| ||||||||||
xabnam شەبنەم تورى | شەبنەم تورى 4 ياشقا كىردى ! (شەبنەم)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك شەبنەم ئەھلى :
مۇبارەك قۇربان ھېيتىمىزنى ئۇزىتىپ ، يېڭىچە بىر يىلغا قەدەم قويۇشقا ئاز قالغان مىنوتلاردا ، شەبنەم تورىنىڭ 4 ياشقا تولغان قۇتلۇق خاتىرە كۈنى يېتىپ كەلدى ، بۈگۈن شەبنەم نەق 4 ياشقا تولدى ! مۇشۇ مىنوتلاردا شەبنەم ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تور بەتچىلىگى ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ئەجىر قىلىۋاتقان بارىلىق جاپاكەشلەرگە چوڭقۇر سالىمىمىزنى ۋە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ! شەبنەم ئۇيغۇر تورى 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، قىسقىغىنە تۆت يىل مابەينىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلار ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان تورلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى . شەبنەم مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن شەبنەم تورىدىكى چوڭ بىر مۇنازىرە سەھنىسى ھازىرلىنىپ ، تورداشلار ئەركىن پىكىر قىلالايدىغان ، ئۆز ئەسەرلىرىنى ۋە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىنى شەبنەم ئارقىلىق ھەقسىز يوللىيالايدىغان ئەۋزەل شارائىت ھاسىل بولدى . بارىلىق تورداشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز قوللىشى ئارقىسىدا شەبنەم تورى كۈندىلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەلقىمىزنى خەۋەردار قىلىدىغان ، يېڭىلىقلارنى خەلقىمىز بىلەن تەڭ بەھرىمان بولىدىغان چوڭ سەھنىگە ئايلاندى . تورىمىز مۇنازىرە ئۇچۇرنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە ، سەنئەت قانىلى ، ئۇيغۇرچە ئىزدەش قانىلى ، چوڭ ھەجىملىك مۇنازىرە سۆھبەت قانىلى ، تور ئويۇن ، ناخشا قانىلى .... قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ تورداشلار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان توردىن پايدىلىنىش سورۇنى ھازىرلىدى . بەلكى بۇ نەتىجىلەر بىز ئويلىغاندىن بەكمۇ يىراقتا بولسىمۇ ، تورداشلار ئۆزىگە تەۋە بولغان بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى دەپ قارايمىز ۋە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز ! شەبنەم مۇنازىرە مۇنبىرى ئۆزىنىڭ نادىر تېمىلرى بىلەن تورداشلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ بىرى . تورىمىز قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرلەۋاتقان مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈنلەردە ، شەبنەمنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقان بارىلىق مۇنبەر ئەزالىرى ، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ، شەبنەم ئالىي ئەزالىرى ، شەبنەم ئاۋازلىق سۆھبەتخانىسى باشقۇرغۇچىلىرى ، چايخانا قۇرغۇچىلىرى ، شەبنەم تەھرىرىلىرى ۋە تېخنىك خادىملىرىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ! سىلەر بولغاچ شەبنەم تورى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ ، خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ، سىلەر بولغاچ يېڭىلىقلار شەبنەمدىن ئورۇن ئېلىپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرىشىۋاتىدۇ ! ... شەبنەم تورىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ، ھەممەيلەننىڭ ساق-سالامەت بولۇشىنى ، تۇرمۇشىنىڭ خۇشھال ، خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز ! مۇبارەك 4 يىلىڭغا شەبنەم ! ___ ھۆرمەت بىلەن : شەبنەم ئۇيغۇر تورى خىزمەت تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2007.12.27 (بېيجىڭ) شەبنەم تورىنى تېخىمۇ چۈشەنمەكچى بولسىڭىز ، بۇ يەرنى بېسىڭ ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
219 دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن | مۇبارەك بۇلسۇن شەبنەم ئەپەندىم ئالدى بىلەن مەن تەبرىكلەپ قۇياي ...شەبنەمنىڭ ئۇمرى ئۇزۇن بۇلسۇن سىزنىڭمۇ شۇ شەبنەم ئەپەندىم...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyghurjan مۇنبەردە يوق؟؟؟ دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى | Re:شەبنەم تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 4 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز !ۋائەلەيكۇم ئەسسالام . . .
شەبنەم ئۇيغۇر تورىنىڭ تۆت ياشقا تولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ، شۇنداقلا شەبنەم ئۇيغۇر تورىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قېلىمەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ASAN-YUSAN يـەھـيـا | مۇبارەك مۇبارەك ~~ مەن ئۈچ ياشقا كىرىمەن... خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ~~ تەشەككۈر سىزگە نىجات ئاكا.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
باغۋەن | شەبنەمنىڭ بۇنىڭدىن كىينكى ھەر قايسى تەرەپلەردىن يۈكسىلىشى ئۈچۈن ھەممىمىز ئەجىر قىلايلى ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ZORRO828 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇبارەك 4 يىلىڭغا شەبنەم !مۇبارەك 4 يىلىڭغا شەبنەم !مۇبارەك 4 يىلىڭغا شەبنەم !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qimbulak مەن شەبنەمدە يىتىلگەن... | شەبنەم ئۇيغۇر تورىنىڭ 4 ياشقا كىرگەن قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك !
بۇندىن كىيىن 44 ياش 444ياشلارغا ھەم ئۇنىڭدىمۇ ئۇزاق ياشلارغا كىرىشىنى ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ گۈلتاجى بولۇپ تۇرىشىغا تىلەكداشمىز ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
muhterem مۇختېرېم | مەن شەبنەم تورىنىڭ 4 ياشلىق تۇغۇلغان كۇنىنى تەبرىكلەيمەن ھەم بىزگە مەنىۋى جەھەتتىن كۆچ بىغىشلاۋاتقان شەبنەم مۇنازىرسىنىڭ 2 ياشقا كىرگەنلىكىنىمۇ قىزغىن تەبرىكلەيمەن .
ئوتكىچە يىگىرمە بەش مىڭ ئەزا كۆزگە كۆرۇنۇپ ، ئەلگە يۇز مىڭلاپ تارالدىڭ ،كەتتى دىللار سۆيىنىپ. بولدى روشەن ھەر قىتىم يۇز ئاچقىنىڭدا كۆزىمىز، چۇنكى يۇزۇڭ شەمئىدەك تۇرغاچقا بىزگە نۇر تۆكۇپ . خىلمۇ-خىل ژانىرلىرىڭ ئارتتۇردى ھوسنۇڭنى سېنىڭ، باغى بولدۇڭ ئاممىنىڭ ھەر رەڭدە گۇللەر كۇلدۇرۇپ. بولدى قوينۇڭ گۇلشەنى بۇلبۇل-ئەدىپلەر سورۇنى، دەۋرىمىز مەدھىيىدە ئۇ ،كەتتى ناۋالارغا تولۇپ . روھىي كۇچ بەخش ئەيلىدى شېرىن سۆزۇڭنىڭ لەززىتى، بۇ مالاھەت پەيزىدىن كۆز ئاچتى دىللار ئويغۇنۇپ. ئالدىڭ يىللار قوينىدىن گەۋھەر-ئۇتۇقلارنى قىزىپ، بولدى شاد دوستلار ئاڭا قالدى رەقىبلەر تولغۇنۇپ . بۇ ۋەتەنداشلار ساڭا دائىم تىلەر ئىزگۇ تىلەك ، دەۋىر يولىنى ئاچتى داغدام ،تۇر ھەمىشە يۇكسىلىپ. مۇختېرېم يازدى سېنىڭ مەدھىيىڭدە ئاددى بىر غەزەل، بىلىمەن پەخرىم ئەگەر قالسا ساڭا مەقبۇل بولۇپ . BBS.Xabnam.Com din koquruldi بۇ شىئىرىمنىڭ ئۇلىنىش ئادىرسى :./read.php?tid-32547-keyword-.html | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
كىتابخۇمار دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مۇبارەك ،
مۇبارەك، مۇبارەك ........ مۇنبەرنىڭ تۆت ياشقا كىرگىنىنى تەبرىكلەيمىز ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tanhakalip | شەبنەم تۇر بىتى خزمەت گۇرۇپپسدىكى دۇستلارغا رەھمەت.بىزگە ياخشى تور مۇھىتى ھازىرلاپ بەردىڭلار.
شەبنەم ئەپەندىم كونا مۇنبەرنى پۇتۇنلەي تاقىۋەتىڭلارمۇ؟ پايدىنىلىش قىممىتى يۇقىرى ماتىرياللار بار ئىدى...... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Seher-Ay دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شەبنەمنىڭ 4 ياشقا كىرگىنىگە مۇبارەك بولسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arkhon | بىز بىر غېرىپ مىللەتنىڭ مۇشۇنداق ئەركىن پىكىرلىشەلەيدىغان بىر سورۇنىنىڭ بارلىقى كىشىنى تۇلىمۇ سۆيۈندىرىدۇ بىز ئۇنى كۆز قارچۇقىمىزدەك ئاسرايمىز ...تەكلىۋىم ھەممىمىز ئۇنى قەدىرلىسەك ئاسرىساق...
| ||||
---|---|---|---|---|---|
merhazap دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇبارەك بۇلسۇن شەبنەم !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kurban911 | تىخمۇ تەرەققىي قىل شەبنەم ، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yurutum دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەي ئىسىت بالدۇرراق بىلگەن بولسام شەبنەمجانننىڭ تۇغۇلغان كۇنىگە ئىسىل تورىتتىن بىرنى ئاپىراكەنتۇكمەن،شۇنداختىمۇ قۇرۇق بولسىمۇ مۇبارەكلەپ قوياي بەش ياشقا كىرگەندە بولسىمۇ تەبرىكلەپ قۇيارمەن ئەمدى.شەبنەمجان دەپ قويدۇممغۇ ،شەبنەم قىزمىدۇ ياكى ئوغۇلمىدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
~sarang~ دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ مەزمون 14 جى قەۋەتتىكى yurutum نىڭ 2007-12-27 23:51 دە يوللىغان يازمىسى“”: شەبنەم مۇنبىرى قىزمىدۇ -ئوغۇلمىدۇ دېگىن ؟! ساراڭ.... شەبنەم ئەزالىرىنىڭ مەڭگۇ ساراڭ بولماي تۇرىشىنى تىلەيمەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ghalip | شەبنەم مۇنبىرىنىڭ تۆت ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن.
شەبنەم مېنىڭچە يىگىت! | ||||
---|---|---|---|---|---|
دۇنيا ئىللىق دۇنيا | شەبنەم مۇنبىرىنىڭ بۇندىن كىيىن تىخىمۇ گۈللىنىشىنى چىن دىلىمدىن ئۆمۈد قىلىمەن .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
butterfly سودا توپى : 61116981 | شەبنەمنىڭ 4 يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن . نىجات ئەپەندىم مۇنبەرنىڭ بىزىلىشى ناھايىتى كۆركەم بولۇپتۇ رەخمەت .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Alpamish | كۆنەك ئېيى،يىگىرمە سەككىزى، بولماق ئىكەن تۇغۇلغان كۈنۈڭ. مۇنبەر ئىچرە شاۋقۇنلار بوشقۇ؟! تۆت ياش بولغاچ يۈتتىمۇ ئۈنۈڭ.. سىلىق چۈشتى قۇتلۇق كۈنىڭگە، سوۋغات بىرەي دىسەم پۇل ئىشى... ئاھ... كۆڭۈلنى قانداق بىلدۇرەي؟ بەكمۇ قاتتى ئالپامىش بىشى... بولدىلا.... ئەڭ ياخشىسى.. يۈرىكىمنى چۇۋۇپ مەن ساڭا، ئۆتكۈزۈپلا بىرەي تويۇڭنى... قەسىدىلەر يىزىپ بىر تالاي، سىياھ بىلەن بوياي بويۇڭنى... يامان قىلدىم گۇناھىم ئىغىر، ئالدىراپلا يازدىم مۇبارەك، گۇناھىمدىن ئۆتكىنچۇ بولدى، شەبنەم ئۈچۈن تىزاي چەمبەرەك!.. ھاھاھا...مۇنبەرى شەبنەم،ئوغلۇمدىن ئازراقلا كىچىككەن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|