سىز بۇ تېمىنىڭ 2648ـ ئوقۇرمىنى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
 
بۇ بەتتىكى تېما: خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال<ھىكايە> IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
parwin
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 712
شۆھرەت: 898 نۇمۇر
پۇل: 6085 سوم
تۆھپە: 147 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:518(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-10-15
ئاخىرقى:2008-03-14

خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال<ھىكايە>

بۇ تىمىنى musallas نادىرلىدى(2008-03-12)

تۇڭگۇز بازىرىدىكى لەتىپە-4

خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال

<ھىكايە>
پەرۋىن

   
  بارات تەيلاڭنىڭ دادىسى بىر ھارۋا چامغۇرنى شەھەرگە ساتقىلى كىرىپتىكەن،ئۆلۈگى تەتەيلەرنىڭ پۇت يۇيۇش ئورنىدىن چىقىپتۇ دېگەن مىش-مىش پاراڭ «تۆت پۇت سەتچىلىگى»دەك بىر مەھەل دەۋراڭ سۈرۈپ بېسىققان كۈنلەردە،«ئوسمان توڭنى خوتۇنى ئاشنىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ»دېگەن شۇم پاراڭ كىچىككىنە بۇ شەھەرگە بىر كېچىدىلا پۇر كەتتى.
    خورازدەك گىدىيىپ يۈرۈيدىغان بارات تەيلاڭنى، دادىسىنىڭ «نامى ئۇلۇغ» ئۈلۈمى ئۇنى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن مۈشۈكتەك سالپايتىپ قويسا، قەدىناس دوستتى ئوسماننىڭ ئۈلۈمى ئۇنى سەگەگلەشتۇردى.«ئات تەپكەنگە ئات چىدايدۇ»دەپ مارى مەرگەننىڭ رىستۇرانىدا كاتتا «شاراپتىن خوشلۇشۇش» چېيىنى بېرىپ چاپاننى تەتۇر كىيگەن پېتى ھاراققا يېقىن يولىمىدى، شۇنداقلا «ھىم» بىلەن ئايرىلىپ قالغان خوتۇنىنى ئاران تەستە ئوز ئۆيىگە ئەكىرۋالدى.«ھالال گۆشنى ئاتامغا يىگۈزمەي ئىتقا يىگۈزگەننىڭ جازاسى بۇ »دىگەن پېتى ئۆيىدىكى بارلىق ئىتلارنى دوستلىرىغا بېرىۋېتىپ ،يارىشىملىق ساقال بۇرۇت قۇيۇۋېلىپ نامازنى باشلىۋەتتى.«قان بىلەن كىرگەن خۇي،جان بىلەن چىقىدۇ »دىگەندەك قاراقاتنى سۇ ئىچكەندەك ئىچىپ قۇيۇپ قاۋان دوستلىرىنىڭ زىياپىتىدىن يەنىلا قالمىدى،چۈنكى ئۇ شاراپتىن خوشلاشسىمۇ چاقچاقتىن ،سەتەڭ قىزلاردىن خوشلاشمىغان ئىدى.
    كېرەم سەتەڭ دوستتى ئوسماننىڭ ئۈلۈمىدىن كىيىن بەكلا جىمغۇرلىشىپ كەتتى.ئۇ ئۆزىنى شۇنچە قاچۇرسىمۇ ،قۇلاقنى يۇپۇرۋالسىمۇ كىرىپ قالغان مەسخىرە ئارلاش پاراڭلار ئۇنى تۈگەشتۈرۋەتتى:«توۋا،ئوسمان توڭنىڭ خوتۇنى ئىمامنىڭ قىزى تۇرۇقلۇق باشقىلارغا بۇزۇلۇپتۇ،سوتتا ،بۇزۇق نىمە دەپتۇ دەڭلەر،ئوسمان مەن بىلەن كارى بولمايدۇ،ئۇنىڭغا ھاراق بولسىلا بولدى.ئەرلىگىمۇ كارغا كەلمەيدۇ.ئىككى بالىمۇ ئوسماننىڭ ئەمەس،ئاشنامنىڭ.ماڭا بالامغا ھەقىقى ئىگە بولىدىغان دادا كېرەك.شۇڭا ئۇ ئاشنامنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈپ قوياي دىگەندە ئارقىدىن پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتتىم.توۋا،خۇدايىم.چىرايلىقتا ۋاپا يوق دىگەن شۇدە»...
    كېرەم سەتەڭ ئوسماننىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن تۈزۈك ئۇخلىيالمايدىغان،خوتۇنىغا قارىسا ئۇزاقتىن-ئۇزاق دىققەت بىلەن قارايدىغان،كېچىسى قارا بېسىپ چىلىق-چىلىق تەرلەيدىغان،خۇتۇنى نىمە بولدى دەپ سورىسا بىر ئېغىز گەپ قىلماي،ھۆمۈيۈپ قۇيۇپ جاۋاپ بېرىدىغان بۇلۇپ قالدى.گاھىدا قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانغاندەك «توۋا،خۇدايىم مەن نىمە بولدۇم،خوتۇنۇمغا ئىنساب بەرگەيسەن » دەپ ئۆزى بىلمەستىن ياقىسىنى چىشلەپ قويىدىغان بوپ قالدى.
كېرەمنىڭ خوتۇنى ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى.ئۇ نەنچە يىگىتلارنى مەست-ئەلەس قىلغان بۇ چىرايلىق قىزنىڭ ئۆزىنىڭ خوتۇنى بۇلۇپ قېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى.بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، چىرايلىق خوتۇن ئالغاننىڭ دەردىگە قالدىغاننى ئۇ ئۆيلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
    «ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپىدۇ دىگەندەك»قەشقەر مەھەللىسىنىڭ بۇ نوچىلىرى كۈتۈلمىگەن بالا قازادىكى قارلىقنى ئۇشتايلى دەپ يەنە مارى مەرگەننىڭ توڭگۇز قوتىنىدەك ئايرىمخانىسى بار رىستۇرانىغا جەم بولدى.مارى مەرگەننىڭ خان قىزلىرىمۇ بۇ مىھماندارچىلىغىدىن قۇرۇق قالمىدى.مەي بىرە-ئىككى قۇر ئايلىنىپ كېرەمنىڭ قولىغا كەلگەندە،ئۇ، دەس ئورنىدىن تۇرۇپ نەنچە ۋاقىتتىن بىرى دىيىشنى كوڭلىگە پۈككەن سوزنى ئوتتۇرغا قويدى:
_بۈگۈنكى سۇرۇن مەندىن بولسۇن.مەن مىھمان قىلاي،تەلىۋىم،مەنمۇ بارات تەيلاڭدەك ھاراق ئىچىشنى ،مۇنۇ رومكىنى ئىچىپ بۇلۇپ تاشلىسام...
_ساڭا نىمە بولدى سەتەڭ._دىدى بارات تەيلاڭ سوزنىڭ بىلىگە تېپىپ_سەنمۇ مەندەك ئىشتان سالاي دەپسەندە،ئىشتان بېغىڭ چىڭمۇ-يا؟
_نىمە بولاتتى تەيلاڭ.مەنمۇ ئوسماندەك رەھمەتلىك بۇلۇپ كەتمەي دەيمىنا،يەنە ئېشەك گوشىنى ئەمدى يېگۈم يوق...
_ھا ، ھا ،ھا ...
سۇرۇننى كۈلكە بىر ئالدى.
كېرەمنىڭ تۇترۇقسىز ئاغزىدىن مۇنۇ سۆز ئۆزى بىلمەستىن چىقىپ كەتتى:
_ھەر قايسىڭنىڭ خوتۇنى مىنىڭ خوتۇنۇمدەك چىرايلىقمىتى؟
_سەت خوتۇننى ئالساڭ بولمامدۇ سەتەڭ،_دىدى ئۇبۇل تەلەپ ھىجىيىپ.
_ئىشىڭنى قىلە،تەلەپ.ئالدى بىلەن خوتۇن ئېلىپ گەپ قىلە.سەنغۇ موزاي دەسسىۋاتقان نىمە،ھازىرغىچە قانچە يارىڭنى ئەرگە بەرگەنلىگىڭنى بىلمەيسەن.ياتىغىڭغا كىرسە تېكە سۈيدۈگىدىن باشقا نەرسە پۇرۇمايدۇ...
مارى مەرگەن كېلەڭسىز بويىغا ياراشمىغان كۈلكىسى بىلەن :
_ھازىر يېڭىدىن كېسەل تارقىلىۋاتىدۇ.سارستىنمۇ يامان.بۇ كېسەل مەخسۇس چىرايلىق خوتۇنلارغا يۇقارمىش.مەنمۇ ئەنسىرەۋاتىمەن،چىرايلىق كېرەمجان ئارىمىزدىن بالدۇر كېتەرمىكىن دەپ،چۈنكى ئۇنىڭما چىرايلىق خوتۇنى بار ئەمەسمۇ-ھە.ھا،ھا،ھا..._دىدى مارى مەرگەن.
_يۈزىگە ماسكا تاقاپ قويمامسەن.
_مەلىمىزدىكى ئاشى پوكاشنى ئالامسەن-يا،ھىچكىم قاش ئاتمايدۇ.
_ئۆگزەڭگە چالما چۈشكەن ئۆخشىمامدۇ،سەتەڭ.ھا،ھا،ھا،...
_قاتار چاي دەپ ئۆيگە كىرمىگەن گەپ.
...
كېرەم دوستلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ.گەپتە قىڭغىر كەتتىمۇ -بولدى،چاقچاققا كومۈپ تاشلايدۇ،ئاياپ ئۆلتۈرمايدۇ.«مەن مىھمان قىلاي،ئىككىنچى ئىچمەيمەن»دىگەنگە ئۇنىماي،بۈگۈن ئىچ ئەتىدىن باشلاپ ھىساپ دەپ مارى مەرگەننىڭ بۇ ئايرىمخانىسىنى بېشىغا كەيدى.چاقچاققا كېرەم ھىجىيىپ ئۆلتۇرسىمۇ دەردى ئۆزىگە ئايان ئىدى.
_چېچىڭنى تاتلىما سەتەڭ،تاز بولساڭ ئاشى پوكاشمۇ تەگمەيدۇ...
_خوتۇنىڭدىن ئەنسىرەپ يۈرگىچە ئۆيىڭگە تېلىكامىرا ئورنۇتۇپ قوي.خوتۇن بېسىمى بولمايسەن.
_سەت خوتۇننىڭ پايدىسى تولا سەتەڭ،پۇل تاپساڭ ئون ئالتە ياشلىق قىزلاغا خەجلەپ،تۈگۈسە بىزدەك خوتۇن سەن بەك چىرايلىق دەپ سەت خوتۇننى ئالداپ يۈرمەمسەن
_قۇيۇۋېتە بولمىسا ئۆزەم ئۆلەپ قوياي...
_ھا،ھا،ھا،
رەھمىتى ئوسماننىڭ قارلىغىنى ئۇشتايمىز دەپ،ھاراق دىگەننى ئۆلگۈدەك ئېچىپ،كېرەم سەتەڭنى داپ قىلىپ تازا چېلىشقان بۇ قاۋانلار مارى مەرگەننىڭ قاۋاقخانىسىدىن قاچان چىقىپ كەتكەنلىگىنى بىلىشمىدى.
تۈن يانغاندا ،تىمتاس كېچىدە بىر مەستنىڭ ئالى-تاغىل ناخشىسى بۇ كوچىنىڭ جىم-جىتلىغىنى بۇزدى.

خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال ،
يوقتۇر خوتۇن بېسىمى.
كۈنلىمەيسەن يۈرەك توق!
چاقماس ئەرلىك كېسىلى.


خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال ،
قاتار چايغا قاچمايدۇ.
قاتار چايمۇ؟ ياتار چاي!
ئاشقا توپا چاچمايدۇ.


خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال ،
چىرايلىقتا دەرت تولا.
چالما ئېتىپ مەلەڭدە،
پۇل خەجلەشكە مەرت تولا

...

مەست تومۇر دەرۋازىلىق بىر قورۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ناخشىسىنى توختۇتۇپ ئىشىكنى تېپىپ تۇرۇپ ۋاقىردى:
_ئايخان! ھەي،ئايخان! ئىشىكنى ئاچ!
قورونىڭ چىرىغى يېنىپ بىر ئايالنىڭ زىل ئاۋازى ئاڭلاندى:
_نىمە ۋاقىرايسەن! قوشنىلاردىن نومۇس قىل،نومۇس.
تىز بول دەيمەن! ھىلى بىكار...
_ئېشەك سۈيدۈگىنى ئېچىپ ...مەن ئاچقۇچنى ئەچىقاي
دەرۋازا قېشىغا كېلىپ بولغان ئايال ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.مەست تېزىمۇ قاتتىق ۋاقىردى؛
_ئاشناڭنى مۆكتۈرۈپ قويدۇڭمۇ؟ بۇزۇق.سەنمۇ مىنى ئوسماننى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرەي دەمسەن.دەرۋازىنى تىز ئاچ دەيمەن.
مەست بىر تەرەپتىن ئايالنى تىللاپ بىر تەرەپتىن دەرۋازىنى تېپىشكا باشلىدى.
دەرۋازا ئېچىلىشى بىلەن تەڭ مەست ئايالنىڭ قورسىغىغا بىرنى تېپىپ ئارقىدىن ئۈستىگە مىنىۋالدى ھەم ئىككى قولى بىلەن ئايالنىڭ گېلىدىن بۇغۇپ تۇرۇپ ۋاقىردى:
_راست گەپ قىل،ئاشناڭنى نەگە مۆكتۈرۈپ قويدۇڭ.مىنى بىلمەيدۇ دەمسەن!،تىز ئېيت! سەن مىنى يۇمشاق باش كۈرۈپ قالدىڭمۇ؟...
تۇڭگۇز بازىرىدا نىمە ئىشلار بولمايدۇ دەيسەن.كېرەممۇ قوشنىسىنىڭ ۋاقتىدا كىرىپ قېلىشى بىلەن ئەسلىگە كەلگەندەك بولدى،لېكىن خوتۇنى خىقىراپ ياتاتتى .كېرەمنىڭ خوتۇنى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولسىمۇ ،ئايالىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئەرز قىلىشى بىلەن كېرەممۇ بىر يىللىق كېسىلىپ كەتتى .لېكىن ئۇنىڭ پارىڭى مارى مەرگەننىڭ قاۋاقخانىسىدا گاھ بۇلۇپ قالاتتى:
_كېرەم ساراڭ بۇلۇپ قېپتۇ؟
_قانداق بۇلۇپ دەيسەن؟
_ئاخىرقى قېتىم بارات تەيلاڭ يوقلاپ بېرىپتىكەن،ئۇ باراتنىمۇ تونىماپتۇ،پەقەت بىر گەپنىلا تەكرالاپلا تۇرغىدەك؟
_قايسى گەپنى؟
_خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال
.

باش قىسمىغا قىزىقسىڭىز:./read.php?tid-29083-keyword-.html
./read.php?tid-29755-keyword-.html
./read.php?tid-31458-keyword-.html
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:10(musallas)
  • تۆھپە:10(qinmodan)
  • ياخشى باھا:10(~uyghurjan~)
  • شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    مەڭگۈ ياشايدىغاندەك تىرىكچىلىك قىل،ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-29 22:38 | [باش تېما]
    ئۇيغۇرا
    ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 819
    شۆھرەت: 860 نۇمۇر
    پۇل: 8085 سوم
    تۆھپە: 90 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:137(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-02-23
    ئاخىرقى:2008-03-13

    ئەپەندىم بۇنداق دېگەن بىلەن....سەت خۇتۇنغا كۆڭۈل تارتماي قالسا قانداق قىلىمىز؟!
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    ۋەتىنىڭنى،بەدىنىڭنى،ئىمانىڭنى،ۋىجدانىڭنى ساتمىغان ھەرقانداق ۋاستە بىلەن پۇل تېپىشقا يۈزلەن؟!
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-29 22:44 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
    ~uyghurjan~

    مەزھەپ:xabnam.com xabnam.com
    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1388
    شۆھرەت: 1419 نۇمۇر
    پۇل: 13565 سوم
    تۆھپە: 118 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:360(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-12-21
    ئاخىرقى:2008-03-14

    مانا بۇ ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى بەزىبىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى ؟! ھاراقنى ئۆلگۈدەك ئېچىپ ئۇنىڭدا نە ۋەتەن نە مىللەت ، نە ئەرلىك تۇيغۇسى ، نە ئەرگە خاس غورۇر . . . يوق ؟! يۇرگەن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ قىسقىغىنا كۆرۇنىشى پەرۋېن ئەپەندىمنىڭ قەلىمىدە ئىخچام چۇشىنىشلىك قىلىپ يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ ... . . . !
    ohxax.cn
    ﺟﯩﻤﻰ ﮬﻪﻣﺪﯗ ﺳﺎﻧﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ ،ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰ ﺳﺎﯕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺪﯨﻨﻼ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ . (ﺋﺎﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ) \

    http://www.Qimbulak.comچىمبۇلاق تورى

    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-29 22:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
    ELSHER
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 3
    يازما سانى: 1087
    شۆھرەت: 1211 نۇمۇر
    پۇل: 8272 سوم
    تۆھپە: 47 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:534(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-05-29
    ئاخىرقى:2008-03-14

    چىرايلىقنىڭ ھالى ، سەتنىڭ دەردى ، ھەي يەنىلا كۆڭۇل چۇشكەن بەك يامان ....؟؟؟
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
                                                                         
    مۇسۇلمانلارنىڭ پىداكارلىقىغا ھازىرقى زامان ئېلغار پەن _تېخنىكا   بىرلەشسە مۇسۇلمەنلاردىكى پىداكارلىق ئاندىن ۋايىغا يىتىدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-29 23:00 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
    gadankax

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 218
    شۆھرەت: 229 نۇمۇر
    پۇل: 2160 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:139(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-16
    ئاخىرقى:2008-03-12

    parwin ئەپەندى چىرايلىق خوتۇن ئىلىش ئىسلام دىنىدا سۇننەت جۇمۇ.(بىر موللامدىن شۇنداق ئاڭلىغىنىم ئىسىمدە)
      ھەي! <<سەتنىڭ ھالى چىرايلىقنىڭ دەردى>> دەپ بىكار ئېيتمىغان كونىلار.
      بۇندىن كىيىنمۇ يەنە مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز بىلەن تەمىنلەپ تۇرغايسىز.

                                                         
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-29 23:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
    sabiha
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

    مەزھەپ:bbs.xabnam bbs.xabnam
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 585
    شۆھرەت: 670 نۇمۇر
    پۇل: 5881 سوم
    تۆھپە: 43 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:238(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-02-19
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارنى بىر قامچىلاش بولۇپ قالغۇسى .
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    كۈلۇپ ياشايمەن,
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-29 23:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
    AMALYOH-MA

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 26
    شۆھرەت: 27 نۇمۇر
    پۇل: 260 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-07
    ئاخىرقى:2008-01-29

    ياخشى يىزىلغان ھىكايە ئىكەن . لىكىن كىم قاراپ تۇرۇپ سەت خوتۇن ئېلىشنى خالايدۇ دەيسىز . بىر يوتقانغا كىرىپ قالسىمۇ قورقۇپ ئوغلىماي تۇرۇپ قار بېسىپ قالار ئادەمنى .
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-29 23:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
    qinmodan
    ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى

    مەزھەپ:چىن مودەن چىن مودەن
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1042
    شۆھرەت: 1106 نۇمۇر
    پۇل: 9541 سوم
    تۆھپە: 98 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1072(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-09-01
    ئاخىرقى:2008-03-13

    رىئاللىقتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنى يۇمۇرىستىك تىللار بىلەن يورۇتۇپ بېرىپسىز.«توڭگۈز بازىرىدىكى لەتىپە»نىڭ داۋامىنى داۋاملىق دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا تەقدىم قىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىش بىلەن بىرگە ئىجادىيىتىڭىزگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-29 23:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
    KAPIYA
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    مەزھەپ:شەبنەم مۇنبىرى شەبنەم مۇنبىرى
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تېما چولپىنى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1226
    شۆھرەت: 1257 نۇمۇر
    پۇل: 13449 سوم
    تۆھپە: 14 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:274(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-09
    ئاخىرقى:2008-03-13

    ياخشى يېزىلغەن ئەسەركەن! نادىر تېما بۇلۇپ قالغۇسى
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-29 23:23 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
    musallas
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1314
    شۆھرەت: 1654 نۇمۇر
    پۇل: 6980 سوم
    تۆھپە: 39 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1211(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-07-24
    ئاخىرقى:2008-03-13

    بۇ ھىكايە ماڭا تۇلىمۇ   ياقتى ، تىلى ساپ خەلىق تىلى ، ھەم چۇچۇك ھەم تاتلىق ....مەزمۇن قۇرۇلمىسى بەكلا پۇختا ،...ئادەم ئۇقۇسا ، داۋامىدىن يەنە نىمە چىقار .....دىگەن تەسىراتقا كالتۇرۇپ قۇيۇدىكەن ........ شۇنداق ئويلاپ .ۇقۇۋاتسام تۇگەپ كىتىپتۇ ...... ئۇقمايلا قاپتىمەن ....داۋامى باردۇ ..... بولمىسا 10 نۇمۇرلۇق تۆھپىنى ئېلىۋالىمەن جۇمۇ ........

    قەلىمىڭىز بەركەت تاپسۇن دوستۇم ..... سىزدىن ئۇچۇق ، بىر ئۆزگىچە   تەپەككۇرنى كورگەندەك بولدۇم ........
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-29 23:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
    yany1975

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 10
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    پۇل: 100 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:39(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-09
    ئاخىرقى:2008-03-08

    ئاللا« ئىنساننى چىرايلىق قىلىپ ياراتتىم» دىدى قۇرئاندا.
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-30 01:37 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
    marhaba1026

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 16
    شۆھرەت: 17 نۇمۇر
    پۇل: 15 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:98(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-07
    ئاخىرقى:2008-02-25

    Quote:
    بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى ئۇيغۇرا نىڭ 2008-01-29 22:44 دە يوللىغان يازمىسى“”:
    ئەپەندىم بۇنداق دېگەن بىلەن....سەت خۇتۇنغا كۆڭۈل تارتماي قالسا قانداق قىلىمىز؟!

    ئۇنداق دەپ كەتمەڭ~سەتلەرمۇ ئادەمغۇ؟؟؟ھەممدىن مۇھىمى پەزىلەت~~~~~
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-30 02:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
    zultumar1

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 225
    شۆھرەت: 266 نۇمۇر
    پۇل: 2040 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:60(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-21
    ئاخىرقى:2008-03-11

    بەكلا ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن.ئادەمنىڭ ئوقۇغانسىرى ئوقۇغىسى كىلىدىكەن.يەنىمۇ كۆپ ،ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرشىڭىزگە تىلەكداشمەن.


    ئۈرۈك چىچىكى باغدا،
    شاپتۇل چىچىكى سايدا.
    خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال،
    گىرىم پۇلىغا پايدا.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-30 11:15 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
    layli0317
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    مەزھەپ:توغراق قىزى توغراق قىزى
    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 620
    شۆھرەت: 736 نۇمۇر
    پۇل: 6220 سوم
    تۆھپە: 130 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:656(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-03
    ئاخىرقى:2008-03-14

    خۇتۇن ئالساڭ سەتنى ئال،
    چىرايلىقى جانغا ئوق.
    ئۆتەر كۈنۈڭ خاتىرجەم،
    سۇ ئىچسەڭمۇ كۆڭلۈڭ توق.



    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم پەرۋىن،ۋەھشي يازىدىغان بوپ كىتىۋاتىسىز جۇمۇ مۇشۇ كۈنلەردە. ئەمما مۇشۇنداق يېزىۋەرسىڭىز مۇنبەردىكى چىرايلىق قىزلار سىزنىڭ كۆرگۈلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ قويمىسۇن جۇما پەخەس بولۇڭ!
     
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-30 11:30 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
    parwin
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 5
    يازما سانى: 712
    شۆھرەت: 898 نۇمۇر
    پۇل: 6085 سوم
    تۆھپە: 147 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:518(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-15
    ئاخىرقى:2008-03-14

    Quote:
    بۇ مەزمون 13 جى قەۋەتتىكى layli0317 نىڭ 2008-01-30 11:30 دە يوللىغان يازمىسى“”:
    خۇتۇن ئالساڭ سەتنى ئال،
    چىرايلىقى جانغا ئوق.
    ئۆتەر كۈنۈڭ خاتىرجەم،
    سۇ ئىچسەڭمۇ كۆڭلۈڭ توق.


    .......

    پەرۋىن دەپ ئېتىم قالدى.
    شەبنەمدە خېتىم قالدى.
    خېتىمنى ئۇقۇپ باقساڭ،
    بىر قىزدا جېنىم قالدى.
    مەڭگۈ ياشايدىغاندەك تىرىكچىلىك قىل،ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-30 11:39 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )


     

    Time now is:03-14 13:33, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation