋرىسىگە كىچىك ئوغلۇمنى ئىېلىپ بېرىپ كەلگەن ئىدىم قەبرىسىنى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئاقارتىپ ۋە ئويۇلغان خەتلىرنى قىزىل ھەم يېشىل رەڭلەر بىلەن ئوچۇقلاپ قۇيۇپتۇ. مەن ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز يېنىدىكى ئورمانغا سۇقۇيدۇق ۋە تېلىفۇنۇم بىلەن ئوغلۇمنى سۈرەتكە تارتقان ئىدىم، بىراق بۇ سۈرەتلەرنى قانداق يوللاشنى بىلمەي قالدىم، بىلىدىغانلار بولسا دەپبەرگەن بولساڭلار . مەن پەقەت بۈگۈنلا بۇ توربەتكە ئەزا بولۇپ كىردىم ، كومپىوتېر ئاساسىم ئاجىز ، ئىېلخەت ئادىرىسىم ياكى چ چ نۇمۇر دىگەنلەردىن خەۋرىم يوق.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
*yaxnar دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ شائىرنىڭ ئەڭ ئۆتكۇر شېئرى يىللارغا جاۋاپ ، ھەققى ياخشى شېئر دېسە بولدۇ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
TAREM7 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مېنىڭ ئاتا ئانامغا ئوخشاش ھۆرمەتلىك ئادىمىم
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Hursan. خۇرسەن بوۋاي | ۋاقىت دېگەن شېئرى بەك ياخشى يىزىلغان شېئر . بۇ شائىرزە تىلى ئۆتكۇر شائىر
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Biperwa | شائىر مىللىتمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ...............ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزنى ئالغا يىتەكلەيدۇ .....ئۇ قەلبىمىزدە مەڭگۇ يۇكسەك ئورۇندا!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kaydudaryasi دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | تۆھپىسى بارلارنى ئەسلەپ تۇرماق ھەقىقەتەن زۆرۈردۇر . ياخشى يوللاپسىز . پۇرسەت بولسا ئالاقىلىشىڭ . 348041818
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nazigul~* دەرىجىسى :تېما چولپىنى | تېما ئېگىسىنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەخمەت. بۇئوت يۈرەك شائىرىمىز خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ھايات! باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىغىدا ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك، باسما زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان دادامنىڭ بىر دوستى ماڭا دائىم كىتاپ ئەكىلىپ بېرەتتى، <قاينام ئوركىشى>رومانىنى شۇ چاغلاردا ئوقۇغان،بەك چوڭقۇر تەسىر قىلغانتى. بۈگۈن بۇ قىممەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرۈپ،كۆزلىرىم ئىختىيارسىز نەمدەلدى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Hursan. خۇرسەن بوۋاي | يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۇلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىەن ئۆلۇمنى. قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۇل بۆلمە، ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى. بۇ شېئرزە بولدىغان شېئر، ماڭا بەك يارايدۇ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
OWEN دەرىجىسى :تېما چولپىنى | رەخمەت سىز گە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
karahan دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ناھايىتى ئىسىل تىما بوپتۇ ،
رەھمەت سىزگە ، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
judun | Quote:بۇ مەزمون 17 جى قەۋەتتىكى Hursan. نىڭ 2006-12-01 14:51 دە يوللىغان يازمىسى“”: بۇ شېئرزە بولدىغان شېئر، ماڭا بەك يارايدۇ. دەيدىغانمۇ گەپما . شېئىريەتنى ئەمدى چۈشۈنىۋېتىپسىز ھە ؟ بۇ شېئىر ئەمەس، بۇ دۇنيدا تېپىلغۇسىز شېئىر !!! بۇ يولداش خۇرسەن ئەپەندى... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
altegin دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئاڭلىسام لۇتپۇللا مۇتەللىپنڭ يىللارغاجاۋاپ دىگەن شىىرى فىرانسىيەدىكى ئىففل مۇنارىغا يىزىقلىىقمىش ؟؟؟؟
ئەمما لىكىن ۋەھشى شائىرئىدى دە | |||||
---|---|---|---|---|---|---|