سىز بۇ تېمىنىڭ 698ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
 
arteken
ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى

مەزھەپ:تەۋپىق ئىزچىسى تەۋپىق ئىزچىسى
بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 1260
شۆھرەت: 1340 نۇمۇر
پۇل: 12660 سوم
تۆھپە: 196 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:478(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-31
ئاخىرقى:2008-03-11

<< نۇزۇگۇم>>نىڭ يىڭى داستانى

بۇ تىمىنى matimatika چوققىدىن قالدۇردى(2008-03-12)



بىزنىڭ پەخىرلىك قىزىمىز ،نۇزۇگۇم توغرىسىدا ،دوسلۇرۇم بىلەن ئازراق ھال مۇڭ بولغۇم بار . نۇزۇگۇمسىراپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، مەن نۇزۇگۇم روھى ئۈستىدە تېخمۇ چوڭقۇر ئويلنىپ قېلىۋاتىمەن .شۇڭا بۇ داستاننى بىر ھەۋەسكار بولساممۇ ، يىزىپ چىقتىم .

<< نۇزۇگۇم>>نىڭ يىڭى داستانى

چولپان گۇلۇم چولپانگۇل ،
ساچى سۇمبۇل ئويناقگۇل .
كۇلسە جاھان ھەيرانە ...
بىھىش گۇلى نۇزۇگۇم .

***   ***   ***   ***   ***
ھايات قىممەت ھەر كىشىگە ئەزەلدىن ،
ھايات ئۇچۇن تائام يىگەن ئەزەلدىن .
ھايات ئۇچۇن كۇرەش قىلغان بىر ئۆمۇر
ھايات ئۇچۇن ياشمۇ تۆككەن بەزىدە
بىراق ...
پاكلىق ئۇچۇن جاننى بەرگەن قانچىلىك ؟
ئىپپەت ئۇچۇن جاننى بەرگەن قانچىلىك ؟
پاكلىغىنىڭ ھۇزۇرىدا مەڭگۇلۇك ...
كۇلەلىگەن بار ئاۋازدا قانچىلىك ....
پاكلىق بىلەن قەدرى بولار ئىنساننىڭ
پاكلىق بىلەن دۇنيا گۇزەل بىلگەنگە
پاكلىق دۇنيا ئۇزىكىنىڭ كۆزىدۇر .
كۆز يوقالسا نىمە قىممەت ئۇزۇكتە ......

1

زۇلمەت باسقان قارا تۇن ،
زىمىن مالەم كۇلپەت كۇن .
راھەت پەقەت قەلىبتە
تەننى جاپا باسقان كۇن .
سەن تۇغۇلدۇڭ سەھەردە
چولپان كۇلگەن جەننەت كۇن
شۇڭا ساڭا ئات بولدى
خۇما كۆزلۇك چولپان گۇل
چولپان چولپان شوخ چولپان
ئائىلىگە نۇر چولپان
سەن بار ئاناڭ توق بولدى
سەن بار ئاتاڭ زور بولدى ...
مەھەللىدە شۇخ قىز بوپ
دوستۇڭ بەك كۆپ خىل بولدى ...

2

كۇنلەر ئۆتتە شۇڭ سۇندى
كۇنلەر ئۆتتى شاخ سۇندى
كۇلپەت يۇتتى ئۆيلەرنى
[كۇلپەت يۇتتى ۋەتەننى
دولقۇنلىدى شۇخ يۇرەك
تىنىم تاپماس ياش يۇرەك
جەڭدە بەردەس ئەر بولدى
نازۇك دىگەن قۇلىدا
قىلىچ تۇتتى ئەر بولدى ...
مۆككەن ئەرلەر خار بولدى
<قىزچاق > دىگەن مات بولدى
بالام دىگەن جۇپ يۇرەك
<ئوغول > دىدى زور بولدى
ئەپسۇس ...
دۆشمەن يۇتتى دولقۇننى
ۋەيران ئەتتى ئەل - يۇرۇتنى
تۇتقۇن قىلدى ئەل دىگەن
غازى بولغان ئەرلەرنى
ھەمكار ئەتتى باش سىلاپ
مەن < ئەل > دىگەن مەلئۇننى

3

ئايلار ئۆتتى قۇزغۇن قاقىلداپ
سۇرگۇن يۇتتى قىرىنداشنى ...
يارەننى
قەبرىسىز قالدى گۇلدەك نۇر تەنلەر
ھالسىراتتى ھىجران دوستنى ،يارەننى
بىراق ....
ئوت ئۇچقۇنى يالقۇنلىدى ئۆچمىدى
مەدەت بولدى ئەل سۆيگۇسى يۇرەككە

4

گۇلدەك ئارمان چىچەكلىگەن يۇرەكنى
تىڭىپ ئاڭا ئەقىدىنى ، ئىشەنىچنى
ئەردەك ياشاپ ئۆتمەك ئىدى بىر يۇرەك
بۇ يۇرەكنىڭ ئاتى بىلگىن نۇزۇگۇم
نۇزۇگۇم يۇرۇت قىزى ، نۇر قىزى
تىك قىيادەك باش ئەگمىدى ئەزەلدىن
ئەلا بىلگەن پاكلىغىنى جىنىدىن
كىچەلىگەن...
دوس - يارەننىڭ ئوتتەك قىزغىن مىھرىدىن
دۇررى مارجان ئىسىل تائام نىمەتتىن
جاپاسى يوق ھالاۋەتلىك ھۆرمەتتىن
ئەلا بىلدى قۇمۇش بىلەن سىردىشىپ
بەكمۇ سوغۇق ئۆڭكۇرلەردە يىتىشتىن
ئەلا بىلدى ئەركە قۇشتەك شوخ سايراپ
سوغۇق سۇدا قۇرساق ئەملەپ يىتىشنى
كۇن نۇرىدا قىلىچ پارلاپ تۇرسىمۇ
دۆشمەن ياۋۇز ھىجايسىمۇ كۇلسىمۇ
ۋەدە بىرىپ ئۇنى ئالداپ تۇرسىمۇ
ئەلا بىلدى پاكلىقىنى قەدرىنى ....
كەچمىگەن ئۇ ، پەقەت بىرلا نەرسىدىن
ئەلا بىلىپ پاكلىغىنى جىنىدىن ...


5
كەتتى نازۇك بىراق نامى كەتمىدى
چۇنكى ئۇندا پاكلىق ئىزى بىسلغان
كەتتى نازۇك بىراق روھى كەتمىدى
چۇنكى ئۇندا ئۇيغۇر روھى ئىچلغان ...

2008-يىل16-يانۋار
شەھىرى غولجا
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:10(gul-zat)
  • تۆھپە:20(Ark-zat)
  • تۆھپە:10(layli0317)
  • تۆھپە:10(qinmodan)
  • تۆھپە:10(gul-sanam)
  • شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-16 14:48 | [باش تېما]
    arteken
    ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى

    مەزھەپ:تەۋپىق ئىزچىسى تەۋپىق ئىزچىسى
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 2
    يازما سانى: 1260
    شۆھرەت: 1340 نۇمۇر
    پۇل: 12660 سوم
    تۆھپە: 196 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:478(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-07-31
    ئاخىرقى:2008-03-11

    19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق خەلق قەھرىمانى ۋە شائىرە نۇزۇگۇمنىڭ ،خەلىقنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايى ئاپەتلەر ئۈستىدە تۇقۇغان نەزمىللىرىنىڭ مىڭدەن بىر قىسمى . ئۇ قەشقەردە تۇغۇلۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا ئەقىللىق، زىرەك، ئىرادىلىك قىز بولۇپ ئۆسىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە ئۇقۇمۇشلۇق ھەم بىلىملىك بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى، ئەخلاقىي پەزىلىتى ۋە ئەتراپلىق بىلىمى ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا «نازۇگۇم» دېگەن مۇھەببەتلىك نام بىلەن ئاتىلىدۇ. شائىر موللا بىلال موللا يۈسۈپ ئوغلى (نازىم) نازۇگۇم ھەققىدە : «... بۇ نازۇگۇم قىز موللا ئايال ئىدى، ئۆزى ئىلباغدەك ئۆڭلۈك، قارا كۆز، قارا قاش، نازۇك بەدەنلىك بولغان ئۈچۈن، قەشقەر خەلقى 'نازۇگۇم' دەپ ئات قويغان ئىدى.» نۇزۇگۇم ،ئوزنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ئارقىلىق بۇ نامنىڭ شەرىپىگە ئالتۇندەك ھاياتىنىڭ ،گۈل غۇنچىسى جەۋلان قىلىپ تۇرغان باش باھارىدا ،مەزگىلسىز سۇلغىچىلىكمۇ داغ تەككۈزمەيدۇ .جۇڭغار باسقۇنچىللىرى غالجىرلاشقان ئاشۇ چاغلاردا ،ئەجداتلارنىڭ قەھرىمانلىق پەزىلىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن نازۇگۇم ، ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ناخشا-قوشاقلىرى ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدۇ. نازۇگۇمنىڭ قوزغىلاڭغا مەردانىلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ئەرلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، جەڭ قىلىشى ھەرگىزمۇ تەسەددىپى بولماستىن ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مىسلىسىز زۇلۇمى، قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن جاق تويغان خەلق: «يە ئۆلۈم، يە كۆرۈم!» دەپ كۈرەشكە ئاتلانغاندا، خەلق بىلەن بىرگە ئازابلىق تەقدىرگە دۇچار بولغان شائىرەمىزمۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك يولىنى ئەنە شۇ خەلق سېپىدە كۆرگەن ئىدى.قۇرال كۈچى نىسبەتەن ئۈستۈن ئورۇندا بولغان چىڭ قوشۇنى بۇ قېتىمقى خەلق قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك ھالدا باستۇرغاندا، نازۇگۇم ئەسىرگە چۈشۈپ، ئونمىڭلىغان گۇناسىز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇ سۈرگۈن جەريانىدا باشقا تۇتقۇنلارغا ئوخشاش چېرىكلەرنىڭ قان تېمىپ تۇرغا قىلىچى ئاستىدا مىسلىسىز جەبر-زۇلۇم، ئادەم بالىسى كۆرمىگەن خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئاخىرى ئۆزى بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىنغان ئاكىسى ئابدۇللا خوجا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يۇلتۇزدىن غۇلجا تەرەپكە قاچىدۇ. نازۇگۇم قاچقاندىن كېيىن، بىرنەچچە كۈن قۇمۇشلۇقلاردا، ئورمانلاردا يوشۇرۇنۇپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. نازۇگۇم قېچىپ 12 كۈن بولغاندا يەنە چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن بىر سولۇن (داغۇر مىللىتىنىڭ شۇ چاغدىكى ئاتىلىشى - نازىمى) ئەمەلدارغا مەجبۇرى خوتۇنلۇققا بېرىلىدۇ. ئۆزىنىڭ مىللىي غورۇرى، پاك ۋىجدانى، ئىپپەت-نومۇسىنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن نازۇگۇم سولۇن ئەمەلدارىنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ قېچىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال چىڭ ئەمەلدارلىرىنى ساراسىمىگە سالىدۇ. نازۇگۇم شۇ قاچقانچە 6 ئاي ۋاقىت   قۇمۇشلۇق ئىچىدە ،پاناخلىندۇ .زالىملار ،جاڭگاللارنى كېچە-كۈندۈزلەپ ئاختۇرۇپ ئاخىرى نازۇگۇمنى تۇتىۋالىدۇ. ۋە پۇت-قوللىرىنى كىشەنلەپ زىندانغا تاشلايدۇ. نازۇگۇم تۈرمىدىمۇ قەھرىمان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باتۇرلۇق جاسارىتىنى ئىپادىلەپ، دۈشمەننىڭ تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلىرى ۋە ئۆلۈم خەۋپى ئالدىدا قىلچىمۇ تىز پۈكمەيدۇ. يەنىلا ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق قوشاقلىرى ئارقىلىق زالىملارنىڭ ۋەھشىلىكىنى غەزەپ بەلەن ئەيىپلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يىرگىنىچلىك ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. جاللاتلار قولىدىن قۇتۇلۇشقا، ئەركىنلىككە تەلپۈنىدۇ. بىراق شائىرەنىڭ بۇ ئارزۇسى ئارزۇ پېتىچە قالدى. دۈشمەن قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش نىسىپ بولمىدى. نازۇگۇم تۈرمىگە تاشلىنىپ بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، جاللاتلار تەرىپىدىن چېپىپ تاشلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئەرك سۆيەر جەڭچى، شائىرە ئەجداتلىرىمىزنىڭ دۈشمەننىڭ كىشەن-زەنجىرىلىرى، تۈرمە-زىندانلىرى ۋە قاتىللىق تىغلىرى ئالدىدىمۇ باش ئەگمەيدىغان شانلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، باتۇرلارچە ۋاپات بولىدۇ. مەردانە ۋە جەڭگىۋار ھاياتى ئارقىلىق خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك شائىرە نازۇگۇمنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قوشاقلىرى ئۇنىڭ كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن ياشلىق ئۆمرىنىڭ گۈزەل نەزمىي خاتىرىلىرى سۈپتىدە بىز بىلەن ساقلانماقتا ، نۇزۇگۇمنىڭ بۇ نەزمىللىرى ھەم كەچۈرمىشلىرى << ئۇيغۇر ئېغىز ئەدبىياتى قامۇس >>ىغا   كىرگۈزىلگەن بۇلۇپ ، ئۇنىڭ شېر نەزمىللىردىن ،نۇزۇگۇمنىڭ روھى دۇنياسىدىكى گۈزەللىكنى ،قەيسەرلىكنى ، ئوز ھەيا ،ئىپپەت نۇمۇسى ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىش روھىنى بۈگۈنكى دەۋىرىمىزدە ،سوزلىشىمىزگە سوغۇققانلىق بىلەن ئەسلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن .
    گۇل -سەنەمنىڭ < نۇزۇگۇمنى ئەسلەپ > دىگەن تىمىسىدىن
    ./read.php?tid-26161-keyword-%D9%86%DB%87%D8%B2%DB%87%DA%AF%DB%87%
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-16 14:50 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
    arteken
    ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى

    مەزھەپ:تەۋپىق ئىزچىسى تەۋپىق ئىزچىسى
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 2
    يازما سانى: 1260
    شۆھرەت: 1340 نۇمۇر
    پۇل: 12660 سوم
    تۆھپە: 196 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:478(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-07-31
    ئاخىرقى:2008-03-11

    ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ


    ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺩﯗﯞﺍﯓ ﺯﺍﺭ ﻳﯩﻐﻼﺗﺘﻰ ،
    ﻳﻮﻗﺴﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﺎﻗﺸﺎﺗﺘﻰ .
    ﻳﺎﺵ ﺩﯦﻤﯩﺪﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯧﺮﻯ ،
    ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺘﻰ ، ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺳﺎﺗﺘﻰ .

    ﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ،
    ﺋﻪﺭﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﭘﺎﺗﺘﻰ .
    ﮔﯘﻧﺎﮬﻰ ﻳﻮﻕ ﻣﻪﺳﯜﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ،
    ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﭼﺎﭘﺘﻰ .

    ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻧﻪﺭﻩ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ ،
    ﺳﯘ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻗﺘﻰ .
    ﺷﺎﮬﯩﺪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ،
    ﻣﯩﯖﻼﭖ ﻧﯘﺯﯗﻙ ﻧﻪﺯﻣﻪ ﻗﺎﺗﺘﻰ .

    ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﻪ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺧﺎﻧﻰ ﺩﯗﯞﺍﯓ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺘﻰ ، ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﻐﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﯩﯖﻼﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﻣﺎﯕﺪﻯ . ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﮬﻪﻳﺪﻩﻟﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ، ﻳﻮﻗﺴﯘﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻯ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .
    ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺭﺗﻪﭖ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﺩﻯ . ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﻠﻪﺭ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺩ - ﺋﻪﻟﻪﻡ ، ﻗﺎﻳﻐﯘ - ﮬﻪﺳﯩﺮﻩﺕ ، ﺋﺎﺭﺯﯗ - ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭗ ، ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻝ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ ﭘﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﻰ .
    ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺯﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﯩﻠﻰ ﺳﯜﺗﺘﻪﻙ ﺋﺎﻗﺎﺭﻏﺎﻥ ، ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﺗﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭﺩﻩﻙ ﺷﯘﯕﻐﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﻳﯩﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﺗﯩﺘﺮﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﺎﺟﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ :

    ﺧﻮﺵ ، ﮔﯜﻝ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ،
    ﻳﻮﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯗﻡ .
    ﻛﯜﻟﭙﻪﺕ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺑﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ،
    ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ ﻗﯘﻧﺪﯗﺯﯗﻡ .

    ﺋﻮﻥ ﮔﯜﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﻟﻰ ،
    ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ .
    ﭘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﻰ ،
    ﭼﯧﭽﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ .

    ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺳﺎﻟﺴﺎ ﻛﯚﻳﻤﻪﺳﺘﯩﻢ ،
    ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﯜﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .
    ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﺎﻏﻘﺎﻥ ﺑﺎﻏﻼﺭﺩﻩﻙ ،
    ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﮬﯚﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .

    ﺩﯗﯞﺍﯓ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﺎﺳﺎﭘﻪﺕ ،
    ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻮﻕ ﺷﺎﭘﺎﺋﻪﺕ .
    ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﻳﯘﻟﯘﻧﺪﻯ ،
    ﻳﯜﺭﯛﻛﯩﻢ ﭼﺎﻙ - ﭼﺎﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ .

    ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻱ ،
    ﺋﺎﻣﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻧﯘﺯﯗﻛﺌﺎﻱ .
    ﺋﺎﻛﺎﯕﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎﻡ ،
    ﺳﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎﻡ .

    ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﻮﺯﯨﺪﻩﻙ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﯕﺪﻯ . ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﻰ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﻨﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻳﯩﻘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺗﻮﭘﺎ - ﭼﺎﯕﻐﺎ ﻣﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﮭﯘﺵ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﻯ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ :

    ﺧﻪﻳﺮ - ﺧﻮﺵ ﺩﻩﺭﺩﻣﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍ ،
    ﻏﻪﻣﮕﯘﺯﺍﺭﯨﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎﻝ .
    ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﻗﯘ - ﻗﺎﺭﯨﺴﻰ
    ﮔﯜﻟﺌﯘﺯﺍﺭﯨﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎﻝ .

    ﻛﺎﺟﻠﯩﻐﻰ ﺑﯘ ﺷﯘﻡ ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﯩﯔ ،
    ﻣﯧﻨﻰ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﺪﻯ .
    ﺳﺎﻳﯩﺴﻰ ﺳﻪﮔﯜ ﺗﯧﺮﻩﻛﻨﯩﯔ ،
    ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﺪﻯ .

    ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺩﺍﺋﯩﻢ
    ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗ .
    ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺩﯗﯞﺍﯓ ﻗﻪﭘﯩﺰﯨﻨﻰ ،
    ﻏﻪﺯﻩﺏ ﻛﯜﭼﻰ ﭼﺎﻗﯩﺪﯗ .

    ﺩﻩﭖ ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻧﺎﺩﺍﻣﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﺯﯨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻣﺎﻧﻘﯘ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭽﯩﻐﺎ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ :

    ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ،
    ﻳﺎﺭﯗ - ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎﻝ .
    ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻳﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ،
    ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭ ﻳﺎﯨﺸﻰ ﻗﺎﻝ .

    ﭼﯚﻝ - ﺩﻩﺷﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ،
    ﭘﯩﺮﺍﻕ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﺑﺎﻏﺮﻯ ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ .
    ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻪﻥ ،
    ﺑﺎﻗﻰ ﺟﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎﻝ .

    ﺩﻩﭖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﻰ .
    ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺩﺍﻕ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﺠﺎ ، ﺑﯘﻟﯘﺗﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺩﻩﺷﺖ - ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯧﺰﯨﭗ ، ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ .ﺍﺭﺗﯘﻕ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﺩﻯ . ﮔﯘﮔﯘﻡ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ﻣﯘﺯﺍﺕ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺕ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﯜﻛﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻏﯘﯞﺍ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

    ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺑﯘﻟﯘﺕ ﺗﻮﺳﯘﭘﺘﯘ ،
    ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻣﯘ ﺋﯜﭼﯜﭘﺘﯘ .
    ﮔﯚﺭ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﺋﯚﻟﯜﻛﺘﯩﻦ ،
    ﺗﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﭘﺘﯘ .

    ﻗﯩﭽﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﺎﻛﻜﯘﻛﻨﯩﯔ
    ﺋﯜﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻏﯧﺮﯨﭗ .
    ﻛﻪﻝ ﻛﺎﻛﻜﯘﻙ ﺋﺎﺷﻨﺎ ﺑﻮﻻﻳﻠﻰ
    ﺳﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ، ﻣﻪﻥ ﻏﯧﺮﯨﭗ .

    ﻣﯘﺯ ﺩﺍﯞﺍﻧﺪﺍ ﻗﺎﺭ ﻳﺎﻏﺪﻯ
    ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﮕﻪ ﻳﺎﻻﯓ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ .
    ﺩﻩﺭﺩﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯜﻥ ﺑﻪﺭﻣﻪﺱ ،
    ﺩﯗﯞﺍﯓ ﭼﯧﺮﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ .

    ﻣﯘﺯ ﺩﺍﯞﺍﻧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ
    ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟
    ﺋﯩﻠﯩﺨﻮﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﯘﻧﭽﻪ
    ﺟﯧﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟

    ﺩﻩﭖ ، ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﺯﻩﺧﻤﻪﺕ ﺋﯘﺭﺩﻯ . ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﻠﻪﺭ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻐﺎ ﺟﯜﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ .
    ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﺎﺩﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﻗﺎﻥ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻣﺎﻟﺪﻯ . ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﭘﻪﻧﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﺎﺟﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ :

    ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻜﻪﺵ ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭ ،
    ﻣﺎﺟﺎﯓ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ .
    ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺟﻪﻱ ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﺪﺍ ،
    ﻧﯘﺯﯗﻙ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ .

    ﺋﺎﺗﺎﻡ ﻣﯧﻨﻰ ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻣﯧﻨﻰ
    ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺭﺯﯗﻻﭘﺘﯩﻜﯩﻦ .
    ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻻﺭﯨﻤﻨﻰ
    ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﭘﺘﯩﻜﯩﻦ .

    ﻗﻮﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﺴﺎ
    ﮔﯜﻟﺪﯛﺭﻟﻪﭖ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ،
    ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﭽﻪ ،
    ﻳﺎﺵ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ .

    ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭ ،
    ﻗﯩﻠﯩﭽﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﺎﺭ .
    ﺑﯘ ﺩﯗﺯﺍﺧﺘﯩﻦ ﻧﯘﺯﯗﻛﻨﻰ ،
    ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺟﺘﯩﺘﺎﺭ ؟

    ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ، ﮔﯚﺭ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺋﯘﻳﻘﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ، ﭼﯜﺵ ﻛﯚﺭﺩﻯ . ﭼﯜﺷﯩﺪﻩ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﻯ __ ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ :

    ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

    ﺳﻪﻥ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﯖﻤﯘ ﻣﯧﻨﻰ ؟

    ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ :

    ﺧﻮﻳﻤﺎ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ .

    ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

    ﺳﻪﻥ ﻗﻪﻳﻪﺭﯨﯖﺪﻩ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﯔ ؟

    ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ :

    ﻣﻪﻥ ﻳﯜﻛﯜﻣﺪﻩ ﺳﯧﻨﻰ .

    ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

    ﮬﺎﻟﯩﯔ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﻣﯩﻐﯩﻞ
    ﻛﯚﺭﮔﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ .
    ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻗﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ
    ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ .

    ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ :

    ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ﻳﺎﺭﻧﻰ
    ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﻩﺭﻣﻪﻥ ﺩﻩﭖ .
    ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺋﯜﺯﻣﯩﺪﯨﻢ ﻳﺎﺭﺩﯨﻦ
    ﺋﯚﻟﻤﯩﺴﻪﻡ ﻛﯚﺭﻩﺭﻣﻪﻥ ﺩﻩﭖ .

    ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻱ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ
    ﺋﺎﺭﺍ ، ﮔﯜﺭﺟﻪﻙ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ .
    ﻧﯘﺯﯗﻙ ﻳﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ
    ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﺪﺍ .

    ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

    ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻣﯘﯓ ﺑﯘﻻﺭ
    ﻣﯚﻛﻜﻪﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﻙ ﺑﻮﻻﺭ .
    ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ
    ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻻﺭ .

    ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻛﯜﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ،
    ﻗﺎﻳﻐﯘ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ .
    ﺑﻪﻟﻨﻰ ﻣﻪﮬﻜﻜﻪﻡ ﺑﺎﻏﻼﻳﻠﻰ
    ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﻜﻪ .

    ﺗﺎﺭﺍﻕ - ﺗﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﯨﻦ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﺪﻯ . ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺩﯗﯞﺍﯓ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺩﯨﯟﻩ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻟﺌﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﭺ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ، ﮬﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭗ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﭼﻮﺷﻘﯩﺪﻩﻙ ﺧﺎﺭﺗﯩﻠﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻜﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺑﯧﮕﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺩﯗﯞﺍﯓ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ .
    ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﻣﺎﻧﺠﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ << ﭼﻮﯓ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ >> ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺑﯘ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﺍﺭﻟﯩﻨﺎﺗﺘﻰ :

    ﻣﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ،
    ﺗﯚﺷﻪﻙ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻕ .
    ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺋﯚﺭﯨﮕﻪﻥ ﭼﯧﭽﯩﻤﻐﺎ
    ﺗﺎﻏﺎﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻕ .

    ﭼﻮﯓ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ
    ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﯩﻤﻪﻥ ﻗﻮﻣﯘﺷﻘﺎ .
    ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ ،
    ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺑﯧﮕﻰ ﮔﻮﻣﯘﺷﻘﺎ .

    ﺟﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻱ
    ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﻤﻪﻥ .
    ﻧﻪﯞ ﺑﺎﮬﺎﺭﻏﺎ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻱ
    ﺳﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﻤﻪﻥ .

    ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺳﻤﻪﻥ
    ﺗﺎﭘﺴﺎﻡ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﺳﻤﻪﻥ .
    ﺑﺎﻗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯚﻟﺴﻪﻡ
    ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻤﻪﻥ .

    ﺋﺎﺗﺎﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍ ﻛﯧﻠﻪﺭﻣﯘ ؟
    ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﯘ ؟
    ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻏﻪ ﺟﺎﻥ ﻳﯧﺘﻪﺭﻣﯘ ؟
    ﺑﺎﺭﺍﺭﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻤﻪﻥ .

    ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻣﯘ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺑﯧﮕﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﻛﺎ - ﺳﯩﯖﯩﻞ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ، ﮬﺎﯓ - ﺗﺎﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﻰ . ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻣﯘﯓ - ﮬﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭗ ﺳﯩﺮﺩﺍﺷﺘﻰ :

    ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

    ﻗﯘﻧﯘﯞﺍﭘﺘﯘ ﻗﺎﻏﯩﻼﺭ
    ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺑﺎﻏﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﺘﯩﻤﯘ ؟
    ﺳﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻟﭙﻪﺗﻠﻪﺭ
    ﻧﯘﺯﯗﻙ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﯜﺷﺘﯩﻐﯘ ؟

    ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ :

    ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻗﻪﭘﻪﺱ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ
    ﻣﻪﻧﻼ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ ؟
    ﺳﯧﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ
    ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺩﻩﺭﺩﻛﻪ ﺗﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ ؟

    ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

    ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ
    ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﻪﺩﺭﯨﻤﯩﺰ ؟
    ﯞﻩﮬﺸﯩﻲ ﻗﺎﯞﺍﻥ ﺩﯗﯞﺍﯕﻐﺎ ،
    ﺗﺎﺷﺎﺭ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﯩﺰ .

    ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ :

    ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﻻ ﻳﺎﻏﺴﺎ
    ﻣﯘﺯ ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭ ﭘﻪﺳﻠﻪﻳﺪﯗ .
    ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺋﺎﮔﺎﮬ ﺑﻮﻝ
    ﺩﯗﯞﺍﯓ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﺳﺘﻠﻪﻳﺪﯗ .

    ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

    ﭘﯘﺗﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﻪﻧﻨﻰ
    ﻛﻪﻟﮕﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎ ﭼﺎﻗﺎﻳﻠﻰ ،
    ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ
    ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﭼﺎﻳﻠﻰ .

    ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﺪﻩﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺯﻯ ﭼﯜﺷﺘﻰ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﻯ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺯﯨﺒﯘ - ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ - ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻏﻪﺯﻩﺏ - ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ :

    ﺗﯚﮔﻪ ﻳﺎﺗﺎﺭ ﻗﺎﻣﻐﺎﻗﺘﺎ
    ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺑﺎﺭ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ،
    ﺋﯩﻨﺴﺎﺑﻰ ﻳﻮﻕ ﻣﻪﻟﺌﯘﻧﻨﯩﯔ
    ﻗﻪﺳﺘﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ .

    ﺩﺍﺭﯦﻦ ﺋﯚﻳﻰ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﯩﻚ
    ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ - ﻛﯚﻣﯜﺵ ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﻯ .
    ﭼﺎﻱ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﭽﻜﯩﻨﻰ
    ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﻯ .

    ﻗﯧﺮﻯ ﺗﯜﻟﻜﻪ ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﻰ
    ﻳﺎﯞﯗﺯﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﯩﺴﻰ .
    ﻣﺎﯕﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭ
    ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻛﻪﭘﯩﺴﻰ .

    ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻻﻱ ﺳﯘﻧﻰ
    ﺳﯜﺯﯛﭖ ﺋﯩﭽﻪﺭ ﺋﻪﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟
    ﻧﯘﺯﯗﻙ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻥ ﭼﯜﺷﺘﻰ ،
    ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﺎﺭ ﺋﻪﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟

    ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻛﻪﻟﺴﻪﯕﭽﯘ
    ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﺴﺎﯕﭽﯘ .
    ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﯞﺍﯕﻨﯩﯔ
    ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﺎﭘﺴﺎﯕﭽﯘ .

    ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﺩﯗﯞﺍﯕﻨﯩﯔ ﺯﯗﻟﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺷﺖ - ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯧﭽﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻯ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯗﻱ ﺳﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯨﻪﯞﻩﺭ ﺗﯧﭙﯩﭗ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻪﻝ ﺑﺎﻏﻼﻳﺪﯗ ، ﺋﺎﻳﻐﺎﻗﭽﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻐﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ :

    ﻧﯘﺯﯗﻙ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﺋﺎﻣﺎﻧﻤﯘ ؟
    ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺭﻭﻳﻰ ﺳﺎﻣﺎﻧﻤﯘ ؟
    ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻐﺎ ﭼﺎﯓ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ
    ﻣﺎﻧﻘﯘ ﺑﯧﮕﻰ ﻗﺎﯞﺍﻧﻤﯘ ؟

    ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ
    ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﻳﺎﺗﯩﻤﻪﻥ .
    ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ
    ﺳﯧﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺗﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻥ .

    ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻪﮒ ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﯞﯗﺯ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﻰ . ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺗﻮﻱ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺩﺍﺭﯦﻨﻨﻰ ﺑﻮﻏﯘﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﻼﺭ ﻏﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﺘﻰ . ﺷﯘ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﭽﻪ ﻧﻰ - ﻧﻰ ﺗﺎﻍ - ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﺘﻰ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﻏﻠﯩﺪﻯ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺩﻩﺷﺖ - ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﯜﺭﯛﭖ ، ﻗﻮﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﻣﯚﻛﯜﭖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﺗﯘﻕ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺷﯘ ﻗﺎﭼﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯨﺸﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺯﻣﻪ ﺗﯜﺯﺩﻯ :

    ﻗﻮﻣﯘﺵ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻛﯜﻥ ﭼﯜﺷﺘﻰ ،
    ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﯓ ﭼﯜﺷﺘﻰ .
    ﻣﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﻛﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻐﻘﺎ ،
    ﻳﯜﺯﻟﻪﭖ ﭼﯧﺮﯨﻚ ﻳﻮﻝ ﺗﻮﺳﺘﻰ .

    ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ
    ﭼﯚﻣﯜﭺ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻕ .
    ﻳﺎﺭ ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻳﺎﻗﺘﺎ ،
    ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﭙﻤﯘ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻕ .

    ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﺎﺗﺘﯩﻢ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ ،
    ﻧﺎﻥ ﭘﯩﺸﯘﺭﺩﯗﻡ ﺳﺎﻣﺎﻧﺪﺍ .
    ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻧﯘﺯﯗﻙ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﺪﺍ ،
    ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯜﺭﻩﺭ ﻗﺎﻳﺎﻧﺪﺍ .

    ﻗﻮﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺟﺎﻳﯩﻢ ،
    ﺑﯚﺭﻩ ، ﺗﯜﻟﻜﻪ ﮬﻪﻣﺮﺍﻳﯩﻢ .
    ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ،
    ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﻏﺎﻳﻤﯘ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ !

    ﻳﺎﻳﻰ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺗﯘﺗﻘﯩﻠﻰ ،
    ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯘﺗﻘﯩﻠﻰ .
    ﭼﯧﺮﯨﻚ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺗﻪﯕﻠﻪﻳﺪﯗ ،
    ﻗﻮﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﺗﻘﯩﻠﻰ .

    ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﻪﺳﺘﯩﺪﻩ ،
    ﺋﻮﺗﻨﻰ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﻗﻮﻣﯘﺷﻘﺎ .
    ﺧﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ ،
    ﺳﻮﻟﯘﻥ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺋﻮﻳﯘﺷﻘﺎ .

    ﻗﻮﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﺴﺎ ،
    ﻣﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﻛﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺱ .
    ﻣﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﻛﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﺍ ،
    ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﺱ .

    ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻣﻪﻥ ،
    ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻳﻮﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ .
    ﺧﯘﺩﺍ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﺎ ،
    ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻤﻪﻥ .

    ﺋﺎﺗﺎﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ ،
    ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ .
    ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﺳﺮﯨﺘﻰ ،
    ﻳﯜﺭﯛﻛﯜﻣﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎﻳﺪﯗ .

    ﻗﻮﻣﯘﺷﻠﯘﻗﺘﺎ ﺳﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻥ
    ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻤﯩﻜﯩﻦ ﻏﺎﺯﻣﯩﻜﯩﻦ ؟
    ﻳﯜﺭﯛﻛﯜﻣﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻕ ،
    ﺗﺎﺯﺍ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ؟

    ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ،
    ﻳﺎﺭ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﭽﯘ !
    ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ،
    ﻳﻪﺭ ﻗﻮﻳﻨﯘﯕﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﯕﭽﯘ ؟
    . . . . . . . . . . . .
    ﻛﻪﭘﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﻳﺎﯞﺍﻧﻐﺎ ،
    ﭼﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﺍﯞﺍﻧﻐﺎ .
    ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺋﺎﺯﻻ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ
    ﺗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﻡ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﯞﺍﻧﻐﺎ .

    ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﺘﻪ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﺪﻯ . ﭘﯘﺕ - ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﺑﺎﻏﻼﭖ ، ﺋﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﭼﯧﺮﯨﻚ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻻﭖ ، ﺋﺎﻟﺪﻯ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎﺭﻻﭖ ، ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺋﯩﻠﻰ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻳﺎﻣﯘﻝ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﺎﻻﻗﺰﺍﺩﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻟﺪﻯ . ﭘﻮﺗﻪﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﺎﻏﯩﺪﻩﻙ ﻗﻮﻧﺪﻯ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺋﯜﺯﺩﻯ :

    ﻧﯘﺯﯗﻙ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﺎﻏﻼﻧﺪﻯ
    ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻛﻜﻪ ﭼﺎﻏﻼﻧﺪﻯ .
    ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﯩﯔ
    ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺑﺎﻏﺮﻯ ﺩﺍﻏﻼﻧﺪﻯ .

    ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻏﯧﺮﯨﺐ ﻧﯘﺯﯗﻛﻨﻰ ،
    << ﺷﯩﻴﻪﻥ >> ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﺳﻮﻻﺷﺘﻰ .
    ﻗﺎﻥ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻜﻪ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ،
    ﭼﯜﻣﯜﻟﯩﺪﻩﻙ ﺋﻮﻻﺷﺘﻰ .

    ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﯘﺯﯗﻛﻨﻰ
    ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﻘﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻱ .
    ﺑﺎﻗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﻥ ﺑﻪﺭﺳﻪ
    ﺩﯨﻠﺪﺍ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻱ .

    ﺩﯗﯞﺍﯓ ﺧﺎﻧﺪﯨﻦ ﯨﻪﺕ ﻛﻪﻟﺴﻪ
    ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ <<ﭼﯧﭙﯩﯔ>> ﺩﻩﭖ .
    ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ
    << ﺷﯧﮭﯩﺘﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯔ >> ﺩﻩﭖ .

    ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﻧﯘﺯﯗﻙ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﻪﺭﺩﺳﺎﻧﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﺩﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﻰ . ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯨﺪﻯ . . .

    ﻣﻮﻳﺘﯘﯕﺰﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ :
    __ ﺋﯧﺰﯨﺰ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ! ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎﻗﭽﻰ ، ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ، ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻳﻤﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﯞﻡ - ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ، - ﺩﯦﺪﻯ - ﺩﻩ ، ﻻﻏﯩﻠﺪﺍﭖ ﺗﯩﺘﺮﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻟﻼﺗﻘﺎ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﺪﻯ :

    ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﯖﻨﻰ ﺑﻪﺭ ﺟﺎﻟﻼﺕ
    ﻣﯧﻨﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﺸﻘﺎ .
    ﺋﻪﻝ ﻗﯩﺴﺎﺳﻰ ﻣﯩﻨﻪﻟﮭﻪﻕ
    ﺳﺎﯕﺎ ﻳﻮﻝ ﻳﻮﻕ ﻗﯧﭽﯩﺸﻘﺎ .

    ﻣﯧﻨﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﻘﺎﻧﺪﺍ
    ﺋﺎﮔﺎﮬ ﺑﻮﻝ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﺸﯩﯖﻐﺎ .
    ﺭﻭﮬﯩﻢ ﮔﯜﺭﺯﻯ - ﺋﯘﻣﯘﺕ ﺑﻮﭖ ،
    ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯧﮕﻪﺭ ﺑﯧﺸﯩﯖﻐﺎ .

    ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺩﺍﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﻗﯩﻴﺎ - ﭼﯩﻴﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﻛﻨﻰ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﺳﺎﻟﺪﻯ :

    ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ
    ﺑﺎﻻﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ .
    ﻣﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﺩ - ﺋﻪﻟﻪﻡ
    ﮬﯧﭻ ﺑﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﯘﻥ .

    ﺳﻪﻝ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ ﺋﺎﻗﻘﺎﻧﻼﺭ ،
    ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﻳﯧﺸﯩﻤﯩﺰ .
    ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﻗﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻦ ،
    ﻛﯧﺴﯩﻠﻤﻪﻛﺘﻪ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰ .

    ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻳﺎﻧﺴﯘﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭ
    ﺗﺎﺟﯘ - ﺗﻪﺧﺘﻰ ﻛﯜﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ .
    ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ،
    ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ .

    ﻏﻪﻡ - ﻏﯘﺳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪ
    ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺗﯜﻥ ﻛﯧﺘﻪﺭ .
    ﺋﻮﺕ ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﻪﻙ ﻧﯘﺭ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ،
    ﺑﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻛﯜﻥ ﻛﯜﺗﻪﺭ .


    نۇزۇگۇمنى تۇتۇلۇشى

    نۇزۇگۇم : ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىللاردا داستان بولغان مەشھۇر شائىرەسى ، <<نۇزۇگۇم>> پاجىئەلىك داستانىنىڭ باش قەھرىمانى ، ئالاھىدە تىپىك تراگېدىك مۇھىتتا يارىتىلغان تىپىك ھەقىقىي تراگېدىك شەخس . ئۇ 1826-يىلى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان قىز ئىدى . ئۇ سۈرگۈندىن قېچىپ ، ئارقىدىن قوغلىغان ۋە دائىما ئىزىغا چۈشكەن چېرىكلەر بىلەن ئېلىشىپ ، ئاخىر موتۇڭزىدا قەتل قىلىنغان . ئۇ ئۆز ھالىنى داستان قىلىپ ئەلگە يايغان . كېيىنچە ئۇيغۇر شائىرى بىلال نازىمى ئۇنىڭ ئەسلى شېئىرىلىرىنى نەزىم قىلغان ھالدا <<نۇزۇگۇم قىسسسى>>نى يېزىپ چىققان . نۇزۇگۇمنىڭ شېئىرلىرى خانىۋەيران ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئايالنىڭ ئۆز يۇرتىغا ، ئاتا-ئانىسىغا ، مۇھەببەت ئەركىنلىكىگە بولغان ئىنتىلىشلىرىنى كۈچلۈك ئىپادىلىگەن . ئۇ مىڭلىغان قەشقەر ئاياللىرى قاتارىدا مانجۇ-سۇلۇن چېرىكلىرىگە قۇل دېدەك ۋە خوتۇن قىلىپ بېرىشكە نىشانلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانىدى .
    ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺗﺎﺭ ، ﺋﯩﭽﻰ ﻛﻪﯓ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﺯ ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﯞﯗﺯ ﺳﯘﻻﻧﻨﯩﯔ ﮔﻪﺟﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﭖ ، ﺳﯩﺮﯨﺘﺘﺎ ﻗﯧﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﺩﻩ ﭘﺎﻧﺎﮬﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ . ﻗﯘﺭﺳﯩﭽﻰ ﺋﺎﭼﺴﺎ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻝ ﮬﻪﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ، ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯩﻜﻪﻥ .
    ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﯜﭖ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﺎﺭﺩﺍ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯧﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ، ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ . ﭼﯧﺮﯨﻠﻪﺭ ﻏﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ << ﺑﯘ ﻗﺎﭼﻘﯘﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ >> ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭘﺘﯘ - ﺩﻩ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻨﯩﯔ ﻛﯚﻛﺮﯨﮕﯩﻪ ﭘﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﭼﯧﺮﯨﻚ ﺷﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺗﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﻠﯩﭻ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭽﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯧﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯧﭽﯩﭙﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﻪﭖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭼﯧﺮﯨﻚ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﻰ ﻣﯘﮬﺎﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘ . ﭼﯧﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ :
    ___ ﺋﯩﺲ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺑﯘﺭﯗﻗﺘﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ! - ﺩﻩﭘﺘﯘ .
    ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭖ - ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺗﯘﻥ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﭙﺘﯘ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺲ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﻪﭖ ﻣﺎﯕﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻳﻪﻧﻪ :
    ___ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﻮﻏﯘﻧﯩﺘﯩﯖﻼﺭ ، - ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻳﺮﯗﭘﺘﯘ . ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪ - ﮬﯘ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﻮﻏﯩﻨﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭙﺘﯘ . ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭙﻤﯘ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﻮﻏﯘﻧﯩﺘﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻳﺪﯨﻦ ﻣﻪﺷﺌﻪﻝ ﻳﯧﻘﯩﭗ ، ﻏﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﻳﯘﺭﯗﺗﯘﭖ ، ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺩﯗﻟﻠﯘﻕ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﯓ ﻗﯩﭙﺘﯘ . ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﺯﺍﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﮬﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭙﺘﯘ ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺩﻩﺭﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ ، ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﮭﯘﺵ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯘ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ << ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻯ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ )i

    مۇنبەرخۇمارنىڭ <نۇزۇگۇمنى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىگەن تىمىسىدىن
    ./read.php?tid-35606-keyword-%D9%86%DB%87%D8%B2%DB%87%DA%
    AF%DB%87%
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-16 14:58 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
    kokkum

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 8
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 80 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-07
    ئاخىرقى:2008-02-26

    سىزگە رەخمەت.خېلى جاپا چىكىپسىز.نۇزۇگۇمغا قارىتا مىنى قايتىدىن خېلى ياخشى چۈشەنجىگە ئىگە قىلدىڭىز،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى تىمىلارنى دائىم يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.ھەمدە كەڭ تورداش دوسلارنىڭ مەمتىمىن ھۇشۇر ئەپەندىم باشچىلىغىدا يېزىلغان   << نۇزۇگۇم>> نامىلىق پوۋىستىلار توپلىمىنى ئۇقۇپ قۇيىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.رەخمەت سىلەرگە.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-16 15:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
    majnuntal666
    مۇنبەر قىززىقچىسى

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تېما چولپىنى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1009
    شۆھرەت: 1050 نۇمۇر
    پۇل: 10090 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:218(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-10
    ئاخىرقى:2008-03-14

    سىزگە كۆپتىن- كۆپ رەخمەت !بۇ تىمىغا سىڭدۇرگەن ئەجرىڭىزغا كۆز يۇمۇش ھەقىقەتەن مۇمكىن ئەمەس .بۇ تىمى ئوقۇپ بەكمۇ تەسىرلەندىم ،نۇزۇكۇم توغرىدىن تۇلۇمۇ ئۈزەكى ئاڭغا ئىگە ئىكەنلىكىمدىن ئۆكۇندۇم .ھەقىقەتەن تەسىرلىك بۇ يازمىلاردىن ئۆز-ئۆزۇمگە شۇنداق باتۇر ،قەيسەر قىزلارمۇ ياشىغان -ھە! دەپ خىتاپ قىلدىم .نۇزۇگۈمغا ئوخشاش ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ پەخىرى بولغان قىزلارنى سانىساق تارىخ بەتلىرىدە نۇر چاقناپ تۇرۇدۇ .ئۇلارنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولسىمۇ روھى بىز بىلەن بىللە ،مەڭگۈ ئۆلمىدى . ھەر-بىر ئۇيغۇرخانىم -قىزلىرىمىز ئۆزى ئۇستىدە ئويلۇنۇپ قويۇشقا تىگىشلىك .ھازىرقى ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىمىزنىڭ بەزىللىرىنىڭ ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان. بۇنى سۆزلەپ ئۆز چاۋىمىزنى چىتقا يايساق يەنە دىسەك شۇنى دەيدىكەنمىز .نۇمۇس ھىس قىلايلى ! بىز نۇزۇگۈمدەك غورۇر ،ۋىجدان ،ئىپپەت نۇمۇس ئۈچۈن جان بەرگەنلەرنى دورىيالمىساقمۇ ، ئاز -تۇلا ئىپىتىمىزنى ساقلايلى! غورورىمىزنى قوغدايلى ! ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز خالاپ قارا قوللارنىڭ چاڭگىلىغا سېلىپ بەرمەيلى ! ئەخلاق بىر مىللەتنىڭ جېنى .ئەخلاق بولمىسا كىشىلىك قەدىر قىممەتمۇ بولمايدۇ .قىسقىسى <<بىز قانداق ئانىلارغا مۇھتاج ؟>> ،<<بىزگە قانداق قىزلار كىرەك ؟>>ھەم <<بىزگە قانداق قىزلار كىرەك ئەمەس ؟>>دىگەنگە ئوخشاش ساپا ھەقىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە زادى كىم سەۋەپچى بولغان دىگەننى ئويلاپ كۆرەيلى !   يەنىلا بۇ سۇۋاللارنى بىزنىڭ بىر قىسىم خانىم -قىزلىرىمىز كەلتۇرۇپ چىقارغان .پەرزەنىتلىرىمىزنى خۇددى نۇزۇگۈم ۋە باشقا مىڭلىغان نۇزۇگۈمدەك تەربىلەپ چىقىشقا كۇچ چىقىرايلى ! سۆزلىسەك گەپ جىق، لىكىن ...
    [ بۇ يازما majnuntal666 تەرپىدىن 2008-01-16 18:11 دە ]
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-16 18:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
    lionxir

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 21
    شۆھرەت: 22 نۇمۇر
    پۇل: 210 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-27
    ئاخىرقى:2008-01-16

    ئېلىنىڭ يىگىتى ئېلى دەريا بويلىرىدا ئويناپلا يۈرمەي ،مۇشۇنداق نادىر تېمىلارمى كۆپىرەك يوللاپ تۇرارسىز!!!ھارمىغايسىز!ئەدىبىياتتا تېخىمۇ زۆر بۆسۈش ھاسىل قىلىڭ!
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-16 18:24 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
    mehrigiya
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 2
    يازما سانى: 1155
    شۆھرەت: 1275 نۇمۇر
    پۇل: 11620 سوم
    تۆھپە: 172 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:522(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-12
    ئاخىرقى:2008-03-12

    دىيارىم مۇنبىرىدە شۇنچە ئالقىشلانغان بۇ ئەسەرنىڭ بۇ ئىللىق ئائىلىدىمۇ ئالقىشلىنىشىنى ،خانىم - قىزلىرىمىزغا ئىجابى تەسىر بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .نۇزۇگۇم روھى ھەممىمىز قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئۇلۇغۋار روھ .مۇشۇنداق يىرىك ئەسەرنى روياپقا چىقارغان
    ئەرتېكىن ئىنىمىزنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر .
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
    بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-16 20:55 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
    majnuntal666
    مۇنبەر قىززىقچىسى

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تېما چولپىنى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1009
    شۆھرەت: 1050 نۇمۇر
    پۇل: 10090 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:218(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-10
    ئاخىرقى:2008-03-14

    نۇزۇگۈمغا بېغىشلانغان بۇ شېئىرنى يوللاپ قويغۇم كەلدى .


    سۈزۈك سۇدەك گۈزەل نۇزۇگۈم ،
    كۆز ياشلىرى شېئىر نۇزۇغۇم .
    ئەجەپمۇ خار ئەتتى بۇ پەلەك ،
    ئاۋازىڭدەك زىلۋا نۇزۇگۇم .

    نۇزۇگۇم
    گۈل بەرگىدە بىر شەبنەم ئىدىڭ
    گۈزەللىكتە بىر قوياش بولۇپ .
    شەبنەم ئىچرە پارلىغان ئىدىڭ ،
    ئاھ،نەئىتەي زۇلۇم دەستىدە
    جۇدەپ كەتتىڭ ئاۋازىم كەبى .
    قاخشاق ،ھارغىنىنى چۆل يولى بويى
    ئۈنۈپ چىقتى يۇلغۇنلار كەبى
    قان ياش بىلەن تىزغان شېئىرىڭ
    نۇزۇگۇم
    يېرىم باھار ،يېرىم كۈز كۈنلەر ،
    سەن قولۇڭغا شەمشىرىڭ ئېلىپ
    ئەزىز قەشقەر ،ئەزىز خەلقىم دەپ ،
    ياڭراتتىڭ جەسۇرلۇق كۈيى ،
    تارىخلاردەك بوۋاي مۇمايلار
    توغراق كەبى قولىرى بىلەن
    دۇۋالارنى ئۇچۇملاپ ئېلىپ
    چاچقان ئىدى سۇمبۇل چېچىڭغا.
    چاچقان ئىدى ماڭا يولۇڭغا
    ئاھ،ئاققۇزغان ئىسسىق قېنىڭنى
    يۈتۈپ كەتتى رەھىمسىز پەلەك
    .
    قوشاق بولۇپ ئەيلىدى نىدا
    قومۇشلۇققا ئوت قويغان تىلەك
    قولدا كىشەن ،پۇتۇڭدا ئىشكەل
    خوش ...دەپ يىغلاپ ماڭغان چېغىڭدا


    ئاھ ،مەن ئىدىم ياقىلار يىرتىپ ،
    يىغلاپ يۇرگەن ساڭا ئەگىشىپ .
    كۆرگەن ئىدىڭ ،كۆرەلەيىتتىڭ سەن ،
    كۆرگەن ئىدىم ،كۆرەلەيىتتىم مەن ...

    ئاپتۇرى :نۇرشات مەمتىلى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-16 22:35 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
    molla pok-pok
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

    مەزھەپ:شەبنەم تورى شەبنەم تورى
    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1171
    شۆھرەت: 1266 نۇمۇر
    پۇل: 35360 سوم
    تۆھپە: 3 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:961(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-05-07
    ئاخىرقى:2008-03-14

    سىزگە كۆپتىن- كۆپ رەخمەت ئەرتېكىن،بۇ تىمىغا سىڭدۇرگەن ئەجرىڭىزغا كۆز يۇمۇش ھەقىقەتەن مۇمكىن ئەمەس ،

    شەبنەم مۇنبىرى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرۋاتىسىز ، نادىر تېمىڭىزغا رەخمەت ، ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىيدىغان تېما ئىكەن .




    دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەم ـــــــ ئاتا - ئاناڭ !!!
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-17 15:50 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
    qogluk3.8
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 295
    شۆھرەت: 383 نۇمۇر
    پۇل: 2770 سوم
    تۆھپە: 90 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:80(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-01
    ئاخىرقى:2008-03-13

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەرتىكىن سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟بۇ ئەسەردىن بەكمۇ سۆيۈندۈم،مەن ئىلگىرى نۇزۇگۇم پوۋسىتىنى ئوقۇغان،شۇنداقلا بەكمۇ تەسىرلەنگەن،چۇڭقۇر ئويلارغا چۆككەن ئىدىم،ھەر قېتىم ئۆيگە بېرىپ كىلىش يۇلۇمدا كەڭ كەتكەن قۇمۇشلۇقنى كۆرىمەن،نۇزۇگۇمنىڭ قۇمۇشلىرى دەپ ئويلاپ قالىمەن ئىچىمدە،ئۆزەممۇ قىزلار ئەخلاقى توغىرلىق كۆپ ئويلايمەن،مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا بۇ ئەسەرنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم،كۆپ رەخمەت سىزگە،شەبنەم مۇنبىرى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلىۋاتاسىز، ھەممىمىز بۇنىڭدىن سۆيۈنىمىز،سالامەت بۇلۇڭ.
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-18 22:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
    arteken
    ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى

    مەزھەپ:تەۋپىق ئىزچىسى تەۋپىق ئىزچىسى
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 2
    يازما سانى: 1260
    شۆھرەت: 1340 نۇمۇر
    پۇل: 12660 سوم
    تۆھپە: 196 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:478(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-07-31
    ئاخىرقى:2008-03-11

    ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺗﺎﺭ ، ﺋﯩﭽﻰ ﻛﻪﯓ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﺯ ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﯞﯗﺯ ﺳﯘﻻﻧﻨﯩﯔ ﮔﻪﺟﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﭖ ، ﺳﯩﺮﯨﺘﺘﺎ ﻗﯧﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﺩﻩ ﭘﺎﻧﺎﮬﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ . ﻗﯘﺭﺳﯩﭽﻰ ﺋﺎﭼﺴﺎ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻝ ﮬﻪﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ، ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯩﻜﻪﻥ .
    ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﯜﭖ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﺎﺭﺩﺍ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯧﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ، ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ . ﭼﯧﺮﯨﻠﻪﺭ ﻏﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ << ﺑﯘ ﻗﺎﭼﻘﯘﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ >> ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭘﺘﯘ - ﺩﻩ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻨﯩﯔ ﻛﯚﻛﺮﯨﮕﯩﻪ ﭘﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﭼﯧﺮﯨﻚ ﺷﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺗﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﻠﯩﭻ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭽﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯧﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯧﭽﯩﭙﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﻪﭖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭼﯧﺮﯨﻚ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﻰ ﻣﯘﮬﺎﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘ . ﭼﯧﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ :
    ___ ﺋﯩﺲ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺑﯘﺭﯗﻗﺘﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ! - ﺩﻩﭘﺘﯘ .
    ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭖ - ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺗﯘﻥ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﭙﺘﯘ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺲ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﻪﭖ ﻣﺎﯕﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻳﻪﻧﻪ :
    ___ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﻮﻏﯘﻧﯩﺘﯩﯖﻼﺭ ، - ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻳﺮﯗﭘﺘﯘ . ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪ - ﮬﯘ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﻮﻏﯩﻨﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭙﺘﯘ . ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭙﻤﯘ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﻮﻏﯘﻧﯩﺘﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻳﺪﯨﻦ ﻣﻪﺷﺌﻪﻝ ﻳﯧﻘﯩﭗ ، ﻏﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﻳﯘﺭﯗﺗﯘﭖ ، ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺩﯗﻟﻠﯘﻕ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﯓ ﻗﯩﭙﺘﯘ . ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﺯﺍﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﮬﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭙﺘﯘ ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺩﻩﺭﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ ، ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﮭﯘﺵ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯘ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ << ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻯ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ .
    ==============================================
    ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﯘﭼﻰ : ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ .
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-19 13:57 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
    gulxan214

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 18
    شۆھرەت: 19 نۇمۇر
    پۇل: 180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-16
    ئاخىرقى:2008-01-21

    مەن قىزىقىپ قالدىم ، بۇرۇنمۇ نۇزۇەۇم توغرىسىدا بەزى گەپلەرنى ئاڭلىغانتىم ، لېكىن نۇزۇگۇمنىڭ بۇنداق كەچۈرمىشلىرى بارلىقىدىن خەۋەرسىزكەنمەن ، نۇزۇگۇم ھەقىقەتەن قورقماس ، مەردانە ، باتۇر قىزكەن .
    بۇنىڭدىن نۇزۇگۇم توغرىسىدا خېلى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم .
    ئەمدى نۇزۇگۇمنى تېخىمۇ چۈشىنىش ئۈچۈن <نۇزۇگۇم > دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ باقسام بولغىدەك .
    يەنىمۇ مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار بولسا يوللاپ تۇراسىز .
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-19 15:31 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
    qinmodan
    ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى

    مەزھەپ:چىن مودەن چىن مودەن
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1042
    شۆھرەت: 1106 نۇمۇر
    پۇل: 9541 سوم
    تۆھپە: 98 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1072(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-09-01
    ئاخىرقى:2008-03-13

    نۇزۇگۇم 1826-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا مەنچىڭ ئىستىباداتىغا قارشى كۆتىرىلگەن قوراللىق قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانلىق پەزىلىتىگە مۇناسىپ ئىش قىلىپ ، ئىس - تۇتەك قاپلىغان ئازاتلىق جەڭ ئاكۇپلىرىنىڭ بىرىدە ياش تۆكمەي، باش ئەگمەي كۈرەش قىلىپ، 10مىڭلىغان گۇناسىز ئەر - ئاياللار ۋە نارىسىدە بالىلار بىلەن ئىلىغا سۇرگۇن قىلىنىدۇ، ئۇ يۇلتۇزغا كەلگەندە قېچىپ ، يەنى موڭغۇل ، سۇلان ئىستىباداتچىلىرىنىڭ قولىغا چۇشۇپ ، بىر سۇلان ئەمەلدارىغا مەجبۇرىي نىكاھ قىلىنغاندا، پاك ئىنسانى ئازاتلىق، ئەركىنلىك يولىدا مىللى غورۇرى ۋە ئىپپەت نومۇسىنى ساقلاپ، ئەمەلدارلارنى بوغۇزلىۋىتىپ قاچىدۇ.نۇزۇگۇمىڭ ئازاتلىق، ئەركىنلىك بىلەن سۇغۇرۇلغان ئىرادىسىنى مەنچىڭ ئىستىبداتچىلىرىنىڭ ھەرقانداق جازاسىمۇ، تۈرمىسىمۇ سۇندۇرالمايدۇ. ئۇ ئازاتلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولۇشنى ئەڭ ئالى شەرەپ دەپ بىلىدۇ.
    ھازىرقى رىئاللىقتا نۇزۇگۈمدەك قەيسىرانە روھقا ئىگە قىزلار زادى مەۋجۇدمۇ؟ بۇ ھەربىر ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ئويلىنىشىغا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-01-19 16:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
    Ark-zat
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 4
    يازما سانى: 4529
    شۆھرەت: 4826 نۇمۇر
    پۇل: 28670 سوم
    تۆھپە: 416 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:798(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-11-17
    ئاخىرقى:2008-03-14

    باھالاشنىڭ قايدىسى بويىچە مەن تۆھپە بېرىپ چوققىلاپ قوياي.
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
    قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-02 16:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
    gul-zat
    ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1362
    شۆھرەت: 1445 نۇمۇر
    پۇل: 4192 سوم
    تۆھپە: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:167(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-01-18
    ئاخىرقى:2008-03-14

    كەتتى نازۇك بىراق نامى كەتمىدى ،
    چۇنكى ئۇندا پاكلىق ئىزى بىسلغان.
    كەتتى نازۇك بىراق روھى كەتمىدى،
    چۇنكى ئۇندا ئۇيغۇر روھى ئىچلغان ... BBS.Xabnam.Com din kochuruldi
    نىمە دىگەن جانلىق،جايىدا ئېيتىلغان تىلەك.
    نۇزۇگۇم روھىنى ئۆزىمىزدە يىتىلدۇرۇش ھەم ئەۋلاتلارغا سىڭدۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇريىتىمىز ،نۇزۇگۈم دىگەن كىتاپنى قايتا ئوقكىغاندەك بولدۇم ،ئەرتىكىن ئەپەندىمنىڭ بۇ تېمىسىغا كۆپ تەشەككۇر~!
    ohxax.cn
    ئاياللار ئۈچۈن پەرزەنتىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش--شەرەپ ۋە بۇرچ.
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-03-02 19:19 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )


     

    Time now is:03-14 15:27, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation