شەبنەم يېڭى مۇنبىرىگە مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى
ئەسسالام مۇنبىرىمىزنىڭ مۆھتىرەم كۆرۈرۈمەنلىرى ۋە مۇنبەر ئەزالىرى :
شەبنەم يېڭى مۇنبىرىمىز ئېچىلغاندىن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ، تورداشلارنىڭ كۆپلىگەن قىممەتلىك پىكىر - تەلەپلىرى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى . مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ كۆپىيىشى ، كۈندىلىك تېمىلارنىڭ كۆپ بولۇشى تۈپەيلى مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىلىرى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىلىرى يېتىشىپ بولالماسلىقتەك ئەھۋال كۆرۈلىۋاتىدۇ . مۇنبەرگە ئۇيغۇن ئەمەس ئىنكاسلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئەھمىيەتسىز تېمىلارنىڭ يوللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇنبەر باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ ، مۇنبىرىمىزگە ئىقتىدارلىق ، يېزىق قابىلىيىتى ئۈستۈن ، تەھرىرلىكتىن خەۋىرى بار 10نەپەر نادىر باشقۇرغۇچى قۇبۇل قىلىشنى لايىق تاپتۇق . باشقۇرۇغۇچىلىققا ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى تۆۋەندىكىدەك :
1. تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇش ۋە ئەدەبىيات ۋە تەھرىرلىك جەھەتتە قابىلىيىتى بولۇش . تورغا چىقىش ۋاقتى كۆپ بولۇش ، مۇنبەردە مەلۇم قىممىتى بولغان ئەسىرى بولۇش ؛
2. شەبنەم تورىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە شەبنەم تورىنىڭ دائىملىق كۆرۈرمىنى بولۇش ، قانۇن ئېڭى يۇقىرى بولۇش ، كۆز - قارىشىنى دادىل ئوتتۇرغا قويالايدىغان بولۇش ؛
3. يېڭى ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىلارنى يوللىيالايدىغان بولۇش ، ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشكە ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولۇش ، ئىملاغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇش ، مەلۇم مۇنبەرنى باشقۇرغان تەجىربىسى بولۇش ؛ .......................................................................................................................................
باشقۇرغۇچىلىققا قۇبۇل قىلىشتا ، قىز-ئوغۇل چەكلەنمەيدۇ ، مۇنبىرىمىزنىڭ كونا ئەزالىرى ۋە دائىملىق مېھمانلىرىنىڭمۇ باشقۇرغۇچىلىق ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بار . باشقۇرغۇچىلىق ئىلتىماس قىلىشتا چوقۇم تۆۋەندىكىلەرنى تولدۇرۇش شەرت ؛
مۇنبەردىكى ئىسمى :
ھەقىقىي ئىسمى :
مەدەنىيەت سەۋىيىسى :
تۇغۇلغان ۋاقتى :
تورغا چىقىش ۋاقتى : (كۈندە قانچە سائەتلىكى يېزىلىدۇ)
شۇغۇللىنىدىغان كەسىپى :
شەبنەم مۇنبىرىگە تىزىملاتقان ۋاقتى :
شەبنەمدىكى ياقتۇرىدىغان سەھىپىسى :
ئىلتىماس سۇنۇشتىكى قارىشى :
يۇقىرقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن ئەزالارنىڭ مۇشۇ تېمىغا باشقۇرغۇچىلىققا ئىلتىماس قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ! شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرتكە ئۇيغۇن ئەمەس قېرىنداشلارنىڭ قەستەن ئاۋارچىلىق تۇغدۇرماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز !
بۇ ئۇقتۇرۇش ئۇزۇنغىچە ئىناۋەتلىك ، ئەڭ نادىر 10 نەپەر باشقۇرغۇچى قۇبۇل قىلىنىپ بولغاندا ئاياقلىشىدۇ ! مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ! تەشەككۈر !
نۆۋەتتە قۇبۇل قىلىنغان باشقۇرغۇچى :
1. musallas (شېئىرىيەت سەھىپىسى)
2. TAXKINJAN (ئەدەبىيات سەھىپىسى)
3. otto918 (سۈرەتلىك فىلىملەر)
4. firkat (كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر)
5. dil-rus (ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز)
6. eqiniman (ئەدەبىيات سەھىپىسى)
كامالىي ئېھتىرام بىلەن : شەبنەم ئۇيغۇر تورى مۇنبەر ئىشخانىسى