>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Mubarek 4 yil  
XabnamBBS -> مەشھۇر شەخىسلەر -> نۇزۇگۇم بىزئۇيغۇرلارنىڭ [قازاقلارغا رەدىيە]

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1545 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : نۇزۇگۇم بىزئۇيغۇرلارنىڭ [قازاقلارغا رەدىيە] IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
munbarhumar



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 21 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
نۇزۇگۇم بىزئۇيغۇرلارنىڭ [قازاقلارغا رەدىيە]

باغرىمنى قان قىلغان تېما
سىز ئۆزىڭىزنى ئۇيغۇر ھىساپلىسىڭىز نۇزۇگۇمنى كىملىكىنى بىلۋېلىڭ
پولاتتەك پاكىت ئالدىڭىزدا دۆۋلەكلىك

بىلىۋېلىڭ «نۇزۇگۇم» ئەمەس« نەزەرقۇم» ئىكەن

نۇزۇگۇم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلىرىمىزنىڭ يارقىن ۋەكىلى ، يىل بېشىدا مەن مەكتىۋىمدىكى بىر قانچە چىلەك ناھىيىسىدىن كەلگەن ستۇدېنتلار بىلەن پىكىرلىشىپ ئولتۇرۇپ نۇزۇگۇم توغۇرلۇق سوز بولۇپ ئۆتتى ، مەن نۇزۇگۇمنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر قىزى دىيىشىمگە ، ئارىدىن بىرسى ياق سەن خاتالاشتىڭ دىدى ، نىمىشكە دەپ سورىدىم مەن ئەجەپلىنىپ ، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ : ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چىلەك ناھىيىسىنى بىلىسەنغۇ دىدى ، مەن : ئەلۋەتتە بىلىمەن ، دىدىم .شۇ ناھىيىگە جايلاشقان چارىن يېزىسىنىچۇ ؟ دەپ سورىدى ، ئەلۋەتتە بىلىمەن ، ئۇ داڭلىق ساياھەت رايونى، دىدىم . ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى : ئۆتكەندە بۇ ساياھەت رايونى ئەل بېشى (زوڭتۇڭ) نىڭ تۇققانلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزىۋالغان ئىكەن ، ئۇلار كېلىپ مەبلەغ سېلىپ بۇ ساياھەت ئورنىنى تەرەقى قىلدۇرۇش مەخسىدىدە كۆزدىن كەچۈرۈش ئېلىپ بېرىپتۇ ، يەرلىك نوپوزلۇق ئۇيغۇرلارمۇ بىللە بارغان ئىكەن ، ئۇلار« نازىگۇم » (ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى شۇنداق ئاتايدۇ) نىڭ مەقبەرىسىنى ساياھەت قىلدۇرۇپتۇ ۋە نازىگۇمنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر باتۇر قىزى ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرۇپتۇ ، بۇ قەۋرىنىڭ قازاقىستان تەۋەلىگىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى ياقتۇرمىغان بۇ ئەل بېشىنىڭ تۇققۇنى ، شالىنى چېچىرتىپ تۇرۇپ ، بۇ قانداقمۇ بىر ئۇيغۇر باتۇر قىزىنىڭ قەبرىسى بولسۇن ؟ بۇ جايلار ئەزەلدىن قازاقلارنىڭ زىمىنى ئۇيغۇرلار قاچان بۇ يەرلېرىمىزگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ؟ بۇ قەبرىچۇ ؟ بۇ قەبرە بىز قازاقلارنىڭ نايمان قەبىلىسىدىن چىققان باتۇر ئوغلان « نازەرقۇم » باتۇرنىڭ قەبرىسى دەپ جار ساپتۇ . ئاددى ئۇيغۇر يېزا باشلىقى ۋە باشقا ئۇيغۇرلار ئۈندىيەلمەي ئاغزىنى تۇتۇپ قاپتۇ .

مەن بۇ قازاقلارنىڭ نەزەرقۇم دىگىنىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيمەن ئەمما ئۆزەمنى بىلدىغدنلىرىنى سىلەرگە يەتكۈزمەكچىمەن

نۇزۇگۇم ھةققصدة

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩﺩﯗﺭ . ﺋﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ، ﺯﯦﺮﻩﻙ ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺳﯩﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ، ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ " ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻟﻨﯩﯔ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ : " ....ﺑﯘ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﻜﺰﻯ ﻣﻮﻟﻼ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﻠﺒﺎﻏﺪﻩﻙ ﺋﯚﯕﻠﯜﻙ ، ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﺯ ، ﻗﺎﺭﺍ ﻗﺎﺵ ، ﻧﯘﺯﯗﻙ ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ " ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺕ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ " ( < ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ > ﻗﯩﺴﺴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ) . ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﻤﯘ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ .
1826 - ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﯔ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻐﻤﯘ - ﺗﯩﻎ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻐﺎ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺯﯗﻟﯩﻤﻰ ، ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺟﺎﻕ ﺗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ " ﻳﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ، ﻳﺎ ﻛﯚﺭﯛﻡ " ﺩﻩﭖ ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻖ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﮔﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩﻣﯩﺰﻣﯘ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﯧﭙﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .
ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻛﯜﭼﻰ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯘﺗﻘﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭽﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ، ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺟﻪﺑﯩﺮ - ﺯﯗﻟﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺧﻮﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ . ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﺠﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﯨﻦ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ .
ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺗﯘﺗﻘﯘﻧﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻼﺭﺩﺍ ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﯘﭖ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﻗﯧﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺪﯗ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﻗﯧﭽﯩﭗ 12 ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻳﻪﻧﻪ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻟﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻏﯘﺭﯗﺭﻯ ، ﭘﺎﻙ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ، ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ - ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻻ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻟﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﭼﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﺭﺍﺳﯩﻤﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺷﯘ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻳﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﺎﯕﮕﻼﺭﺩﺍ ﻣﯚﻛﯜﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ .
ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﻪﭖ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﯘﺕ - ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﻪﭖ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻤﯘ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﯩﻴﯩﻦ - ﻗﯩﺴﺘﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺧﻪﯞﭘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﯩﻠﭽﯩﻤﯘ ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﻳﺪﯗ . ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻜﺰﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﮬﺸﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻏﻪﺯﻩﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﻳﺪﯗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﮔﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻪﭘﺘﻰ - ﺑﻪﺷﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺟﺎﻟﻼﺕ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻩﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﭘﯧﺘﯩﭽﻪ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯩﺴﯩﺐ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻛﺴﯚﻳﻪﺭ ﺟﻪﯕﭽﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﻪﻥ - ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ، ﺗﯜﺭﻣﻪ - ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯩﻐﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﭼﻪ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﯞﻩ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻧﻪﺯﻣﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯗﺭ .




ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ



ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺩﯗﯞﺍﯓ ﺯﺍﺭ ﻳﯩﻐﻼﺗﺘﻰ ،
ﻳﻮﻗﺴﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﺎﻗﺸﺎﺗﺘﻰ .
ﻳﺎﺵ ﺩﯦﻤﯩﺪﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯧﺮﻯ ،
ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺘﻰ ، ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺳﺎﺗﺘﻰ .

ﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ،
ﺋﻪﺭﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﭘﺎﺗﺘﻰ .
ﮔﯘﻧﺎﮬﻰ ﻳﻮﻕ ﻣﻪﺳﯜﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ،
ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﭼﺎﭘﺘﻰ .

ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻧﻪﺭﻩ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ ،
ﺳﯘ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻗﺘﻰ .
ﺷﺎﮬﯩﺪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ،
ﻣﯩﯖﻼﭖ ﻧﯘﺯﯗﻙ ﻧﻪﺯﻣﻪ ﻗﺎﺗﺘﻰ .

ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﻪ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺧﺎﻧﻰ ﺩﯗﯞﺍﯓ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺘﻰ ، ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﻐﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﯩﯖﻼﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﻣﺎﯕﺪﻯ . ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﮬﻪﻳﺪﻩﻟﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ، ﻳﻮﻗﺴﯘﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻯ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ .
ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺭﺗﻪﭖ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﺩﻯ . ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﻠﻪﺭ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺩ - ﺋﻪﻟﻪﻡ ، ﻗﺎﻳﻐﯘ - ﮬﻪﺳﯩﺮﻩﺕ ، ﺋﺎﺭﺯﯗ - ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭗ ، ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻝ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ ﭘﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﻰ .
ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺯﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﯩﻠﻰ ﺳﯜﺗﺘﻪﻙ ﺋﺎﻗﺎﺭﻏﺎﻥ ، ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﺗﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭﺩﻩﻙ ﺷﯘﯕﻐﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﻳﯩﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﺗﯩﺘﺮﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﺎﺟﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ :

ﺧﻮﺵ ، ﮔﯜﻝ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ،
ﻳﻮﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯗﻡ .
ﻛﯜﻟﭙﻪﺕ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺑﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ،
ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ ﻗﯘﻧﺪﯗﺯﯗﻡ .

ﺋﻮﻥ ﮔﯜﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﻟﻰ ،
ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ .
ﭘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﻰ ،
ﭼﯧﭽﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ .

ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺳﺎﻟﺴﺎ ﻛﯚﻳﻤﻪﺳﺘﯩﻢ ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﯜﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .
ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﺎﻏﻘﺎﻥ ﺑﺎﻏﻼﺭﺩﻩﻙ ،
ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﮬﯚﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .

ﺩﯗﯞﺍﯓ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﺎﺳﺎﭘﻪﺕ ،
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻮﻕ ﺷﺎﭘﺎﺋﻪﺕ .
ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﻳﯘﻟﯘﻧﺪﻯ ،
ﻳﯜﺭﯛﻛﯩﻢ ﭼﺎﻙ - ﭼﺎﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ .

ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻱ ،
ﺋﺎﻣﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻧﯘﺯﯗﻛﺌﺎﻱ .
ﺋﺎﻛﺎﯕﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎﻡ ،
ﺳﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎﻡ .

ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﻮﺯﯨﺪﻩﻙ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﯕﺪﻯ . ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﻰ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﻨﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻳﯩﻘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺗﻮﭘﺎ - ﭼﺎﯕﻐﺎ ﻣﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﮭﯘﺵ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﻯ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ :

ﺧﻪﻳﺮ - ﺧﻮﺵ ﺩﻩﺭﺩﻣﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍ ،
ﻏﻪﻣﮕﯘﺯﺍﺭﯨﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎﻝ .
ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﻗﯘ - ﻗﺎﺭﯨﺴﻰ
ﮔﯜﻟﺌﯘﺯﺍﺭﯨﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎﻝ .

ﻛﺎﺟﻠﯩﻐﻰ ﺑﯘ ﺷﯘﻡ ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﯩﯔ ،
ﻣﯧﻨﻰ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﺪﻯ .
ﺳﺎﻳﯩﺴﻰ ﺳﻪﮔﯜ ﺗﯧﺮﻩﻛﻨﯩﯔ ،
ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﺪﻯ .

ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺩﺍﺋﯩﻢ
ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗ .
ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺩﯗﯞﺍﯓ ﻗﻪﭘﯩﺰﯨﻨﻰ ،
ﻏﻪﺯﻩﺏ ﻛﯜﭼﻰ ﭼﺎﻗﯩﺪﯗ .

ﺩﻩﭖ ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻧﺎﺩﺍﻣﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﺯﯨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻣﺎﻧﻘﯘ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭽﯩﻐﺎ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ :

ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ،
ﻳﺎﺭﯗ - ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎﻝ .
ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻳﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ،
ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭ ﻳﺎﯨﺸﻰ ﻗﺎﻝ .

ﭼﯚﻝ - ﺩﻩﺷﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ،
ﭘﯩﺮﺍﻕ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﺑﺎﻏﺮﻯ ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ .
ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻪﻥ ،
ﺑﺎﻗﻰ ﺟﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎﻝ .

ﺩﻩﭖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﻰ .
ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺩﺍﻕ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﺠﺎ ، ﺑﯘﻟﯘﺗﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺩﻩﺷﺖ - ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯧﺰﯨﭗ ، ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ .ﺍﺭﺗﯘﻕ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﺩﻯ . ﮔﯘﮔﯘﻡ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ﻣﯘﺯﺍﺕ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺕ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﯜﻛﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻏﯘﯞﺍ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺑﯘﻟﯘﺕ ﺗﻮﺳﯘﭘﺘﯘ ،
ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻣﯘ ﺋﯜﭼﯜﭘﺘﯘ .
ﮔﯚﺭ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﺋﯚﻟﯜﻛﺘﯩﻦ ،
ﺗﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﭘﺘﯘ .

ﻗﯩﭽﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﺎﻛﻜﯘﻛﻨﯩﯔ
ﺋﯜﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻏﯧﺮﯨﭗ .
ﻛﻪﻝ ﻛﺎﻛﻜﯘﻙ ﺋﺎﺷﻨﺎ ﺑﻮﻻﻳﻠﻰ
ﺳﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ، ﻣﻪﻥ ﻏﯧﺮﯨﭗ .

ﻣﯘﺯ ﺩﺍﯞﺍﻧﺪﺍ ﻗﺎﺭ ﻳﺎﻏﺪﻯ
ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﮕﻪ ﻳﺎﻻﯓ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ .
ﺩﻩﺭﺩﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯜﻥ ﺑﻪﺭﻣﻪﺱ ،
ﺩﯗﯞﺍﯓ ﭼﯧﺮﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ .

ﻣﯘﺯ ﺩﺍﯞﺍﻧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ
ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟
ﺋﯩﻠﯩﺨﻮﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﯘﻧﭽﻪ
ﺟﯧﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟

ﺩﻩﭖ ، ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﺯﻩﺧﻤﻪﺕ ﺋﯘﺭﺩﻯ . ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﻠﻪﺭ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻐﺎ ﺟﯜﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ .
ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﺎﺩﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﻗﺎﻥ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻣﺎﻟﺪﻯ . ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﭘﻪﻧﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﺎﺟﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ :

ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻜﻪﺵ ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭ ،
ﻣﺎﺟﺎﯓ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ .
ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺟﻪﻱ ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﺪﺍ ،
ﻧﯘﺯﯗﻙ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ .

ﺋﺎﺗﺎﻡ ﻣﯧﻨﻰ ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻣﯧﻨﻰ
ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺭﺯﯗﻻﭘﺘﯩﻜﯩﻦ .
ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻻﺭﯨﻤﻨﻰ
ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﭘﺘﯩﻜﯩﻦ .

ﻗﻮﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﺴﺎ
ﮔﯜﻟﺪﯛﺭﻟﻪﭖ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ،
ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﭽﻪ ،
ﻳﺎﺵ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ .

ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭ ،
ﻗﯩﻠﯩﭽﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﺎﺭ .
ﺑﯘ ﺩﯗﺯﺍﺧﺘﯩﻦ ﻧﯘﺯﯗﻛﻨﻰ ،
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺟﺘﯩﺘﺎﺭ ؟

ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ، ﮔﯚﺭ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺋﯘﻳﻘﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ، ﭼﯜﺵ ﻛﯚﺭﺩﻯ . ﭼﯜﺷﯩﺪﻩ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﻯ __ ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ :

ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

ﺳﻪﻥ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﯖﻤﯘ ﻣﯧﻨﻰ ؟

ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ :

ﺧﻮﻳﻤﺎ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ .

ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

ﺳﻪﻥ ﻗﻪﻳﻪﺭﯨﯖﺪﻩ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﯔ ؟

ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ :

ﻣﻪﻥ ﻳﯜﻛﯜﻣﺪﻩ ﺳﯧﻨﻰ .

ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

ﮬﺎﻟﯩﯔ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﻣﯩﻐﯩﻞ
ﻛﯚﺭﮔﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ .
ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻗﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ
ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ .

ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ :

ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ﻳﺎﺭﻧﻰ
ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﻩﺭﻣﻪﻥ ﺩﻩﭖ .
ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺋﯜﺯﻣﯩﺪﯨﻢ ﻳﺎﺭﺩﯨﻦ
ﺋﯚﻟﻤﯩﺴﻪﻡ ﻛﯚﺭﻩﺭﻣﻪﻥ ﺩﻩﭖ .

ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻱ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ
ﺋﺎﺭﺍ ، ﮔﯜﺭﺟﻪﻙ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ .
ﻧﯘﺯﯗﻙ ﻳﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ
ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﺪﺍ .

ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻣﯘﯓ ﺑﯘﻻﺭ
ﻣﯚﻛﻜﻪﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺑﯚﻙ ﺑﻮﻻﺭ .
ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ
ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻻﺭ .

ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻛﯜﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ،
ﻗﺎﻳﻐﯘ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ .
ﺑﻪﻟﻨﻰ ﻣﻪﮬﻜﻜﻪﻡ ﺑﺎﻏﻼﻳﻠﻰ
ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﻜﻪ .

ﺗﺎﺭﺍﻕ - ﺗﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﯨﻦ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﺪﻯ . ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺩﯗﯞﺍﯓ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺩﯨﯟﻩ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻟﺌﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﭺ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ، ﮬﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭗ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﭼﻮﺷﻘﯩﺪﻩﻙ ﺧﺎﺭﺗﯩﻠﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻜﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺑﯧﮕﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺩﯗﯞﺍﯓ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ .
ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﻣﺎﻧﺠﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ << ﭼﻮﯓ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ >> ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺑﯘ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﺍﺭﻟﯩﻨﺎﺗﺘﻰ :

ﻣﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ،
ﺗﯚﺷﻪﻙ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻕ .
ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺋﯚﺭﯨﮕﻪﻥ ﭼﯧﭽﯩﻤﻐﺎ
ﺗﺎﻏﺎﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻕ .

ﭼﻮﯓ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ
ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﯩﻤﻪﻥ ﻗﻮﻣﯘﺷﻘﺎ .
ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ ،
ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺑﯧﮕﻰ ﮔﻮﻣﯘﺷﻘﺎ .

ﺟﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻱ
ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﻤﻪﻥ .
ﻧﻪﯞ ﺑﺎﮬﺎﺭﻏﺎ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻱ
ﺳﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﻤﻪﻥ .

ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺳﻤﻪﻥ
ﺗﺎﭘﺴﺎﻡ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﺳﻤﻪﻥ .
ﺑﺎﻗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯚﻟﺴﻪﻡ
ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻤﻪﻥ .

ﺋﺎﺗﺎﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍ ﻛﯧﻠﻪﺭﻣﯘ ؟
ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﯘ ؟
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻏﻪ ﺟﺎﻥ ﻳﯧﺘﻪﺭﻣﯘ ؟
ﺑﺎﺭﺍﺭﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻤﻪﻥ .

ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻣﯘ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺑﯧﮕﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﻛﺎ - ﺳﯩﯖﯩﻞ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ، ﮬﺎﯓ - ﺗﺎﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﻰ . ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻣﯘﯓ - ﮬﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭗ ﺳﯩﺮﺩﺍﺷﺘﻰ :

ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

ﻗﯘﻧﯘﯞﺍﭘﺘﯘ ﻗﺎﻏﯩﻼﺭ
ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺑﺎﻏﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﺘﯩﻤﯘ ؟
ﺳﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻟﭙﻪﺗﻠﻪﺭ
ﻧﯘﺯﯗﻙ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﯜﺷﺘﯩﻐﯘ ؟

ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ :

ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻗﻪﭘﻪﺱ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ
ﻣﻪﻧﻼ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ ؟
ﺳﯧﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ
ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺩﻩﺭﺩﻛﻪ ﺗﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ ؟

ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ
ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﻪﺩﺭﯨﻤﯩﺰ ؟
ﯞﻩﮬﺸﯩﻲ ﻗﺎﯞﺍﻥ ﺩﯗﯞﺍﯕﻐﺎ ،
ﺗﺎﺷﺎﺭ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﯩﺰ .

ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ :

ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﻻ ﻳﺎﻏﺴﺎ
ﻣﯘﺯ ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭ ﭘﻪﺳﻠﻪﻳﺪﯗ .
ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺋﺎﮔﺎﮬ ﺑﻮﻝ
ﺩﯗﯞﺍﯓ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﺳﺘﻠﻪﻳﺪﯗ .

ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ :

ﭘﯘﺗﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﻪﻧﻨﻰ
ﻛﻪﻟﮕﯩﻦ ﺋﺎﻛﺎ ﭼﺎﻗﺎﻳﻠﻰ ،
ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ
ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﭼﺎﻳﻠﻰ .

ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﺪﻩﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺯﻯ ﭼﯜﺷﺘﻰ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﻯ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺯﯨﺒﯘ - ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ - ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻏﻪﺯﻩﺏ - ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ :

ﺗﯚﮔﻪ ﻳﺎﺗﺎﺭ ﻗﺎﻣﻐﺎﻗﺘﺎ
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺑﺎﺭ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ،
ﺋﯩﻨﺴﺎﺑﻰ ﻳﻮﻕ ﻣﻪﻟﺌﯘﻧﻨﯩﯔ
ﻗﻪﺳﺘﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ .

ﺩﺍﺭﯦﻦ ﺋﯚﻳﻰ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﯩﻚ
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ - ﻛﯚﻣﯜﺵ ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﻯ .
ﭼﺎﻱ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﭽﻜﯩﻨﻰ
ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﻯ .

ﻗﯧﺮﻯ ﺗﯜﻟﻜﻪ ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﻰ
ﻳﺎﯞﯗﺯﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﯩﺴﻰ .
ﻣﺎﯕﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭ
ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻛﻪﭘﯩﺴﻰ .

ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻻﻱ ﺳﯘﻧﻰ
ﺳﯜﺯﯛﭖ ﺋﯩﭽﻪﺭ ﺋﻪﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟
ﻧﯘﺯﯗﻙ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻥ ﭼﯜﺷﺘﻰ ،
ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﺎﺭ ﺋﻪﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟

ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻛﻪﻟﺴﻪﯕﭽﯘ
ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﺴﺎﯕﭽﯘ .
ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﯞﺍﯕﻨﯩﯔ
ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﺎﭘﺴﺎﯕﭽﯘ .

ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﺩﯗﯞﺍﯕﻨﯩﯔ ﺯﯗﻟﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺷﺖ - ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯧﭽﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻯ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯗﻱ ﺳﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯨﻪﯞﻩﺭ ﺗﯧﭙﯩﭗ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻪﻝ ﺑﺎﻏﻼﻳﺪﯗ ، ﺋﺎﻳﻐﺎﻗﭽﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻐﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ :

ﻧﯘﺯﯗﻙ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﺋﺎﻣﺎﻧﻤﯘ ؟
ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺭﻭﻳﻰ ﺳﺎﻣﺎﻧﻤﯘ ؟
ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻐﺎ ﭼﺎﯓ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ
ﻣﺎﻧﻘﯘ ﺑﯧﮕﻰ ﻗﺎﯞﺍﻧﻤﯘ ؟

ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ
ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﻳﺎﺗﯩﻤﻪﻥ .
ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ
ﺳﯧﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺗﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻥ .

ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻪﮒ ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﯞﯗﺯ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﻰ . ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺗﻮﻱ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺩﺍﺭﯦﻨﻨﻰ ﺑﻮﻏﯘﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﻼﺭ ﻏﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﺘﻰ . ﺷﯘ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﭽﻪ ﻧﻰ - ﻧﻰ ﺗﺎﻍ - ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﺘﻰ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﻏﻠﯩﺪﻯ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺩﻩﺷﺖ - ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﯜﺭﯛﭖ ، ﻗﻮﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﻣﯚﻛﯜﭖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﺗﯘﻕ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺷﯘ ﻗﺎﭼﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯨﺸﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺯﻣﻪ ﺗﯜﺯﺩﻯ :

ﻗﻮﻣﯘﺵ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻛﯜﻥ ﭼﯜﺷﺘﻰ ،
ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﯓ ﭼﯜﺷﺘﻰ .
ﻣﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﻛﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻐﻘﺎ ،
ﻳﯜﺯﻟﻪﭖ ﭼﯧﺮﯨﻚ ﻳﻮﻝ ﺗﻮﺳﺘﻰ .

ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ
ﭼﯚﻣﯜﭺ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻕ .
ﻳﺎﺭ ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻳﺎﻗﺘﺎ ،
ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﭙﻤﯘ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻕ .

ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﺎﺗﺘﯩﻢ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ ،
ﻧﺎﻥ ﭘﯩﺸﯘﺭﺩﯗﻡ ﺳﺎﻣﺎﻧﺪﺍ .
ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻧﯘﺯﯗﻙ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﺪﺍ ،
ﺑﺎﻗﻰ ﻳﯜﺭﻩﺭ ﻗﺎﻳﺎﻧﺪﺍ .

ﻗﻮﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺟﺎﻳﯩﻢ ،
ﺑﯚﺭﻩ ، ﺗﯜﻟﻜﻪ ﮬﻪﻣﺮﺍﻳﯩﻢ .
ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ،
ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﻏﺎﻳﻤﯘ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ !

ﻳﺎﻳﻰ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺗﯘﺗﻘﯩﻠﻰ ،
ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯘﺗﻘﯩﻠﻰ .
ﭼﯧﺮﯨﻚ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺗﻪﯕﻠﻪﻳﺪﯗ ،
ﻗﻮﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﺗﻘﯩﻠﻰ .

ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﻪﺳﺘﯩﺪﻩ ،
ﺋﻮﺗﻨﻰ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﻗﻮﻣﯘﺷﻘﺎ .
ﺧﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ ،
ﺳﻮﻟﯘﻥ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺋﻮﻳﯘﺷﻘﺎ .

ﻗﻮﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﺴﺎ ،
ﻣﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﻛﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺱ .
ﻣﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﻛﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﺍ ،
ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﺱ .

ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻣﻪﻥ ،
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻳﻮﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ .
ﺧﯘﺩﺍ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﺎ ،
ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻤﻪﻥ .

ﺋﺎﺗﺎﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ ،
ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ .
ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﺳﺮﯨﺘﻰ ،
ﻳﯜﺭﯛﻛﯜﻣﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎﻳﺪﯗ .

ﻗﻮﻣﯘﺷﻠﯘﻗﺘﺎ ﺳﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻥ
ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻤﯩﻜﯩﻦ ﻏﺎﺯﻣﯩﻜﯩﻦ ؟
ﻳﯜﺭﯛﻛﯜﻣﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻕ ،
ﺗﺎﺯﺍ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ؟

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ،
ﻳﺎﺭ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﭽﯘ !
ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ،
ﻳﻪﺭ ﻗﻮﻳﻨﯘﯕﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﯕﭽﯘ ؟
. . . . . . . . . . . .
ﻛﻪﭘﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﻳﺎﯞﺍﻧﻐﺎ ،
ﭼﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﺍﯞﺍﻧﻐﺎ .
ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺋﺎﺯﻻ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ
ﺗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﻡ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﯞﺍﻧﻐﺎ .

ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﺘﻪ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﺪﻯ . ﭘﯘﺕ - ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﺑﺎﻏﻼﭖ ، ﺋﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﭼﯧﺮﯨﻚ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻻﭖ ، ﺋﺎﻟﺪﻯ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎﺭﻻﭖ ، ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺋﯩﻠﻰ ﻳﺎﻣﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻳﺎﻣﯘﻝ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﺎﻻﻗﺰﺍﺩﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻟﺪﻯ . ﭘﻮﺗﻪﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﺎﻏﯩﺪﻩﻙ ﻗﻮﻧﺪﻯ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺋﯜﺯﺩﻯ :

ﻧﯘﺯﯗﻙ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﺎﻏﻼﻧﺪﻯ
ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻛﻜﻪ ﭼﺎﻏﻼﻧﺪﻯ .
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﯩﯔ
ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺑﺎﻏﺮﻯ ﺩﺍﻏﻼﻧﺪﻯ .

ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻏﯧﺮﯨﺐ ﻧﯘﺯﯗﻛﻨﻰ ،
<< ﺷﯩﻴﻪﻥ >> ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﺳﻮﻻﺷﺘﻰ .
ﻗﺎﻥ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻜﻪ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ،
ﭼﯜﻣﯜﻟﯩﺪﻩﻙ ﺋﻮﻻﺷﺘﻰ .

ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﯘﺯﯗﻛﻨﻰ
ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﻘﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻱ .
ﺑﺎﻗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﻥ ﺑﻪﺭﺳﻪ
ﺩﯨﻠﺪﺍ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻱ .

ﺩﯗﯞﺍﯓ ﺧﺎﻧﺪﯨﻦ ﯨﻪﺕ ﻛﻪﻟﺴﻪ
ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ <<ﭼﯧﭙﯩﯔ>> ﺩﻩﭖ .
ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ
<< ﺷﯧﮭﯩﺘﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯔ >> ﺩﻩﭖ .

ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﻧﯘﺯﯗﻙ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﻪﺭﺩﺳﺎﻧﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﺩﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﻰ . ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯨﺪﻯ . . .

ﻣﻮﻳﺘﯘﯕﺰﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ :
__ ﺋﯧﺰﯨﺰ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ! ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎﻗﭽﻰ ، ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ، ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻳﻤﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﯞﻡ - ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ، - ﺩﯦﺪﻯ - ﺩﻩ ، ﻻﻏﯩﻠﺪﺍﭖ ﺗﯩﺘﺮﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻟﻼﺗﻘﺎ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﺪﻯ :

ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﯖﻨﻰ ﺑﻪﺭ ﺟﺎﻟﻼﺕ
ﻣﯧﻨﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﺸﻘﺎ .
ﺋﻪﻝ ﻗﯩﺴﺎﺳﻰ ﻣﯩﻨﻪﻟﮭﻪﻕ
ﺳﺎﯕﺎ ﻳﻮﻝ ﻳﻮﻕ ﻗﯧﭽﯩﺸﻘﺎ .

ﻣﯧﻨﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﻘﺎﻧﺪﺍ
ﺋﺎﮔﺎﮬ ﺑﻮﻝ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﺸﯩﯖﻐﺎ .
ﺭﻭﮬﯩﻢ ﮔﯜﺭﺯﻯ - ﺋﯘﻣﯘﺕ ﺑﻮﭖ ،
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯧﮕﻪﺭ ﺑﯧﺸﯩﯖﻐﺎ .

ﺋﻪﻟﻘﯩﺴﺴﻪ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺩﺍﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﻗﯩﻴﺎ - ﭼﯩﻴﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﻛﻨﻰ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﺳﺎﻟﺪﻯ :

ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ
ﺑﺎﻻﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ .
ﻣﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﺩ - ﺋﻪﻟﻪﻡ
ﮬﯧﭻ ﺑﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﯘﻥ .

ﺳﻪﻝ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ ﺋﺎﻗﻘﺎﻧﻼﺭ ،
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﻳﯧﺸﯩﻤﯩﺰ .
ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﻗﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻦ ،
ﻛﯧﺴﯩﻠﻤﻪﻛﺘﻪ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰ .

ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻳﺎﻧﺴﯘﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭ
ﺗﺎﺟﯘ - ﺗﻪﺧﺘﻰ ﻛﯜﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ .
ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ،
ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ .

ﻏﻪﻡ - ﻏﯘﺳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪ
ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺗﯜﻥ ﻛﯧﺘﻪﺭ .
ﺋﻮﺕ ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﻪﻙ ﻧﯘﺭ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ،
ﺑﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻛﯜﻥ ﻛﯜﺗﻪﺭ .

نۇزۇگۇمنى ئەسلەپ
نۇزۇگۇمنى ئەسلەپ

بىزنىڭ پەخىرلىك قىزىمىز ،نۇزۇگۇم توغرىسىدا ،دوسلۇرۇم بىلەن ئازراق ھال مۇڭ بولغۇم بار . نۇزۇگۇمسىراپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، مەن نۇزۇگۇم روھى ھەم ،لۇتۇن ھاياتى ئۈستىدە تېخمۇ چوڭقۇر ئويلپ قېلىۋاتىمەن .نۇزۇگۇمنى ئەسلەش يۈزسىدىن ئۇنىڭ ھاياتىغا مۇناسۋەتلىك بۇلغان ئازغىنە ئۇچۇرنى يوللۇدۇم دوسلۇرۇمنىڭ نۇزۇگۇمنى ئەسلەپ ئۈتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
زالىن دۇۋاڭ كوپ يىغلاتتى ،
يوقسىللارنى كوپ قاخشاتتى .
ياش دىمىدى ۋە يا قېرى ،
دارغا ئاستى پۇلغا ساتتى.

نى يىگىتلەر سۇلۇن قىزلار ،
ئەرك يۇلىدا قانغا پاتتى .
گۇناھى يوق مەسۇملارنىڭ ،
باشلىرىغا قېلىچ چاچتى .

تۈمەن دەريا نەرە تارتتى ،
سۇ ئورنىدا قانلار ئاقتى .
شاھىت بۇلۇپ شۇ تارىققا ،
مىڭلاپ نۇزۇك نەزمە قاتتى .
مانا بۇ ، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق خەلق قەھرىمانى ۋە شائىرە نۇزۇگۇمنىڭ ،خەلىقنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايى ئاپەتلەر ئۈستىدە تۇقۇغان نەزمىللىرىنىڭ مىڭدەن بىر قىسمى . . شۇنداق قىلىپ بۇ ئەرك سۆيەر جەڭچى، شائىرە ئەجداتلىرىمىزنىڭ دۈشمەننىڭ كىشەن-زەنجىرىلىرى، تۈرمە-زىندانلىرى ۋە قاتىللىق تىغلىرى ئالدىدىمۇ باش ئەگمەيدىغان شانلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، باتۇرلارچە ۋاپات بولىدۇ. مەردانە ۋە جەڭگىۋار ھاياتى ئارقىلىق خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك شائىرە نازۇگۇمنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قوشاقلىرى ئۇنىڭ كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن ياشلىق ئۆمرىنىڭ گۈزەل نەزمىي خاتىرىلىرى سۈپتىدە بىز بىلەن ساقلانماقتا ، نۇزۇگۇمنىڭ بۇ نەزمىللىرى ھەم كەچۈرمىشلىرى << ئۇيغۇر ئېغىز ئەدبىياتى قامۇس >>ىغا كىرگۈزىلگەن بۇلۇپ ، ئۇنىڭ شېر نەزمىللىردىن ،نۇزۇگۇمنىڭ روھى دۇنياسىدىكى گۈزەللىكنى ،قەيسەرلىكنى ، ئوز ھەيا ،ئىپپەت نۇمۇسى ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىش روھىنى بۈگۈنكى دەۋىرىمىزدە ،سوزلىشىمىزگە سوغۇققانلىق بىلەن ئەسلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن .

پەخرلىك قىزىمىز نۇزگۈم ئەينى يىللاردا مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ بېيجىڭدىكى خانى داۋاگۇڭدىن كېلدىغان ھۆكۈمنى كۈتۈپ تۇرۇپمۇ ،ھۆكۈمنىڭ ئۈلۈم جازاسى ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ،يەنىلا ئىلگىركىگە ئوخشاش قېچىش ئىستىگى ناھايتى يۇقىرى بولدۇ .ھەم ئەشۇنداق يولنىڭ چىقىپ قالدىغىنىغا ئۈمۈدۋارلىق بىلەن قارايدۇ . شۇنداقتىمۇ چۈشكۈنلىككە بېرىلمەي ،ئۆزنىڭ غەم قايغۇسى ،دەردىنى قوشاقلار بىلەن يېڭىشكە تىرشىدۇ . ئۇ ئەنە شۇنداق چىنلىق بىلەن بېشىدىن كەچۈرگەن ھاياتىنىڭ ھەممىسىنى قوشاققا قېتىپ چىقىدۇ :

دۈشمەننىڭ كۆپ ياڭزىسى ،
قولىدا بار غاڭزىسى .
چاقاي دېسەم چېقىلماس ،
قولۇمدىكى كويزىسى .

خۇدا بەرگەن غۇنچەمنى ،
سولۇن-نويلار ئۈزمىدى .
سولۇن-نويلار ئۆيىگە ،
نۇزۇك جۇۋان تۇزمىدى .

يامۇلدا بار ئوغىرسى ،
ئون بەش غۇلاچ توغىرسى .
كۆرسەم ئەسكى كىگىزدۇر ،
سۇلۇنلارنىڭ موزىسى .

مويتۇڭزىدا چاپقاندا ،
مەنمۇ ئۇندا ئۆلەرمەن .
موللىلارنىڭ سۆزىچە ،
ئەھلى شېھىت بۇلۇرمەن .

ئالدىمىزدا جاللاتلار ،
قېلىچىنى ئوينىتار .
مىنى ئۈشبۇ ئۈلۈمدىن ،
قانداق كىشى ئاجىرتار ؟!

مانا كۆرۈپ ئۆتۈپتىمىز ، ئۇنىڭ شۇقەدەر دىشۋارچىلىققىمۇ چىداپ ، ئۆزنىڭ پاكلىقىنى جاندىنمۇ ئەلا بىلگەن ، ئەنە شۇ قەيسىرانە روھ بىلەن ئۆزلىكىنى ياراتقان .،مىللىتىمىزگە ۋەكىل خارەكتىرلىك ئۆچمەس ئابىدىلەرنى تكلىگەن پەخرىمىزدۇر .
تەشەككۈر گۈلسەنەم خانىم ،جەزبىدارلىق بىلەن يىلتىزمىغا چۆكۈۋاتقان ھەر بىر يازمىللىرڭىز ئۆزدىكى قايناقلىقنى جۇلالاندۇرۇپ تۇرۇپتۇ . ئۆكسۈپ چىقىۋاتقان غەليانلىرڭىز يىراق راۋاقلاردىن ،يىراق راۋاقلارغا كۆز تاشلىغاندەك ، ئانا يەر سۆيگۈسىگە مەپتۇنكارلىق بىلەن تىكىلگىننى كۆرسەم ،سىزدىكى ئۇلۇغۋار ئىستەكلەرنىڭ ئەنە شۇنداق يەڭگىل ،رىتىملىق تاپچىپ چىققىننى كۆرمەن . نۇزگۇمدىكى نازاكەت ،لۇتۇندىكى جاسارەت سىزگە باشلامچى بولغۇسى . ئەسەرلىرڭىزنى ئۇزۇندىن بىرى ياختۇرۇپ كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولساممۇ بىرەر قېتىم يازمىڭىز بىلەن تەپسىلى توختۇلۇش ماڭا نېسىپ بولمىغان ئىدى .
شاۋقۇنلۇق ئاققان ئېقىن دولقۇننىڭ ئۈزۈلمەس ئىلھام كۈيگە ،قېلىچتەك بۇلۇتقا پاتقان خانتەڭرىنىڭ مەغرۇرانە تۇرقىغا ،تەپەككۇر دۇلدۇلىنىڭ پەلەكنى قۇچۇپ پىكىرلەر ئاسمىنىغا قۇچاق ئاچقىنىغا ،ئۆركەشنىڭ ئۈزۈلمەس پايانىغا نەزەر سېلىپ كېلىۋاتقان ئۆتكۈر كۆزلىرڭىز ھايات قىسمەتلىرگە چىدالماي تالاغا يول ئاپتۇ .
سىزگە شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ . «تالا»نەقەدەر سالقىن ھە ! قاراڭ !ئاۋۇ مەجنۇن تالغا . دىماقلارغا ئۇرۇلغان سەلكىن ھىدى ئۇنۇڭغىمۇ ئۇرۇلۇپتۇ . ئۇ تۈگۈل سايىسىنىڭمۇ ئاچچىق تولغىنىشى نېمىنىڭ بېشارىتى ؟!
ئاھ ،ياشلىق ! بىغۇبار ياشلىق !شۇنچىلىك قىسقىكى ئۇنىڭ ئۆمرى ،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈتۈپ كېتىدۇ .جاھالەت نۇرى قاپلىغان مەيۈس چىرايلاردا زۇلۇم ۋە نالا زار قاپلاپ ئەل يۇرتنىڭ چېھرىدىن كۈلگۈن تەبەسسۈم خىرە يېنىپ تۇرسىمۇ سىز دە ،بىزدە ، ئۇنىڭدا ئىجتاھات بىلەن جاسارەت ،ئىشەنىچ تۇرۇپتۇ . بۇمۇ غاپىللىقنىڭ نامايەندىسى ئەمەسمۇ ...
توۋا ...كۈلگۈم كېلىۋاتىدۇ . ئەشۇ چاغ ،جاھان رەپتارىغا ھەر بىر باققىنىمدا ئاجايىپ سۇباتلىق ئويناق بىر نىگاھنىڭ يۈركىنى يۇندا كورىكىگە چىلاپ ئولتارغىننى كۆردۈم . چۈنكى ئۇنىڭ يۈركى ئاللىبۇرۇن سېسىپ بولغان ئىكەن . ئۇ ،قولىنى ئىلىم -مەرىپەتكە ئۇزاتمىدى ، ئۆززىگە سۇنمىدى ، ئەركەك سۇلار شىۋىرلاپ ئېقىۋاتقان ،زاكىسىغا قۇم بەرگەن ئەنە شۇ ئۆستەڭلەرنى بۇيۇنداپ تۇرغان ئانا مەكتىپىگە ، يۇرداشلارغا نۇمۇس نەزىرى بىلەن قاردى . مەن ئۇنى ھېس قىلدىم . چوڭقۇر تەپەككۇر ئىلكىدە ھېس قىلدىم . قاياقلارغا سەپەر قىلغاندۇ ئۇندىكى ئۆزلۈك ! تۆت يىل بۇرۇنقى ئۆتمۈش ... كېسەك ئوردىغا دەپنە قىلىنغان ئۆتمۈش ...
ئادەم -قانچە -قانچە گۈزەل ئارزۇ ئارمانلار بىلەن ئىللىق دۇنياغا كۆز ئېچىپ رەھىمسىز تەقدىرنىڭ شەپقەتسىز ئىلكىدە نە ئازاپلاردىن خالى بۇلۇپ ئۆتەر ؟! ئەنە شۇ جاسارەت ، تىرىشچانلىق ، بۈيۈك ئەقىدە قاچانلاردا باراۋەر جۇش ئۇرار ....
يەنە بىر تەشەككۈر . كىيىنكى يازمىللىرڭىزغىمۇ بەركەت تىلەيمەن.

نوزۇگۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىللاردا داستان بولغان مەشھۇر شائىرەسى . ئۇ 1862- يىلى ئىلىغا سۇرگۇن قىلىنغان قىز ئىدى . ئۇ سۇرگۇندىن قىچىپ ، ئارقىدىن قوغلىغان ۋە ئېزىغا چۇشكەن چېرىكلەر بىلەن ئىلىشىپ ، ئاخىر مويتۇڭزىدا قەتىل قىلىنغان . ئۇ ئۆز ھالىنى داستان قىلىپ ئەلگە يايغان . نوزۇگۇمنىڭ شىئېرلىرى خانىۋەيران ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئايالنىڭ ئۆز يۇرتىغا ، ئاتا - ئانىسىغا ، مۇھەببەت ئەركىنلىكىگە بولغان ئىنتىلىشلىرىنى كۇچلۇك ئىپادىلىگەن . ئۇ مىڭلىغان قەشقەر ئاياللىرى قاتارىدا مانجۇ - سۇلۇن چېرىكلىرىگە قۇل دېدەك ۋە خوتۇن قىلىپ بېرىشكە نىشانلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. نوزۇگۇم روھى ھازىرقى رىياللىققىمۇ بىر ئەينەك
نۇزۇگۇمنى ئەسلەپ ماۋزۇنىڭ ئەسلى مەنبەسى
http://www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=168
مەنبە
نۇزۇگۇمنى تۇتۇلۇشى

نۇزۇگۇم : ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىللاردا داستان بولغان مەشھۇر شائىرەسى ، <<نۇزۇگۇم>> پاجىئەلىك داستانىنىڭ باش قەھرىمانى ، ئالاھىدە تىپىك تراگېدىك مۇھىتتا يارىتىلغان تىپىك ھەقىقىي تراگېدىك شەخس . ئۇ 1826-يىلى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان قىز ئىدى . ئۇ سۈرگۈندىن قېچىپ ، ئارقىدىن قوغلىغان ۋە دائىما ئىزىغا چۈشكەن چېرىكلەر بىلەن ئېلىشىپ ، ئاخىر موتۇڭزىدا قەتل قىلىنغان . ئۇ ئۆز ھالىنى داستان قىلىپ ئەلگە يايغان . كېيىنچە ئۇيغۇر شائىرى بىلال نازىمى ئۇنىڭ ئەسلى شېئىرىلىرىنى نەزىم قىلغان ھالدا <<نۇزۇگۇم قىسسسى>>نى يېزىپ چىققان . نۇزۇگۇمنىڭ شېئىرلىرى خانىۋەيران ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئايالنىڭ ئۆز يۇرتىغا ، ئاتا-ئانىسىغا ، مۇھەببەت ئەركىنلىكىگە بولغان ئىنتىلىشلىرىنى كۈچلۈك ئىپادىلىگەن . ئۇ مىڭلىغان قەشقەر ئاياللىرى قاتارىدا مانجۇ-سۇلۇن چېرىكلىرىگە قۇل دېدەك ۋە خوتۇن قىلىپ بېرىشكە نىشانلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانىدى .
ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺗﺎﺭ ، ﺋﯩﭽﻰ ﻛﻪﯓ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﺯ ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﯞﯗﺯ ﺳﯘﻻﻧﻨﯩﯔ ﮔﻪﺟﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﭖ ، ﺳﯩﺮﯨﺘﺘﺎ ﻗﯧﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﺩﻩ ﭘﺎﻧﺎﮬﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ . ﻗﯘﺭﺳﯩﭽﻰ ﺋﺎﭼﺴﺎ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻝ ﮬﻪﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ، ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯩﻜﻪﻥ .
ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﯜﭖ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﺎﺭﺩﺍ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯧﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ، ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ . ﭼﯧﺮﯨﻠﻪﺭ ﻏﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ << ﺑﯘ ﻗﺎﭼﻘﯘﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ >> ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭘﺘﯘ - ﺩﻩ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻨﯩﯔ ﻛﯚﻛﺮﯨﮕﯩﻪ ﭘﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﭘﺘﯘ . ﭼﯧﺮﯨﻚ ﺷﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺗﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﻠﯩﭻ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭽﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯧﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯧﭽﯩﭙﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﻪﭖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭼﯧﺮﯨﻚ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﻰ ﻣﯘﮬﺎﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘ . ﭼﯧﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ :
___ ﺋﯩﺲ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺑﯘﺭﯗﻗﺘﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ! - ﺩﻩﭘﺘﯘ .
ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭖ - ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺗﯘﻥ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﭙﺘﯘ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺲ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﻪﭖ ﻣﺎﯕﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻳﻪﻧﻪ :
___ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﻮﻏﯘﻧﯩﺘﯩﯖﻼﺭ ، - ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻳﺮﯗﭘﺘﯘ . ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪ - ﮬﯘ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﻮﻏﯩﻨﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭙﺘﯘ . ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭙﻤﯘ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﻮﻏﯘﻧﯩﺘﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻳﺪﯨﻦ ﻣﻪﺷﺌﻪﻝ ﻳﯧﻘﯩﭗ ، ﻏﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﻳﯘﺭﯗﺗﯘﭖ ، ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺩﯗﻟﻠﯘﻕ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘ . ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﯓ ﻗﯩﭙﺘﯘ . ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﺯﺍﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﮬﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭙﺘﯘ ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺩﻩﺭﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ ، ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﮭﯘﺵ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯘ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ << ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻯ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ )

________ جۇدا تەھرىرلىدى

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
شۆھرەت:15(graf)تۆھپە:11(musallas)تۆھپە:10(layli0317)

Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 13:49 چوققىغا قايتىش
AMIL



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 57
شۆھرەت: 58 نۇمۇر
پۇل: 570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:70(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


چۇشەنچىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت~   قازاقلار بۇنى كۆرۈپ ئاغزى يۇمۇلغاندەك قىلامدۇ نىمە؟؟؟ بىرسىمۇ غىڭشىمايدىغۇ؟

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 18:27 چوققىغا قايتىش
kargvli

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 50
شۆھرەت: 51 نۇمۇر
پۇل: 500 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەخمەت سىزگە مەن بۇ نۇزۇگۇم داستانىغا بەكلا ئامراق ھارمىغايسىز.
يەنە بىر قىتىم ئوقىۋالدىم. بۇنىڭ مەزمۇنى شۇنداق ياخشى.
ياخشىلىقىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ.


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 18:32 چوققىغا قايتىش
ailikamil



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 16
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:31(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ قازاقلارغا قويۇپ بەرسە مەخمۇد قەشقىرىنىمۇ بىزنىڭ مىللەت ئىچىدىن چىققان دىيىشتىن يانمايدۇ.

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 18:35 چوققىغا قايتىش
ghalip

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: ئاددىي باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 506
شۆھرەت: 504 نۇمۇر
پۇل: 3768 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:569(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نۇزۇگۇمنى قازاق دېگەن تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەندەكلا بىر گەپ،قازاقلار نۇزۇگۇم دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن،مېنىڭ بىر قازاق(نايمان)ئاغىنەم نەزەر قۇم دەپ بىرەر قەھرىماننى تونۇمايدىكەن!

Nurluk elani

ئۇيغۇرچىلىق
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 18:35 چوققىغا قايتىش
karabayrak



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 61
شۆھرەت: 62 نۇمۇر
پۇل: 610 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەلقىسە سەئىد خان قۇرغان خانلىق ئۇنىڭ باتۇر زىرەك دەپ قارالغان چوڭ ئوغلى ئابدۇلرەشىت خانغا قالدى . ئەمما بۇ ئىنتايىن بىر بولۇمسىز پادىشاھلارنىڭ بىرى بولۇپ بىر كۇنى ئوۋدا چىرايلىق سەھرا قىزى نەغمىچى نەفىسە بىلەن (تەخەللۇسى) تونۇشۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىشقى پىراقىدا مەستانە بولۇپ ئەل ئىشىنى تاشلاپ نەخمە ناۋاغا بىرىلىپ كېتىدۇ. ھەتتاكى 24 سائەتلەپ مۇقام ئاڭلاپ شاراپبازلىق قىلىپ ئەل يورت بىلەن كارى بولمايدۇ. غەزىنە تېزلا قۇرۇقدىلىنىدۇ . بۇ تۇپەيلى سەئىدىيە ئىلىغا ئاپەت خارەكتىرلىق ئىككى ئىش بولىدۇ .
1. ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋە ئىسسىق كۆل تەرەپلىرىدىكى قازاق ۋە قىرغىزلار تولا پاراكەندە قىلىپ خان لەشكەرلىرىنى ئۆلتۇرۇپ تولا ئىسيان كۆتۇرۇپ تۇراتتى لىكىن ئۇلار سەئىد خاندىن تەرىپىدىن تولا بەك مەغلۇپ قىلىنىپ ھالى خاراپ ئىدى.
ئامما ئۇنىڭ بولۇمسىز ئوغلى بۇ ئىسيانلارنى باستۇرۇشقا ئەسكەر ئەۋەتىش ۋە خانلىقتىن چىقىم قىلىنىش ئەھۋالىدىن بىزار بولۇپ دۇنيادىكى ئەڭ ھاماقەتلەرچە قارارنى يەنى بۇ يەرلەرنى تاشلىۋىتىش خان ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىش قارارىنى بىرىدۇ . ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ يەرلەر سەئىدىيە ئېلىنىڭ قولىدىن مەڭگۇلۇك (400يىل) چىقىپ كېتىدۇ.
2. ئەينى ۋاقىتتا سەئىد خان بىر ياخشى پەزىلەتلىك خوجىدىن بىرنى ئۆزى بىلەن بىللە ئىلىپ كەلگەن ئىدى. سەئىد خاندىن كېيىن بۇ كىشى ،ئۇنىڭ بۇ <<ياراملىق>> ئوغلىنىڭ چىرايلىق ئايال ، نەغىمە ناۋا ، شاراپ بىلەن ئالدىراش دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى يەنى ئاتا قىساسى قازاق قىرغىز ئىسيانى تىبەت ئىستىلاسى قاتارلىق ئىشلارنى تاشلاپ قويغانلىقىدىن نارازى بولۇپ ئۇنىغا قارشى تۇرىدۇ يۇ پاتلا ئۆلۇپ كېتىدۇ . بۇ كېشىنىڭ ئىشلىرىنى ئوغۇللىرى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا ئۇ خەتەرلىك بىر ئۆزگىرىش ياساپ نەتىجىدە سەئىدىيە ئىلىغا ئاپەت خاراكتىرلىق يوقۇتۇش ئىلىپ كەلگەن ئافاق خوجىلار چىقىدۇ.

مانا بۇ تۇپەيلى مۇقام بىزنىڭ ئاپەت يىلتىزىمىز بولۇپ قالىدۇ.   قالغان ئىشلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا ئامانەت .
شۇڭا مەيلى تالاشسا تالاشسۇن بىزگە ئەڭ يېڭى نۇزۇەگۇم كېرەككى ئۇ قەدىمكى نوزۇگۇم ئۇلاردا قېلىۋەرسۇن.


[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 18:39 چوققىغا قايتىش
kizilgullar



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىدىن بىرى بولغان نۇزۇگۇم روھى مەڭگۈ ھايات !

[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 19:42 چوققىغا قايتىش
tarim68

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 15
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 98 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-04-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 4 جى قەۋەتتىكى ghalip نىڭ 2007-12-27 18:35 دە يوللىغان يازمىسى“”:
نۇزۇگۇمنى قازاق دېگەن تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەندەكلا بىر گەپ،قازاقلار نۇزۇگۇم دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن،مېنىڭ بىر قازاق(نايمان)ئاغىنەم نەزەر قۇم دەپ بىرەر قەھرىماننى تونۇمايدىكەن!

غالىپجان ئەپەندى، كۇچادا قازاق يوقتى، سىزنىڭ قايسى يەردىكى قازاق ئاغىنىڭىز سىزگە شۇنداق دىدى؟


[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 21:12 چوققىغا قايتىش
Altun-toghirak

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 153
شۆھرەت: 158 نۇمۇر
پۇل: 1530 سوم
تۆھپە: 4 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:95(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۆتكەندە بۇ ساياھەت رايونى ئەل بېشى (زوڭتۇڭ) نىڭ تۇققانلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزىۋالغان ئىكەن ، ئۇلار كېلىپ مەبلەغ سېلىپ بۇ ساياھەت ئورنىنى تەرەقى قىلدۇرۇش مەخسىدىدە كۆزدىن كەچۈرۈش ئېلىپ بېرىپتۇ ، يەرلىك نوپوزلۇق ئۇيغۇرلارمۇ بىللە بارغان ئىكەن ، ئۇلار« نازىگۇم » (ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى شۇنداق ئاتايدۇ) نىڭ مەقبەرىسىنى ساياھەت قىلدۇرۇپتۇ ۋە نازىگۇمنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر باتۇر قىزى ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرۇپتۇ ، بۇ قەۋرىنىڭ قازاقىستان تەۋەلىگىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى ياقتۇرمىغان بۇ ئەل بېشىنىڭ تۇققۇنى ، شالىنى چېچىرتىپ تۇرۇپ ، بۇ قانداقمۇ بىر ئۇيغۇر باتۇر قىزىنىڭ قەبرىسى بولسۇن ؟ بۇ جايلار ئەزەلدىن قازاقلارنىڭ زىمىنى ئۇيغۇرلار قاچان بۇ يەرلېرىمىزگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ؟ بۇ قەبرىچۇ ؟ بۇ قەبرە بىز قازاقلارنىڭ نايمان قەبىلىسىدىن چىققان باتۇر ئوغلان « نازەرقۇم » باتۇرنىڭ قەبرىسى دەپ جار ساپتۇ . ئاددى ئۇيغۇر يېزا باشلىقى ۋە باشقا ئۇيغۇرلار ئۈندىيەلمەي ئاغزىنى تۇتۇپ قاپتۇ BBS.Xabnam.Com din koquruldi
بىز ئۇيغۇرلارغا قەيەرگىلا بارساق كۈن يوقمۇ -نىمە؟ قاچانمۇ بىزنىڭ گىپىمىز ئۆتكۈدەك بولار؟


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

./ad/nahxa.gif
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 22:11 چوققىغا قايتىش
A-Studio

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 78
شۆھرەت: 79 نۇمۇر
پۇل: 720 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:15(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ بەلكىم قازاقىستاندىكى قازاقلارنىڭ كۆز قارىشىدۇ، بەلكىم ئۇلار نېمىشقا بىزنىڭ يېرىمىزدە ئۇيغۇر قەھرىمانلىرىنىڭ قەبرىسى بولىدۇ دەپ چىدىماي شۇنداق دېگەندۇ؟!ئەمما ھەممە قازاقنى بىر تاياقتا ھەيدىمەيلى، ئوتتۇرىغا ئارازىلىق چۈشىدىغان گەپتىن ساقلىنايلى!

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 22:15 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3   4  >>  Pages: ( 1/4 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-28 16:08, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije