سىز بۇ تېمىنىڭ 726ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
 
بۇ بەتتىكى تېما: شەبنەمنىڭ مەدەنىيەتلىك پۇخراسى بولۇڭ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
ئىز
تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 6
يازما سانى: 1648
شۆھرەت: 2356 نۇمۇر
پۇل: 18340 سوم
تۆھپە: 317 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:140(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-04-14
ئاخىرقى:2008-03-14

شەبنەمنىڭ مەدەنىيەتلىك پۇخراسى بولۇڭ

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم شەبنەم ئەھلى كىچىكىپ بولسىمۇ قۇربان ھېيىتڭلارنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن.
شەبنەم مۇنبىرى قۇرۇلغان قىسقىغىنا ۋاقىت مابەينىدە ، ئۇيغۇر تورچىلىق ساھەسىگە تۆھبە قوشۇش ئۈچۈن تىنىمسىز تەر تۆكۈپ كىلىۋاتقان شەبنەم ئەپەندىمنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىش ، يېڭىلىق يارىتىشى نەتىجىسىدە كىچىكلىكتىن زورىيىپ ، ۋەتەن ، خەلق ، مىلەتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئېقىشنى شەرەپ ۋە بۇرچ ھىساپلايدىغان ئوغلانلار ، بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە ، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىغان نازاكەتلىك قىز - جۇۋانلار توپلاشقان، تەربىيە ، مۇلاھىزە ، كۆڭۈل ئېچىش بىرگەۋدىلەشكەن ئىللىق ماكانغا ئايلىنىپ ، ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى سەركەردىگە ئايلاندى . نۆۋەتتە شەبنەم مۇنبىرى ئۆزىنىڭ تىما دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، جەلىپكارلىقى، يوللانغان تىمىلارنىڭ تەبىيۋى ئەھمىيىتىنىڭ چۇڭقۇرلۇقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن 24مىڭدىن ئارتۇق ئەزاغا ئىگە بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا مۇنبەرگە ئەزا بولماي زىيارەت قىلىدىغان سەيياھلىرىمىزنىڭ سانىمۇ ھەددى - ھىساپسىز ، ئەلۋەتتە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تونۇلغان ئالىملىرىمىز ، ئالى مەلۇماتلىق زىيالىلىرىمىز مۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ، دىمەك ،شەبنەم ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلۋاتقان بىر مەۋھۇم جەمئىيەتكە ئايلاندى . بۇ جەمئىيەتنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداق بولىشى ئۇيغۇر زىيالىلار قوشۇنىنىڭ سۈپىتىگە مەلۇم دەرىجدە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ .
مۇنبەردە يېڭىدىن يوللانغان تېمىلار ئۆزىنىڭ ماس سەھىپىسىگە يوللانماسلىقى ، تېما ، ئىنكاسلاردا ئىملا خاتالىقىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى ، ئەزالار بىلەن باشقۇرغۇچىلار ئارا ئىتىپاقسىزلىقلار ، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتىگە خىلاپ يازمىلارنىڭ مۇنبەردە بىلىپ - بىلمەي يېزىلىپ قېلىشى . . . . قاتارلىق ئىشلار مۇنبەردە يوق ئەمەس.
مۇشۇ ئىشلار توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
«ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ دۇنيادىكى دەرىجىسى» دېگەن ئۇلىنىشقا كىرىدىغان بولساق شەبنەم مۇنبىرى مانا ھازىرمۇ بىرىنچىلىك ئورنىنى ھېچكىمگە تارتقۇزۇپ قويغىنى يوق . (ئىشەنمىسىڭىز مەزكۇر خەتنى بېسىپ بېقىڭ! )
مۇنبەردە ياخشى تېمىلارنى كۆپلەپ كۆرۈش ، يازغۇچى ، زىيالى ئەزالارنىڭ يازمىللىرىنى مۇنبەردە كۆپلەپ كۆرۈش ، تور سۆرىتى ئەڭ تېز بولغان مۇنبەرگە ئىگە بولۇش ، پاكىز مۇھىتى بار مۇنبەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە شەبنەم تورى بىزدەك ۋە سىزدەك قوللىغۇچىلارغا مۇھتاج ئەلۋەتتە . شۇڭا ئىللىق بولغان شەبنەم مۇنبىرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇشبۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.


تۆۋەندە ئۈگىتىدىغان بىرقانچە مەشغۇلات بار . بىلمەيدىغانلار ئۈگىنىۋېلىڭ!

1- تېمىنى ماس سەھىپىگە يوللاش ئۇسۇلى : بۇنى ئۈگىتىپ يۈرسەم بەلكىم بەزىللىرىنىڭلار كۈلۈپ كېتىشىڭلار مۇمكىن. سىلەرگە دىسەم مەنمۇ مۇنبەرگە تۇنجى كىرگەندە تېمىنى ماس سەھىپىگە يوللاشنى ھەتتە خەتنى ئوڭشاپ يېزىشنىمۇ بىلمەيتتىم. بارا-بارا ئۈگىنىپ كەتتىم ماڭا ھېچكىم ئۈگەتمىدى ئۆزۈم ئۈگەنگەن . مۇنداق سىز ناۋادا بىر شېئىر يوللىماقچى بولسىڭىز مۇنبەر باش بېتىنىڭ ئاستىغا چۈشۈرسىڭىز بۇ يەرنى ئۇچۇرتىسىز شۇنىڭدىن بۇ «شېئىرىيەت گۈلزارى» دېگەن خەتنى باسسىڭىز ئۈستىدەبۇ ئىككى خەت چىقىدۇ . ئەگەر بىلەتلىك تېما يوللىماقچى بولسىڭىز «بېلەت» دېگەن خەتنى باسىسىز ، ئەگەر بېلەتلىك تېما ئەمەس ئادەتتىكى تېما يوللىماقچى بولسىڭىز «تېما يوللاش»دېگەن خەتنى باسسىڭىزلا كۇپايە.


2- تېمىڭىزنىڭ تەستىقلانماسلىق سەۋەبى : بۇرۇن مەندىمۇ مۇنبەرگە دېگەن ئۇقۇم تار ۋاقتىدا «تېمام نېمىشقا تەستىقلانمايدىغاندۇ ؟» دەپ قالاتتىم.كېيىنچە مۇنبەر دېگەن ئۇقۇم بارغانسېرى كېڭەيگەندىن كېيىن ئۇنداق بولمىدى . ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بولغىنىغا ئوخشاش تېمىنىڭ تەستىقلانماسلىقىنىڭمۇ سەۋەبى بولىدىكەن. مەزكۇر تېمىنىڭ تەستىقلانماسلىق سەۋەبىنى باشقۇرغۇچىنىڭ بىخەستىلىك ئۆتكۈزۈپ قويۇپ قويغانلىقى %10~5% ئىگىلەيدۇ دىسەك . قالغان %90 نى مەزكۇر تېمىنى يوللىغان ئەزا سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدىشى كېرەك ئىكەن.
شەبنەم مۇنبىرىنىڭ مۇنبەر باش بېتىدىمۇ ئەسكەرتىش ئېنىق بار . يەنى :

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكتىردىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ ! تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇن ساغلام تېمىلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز !
مەن تېمىنىڭ تەستىقلانماسلىق سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك سۆزگە يىغىنچاقلىدىم كۆرۈپ بېقىڭ .
1) تېمىنى بۇرۇن باشقىلار يوللاپ بولغان ، سىز تەكرار يوللاپ قويغان بولىشىڭىز مۇمكىن.
2) تېمىڭىزدىكى مەزمۇنلار مەنىسىز ياكى قىلچە قىممىتى يوق بولىشى مۇمكىن.
3) سۈرەت ياكى فىلىملەر چىقمىغان ياكى تېما ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىلدا يېزىلغان بولىشى مۇمكىن.
4) دۆلەتنىڭ قانون ، سىياتىسىگە خىلاپ سۆزلەر بولىشى مۇمكىن.
5) تېمىڭىز يامان نىيەتلىك ياكى ئېلان خاراكتىردىكى تېما بولىشى مۇمكىن.
6) تېمىڭىزدا ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ تەكرارلىنىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن.
7) . . . . .


3- ئىملا ھەققىدە : دىمىسەممۇ بىلسىلەر بىزنىڭ ھازىر ئاساسلىق ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىدىغان ئاممىۋىي سورۇنىمىز ئاساسلىق مۇشۇ ئۇيغۇر مۇنبەرلەر بولۇپ قالدى. باشقا قانداق يەرلەرگە بېرىپ بېقىڭ كىرىپ بېقىڭ باشقا مىللەتنىڭ تىل-يېزىقى ئارلىشىپ قالغىنى قالغان. بىز ھازىرقى شارائىتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك . شۇڭا شەبنەم مۇنبىرى ئالاھىتەن تېما يوللايدىغان يەرنىڭ ئۈستىگە كونۇپكا مەشىق تاختىسىنى چىقىرىپ قويدى. بىلمىسەك شۇنىڭدىن ئۈگىنەيلى . تېز يازمىسام بولمايدۇ دەپ ئىملا خاتالىقىغا ئىتىبار بەرمەيدىغان ئىشنى قىلمايلى. ئاستا يازساقمۇ ساز يازايلى . تېمىنى چىرايلىق قىلايلى. مۇنبەرگە ئادەتتە ھەرخىل يۇرتىكى كىشىلەر كىرىدۇ . شۇڭا مۇنبەردە ئىنكاس ، تېما يېزىپ قالسا يەرلىك شىۋىسى بىلەن قوشۇپ يازىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. مۇنبەردە كۆپ ئۇچىرىتىپ قالىدىغان بىرقانچە ئىملا خاتالىقلىرىنىڭ توغرا يېزىلىشىنى ئېيتىپ بېرەي.
تىما دەپ يازساق خاتا بولىدۇ ، توغرىسى : تېما
خەلىق دەپ يازساق خاتا بولىدۇ ، توغرىسى : خەلق
بەخىت دەپ يازساق خاتا بولىدۇ ، توغرىسى : بەخت
ئۈمۈد ياكى ئۈمىت دەپ يازساق خاتا بولىدۇ توغرىسى : ئۈمىد
شئىر دەپ يازساق خاتا بولىدۇ توغرىسى : شېئىر
.......


4-ئۆزىڭىزنى قوغداشنى ئۈگىنىۋېلىڭ : مۇنبەردە بەزى ۋاقىتتا ماڭا بىرقانچە قىزدىن ئۇچۇر كىلىدۇ . «مۇنبىرىڭلاردا تېتىقسىز ئوغۇللار بەك كۆپ ئىكەن ئۇچۇر يېزىپ ئادەمنى ئاۋارە قىلىۋاتىدۇ» ، «ئېلان بېرىپ ئۇچۇر يازىدىغانلار بەك كۆپ ئىكەن» .... دېگەندەك . بۇنى ھەل قىلىشنىڭمۇ ئۇسۇلى بار ئەلۋەتتە. باشتا بۇ يەرنى تېپىپ «قىسقا ئۇچۇر»دېگەن مەزمۇننى چىكىسىز ئۇنىڭدىن «سەل قاراش تىزىملىكىگە كىرىسىز كىرسىڭىز بىر بوشلۇق بار شۇ يەرگە مۇنبەردىكى كىمنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بولۇپ «يوللاش»دېگەن خەتنى بېسىۋەتسىڭىزلا ئۇ سىزگە ئۇچۇر قايتۇرالمايدۇ.

بۈگۈنچە مۇشۇ بىرقانچە تۈردە توختىلاي . ئەمدى مۇنبەردە كۆرمىسىڭىز بولمايدىغان قىينىلىپ قېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چىقارغان تېمىلارنىڭ ئۇلىنىشىنى قالدۇراي .

1-مۇنبەر مەسئۇلى تورداشلانىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن چىقارغان «مۇنبەر قوللانمىسى»نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ !
./read.php?tid-11.html

2- مۇنبەرگە يېڭىدىن تېما يوللاپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن تەستىقلانغان ياكى تەستىقلانمىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز مەن پايدىلىنىش ئۈچۈن چىقارغان بۇ تېمىغا كىرىڭ!
./read.php?tid-27225-keyword-.html

3-مۇنبەردە باش سۈرەت چىقىرالمايۋاتقان بولسىڭىز مەن پايدىلىنىش ئۈچۈن چىقارغان بۇ تېمىغا كىرىڭ!
./read.php?tid-26037-keyword-.html

4-شەبنەم مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇپ مۇنبەر ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقارماقچى بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشقا كىرىڭ!
./read.php?tid-290.html

5-باشقۇرغۇچىلارنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز بۇ تېمىغا كىرىڭ!
./read.php?tid-25024.html

......

بۇنداق تېمىلارنى گەرچە يوللاشقا سالاھىتىم توشمىسىمۇ . مۇنبەرگە يوللاشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا تاشلاپ قويۇشنى لايىق كۆرمۈدۈم.
ئەزالارنىڭ ئىمزا رايۇنىغا رەسىم چىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۇزۇنغا قالماي مۇنبەرگە يوللايمەن. ماقۇل ئەمسە ئاخىرىدا تېنىڭلارغا سالامەتلىك ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەپ دوستۇڭلار _ ئىز
[ بۇ يازما ئىز تەرپىدىن 2007-12-24 17:13 دە قايتا تە ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:10(xabnam)
  • شۆھرەت:9(uyghur839)
  • يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 16:40 | [باش تېما]
    kalipdax1

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 10
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    پۇل: 100 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-02-22
    ئاخىرقى:2008-01-28

    پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىكەن،رەخمەت سىزگە.
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 19:01 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
    دۇنيا
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

    مەزھەپ:ئىللىق دۇنيا ئىللىق دۇنيا
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1173
    شۆھرەت: 1236 نۇمۇر
    پۇل: 11523 سوم
    تۆھپە: 125 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:479(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-01-06
    ئاخىرقى:2008-03-14

    توغرا پىكىر ،توغرا يىتەكلەش ،ئەڭ ئاددى ئۇسۇل ،ھەممە بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك موھىم تەرەپ-----------
    [code]

    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 21:03 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
    KeepWaiting

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 19
    شۆھرەت: 20 نۇمۇر
    پۇل: 190 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:27(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-08
    ئاخىرقى:2008-01-04

    شۇڭا مىنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم مۇنبەردىكى رەسۋاچىلىقلارنى چەتئەلدىكى قىرىنداشلىرىمىز كۆرۈپ قالمىسىكەن دەيمەن..
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 21:50 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
    @QAWANDAZ@

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 207
    شۆھرەت: 218 نۇمۇر
    پۇل: 2060 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:75(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-03-08
    ئاخىرقى:2008-03-13

    Quote:
    بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى kalipdax1 نىڭ 2007-12-24 19:01 دە يوللىغان يازمىسى“”:
    پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىكەن،رەخمەت سىزگە.

    ohxax.cn
    نىمە ئەڭ كەمچىل بولسا شۇ ئەڭ پۇلغا يارايدۇ.
                                 
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 22:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
    XAKILAT@KIZ

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 274
    شۆھرەت: 275 نۇمۇر
    پۇل: 2740 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:192(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-01
    ئاخىرقى:2008-03-04

    رەخمەت سزززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززگە
    ohxax.cn
    مەن ياشايمەن
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-25 00:17 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
    muztagqokka

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 199
    شۆھرەت: 200 نۇمۇر
    پۇل: 1990 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:48(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-05
    ئاخىرقى:2008-03-04

    مەن بىر يېڭى ئۈگەنگۈچى سىزنىڭ يوللىغان بۇ بىلىملەر مەن ئۈچۈن بىلىم ئىگەللەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش بولدى .سىزگە رەخمەت قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-25 01:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
    NUXIRIWAN
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 181
    شۆھرەت: 182 نۇمۇر
    پۇل: 1810 سوم
    تۆھپە: 8 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:104(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-20
    ئاخىرقى:2008-02-25

    شەبنەمدىكى بىر قىسىم تورداشلار يولانغان تېمىلارغا بولغان كۆز قاراشلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەپلىك يولىغان ئىنكاسلىرى تېما مەزمۈنىدىن چەتنەپ، شەخسى ھوجۇمغا ئۇتۇپ كېتىۋاتىدۈ. ئەلۋەتتە، بۇلار كۆپ سالماقنى ئېگەلىمىسىمۈ، شەبنەمنىڭ ئوبرازىغا بولغان تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۈ.
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-25 09:21 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
    aliali

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 742
    شۆھرەت: 768 نۇمۇر
    پۇل: 7420 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:816(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-05-10
    ئاخىرقى:2008-03-14

    شەبنەمدە مۇشۇنداق   پايدىلنىش قىممىتى يۇقرى تىمىلار ئۈزۈلۈپ قالمىسىكەن  
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-25 09:37 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
    keram208

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 171
    شۆھرەت: 171 نۇمۇر
    پۇل: 1710 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:55(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-06-02
    ئاخىرقى:2008-03-04

    «ئېلان بېرىپ ئۇچۇر يازىدىغانلار بەك كۆپ ئىكەن»
    ەە
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-25 12:02 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
    SUKUT315
    ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 906
    شۆھرەت: 916 نۇمۇر
    پۇل: 9070 سوم
    تۆھپە: 80 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:401(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-08
    ئاخىرقى:2008-03-13

    رەھمەت سىزگە، نۇرغۇن بىلگۈلەرنى تەپسىلى چۈشەندۇرۇپسىز، مەنمۇ ھازىرغا قەدەر باش سۈرىتىمىنى ئۆزگەرتەلمىدىم(ياخشراق باش سۈرەت تاپالىمىدىم)....... ياردەملىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز!
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-25 12:16 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
    nur-ziya
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1212
    شۆھرەت: 1344 نۇمۇر
    پۇل: 12140 سوم
    تۆھپە: 70 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:393(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-02
    ئاخىرقى:2008-03-14

    سىزگە كۆپ رەھمەت! شەبنەمگە ناھايتى كۆپ ئەجرىڭىز تەگدى ،مەن ئەزا بولغاندىن بېرى تېمىلىرىڭىزغا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن،ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللايسىز
    [پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس]
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-25 15:44 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
    Uyghuria

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 48
    شۆھرەت: 49 نۇمۇر
    پۇل: 480 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:48(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-02-27
    ئاخىرقى:2008-02-20

    سزگەكۆپ رەخمەت مەن مۇشۇنداق بىر تېمىغا ئېھتىياجلىق بۇلۋاتاتتىم
    ohxax.cn
    ئەسسالام ئەلەيكۇم
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-25 20:49 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
    tangsabasi
    ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 678
    شۆھرەت: 701 نۇمۇر
    پۇل: 6290 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:269(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-17
    ئاخىرقى:2008-03-14

    مۇشۇنداق ئېسىل ،پايدىلىنىش قىممىتى بار،ھەممەيلەن بىر قېتىم كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك تېمىلارنى كۆرىدىغانلارنىڭ سانى نىمانچە ئازدۇ؟بۇ ئەسەرگە بەلكىم دەھشەت تېمىدىن بىرنى قويغان بولسا كۆرىدىغانلار چوقۇم جىق چىقاتتى،بەزىدە ماۋزۇ شۇنداق دەھشەت،غەلىتە قويۇلغان ،شۇنىڭ بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان،ئىچىگە كىرسە مەزمۇنىنىڭ تۈزۈك تايىنى يوق....
    ئىز ئەپەندى:مۇنبەر ئۈچۈن ئىزچىل پايدىلىنىش قىممىتى بار ئېسىل تېمىلارنى يوللاپ،مۇنبەر يۈزىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ،ئۆز ئەجرىڭىز بىلەن مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتىسىز.
    جاپا چەكتىڭىز!نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!
    ohxax.cn
    دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس،كەم بولغىنى ئۇنى بايقاشتا!
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 12:32 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
    kiqiknaway

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېزىش چەكلەنگەن
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 138
    شۆھرەت: 139 نۇمۇر
    پۇل: 1320 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:7(سائەت)
    تىزىملاتقان :2008-01-29
    ئاخىرقى:2008-02-11

    ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز رەھمەت
    يوللانغان ۋاقىت : 2008-02-10 18:09 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )


     

    Time now is:03-14 15:26, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation