Quote:
بۇ مەزمون 10 جى قەۋەتتىكى izora نىڭ 2008-01-26 14:08 دە يوللىغان يازمىسى“”:
مەن بۇ مۇنبەرگە تىما يوللىسام يا تەستىقلانمايدۇ. ياكى ئۆچۈرۈۋىتىلىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبىنى چۇشەندۈرۇپ قويساڭلار.مەن پەقەت چۈشەنمىدىم.ئىنكاس قايتۇرسام تىخى ئۆچۈرۇۋىتىسىلەر
مىنىڭ يوللىغان تىمام ئىنكاسلىرىم كىمنىڭ نەرىگە پۇتلىشىپتۇ؟....ھە.......؟
مەن قايسى كۈنى بىر تىما كۆچۇرۇپ قويسام باشقۇرغۇچى كونا تىمىكەن .... يوللىنىپ بولغان تىمىكەن .دەپسىز كونا بولسا نىمە بوپتۇ . ھەممە ئادەم سىزدەك بىلملىكمۇ؟
مەن يوللىغان <<كۆچۈرگەن>>تىما شۇندا ق ئەھمىيەتسىزمۇ؟
ياكى ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ سىياسىتىگە تاقىشىپتىمۇ؟باشقامۇنبەردىكىسى نىمىشقا تاقاشمايدۇ؟
.......
كەچۈرۈڭ ئىزورا خانقىز ، شەبنەمدە تېمىلارنىڭ تەستىقلىنىش پىرىنسىپى مانا مۇنداق :
مەزكۇر تېما چوقۇم يوللىغۇچى ئۆزىنىڭ ئەمگىكى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن بولىشى كېرەك.
باشقا مۇنبەردىن كۆچۈرۈلگەن ( بىر قىسىم ئەھمىيەتى چوڭ تېمىلارنىڭ ئۇنىڭ سىرتىدا )
تېمىلارنىڭ مەنبەسىنى ۋە ئەسلى يوللىغۇچىسىنى چوقۇم ئەسكەرتىپ قويغاندا ئاندىن تەستىقلىنىدۇ . ئەسكەرتمىگەنلىرى بىردەك ئۆچۈرىلىدۇ. مەنبەسىنى ئەسكەرتمەي باشقا مۇنبەردىن تېما كۆچۈرۈپ يوللىغانلار يەنە تەكرار ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ يۈرسە ئۇ ئەزانىڭ يېزىشى چەكلىنىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە تاقىشىدىغان تېمىلار ھەرگىز تەستىقلانمايدۇ.
يەنە تېمىڭىزنىڭ تەستىقلانماسلىق سەۋەبىنىڭ يوق بولۇپ قالغانلىقىغا كەلسەك ، شەبنەمدە بىر قىسىم كونا ، قابىل باشقۇرغۇچىلار تېمىلارنىڭ تەستىقلانماسلىق سەۋەبىنى قىسقا ئۇچۇردا تېما يوللىغۇچىغا ئەسكەرتىپ قويىدۇ . شەخسەن مەنمۇ يېڭى ئەزا ۋاقتىمدا بەزى باشقۇرغۇچىلار شۇنداق قىلاتتى. ئەمما بۇنى ھەممە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قىلىپ كىتىشى ناتايىن . بىر قىسىم ھورۇنراق باشقۇرغۇچىلار كۆزىنى يۇمۇپلا تەستىقلايدۇ ھەم ئۆچىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىش قىلمايدۇ.
سىز يوللىغان تېما قانداق تېما ئىدى ؟ تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.
يەنە شەبنەم مۇنبىرىلا ئەمەس ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئارىسىدىكى پۈتكۈل مۇنبەرلەرگە كىرىپ بېقىڭ تەكرار يوللانغان تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ. باشقۇرغۇچى تەكرار يوللانغانلىقىنى بىلمەي قېلىپ بىخەستىلىك قىلىپ تەستىقلانمىسىلا ھەرگىز تەستىقلانمايدۇ.
ئەگەر «باشقىلار تەكرار تېما يوللىسا بولىدىكەن ، ئەخلەت تېما يوللىسىلا بولىدىكەن ، مەن يوللىسام نىمىشقا بولمايدىكەن؟ » دەپ قارىسىڭىز ، سۆزىڭىزنى پاكىت ئارقىلىق قىلىڭ .
شەبنەم مۇنبىرىدە قايسى تېمىلار تەكرار بولسا باشقۇرغۇچىلار خەۋەر قىلىپ قويسىڭىز ئۇلار ئۆچۈرۋىتىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتسام ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە تۈزۈم ئوخشاش ، شەبنەم مۇنبىرىنىڭ تۈزۈمى باشقىچە «ئالاھىدە » ئەمەس.
كەچۈرۈڭ ! مەندەك بىر ئادەتتىكى ئەزانىڭ بۇ گەپلەرنى قىلىشقا سالاھىيىتى توشمىسىمۇ سۆزلەپ قويدۇم . يەنە بىلمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا دىسىڭىز بولىدۇ.