>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى -> تۇڭگۇز بازىرىدىكى لەتىپە-2<پەرۋىن>

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 464 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : تۇڭگۇز بازىرىدىكى لەتىپە-2<پەرۋىن> IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
parwin
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 527
شۆھرەت: 708 نۇمۇر
پۇل: 4195 سوم
تۆھپە: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:372(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
تۇڭگۇز بازىرىدىكى لەتىپە-2<پەرۋىن>

تۇڭگۇز بازىرىدىكى لەتىپە-2


تۆت پۇت


پەرۋىن

چوققا بېشىغا بىردىن ئىچمىسە ھاڭگىرمايدىغان بۇ قاۋانلار ،ئۆزىنى،يەنە تۇڭگۇز بازىرىدىكى مارى مەرگەننىڭ تۇڭگۇز قوتىنىدەك ئايرىمخانىسى بار قىزىل مىلەڭزىلىك<مەرتلەر ئارامگاھىدا >كۈرۈشتى.
<مەرتلەر ئارامگاھىنىڭ>خوجايىنى مارى مەرگەن،بىر كۆزى سەل كىچىك ،بويى شۇنداق ئىگىز،بەستى شۇنداق سىمىز چوكانكى،مەنە مەن دەيدىغان ئەرنى بېسىۋالسا قوپالمايتى.ئىگىزلىگى،سىمىزلىگى،قىسماقلىغىغا نىمىمۇ دەي،قايسى زابوي قويدى مەرگەن دىگەن لەقەمنى،گاھىدا لەقىمى ئالمىشىپ مارى<رامبو>بوپ قالىدۇ تېغى.دۇتتارغا شۇنداق ئۇستا بۇ كاساپەت،دۇتتارنى سايراتسا ئىڭەك تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالىسەن.ئالتە سورۇننىڭ ھارىغىنى ئىچىپ،سەككىز مەستنى پالازنى چۆرۈگەندەك سىرتقا چۆرۈپ تاشلاپ كۆك چاي ئىچكەندەك بويىغا ياراشمىغان يالغان كۈلكىسى بىلەن دۇتتارنىڭ قۇلۇغىنى بۇراپ ناخشىسىنى باشلايدۇ.قىرقىپ قويغاندەك كىچىك-كىچىل قىزلار،ئۇ ئايرىمخانىدىن ،بۇ ئايرىمخانىغا قوغۇنلۇقنىڭ يولىدا ماڭغاندەك كاسسىسىنى تولغاپ قاتراپلا يۈرۈيدۇ.پۇلۇڭ بولسا يېنىڭدا،بولمىسا،ھۆشۈيۈپ ئاچچىق ھاراقتا ئۆزەڭنى بەزلەيدىغان گەپ.
_ماڭا ھاراق ئېپ بەرمەمسەن ئوسمانجان.
تال چىۋىقتەك بۇ تومۇچۇق ئۈسۈپ كىرىپ،ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغاندەك ئوسمان توڭنىڭ يوتىسىغا ئۆزىنى تاشلىدى.
_ھەي،ھەي... _ئوسمان توڭ دوستلىرىدىن خىجىل بولدىمۇ قانداق،بۇ تۇمۇچۇق قىزنى چوجىنى قاماللىغان بۈركۈتتەك،ئىككى قولى بىلەن بىلىگىدىن قامانلاپ كوتۈرۈپ يانغا ئالدى،ھەم ساغرىسىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ_قارا بىزگە،ئۆزەڭگە،ھاڭگا قانچە،چىشىچۇ،تۆتىمىزگە تېتىيمەن دەمسىيا،ئۇبۇل تەلەپ مۇئاش ئالدى،سەندەك چىرايلىق دوستلىرىڭ بارغۇ ،ھىلىقى كۈنى ئولتۇرغان،كىمتى...ھە،ئاسىي دەمسەن،دىلبەر دەمسەن،ھېبىش دەمسەن،پاتە دەمسەن،ھەممىسىنى چاقىر،بۈگۈن تۈزۈكلا سۇرۇن تۈزەيمىز.دىدى.
كۈندە ئاز دىگەندە ئۈچ قىزغا تەلەپ قويىدىغان،ئۇبۇل تەلەپمۇ ئوسمان توڭنىڭ دېپىنى چالدى.
_تۆتىمىز ساڭا قاراپ ئولتۇرسۇن دەمسەن. چاقىرە پۇل مەندىن.
_تۆت بوپ كىرسەك ئەدەپ دەپلا قاچالا
_قېچىپ كەتسەم ئۆزەمنى تاشلاپ قۇيۇپ قاچىمەن-دە،ھا...ھا...
ئايرىمخانىدا قەشقەر مەھەللىسىنىڭ بۇ تۆت قاۋىنى بىلەن ئاسماندىن چۈشكەندەك پەيدا بولغان تۆت تۇمۇچۇق قىز ،ئاچ قالغان چۆجىدەك چوقۇرشۇپ قاۋاقنى بېشىغا كەيدى.
يېقىملىق يانفۇن مۇزىكىسىنىڭ سايرىشى سۇرۇننىڭ قىيا-چىياسىغا سوغاق سۇ سەپتى ئوسمان توڭ   يانفۇنىغا قاراپ گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى ھەم كۆزىنى مايمۇندەك ئۆينۇتۇپ ،كوپچىلىككە مۇراجەت قىلدى.
_خوپشۈك... خەپشۈك،بارات تايلاڭدىن كېپتۇ،ئالدىم-ھە_ ئوسمان توڭ ئۆزىنى توختۇتۇپ يانفۇننى ئالدى._باراتما؟ نەدە، مىنى دەمسەن،تۆت پەرى بىلەن سىنىڭ ئۆيىڭگە بارىلى دەپ تۇرغان،ئۇبۇل تەلەپ،موسا داڭگالمۇ بار،ھىلىقى بەش يۈز يۇئەن يادىڭدىن چىقىپ كەتمىگەندۇر-ھە،ئاشكارلاپ قويايمۇ -يا،ھا،ھا...،بىز ھازىر سەككىز،تۆتى ھاڭگا،تۆتى چىشى،ساڭا بىرنى تېپىپ-ھە،ھە،...چاتاق يوق،چاندۇرۇپ يۈرمە-ھە بىزنى،بولمىسا ئاشكارلاپ تشلايمەن جۇمۇ.
بارات تايلاڭنىڭ تېلىفۇنى قەشقەر مەلىسىنىڭ بۇ نوچىلىرىنى ئۆزىدىن بەكلە كىچىك قىزلارغا يالۋۇرۇشقا سەۋەپ بولدى.ئۇنى دەپ،بۇنى دەپ،ھەر بىرسىگە 50 كوي پۇل بېرىدىغان بۇلۇشۇپ،مىڭ تەستە قىزلارنى بارات تايلاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا ماقۇل قىلدى.گەپ ئەمدى مارى مارگەندە قالغان ئىدى.ئۇنىڭ ماقۇللىغى بولمىسا بۇ قىزلار بۇ قاۋاقتىن بىر قەدەم نېرىغا چىقالمايتى.مارى مەرگەنمۇ 50 كوي پۇل لىپتىگىگە تىقىلغاندا،ئىككى سائەت ئىچىدە قىزلارنى ئەكىلىپ قويدىغان بۇلۇشۇپ كېلىشتى.
ئافرىل ئېيى.ئاچچىق-ئاچچىق تىترىتىدىغان كۈنلەر كەتسىمۇ ،ھاۋا خېلىلا سوغاق ئىدى.
<ھىم>بىلەن خوتۇنىدىن ئايرىلىپ قالغان بارات تايلاڭ،گىرادۇسى خېلىلا تەڭشەلگەن بۇ ئاغىنىلىرىنى ھەم قىزلارنى ئۆيىگە باشلىدى.سىر ئاشكارلىنىپ قېلىشتىن قورقتىمۇ،سۇرۇننى خېلىلا ھاشامەتلىك تەييارلىغان ئىدى.ئوسمان توڭ بېلىق كۆزى قۇيۇلغان قەدەھنى قولىغا ئېلىپ ،بارات تايلاڭنى قىزلارغا تونۇشتۇردى:
_ھە،خان قىزلار . بۇياق باراتجان بولىدۇ.سىلىدەك بويتاق،ئۈچ كغن ئاۋال 20 مىڭ كويغا بىر ئىت ساتقان نوچى.كۈلمەڭلەر،بۇ راست گەپ.تېغى يىگىرمە كۈن بولغان كۇچۇكنىمۇ 2000كويغا بەرمىدى.ئۆزى سەت بولسىمۇ پۇلدار گاڭلەش بۇ.-ئوسمان توڭ قاقاقلاپ بىر كۈلۈۋېتىپ سوزىنى يەنە داۋام قىلدى._بۇياققا قارا،بۇ دىلبەر،بۇ ھېبىبە،بۇ ،بۇ پاتىمە،بۇ ئاسىگۈل، بۇ زوھرا جانىم سەن ئۈچۈن زاكاس قىلغان-ھە.
سورۇن داۋام قىلماقتا ئىدى.كەچلىك تاماقنى يىمەي كەلگەن بۇ ئاچ قوساق مىھمانلار ،بىرە سائەت ئوتمەي شىرەگە تىزىلغان تەخسىلەرنى قۇپ-قۇرۇق قىلىپ تاشلىدى.ھاراق ئەمدى قىز-يىگىت دىمەي نوۋىتى بويىچە ئايلانماقتا ئىدى.سەزگۈر تايلاڭ بىر ئىشارىت بىلەن توڭنى سىرتقا چاقىردى.
_ئاداش ،مەن بېرىپلا زاكوشكا ئەكىرەي،سەن قىزلارنى تۇتۇپ تۇر.قىزلار قانچە جىق ئىچسە شۇنچە ياخشى،قىزلارنى قاچۇرۇپ قويساڭ سەندىن ھىساپ ئالىمەن جۇمۇ.
بارات كۆزىنى ئۆينۇتۇپ توڭغا بىر ھازا كاپشىپ دەلدەڭشىگەن پېتى موتوسىكىلىتنى ئوت ئالدۇرۇپ تۈن قوينىغا غايىپ بولدى.
سورۇن قىيا-چىيا بىلەن داۋام قىلماقتا ئىدى.بىر چاغدا ئەدەپ دەپ چىقىپ كەتكەن ئۇبۇل تەلەپ،بىر سېۋەت گوشنى كوتۇرۈپ،ھىجايخان پېتى پەيدا بولدى.
_كۆردۈڭمۇ توڭ،ما گوشنى،ھا...ھە...،
ئۇبۇل تەلەپ بىر تەرەپتىن كۈلۈپ بىر تەرەپتىن سېۋەتتىكى گوشنى كوپچىلىككە كورسەتتى ھەم سوزلەپلا كەتتى:
_يامان تايلاڭ جۇمۇ ئۇ،زاكوشكا ئەكىرىي دەپ يۇقاپ كەتكىنىگە بىر سائەتتىن ئاشتى.بىر سېۋەت گوشنى بىزدىن يۇشۇرۇپ،ھەي،تايلاڭ،ھەي تايلاڭ.
ئىككى ياشلىق بالىنىڭ شاپىلىغىدەك كىچىك-كىچىك توغرالغان گوش سېۋەتتە بېزىرىپ تۇراتتى.
سورۇندىكىلەر گوشنى كۈرۈپ،قېنىغا-قان،جېنىغا -جان قۇشۇلدى.خام يېۋەتەي دىسە ئەسلى.ھەش-پەش دىگۈچە گوش قازانغىمۇ كىرىپ يېرىم-ياتا پىشىپ ،ئاچ پاقىدەك بۇلۇشۇپ كەتكەن سورۇن ئەھلىنىڭ ئاشقازىنىغىمۇ كىرىپ بولدى.
بارات تايلاڭ يەردىن ئۈنگەندەك تۇيۇقسىز پەيدا بولدى.ئۇ دىر-دىر تىترەپ تۇراتتى.
يولدا بۇ جىن ئالغۇر بۇزۇلۇپ قېلىپ..-باراتنىڭ ئاغزى گەپكىمۇ كەلمەيتى._مىڭ تەسەت ئوت ئالدۇرۇپ كەلدىم.
باراتنىڭ بۇ تۇرقىقا سورۇن ئەھلى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
_مۇنداق دە، _دىدى ئوسمان تاماكىسىنى قاتتىق بىر شۆراپ ،_سەن بولمىساڭمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغاندەك،گوش-پۆش يەپ...
_نىمە گوش؟.
بارات ئوسماننىڭ سوزىنى بۈلۈۋەتتى.
_نىمە گوش بولاتتى،سەن تىقىپ قويغان گوش بولمامدۇ؟
مەن نەدە گوش تىقىپ قويغان؟
_چاقچاق دىگەنگە بەك ئۇستا جۇمۇ سەن تايلاڭ.
سورۇندىكىلەر تايلاڭنى مەسغىرە قىلىپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
سېۋەتتىكى گوش بولمامدۇ،تايلاڭ قارى،_دىدى ئۇبۇلمۇ سوز قىستۇرۇپ
بۇ...بۇ...،نىمە ئىش بوپ كەتتى ئەمدى.
بارات تايلاڭ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي ئۆز -ئۆزىگە پىچىرلىدى.
_نىمە ؟،نىمە؟، باراتجان.
_تۇققانلىرىم ،بۇ گوشنى يىگۈلى بولمايتى ،نىمە ئىش بۇ ھە،ئاپلا ،قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى.
سورۇندا باراتتىن باشقىلار ئاساسەن دىگۈدەك مەست بوپ كەتكەن ئىدى.باراتنىڭ ئاغزىدىن مۇنۇ سوزنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى ئۇبۇلدىن باشقىلار سېزەلمىدى.
_نىمە بولاتتى،ئۇ دىگەن ئىشەك گوشى.كۇچۇك يەيدىغان.
...   ...
كىم دىدى،نەدىن تارقىدى،ئەتىسىلا ئوسمان توڭنىڭ< توڭ >لەقىمى،ئۇبۇل تەلەپنىڭ< تەلەپ >لەقىمى،موسا داڭگالنىڭ <داڭگال>لەقىمى،كېرەم سېتەڭنىڭ <سېتەڭ> لەقىمى تۆت پۇتقا ئۆزگۈرۈپ قالدى.ئوسمان تۆت پۇتنىڭ ئايالىمۇ بۇ ئاھانەتكە چىدىماي<ئېشەك گوشى يىگەن ئادەم بىلەن بىر ئۆيدە تۇرمايمەن>دەپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلىققا كەتكەن پېتى كەلمىدى .[/color
]
< تىمىلىرىمنى باشقا مۇنبەرگە رۇقسىتىمسىز يوللىماڭ>

تۇڭگۇز بازىرىدىكى لەتىپىنىڭ1-قىسمىنى كورمەكچى بولسىڭىز،قېنى مەرھەمەت:./read.php?tid-29083.html


Nurluk elani

مەڭگۈ ياشايدىغاندەك تىرىكچىلىك قىل،ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل.
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 18:55 چوققىغا قايتىش
kurxat

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 189
شۆھرەت: 205 نۇمۇر
پۇل: 1890 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:155(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


پاھ، قالتىس يېزىپسىز! ھەم يۇمۇرلۇق، ھەم مەزمۇنلۇق. مانا مۇشۇنداق ھىكايە ئادەمنىڭ ھارغان يېرىدىن چىقىدۇ، سىزگە كۆپ رەھمەت.

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 19:16 چوققىغا قايتىش
Ark-zat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 6
يازما سانى: 3599
شۆھرەت: 3806 نۇمۇر
پۇل: 19360 سوم
تۆھپە: 247 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:390(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھا...ھا...ھا... بەك قاملىشىپتۇ،بەك قاملىشىپتۇ.مەن تەپسىلى ئوقۇدۇم.ئالدىنقى قېتىم سىز ماڭا مۇشۇنداق لەتىپە يېزىشتىن ئالدىن بىشارەت بەرگەندە مەن بەك خۇشال بولغان ئىدىم .تېزراق پۈتۈپ چىقىشىنى ئۆمۈد قىلغان ئىدىم .مانا بۈگۈن 2- لەتىپىنى كۆرۈپ يەنە بىر ھاردۇقۇم چىقتى.«مەمتىمىز ھۇشۇر»نىڭ ھېكايىلىرىنىڭ پۇرىقى بەكلا كۈچلۈك.جەمىيەتتىكى قىسمەن شۇنداق ناشايان ئىشلارنى كۈلكىلىك ئۇسۇل بىلەن تولۇق ئېچىپ تاشلاپسىز.كىيىنكى قىسىملىرىنى كۆرۈشكە تەشنا بىز ئەپەندىم.تېزراق پىششىقلاپ يوللىۋېتەرسىز.

Nurluk elani

شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 19:17 چوققىغا قايتىش
بۆرە
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 332
شۆھرەت: 335 نۇمۇر
پۇل: 3310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:100(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئالامەت پەچەت يېزىپسىز! ھارمىغايسىز!رەھمەت لەتىپىنىڭ قالغان قىسىملىرىنىمۇ تېزراق چىقارغان بولسىڭىز

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 19:20 چوققىغا قايتىش
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 263
شۆھرەت: 264 نۇمۇر
پۇل: 2630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:82(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ناھايتى ياخشى يېزىپسىز! سىز ئادەتتىمۇ يۇمۇرىستىكمۇ نىمە؟ ئەسەرلىرىڭىزدىن شۇنداق پۇراق چىقىپ تۇرىدىكەن .

Nurluk elani

پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس.
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 20:09 چوققىغا قايتىش
arkinomar
يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1364
شۆھرەت: 1365 نۇمۇر
پۇل: 13640 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:334(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بەك ياخشى يىزىلىپتۇ. بۇ ھېكايىنىڭ داۋامى باردەكلا قىلىدۇ . ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەتلەر يار بولغاي.

ulinix
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 21:53 چوققىغا قايتىش
ZIYARATQI
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 645
شۆھرەت: 646 نۇمۇر
پۇل: 6300 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:292(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


لەتىپىللىرىڭىز بەرىكە تاپقاي . تىلى بەك يۇمۇرۇستىك چىقىپتۇ . مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ھىكايىللىرىنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىكەن . بولسا داۋامىنى ....ھە ؟ قىززىق - قىززىق لەتىپىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن .

ulinix

 
مۇڭداشقۇ نومۇرۇم   136784735
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 22:10 چوققىغا قايتىش
Qinakidam

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 195
شۆھرەت: 196 نۇمۇر
پۇل: 1950 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:15(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 2 جى قەۋەتتىكى Ark-zat نىڭ 2007-11-04 19:17 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ھا...ھا...ھا... بەك قاملىشىپتۇ،بەك قاملىشىپتۇ.مەن تەپسىلى ئوقۇدۇم.ئالدىنقى قېتىم سىز ماڭا مۇشۇنداق لەتىپە يېزىشتىن ئالدىن بىشارەت بەرگەندە مەن بەك خۇشال بولغان ئىدىم .تېزراق پۈتۈپ چىقىشىنى ئۆمۈد قىلغان ئىدىم .مانا بۈگۈن 2- لەتىپىنى كۆرۈپ يەنە بىر ھاردۇقۇم چىقتى.«مەمتىمىز ھۇشۇر»نىڭ ھېكايىلىرىنىڭ پۇرىقى بەكلا كۈچلۈك.جەمىيەتتىكى قىسمەن شۇنداق ناشايان ئىشلارنى كۈلكىلىك ئۇسۇل بىلەن تولۇق ئېچىپ تاشلاپسىز.كىيىنكى قىسىملىرىنى كۆرۈشكە تەشنا بىز ئەپەندىم.تېزراق پىششىقلاپ يوللىۋېتەرسىز.


  ئەرك-زات ئاكا~~
ما ئىملاغا دىققەت قىلىلى دەيمەن~~~~~~~~<مەمتىمىز ھوشۇر> ئەمەس <مەمتىمىن ھوشۇر> مانداق~~~~~~

  چاقچاق ئارلاش يېزىپ قويدۇم~~~~خاپا بولۇپ كەتمەڭ جۇمۇ..............


Nurluk elani

ساناەت ۋە سەنئەت
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 22:41 چوققىغا قايتىش
zulpkar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 53
شۆھرەت: 54 نۇمۇر
پۇل: 530 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:7(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نىمە دەيدۇ ،مائەلەس           چاخچاق ھە       باللار،

Nurluk elani
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-05 04:25 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-05 09:49, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije