ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېلكەش قەدىناسلار سالامەت تۇردىڭلارمۇ . يېقىندىن بىرى مۇنبەر كەيپىياتى سەل سۇسلاپ قېلىۋاتىدۇ . مۇنبەرنىڭ نەتچە ئاي بۇرنقى جەلىپقىلارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرسەك بولاتتى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەرگە كۈچ چىقىرۋاتقان باشقۇرغۇچىلار ، ۋە ياخشى تىما ، ياخشى ئىنكاس بىلەن دوسلارنىڭ مەنىۋىيتىنى بېيىتىپ كىلىۋاتقان قەلەمكەش دوسلىرىمغا چاخچاق قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن . دوسلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىپ بىرشىنى ئۈمۈد قىلمەن !
ئوتتۇز ئوغۇلغا چاخچاق ~~~
شەبنەمگە :
يېڭىلىق كۆپ شەبنەمدە ھەممە شۇنداق سۈيۈنەر ،
ئوتتۇز ئۇغۇل توققۇز قىزغا بىر ئۆزىڭىز باشتىڭىز .
سىز بولمىغاچ بۇ شەبنەم ئوخشار تۇزسىز تاماققا ،
قۇيۋىتىمەن ئىتنى جۇمۇ ، يەنە شۇنداق قاچسىڭىز ؟
قامچىغا :
شائىرانە تىلغا باي نەزمىڭىزنى ھەر كۆرسەم ،
ھاياجانغا تولىمەن ئۆتكۈر بولغاچ تىللىرى .
قامچىڭىزنى چۆگلىتىپ ساۋىغايسىز ئىجازەت ،
دەس تۇرالماس شېئىرنىڭ سۇنۇپ كەتسۇن بەللىرى ؟
ئەرىك-زاتقا :
مۇنبەرلەردە تالانتلىق يولباشچىمىز ئەرىك-زات ،
ئۆتكەن يىلى كۆلگەنچە ھىچ كۈلمەيسىز يېنىشلاپ .
جىن چاپلاشتى سىزگە دەپ ئۆزگىلەردىن ئاڭلىدىم ،
بېسىم كۈچلۈك بوپكېتىپ قالمىغانسىز مىلىشلاپ ؟
ئويغۇر 214گە :
يازغان ئۆتكۈر ئىنكاسىڭىز تىتىرتىدۇ يۈرەكنى ،
ھەممە قايىل بولىدۇ يازمىڭىزنى كۆرگەندە .
پەخىرى سىز شەبنەمنىڭ مەنمۇ شۇنداق قائىلمەن ،
ئۇنۇتماڭسىز جۇدۇننى ئەزىز يۇرتقا كەلگەندە ؟
جۇداغا :
مۇنبەرلەردە شۇنچە ۋاخ كۆپ ئەسرامۇ بۇلۇشتۇق ،
گۈللىتىمىز مۇنبەرنى دەپ قولنى-قولغا تۇتۇشتۇق .
جىسمىڭىزنى بىلىمىز ئىسمىڭىزدىن خەۋەر يوق ،
بىر بىلىشنىڭ كويىدا سىزگە قاراپ قېلىشتۇق ؟
كەۋسەرگە :
ئەلھەمدۇدىن باشلانغان نەزمىلەرگە ماھىرسىز ،
چۈشۈرمەيسىز ھەر قاچان ئاغزىڭىزدىن ئىسلامنى .
بارىكاللا ئېيتىمەن سىزگە دىلدىن جان دوستۇم ،
كامىل قىلسۇن خۇدايىم ھەممىمىزدە ئىماننى !
مۇسەللەسكە :
مۇسەللەس دەپ ئاتايمىز مەمەتجانى ھەممىمىز ،
مۇسەللەس دەپ ئات قويغاچ قايدىمۇ يا بېشىڭىز .
نېمە سەۋەپ بار ئەمدى بىزمۇ بۇنى بىلەيلى ،
مۇسەللەس دەپ توۋلىسا ئېتىلمايدۇ قېشىڭىز ؟
فىرقەتكە :
ۋاپادارلىق بابىدا چاقنىدىڭىز نۇر بۇلۇپ ،
باسقان ھەر بىر قەدمىڭىز چاقنايدىغۇ ئۆزگىچە .
بەك يۇمۇرلۇق ئۆزىڭىز شۇنچە ئۆتكۈر كۆزىڭىز ،
ئايرىلمىسۇن كۈلكە سىزدىن كېلەر يىلى كۈزگىچە ؟
تاشقىنجانغا :
تاشقىنجان دەپ نام بىلەن كىردىڭىز بۇ مۇنبەرگە ،
ناچار خاھىش ئۇچىرسا راس تاشىدۇ ئۆتىڭىز .
ھارمىغايسىز جان دوستۇم يەنە شۇنداق تېشىڭچۇ ،
ئايرىلمىسۇن مۇنبەردىن ئۆتكۈر تىللىق سۆزىڭىز ؟
تەنھا قەلىبكە :
ئۇزۇن بولدى كۈرۈنمەي مۆكتىڭىزكىن قەيەرگە ،
ئارلاپ تۇرسىز مۇنبەرنى ھىچ قالدۇرماي بىرمۇ بىر .
كۆپ سەۋىيلىك بولغاچقا سىز ، ئارتۇقمۇ يا بۇ مۇنبەر ،
كۆڭۈل كىمدىن رەنجىدى ئېيتىڭ دوستۇم قېنى سىز ؟
ئېچىنىمەنگە :
ئىسمىڭىزنى ھەر كۆرسەم ئىزىلىدۇ يۈرۈكۈم ،
ئېچىنغۇدەك ھالدا بىز شوڭا شۇنداق قويغانسىز .
بەك ئارتۇقچە ئېچىنىپ كەتسەكمۇ گەر يەنە بىز ،
نېمە ئامال جان دوستۇم نىچۈن دەرتكە تولغانسىز ؟
باياۋانغا :
سىزنىڭ ھەر بىر يازمىڭىز كۆپ ئەترالىق يېزىلار ،
قابىل سىزمۇ شۇنچەھەم يىنىك چىقار تىللىرى .
مۇشائىرنىڭ سۆرىتى سىز ئارقىلىق سىزىلار ،
شوڭا دەيمەن ئەي دوستۇم سىز مۇنبەرنىڭ خىللىرى .
ئاتامانغا :
ئاتامان دەپ جەزبىدار ئىسىم بىلەن مۇنبەردە ،
سىز يوللىغان تىمىلار تەگدى ئوتلۇق يۈرەككە .
بارىكاللا ئېيتىمەن ئەقلىڭىزگە جان دوستۇم ،
دائىم شۇنداق يوللاپ تۇرۇڭ چۈشۈپ قالماڭ خورەككە ؟
ئەلشىرگە :
ئەسۇلامدىن باشلايسىز قۇدۇنغا دەپ بەزىدە ،
مەيلى شېئىر ئىنكاستا خاتا كېتەر سۆزىڭىز .
سادغان كېتەي جان دوستۇم كۆرۈلمىسۇن خاتالىق ،
ئانا تىلنى يازغاندا ئېچىلسۇنچۇ كۆزىڭىز ؟
ئوتتوغا :
ئارىمىزدا ئەڭ كىچىك بولسىڭىزمۇ گەرچە سىز ،
مىجەزىڭىزى بەك ئوڭلۇق ياختۇرىمىز ھەممىمىز .
يازاتتىڭىز شېئىرنى شۇنچە كۈچەپ ئىنجىقلاپ ،
ئۈمۈدىم شۇ بىر سىزدىن يەنە كۈچەپ باقسىڭىز ؟
ساقچىغا :
مۇنبىرمىزدە سىز بولغاچ رازۋىتكىدىن خاتىرجەم ،
يۈرمەكتىغۇ ھەممىمىز بولغاچ بىزنىڭ ساقچىلار .
ھە-پە دىيشىپ ئۆتەيلى يوقىمىسۇن تىمىڭىز .
كىرەلمىسۇن مۇنبەرگە ئەشۇ نىجىس ئاقچىلار ؟
خۇرسەنگە :
شۇنچە ھەيۋات مۇنبەردە بۈيۈك ئالىم قەشقەرى ،
سۆرەتلىرى بار سىزدە قوش ئىسىملىق مۆمىنجان .
سەمىمىيلىك دۇرۇسلۇق سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن ،
قىلدەك ئىشنى پىلدەپ بىلىپ باسمىسىنچۇ ھاياجان ؟
سىرغا :
تۇنجى كۆردۈم يارنى دەپ بىر شېئىرنى يېزىپلا ،
پىنھان تۇرغان يۈرەككە باكا چوغنى سالدىڭىز .
يارنى سۈيۈش تەسمىكەن دېگۈم كەلدى ۋاي ئىنىم ،
كۆيمەڭ دېگەن باشتا مەن ، شۇنداق يىغلاپ قالىسىز ؟
توققۇز قىزغا چاخچاق ~~~
نۇرى 0996غا:
توققۇز قىزنىڭ گۈلىسىز ئۆتكۈر شۇنچە يازمىڭىز ،
لېكىن ئەپسۇس كەم دېدار قەيەردە سىز ئۆزىڭىز .
شۇنچە زىلۋا ئىدىڭىز كۈندە بەش ۋاخ تاماق يەپ ،
خۇددى مىللى تاۋۇزدەك يوغاندىمۇ يۈزىڭىز ؟
دېلرۇسقا :
مەتبۇئاتتا ئەسىرڭىز سەكرەپ چىقتى بىر-بىرلەپ ،
شۇ ئىلھامنى باغاشلاپ ياراتتىڭىز كۆپ ئەسەر .
ئىنكاسلاردا ھا ھا دەپ كۈلۈپ قويسىز مىيققىدە ،
ئەشۇ چىققان تىللارنى يۇلىۋەتكىم كەپ كېتەر ؟
گۈلزاتقا :
مەن چېچىمنى كەسمەيمەن دەپ بىر شۇئارنى توۋلاپلا ،
يوقالدىغۇ يازمىڭىز يېڭى ئەسەر كۆرمىدىم .
ئانىلارغا خاس مىجەز باردۇر سىزدە بىلىمەن ،
شوڭا دەيمەن گۈلزاتخان باردۇر سىزگە ھۆرمۈتۈم ؟
خسلەتكە :
قەدىردانىم جان ھەدە يوقالدىڭمۇ مۇنبەردىن ،
ئاڭلاشلاردىن قارىسام كەپتۇ ساڭا مۇسىبەت .
ئارلىق يىراق بولغاچقا بارالمىدىم مەنمۇ بىر ،
گەر رەنجىسە بۇ دىلىڭ مىنى چوقۇم كەچۈرۋەت ؟
ساداقەتكە :
ئاپتۇماتتەك ئاتىسىز ھەر كىملەرگە بىرمۇ بىر ،
تۆكۈپ مانا چېلەكلەپ ئىنكاس ئارلاش قوشاقنى .
چايخانلاردىن ئاڭلىدىم سىزنى ماھىر سازچى دەپ ،
دوتتارىدا تەڭكەش قىپ ئېيتىدۇ دەپ ئوشاقنى ؟
دېلسىغا :
يازاتتىڭىز بەكمۇ ساز يەتكۈزۈپلا ۋايىغا ،
مانا ئەمدى ئاتلىنىپسىز كەلگۈسىگە غايىغا .
ياخشى ئوقۇڭ جان سىڭلىم پارلاق بولسۇن ئەتىڭىز ،
تەشنا بۇلۇر كۆپ بىمار سىز تاشلىغان سايىغا !
لاتاپەتكە :
مۇنبەرلەرگە ئوت قۇيۇپ كەلگنتىڭىز ئەسلىدە ،
قايسى بىر كۈچ تارتتىكىن سىز گۈزەلنى بۇياقتىن .
كەلدى كەتتى بوپ قالدى بۇ تۇرقىڭىز ۋاي خېنىم ،
سىزگە چاخچاق ئاتتىغۇ بىر دوستىڭىز يىراقتىن ؟
گۈلگىنەگە :
ھەر يوللىغان ئەسەرگە بېرەتتىڭىز باھانى ،
ياتتىڭىزمۇ كۆتۈرەلمەي ئىنكاس ئۇسقان تاغارنى .
شۇنچە جىمجىت يۈرىيسىز توي قىلىشنىڭ كويىدا ،
بەرمىگەچكە توي خېتى كۈتۈمسىز يا باھارنى ؟
گۈل بەرگىگە :
بەرگىڭىزدىن تۈكۈلەر سىز تاشلىغان ياپراقلار ،
مۇنبەرلەرگە چاچىدۇ ئۆزگىچە خۇشپۇراقنى .
ھىچ كەلمەيسىز مۇنبەرگە يازمىڭىزنى سېغىندۇق ،
ياكى سابىق ئىرىڭىز تاتتىمۇيا قۇلاقنى ؟
مەرىپەتكە :
خېلى بولدى تۇنۇشۇپ يۈردۇق بىزمۇ مۇنبەردە ،
شۇنچە جانلىق پىكىرنى قىلدىڭىز سىز مەرىپەت .
يازمىڭىزدىن ھېس قىلدىم چاقنىغۇچى نۇر بۇلۇپ ،
ئۇلۇقلىنار يۈرەكتە يەنىلا شۇ ھەقىقەت .؟!
ھىلال ئايغا :
يازاتتىڭىز سىزمۇ ھەم جان كىردۈرۈپ پۇتىغا ،
شېئىرلىرڭىز ماڭاتتى شۇنچە چەبدەس قەدەمدە .
بىر چاخچاقنى قىلغانغا ئۇنچىۋولا قىپ كەتمەڭ ،
يا كۆرەلمەي سىزنى بىر قالدۇق مانا ئەلەمدە ؟
ھىلالەگە :
كەچمىشلەرنى بىرمۇ بىر يىققاچقا سىز قەلىبكە ،
تىزىلدىغۇ مۇنبەرگە شۇنچە كۆركەم ئۈنچىلەر .
ئىزدەيلىمۇ بىر بۇلۇپ مۇنبەردىكى دوس يارەن ،
قېنى ئېيتىڭ قەيەردە سىز سىز سولانغان چۈنچىلەر ؟
نازىگۈلگە :
مانا سىزمۇ قۇشۇلۇپ بىزنى ئانا ماكانغا ،
ئۆزگىچە بىر ئۇسلوبتا كەلدىڭىزغۇ پاقىراپ .
يىگىتلىرمىز شوخلىقىدىن ئېتىلغان ھەر گەپ سۆزگە ،
قايتۇرالماي چاخچاقنى قالماسسىز خاقىراپ ؟
خاتىمە
كەچۈرۈڭلار دوسلۇرۇم كۆرسەڭلار بۇ چاخچاقنى ،
ئېشىپ كەتسە گەپ سۆزۈم كۆڭلۈڭلارغا ئالماڭلار .
ياقسا بىزە قەلىبگە قىلغان مۇنۇ چاخچىغىم ،
سىلمۇ دەرھال يېزىشنى پەقەت ئۇنتۇپ قالماڭلار !!!