سىز بۇ تېمىنىڭ 1387ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
 
butterfly
ئالاھىدە ئىلگىرلەش تەشۋىقات ئەلچىسى

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 1001
شۆھرەت: 1056 نۇمۇر
پۇل: 9890 سوم
تۆھپە: 124 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1092(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-04-20
ئاخىرقى:2008-03-14

Ark-zat  ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت

ئەسالامۇئەلەيكۇم .
«شەبنەم مۇخپىرلىرى» گورۇپىسى قۇرۇش توغۇرلۇق پىكىرىم تەستىقتىن ئۆتمىگەن بولشى مۇمكىن . شۇنداق بولسىمۇ مۇنبەردىكى ياخشى ئىش پائالىيەت ۋە جاپاكەش ئەزا باشقۇرغۇچىلار توغۇرلۇق يازماي تۇرالمىدىم .
توۋەندە  بارلىق تورداشلار نىڭ كۆڭۇل تورىدىن ئورۇن ئالغان، شەبنەم مۇنبىرىنىڭ ئاساسلىق شەخسى   Ark-zat ئەپەندىم بىلەن بولغان سۆھبەتنى سۇنمەن .

Ark-zat ئەپەندىم ھەمىمىزگە تونۇشلۇق . ئۇنىڭ شەبنەم مۇنبىرى ۋە چايخانىغا  قوشقان تۆھىپىسى ھەمىمىزگە ئايان . ئۇ مۇنبەر باش باشقۇرغۇچىسى، چايخانا مەسئۇلى بولۇپلا قالماي مۇنبەردە كۆزگە كورۇنگەن يازغۇچى. ئېغىر-بىسىق ،  ئەستايىدىل، ئۆتكۇر پىكىرلىك، كەسكىن ۋە مۇلايىم كىشى . بۇ كىشىنىڭ شەبنەمگە بولغان سادىقلىقى ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرماقتا .  شۇسەۋەبلىك Ark-zat  ئەپەندىمنىڭ مۇنبەردىن ۋاقىتلىق چىكىنىپ دەم ئىلۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بۇ سۆھپەتنى ئىلىپ باردىم .
ئەركزات ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت

توردا قوللۇنىۋاتقان ئىسمىڭىز ئەركزات، بۇ ئىسىمنىڭ كىلىش مەنبەسى نىمە ؟ باش سۆرىتىڭىزدە بىرەر مەنا بارمۇ قانداق؟
توردىكى ئىسمىم: ئەركزات،يەنى«ئەرك» بىلەن«زات»تىن تۈزۈلگەن بۇ ئىسىم  ھۆر(ئەركىن) زات ياكى ئەسلى زاتى ھۆر دىگەن مەنالارنى بېرىدۇ.
توردا ئىشلەتكەن باش سۆرىتىم: ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ پادىشاھىنىڭ جەڭ مەيدانىدا تۇرغان سۈرىتى(ئىنچىكلەپ قارىسا ئارقىدىكى ئەسكەرلەرمۇ كۈرۈنىدۇ).ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقى مىلادى840-يىلى ۋەيران بولغانغا قەدەر 100يىل مۇستەقىل پادىشاھلىق دۆلىتى بولۇپ ئەتىراپتىكى خوشنا ئەللەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن...
بەكلا قىزىق قاندەك ھىس قىلدىم قان تىپىڭىز نىمە ؟ مىجەز خارەكتىرىڭىزچۇ؟  ھۆرمەتلەيدىغان كىشلىرىڭىز كىم؟ قوللانغان ئىمزايىڭىزنىڭ مەنىسىنى قانداق چۇشىنىسىز ؟ ئەسلى ئىسمىڭىزنى سورسام بولامدۇ؟
قان-تىپىم: ب(«بىسمىللاھ » دىكى ب)
مىجەز -خارەكتىرىم: سەل پەل جاھىل ،ئىچ مىجەزراق،گەپنى تۈزلا قىلىمەن،قوپالراق.
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان كىشى :ئاتا-ئانام.ئۇندىن قالسا مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىم.
مۇنبەردە قوللانغان ئىمزايىم:«شائىر دەۋىر يار بەرسە سىياسىئۇن بولىدۇ،يار بەرمىسە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.»
مېنىڭ بۇ بىر جۈملىنى ياقتۇرىشىمدىكى سەۋەپ بۇنى مەن مۇنداق چۈشەنگەن ئىدىم:
سىياسىئۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقى شائىرلاردۇر،ئۇلارنىڭ يۈرىگىدە ئۆز ۋەتەن خەلقى ئۈچۈن ئوخچۇپ تۇرغان ئوتلۇق يۈرەك ۋە جۇشقۇن مىسرالار بولىدۇ.شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۆز قەۋمىنىڭ چىرىغىنى قولى كۈيۈپ تۇرسىمۇ كۆتۈرۈپ،كۆپۈنچە ھاللاردا ئاسانلا خاتالىشىپ.ھەتتا لۈكچەك ئاتىلىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.مەسىلەن:ئۇيغۇر شائىرلاردىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتپۇللا مۇتەللىپ،مەمتىلى ئەپەندىم...قاتارلىقلارغا ئوخشاش.ئەنە شۇلار دەۋر يار بەرگەن بولسا ھەقىقى سىياسىئۇن بولۇپ يىتىشىپ چىقاتتى.لېكىن ئاخىرىدا ئۇلار ئۆز خەلقى تەرپىدىن شائىر ، شۇ دەۋىر ھاكىميىتى تەرپىدىن «لۈكچەك» سانىلىپ چىقتى.
ھە راس،مېنىڭ ئۆز ئىسمىم:ئەمەتجان مۇھەممەت.
مەدەنىيەت سەۋىيەرىڭىز ۋە خىزمىتىڭىزچۇ ؟
مەن 1997-يىلى شىنجاڭ تىببى ئونۋېرستىتىنىڭ تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن،ھازىرغىچە مەلۇم ناھىيىدە سەھىيە-كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەپ كەلدىم.مەن ئىدارەمدىكى تۇنجى  تولۇق كۇرۇس پۈتتۈرگەن ئادەم بولۇپ،خىزمەتتە باشقىلارنىڭ ئارقىدا قالسام ياكى مسئۇلىيەتسىزلىك،ئىنتىزامسىزلىك قىلسام ئۆز نۆۋتىدە باشقىلاردا« ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ھالىمۇ چاغلىق ئىكەن»دىگەن تەسىراتنى شەكىللەندۈرۈپ قويغۇم يوق،خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ كەلدىم.
ئۆز ۋاقتىدا باشقىلار مەندىن:«شىنجاڭ تىببى ئونۋېرستىتىدا 6 يىل ئوقىغان ئادەم ئۇرۇمچىدە قېلىپ ئىشلىمەي قايتىپ كەپسىزغۇ؟» دەپ سورغاندا مەن مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:«جەنۇبى شىنجاڭغا ئىقتىساسلىقلار زىيان قىلامدىكەن؟ئىقتىساسلىقلارنىڭ ھەممىسى كەلگىلى ئۇنىماي چوڭ شەھەرلەردە قالسا جەنۇبى شىنجاڭ‹قالاق›دىگەن قالپاقنى كۆتۈرۈپ يۈرىۋەرسە بولدىكەندە سىزچە؟»
قانداق ئالاھىدىلىكلىرىڭىز بار ؟
ئالاھىدىلگىم: تىرىشچان..مەسئۇلىيەتچان.تۇنجى سەزگۈرىم كۈچلۈك(توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى)،شاھمات ۋە تىك-تاك توپنى يامان ئەمەس ئوينايمەن(لېكىن تىكتاك توپ ئوينىمغىلى ئۇزۇن بولدى)،يەنە بىر ئىش:مەن بىر ئىشقا ئالدىراپ قىزىقمايمەن،قىزىقىپلا قالسام نەتىجىسىنى چىقارمىغىچە تىنىم تاپمايمەن.
نىمىلەرگە قىزقىسىز ؟
قىزىقىشىم : كىتاپ ئوقۇش ،خەلقئارا شاھمات ئويناش ،بوكسىيور مۇسابىقىسى ۋە پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈش.
پەقەت بوكسىيۇرچىلىققا قىزقامسىز ياكى سىزمۇ پەشۋا ئىتىپ قويامسىز ؟
ۋاقتى كىلىپ قالسا پەشۋا ئېتىشلا ئەمەس كاللا قويمەن (چاقچاق) . بوكسيۇر مۇسابىقىلىرىنى كۆرۇشنى ياقتۇرمەن .
ياقتۇردىغان  مىجەز ۋە يامان كۆردىغان ئىللەتلەرىڭىز قايسىلار ؟  
مېنىڭ ياقتۇردىغىنىم:ئوچۇق-يۇرۇق، يۇمۇرلۇق كىشىلەر بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كېتىمەن.
ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىش :ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلاش،مەنىمەنچىلىك،گىپىدە تۇرماسلىق،گەپ توشۇش.
سىز ياقتۇردىغان يازغۇچلار  ۋە ئەسەرلەر قايسى ؟
مەن ياقتۇردىغان يازغۇچىلار:ئەڭ ئاۋۋىلى مېنىڭ ئويغىنىشىمغا ،قولۇمغا قەلەم ئېلىشىمغا تۈرتكە بولغان قەلبىمدە يۈكسەك ئورۇنغا ئىرىشكەن يازغۇچى مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىم.ئۇنىڭدىن باشقا مەن ئەسەرلىرىنى ياقتۇردىغانلاردىن،ئەسئەت سۇلايمان،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،ئابدۇقادىر جالالىدىن،يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق،ئەختەم ئۆمەر،مەمتىمىن ھوشۇر،رۇزى سايىت،پەرھات جىلان،ئىمىن تۇرسۇن،ھاجى نۇرھاجى،يالقۇن روزى،ئابدۇلئەھەت ئابدۇرېشىت بەرقى قاتارلىقلاردۇر.مەن دەرھاللىققا ئىسمىنى ئاتاشنى ئۇنتۇپ قالغان قالدى قابىل يازغۇچىلاردىن مېنى كەچۈرۈشنى ئۆمۈد قىلىمەن.
مەن ياقتۇردىغان ئەسەر:ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدىكى ھەرقانداق ئەسەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.
سەنئەت تۇرلىرىگە قىزقامسىز ؟ قايسى سەنئەتكارلارنى ياقتۇرسىز ؟
سەنەت تۈرىگە قىزىقمىسا ئۇ ئادەم بىنورمال ھىاپلىنىدۇ دەپ قارايمەن.مەن كىلاسسىك ناخشا مۇزىكىلارغا ھەم مۇزىكىسى ياخشى ئىشلەنگەن،تېكىستى مەزمۇنلۇق بولغان ھازىرقى زامان ناخشىلىرىغا ئامراق.
ھوشۇر قارىنىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن.
سىزنىڭ نادىر يوللانمىلىرىڭىزنى دائىم دىگۇدەك كۆرۇپ تۇرىمىز . سىز يازغۇچىمۇ ؟ 
سىز مىنىڭ ئەسەرلىرىمنى نادىر دەپ قارىغان بولسىڭىز بۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.مەن پەقەتلا بىر ياخشى ئوقۇرمەن.ئۆزەمنى يازغۇچى دىيىشكە نەچچە قاپاق پىششىقى بارمىكىن.لېكىن كىتاپنى كۆپ كۆرسە كىشىنىڭ روھى دۇنياسى سىقىلىپ سىرتقا تېپىدىكەن،شۇندىلا ئامالسىزلىقتىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ،ئۇنى-بۇنى يېزىپ سالىمەن.
مىنىڭ ھازىرغىچە يوللىغان تېمىلىرىم ماقالە،نەسىر،شېئىر،تەرجىمە ئەسەر،يۇقۇملۇق كېسەللەردىن ساۋات(بۇ كېسەللەر  داۋاملىق يوللىنىدۇ،تېخى تۈگىمىدى) بولۇپ 200 پارچە ئەتراپىدا بولغان ئوخشايدۇ.ساناپمۇ باقمىدىم.
بەزى تورداشلار نىمە ئۇچۇن سىزنى سوغۇق مۇئامىلىك كىشى دەپ ئاتىشىدۇ؟]
مەن مەيلى توردا ياكى ئەمەلى تۇرمۇشتا باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇپ كۆرنىشنى ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن.بۇ مىجەزىم كىشلىك مۇناسىۋىتىمدە ئىپادىلىنىپ باشقىلارغا تۈزلا  پوزتسىيەدە گەپ قىلىپ كۆنۈپ قالغىنىم ئۈچۈن،باشقىلاردا «بۇ كىشى قوپال،پوچى...»دىگەندەك تۇيغۇلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان بولىشىم مۇمكىن. يەنە بىر ئىش مەن ئەڭ يېقىن توردىشىمنىڭمۇ شەخسى ئىشلىرىنى ئادەتتە سورىمايمەن.باشقىلار ماڭا باشقىلارنىڭ شەخسى پاراڭلىرىنى قىلىپ بەرسە ھەم دەرھال:«مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىشكەن ،مەن بىلمەيلا قالاي...»دەپ رەددىيە بېرىمەن.مانا بۇ مىجەزىممۇ قوپال تەسىر بەرگەن بولىشى مۇمكىن.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەندىن بىھۇدە رەنجىپ قالغان دوسلاردىن سەمىمى ئەپۇ سورايمەن.
سىز چايخانا ۋە مۇنبەرنىڭ ئەڭ كونا ئەزاسمۇ ؟ قانداق جەريانلارنى بىشىڭىزدىن ئۆتتى ؟
مېنىڭ شەبنەم تورىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىن تارتىپ شەبنەمگە كىرىپ يۈرگىنىم راس.ھەتتا شەبنەم تورىدا مۇنبەر تەسىس قىلىنماستا ئۆزەمنىڭ مەخپى نومۇرى بىلەن كىرىپ شەبنەم باش بەتكىلا شېئىرلىرىم ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.چايخانىدىمۇ ئۇ چاغلاردا مەكتەپ باللىرى بەك جىق ئىكەندۇق.ئادەم تىللىشىدىغان ئىشلارمۇ نورمال ئەھۋال قاتارىدا ئىكەندۇق.كىيىن مەن كىرىپ شەبنەم چايىخانىسىدىكى باشقۇرغۇچىلارنى زور كۆلەمدە تەرتىپكە سالدۇق.شەبنەم چايخانىسىنى «مۇنازىرە سۆھبەتخانىسى»دەپ ئۆزگەرتتۇق.قانۇندىن ساۋات،تىببى مەسلىھەت،يازغۇچى سەنەتكارلارنى زىيارەت قىلىش،شەبنەمدە مەشرەپ،زىھنى سىناش،ناخشا ئوقۇش مۇسابىقىسى...قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قوللىغۇچىلارنىڭ ياردىمىدە ياخشى تەشكىللىدىم شۇنىڭ بىلەن شەبنەم چايخانىسىدىكى ساپا كۆتىرىلىپ،4-ئورۇندىن ئاستا-ئاستا 3-،2-،ئورۇنغا ئاخىرىدا 1-ئورۇنغا ئۆتتى.ھازىر قىسمەن ئەخلاقسىزلىقنى ھىساپقا ئالمىغاندا شەبنەم سۆھبەتخانىسى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ئۇيغۇر تور ئابونتلىرنىڭ ياخشى سىردىشى بولۇپ قالدى.
                ئەمدى مۇنبەرگە كەلسەك:مۇنبەر دەسلەپتە قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئىزچىل ھالدا مەن شەبنەمدىن باشقا تور بەتلەرگە كىرىپ باقمىدىم.ھەتتا مېنىڭ شېئىرلىرىمنى كۆرمەكچى بولغانلارمۇ شەبنەمگە كىردى.چۈنكى مەن ئۇ شېئىرلىرىمنى ھەممە يەردە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تىما تەكرارلىقىنى باشلاپ بېرىشنى خالىمايمەن.پەقەت شەبنەم مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنسىىلا ئۇيغۇر تور بىتىدە ئېلان قىلىنغان ھىساپلىنىدۇ،دەپ قارىدىم.ئۆزەمنىڭلا ئەمەس مۇنبەردىكى شېئىرلارنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقرى كۆترىلىشى ئۈچۈن سالماقلىق بىلەن كۈچ چىقاردىم.ھەتتا بەزىدە شېئىر مۇئەللىپى بىلەن قىزىرشىپمۇ قالدىم.بۇنىڭدا شېئىردىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆپلىكى،شېئىرنىڭ شېئىرى پۇرقىنىڭ يوقلىقى قاتارلىق سەۋەپلەردىن مەن تەستىقلىمىسام ياكى ئۆچۈرسەم ماڭا زەھەر سانجىغانلار،ھاقارەت قىلغانلارمۇ بولدى.مەن پەرۋا قىلمىدىم.شۇنداق كۈنلەردە بىز شەبنەم ئەھلى ئۆي كۆچتۇق(كونا مۇنبەردىن ھازىرقى مۇشۇ يېڭى مۇنبەرگە كۆچۈپ كىردۇق)بۇ يېڭى ئۆيگە كىرگەندە بولسا مۇنبەر يۈزى قۇپقۇرۇق ئىدى.ئىشنى يەنە نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلدى.بۇ قېتىم ئەسەرلەرگە بولغان تەلەپنى تېخىمۇ قاتتىق قويدۇق.رەسىملەرنى تەستىقلەشنى ئازايتتۇق.تەستىقلىغۇچى باشقۇرغۇچى ئىمزاسسىنى ئەسكەرتىدىغان قىلىپ  ئۆزگەرتتۇق.تىمىلارنىڭ ئىجادىلىقىنى ساپاسىنى چىڭ تۇتتۇق.شەبنەم مۇنبىرىدىكى بىردىن بىر ئالاھىدىللىك قىزغىنلىق بەكمۇ يۇقىرى ئىدى.ھەرقانداق مۇنبەردە بولمىغان قىزغىنلىق شەبنەم مۇنبىرىدە بار ئىدى.كۆردىغانلار كۆپ،ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ كۆپ ئىدى،شۇڭا سۇپەت ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تولىمۇ زۈرۈر ئىدى.شۇنىڭ بىلەن شەبنەمدىكى قىزغىنلىققا قاراپ چايخانىدىن ۋە باشقا يەرلەردىن كېلىدىغانلارمۇ كۆپەيدى.مەن ئىزچىل ھالدا سۈپەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تۈرۈلگەن قاپىقىم ئېچىلمايلا تۇرغاچقا مېنى چۈشەنمىگەنلەر مېنى قاپىقى يامان،قوپال،ھاكاۋۇر دىگەندەك لەقەملەرنى ھەدىيە قىلىشتى.قىزلارمۇ ماڭا گەپ قىلىپ كەتمىدى،مەنمۇ مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن بەكمۇ ئېغىر بېسىق بولۇپ كەلدىم.ھەتتا مەن قىسقا ئۇچۇردا ھاقارەتكە ئۇچرىغان چېغىمدىمۇ نۇرغۇن قېتىم جاۋاپمۇ قايتۇرمىدىم.چۈنكى مەن ئۇنىڭغا جاۋاپ يېزىپ بولغىچە يەنە بىر ئىككى تىما تەھرىرلەپ بولاتتىم ياكى بىر ئىككى ئىنكاس يېزىپ بولاتتىم.
  يىقىندا سىزنى ئاتا بولدى دەپ ئاڭلىدىم بۇ راستمۇ ؟ پەرزەنتىڭىزنىڭ سالامەتلىكى قانداق ؟ ئىسمىنى نىمە قويدىڭىز ؟
ئاپلا،ھەجەپ كىچىكىپ ئاڭلاپسىز،4 يىل كىيىن قاپسىز ئەمەسمۇ(چاقچاق).تۇنجىسى ئىسمى پەرىزات 4 ياشتىن ئاشتى،بۇ قېتىمقىسى ئىسمى ئەركزات قويۇلدى.60 كۈنلۈك بولدى.
شەبنەم مۇنبىرىدىن باشقا مۇنبەر ۋە چايخانىدىكىلەرنىڭ سىزنى ئالاھىدە تەكلىپ  قىلىشقىنىدىن خەۋرىم بار. سىز ئۇلارنىڭ تەكلىۋىنى رەت قىلىپسىز سەۋەبىنى بىلسەم بولامدۇ ؟
سەۋەپ بىرلا:ئادەمدە مەيدان ئېنىق بولىشى كېرەك.شۇ مەيداندا مۇستەھكەم تۇرۇپ  كۆرەش قىلىش كېرەك.ناۋادا ئۇ مەيدان پېچەتلىنىپ ياكى باشقا سەۋەپ بىلەن پۈتۈنلەي ئىتىۋېتىلسە ئاندىن شۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا مەيدانغا چىقىپ داۋاملىق كۆرەش قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن.تولا يۈتكەلگەن كىشىنىڭ باشقىلار ئالدىدا ئىناۋىتى بولمايدۇ دەپ قارايمەن.مەن باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ ئەزا ،بەزىدە زۈرۈر تېپىلغاندا ئىنكاس يازىمەن.لېكىن تىما يوللىمايمەن.چۈنكى مەن شەبنەمدە ئاللابۇرۇن ئېلان قىلىپ بولغان تىمىنى باشقا يەرگە يوللاپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تىما تەكرارلىقىنى باشلاپ بەرسەم ئىرادەمگە خىلاپلىق قىلغان بولىمەن.ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كۆپ ئەمەس.شۇڭا تور بەتلەرنىڭ سەرخىلىقىنى ساقلاپ مەزمۇن تەكرارلىقىنى ئازايتىش ھەر بىر  ئۇيغۇر تور ئابۇنتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بلىشى كېرەك .مەن شۇڭا ئۆز ئىجادى ئەسىرىنى بىرلا  تور بەتكە يوللىغان ياخشى دەپ قارايمەن. 
شەبنەم مۇنبىرى قاچاندىن باشلاپ  كۆرۇرمەنلەرگە رەسمى ئىچىلغان ؟  ئاساسلىق قۇرغۇچى ۋە قوللىغۇچىلىرى كىملەر ؟
شەبنەم ئۇيغۇر تورى 2003-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان، 2005-يىلى ، شەبنەم تورى مۇنازىرە مۇنبىرى يولغا قويۇلدى. تور بېكەت قۇرغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى : نىجات ئازات
شەبنەم لايىھە گۇرۇپپىسى ئالىي مەكتەپتە دەسلەپ ئېلان قىلغان <ئەنجۈر تورى> دىن تارتىپ ، <ئىزدىيار> ، <سايرام> غا كەلگۈچە ، شۇنداقلا ئەڭ مۇكەممەل نۇسخا بولغان <شەبنەم تورى> غا يەتكۈچە ، لايىھە سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ ، تورداشلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ كەلدى . شەبنەم تورىنىڭ دەسلەپكى مۆھتەرەم قۇرغۇچىلىرى بولغان ئەنەسجان مۇھەممەت ، ئالىم كېرەم ، ئابلەت ھامۇت(سايرام) ، ئابدۇۋەلى ، ھەسەنجان ئابلەت ، ياقۇپ ، ھەسەن ۋە شەبنەم خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارلىق بارلىق قوللىغۇچى ۋە قان - تەر ئاققۇزغۇچىلار ھىلىھەم شەبنەم تورى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلمەكتە. شەبنەم تور گۇرۇپپىسى ھازىرغىچە <ئەركىن مۇزىكا تورى> ، <ئادىلھۇشۇر تورى> ... قاتارلىق چولپانلار ۋە شىركەت شەخىسلەرنىڭ تور بەتلىرىنى ئىشلەپ، تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى .
كۆپۇنچە ۋاقىتلاردا   شەبنەم مۇنبىرگە ياكى چايخانغا  كىرىپ دىگۇدەك سىزنى  ئۇچۇرتۇپ قالمەن . بەزى ۋاقىتلاردا  تەھىرىر ئىشلىرى بىلەن مۇنبەردە تۇنەپ قالدىكەنسىز .  دۇنياغا يىڭى كۆز ئاچقان ئوماق پەرزەنتىڭىز  ۋە ئائىلىڭىزنىڭ تاشلاپ شەبنەم مۇنبىرىدىكلەر ئۇچۇن خىزمەت قىلسۋاتىسىز .  نىمە ئۇچۇن شەبنەمگە شۇنچە مىھرىڭىز بار ؟ ئائىلىڭىزدىكىلەر بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ ؟
بىر ئورۇنغا كىرگىنىكەن ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسىسىنى قوشۇشى كېرەك.ساندا بار ئەمىليەتتە يوق بولۇپ قېلىش بۇ تورنى كۆڭۈل ئېچىش،بىردەملىك ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تورغا  ئاندا-ساندا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.مەن مۇنبەر ئېچىلغان دەسلەپكى چاغلاردا ئىنكاسلارنى رەتلەشكە،باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىشىگە ئەھمىيەت بىرىشىگە ئالاھىدە كۈچ چىقاردىم.شۇ مەزگىللەردە ھەقىقەتەن قاتتىق قول بولغان چاغلىرىم بولدى.چۈنكى مۇنبەر مەشىق دەپتىرى بولۇپ كەتسە قەتئى بولمايتتى.شۇ سەۋەپلىكمۇ  ئەينى ۋاقىتتا كۆپ تورداشلارنىڭ ھاقارىتىگە،نارازلىقىغا ئۇچىرىدىم،لېكىن ئۇلارغا ئىنكاس قايتۇرماستىن مۇنبەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن،بەزىدە ھەقىقەتەن كېچىچە تۈنەپ مۇنبەردىىكى تىمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى رەتلەپ چىققان چاغلىرىم بولدى.چايخانىدىكى ئىشلار تېخىمۇ جىق.باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەش،يېڭى باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەش،باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ھەر ۋاقىت كۈزىتىش،چايخانىنىڭ قانۇنسىز تەشۋىقاتقا يول قويۇپ سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش...دەپ كەلسەم بەك جىق.
ئۇيغۇر تورىنىڭ تەمتىرەپ كىتىپ بارغان بۇ ھالىغا،چېچىلاڭغۇ بۇ ھالىغا قاراپ  تۇرۇپ،مۇشۇ زاماندا ياشاۋاتقان مەن بۇ ئۇيغۇر تورىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دېڭىزنىڭ تامچىسىچىلىك ھەسسە قوشالىساممۇ ئۆزەمنى خۇشال ھېس قىلىمەن.شەبنەمنىڭ ماڭا ئۇچراپ قېلىشى،مېنىڭ شەبنەمگە ئۇچىراپ قېلىشىم بۇ ئاللاھنىڭ شەبنەمگە ھەم ماڭا بۇيرىغىنىدۇر بەلكىم.ئەگەر مەن دەسلىۋىدىلا شەبنەمگە  ئەمەس باشقا بىرەر توربەتكە يولۇقۇپ قالغان بولساممۇ يەنە ئوخشاشلا شۇ بەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىم تامامەن مۇمكىن ئىدى.لېكىن مەن ھازىر شەبنەم بىلەن ئاللابۇرۇن ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتتىم.نۇرغۇن ئەجىر قىلدىم.ئەجىر قىلغان بالىسىغا كىم كۈيۈنمەيدۇ؟
مېنىڭ شەبنەمدە  مۇشۇنداق ئىشلىشىمگە ئائىلەمدىكىلەر باشقىچە قاراشتا ئەمەس،بەلكى مېنى قوللايدۇ،لېكىن سالامەتلىكىمنى ئاسرىشىمنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشنى ئۇنتىمايدۇ.
شەبنەم مۇنبىرى بۇگۇنگە قەدەر بولغان ۋاقىت ئىچىدە بىرەر قىيىنچىلىققا دۇچ كىلىپ باقتىمۇ ؟
شەبنەم مۇنبىرى ھازىرغىچە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى،لېكىن بۇنى شەبنەم ئەپەندىم ھېچكىمگە دىمەستىن ئۆزى بىر قوللۇق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كەلدى.تېخنىكا جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى شەبنەم ئەپەندىم يەڭدى.تەشكىللەش،مۇنبەرنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشتە مەنمۇ ئۆزەمنىڭ كۈچىنى ئاياپ باقمىدىم.
شەبنەمنىڭ ھازىرقى ئاۋاتلىقى ۋە تەرەقىياتى يىتەرلىك بولدى دەپ قارامسىز ؟
شەبنەمنىڭ ھازىرقى ئاۋاتلىقى تېخى مەن كۆزلىگەن مەقسەتتىن خېلىلا يىراق.بۇنداق دىيىشىم مۇنبەر ئونۋېرال مۇنبەر بولۇپ،قارىماققا ئاۋاتتەك تۇرغان بىلەن ئاز بولمىغان قالايمىقانچىلىقلار بار.ئاساسلىقى ئىنكاستىكى قالايمىقانچىلىق،بەزى باشقا مۇنبەرلەردىن يۈتكەپ كىلىنگەن تىمىلار.بۇنى يوقىتىش ئۈچۈن يېقىندا بىر قېتىم كۈچىدىم.لېكىن قوللاش تازا يېتەرلىك ئەمەس.شۇنداقتىمۇ مەن تەمكىن ھالدا قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.چۈنكى تەكرار تىما،كۆچۈرۈلمە تىمىلارنىڭ كۆپىيىشى بىر مۇنبەرنىڭ ساپاسىنى تەبئىلا تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ،خاسلىقىنى يوقىتىشىنى تېزلىتىدۇ.شۇڭا مۇشۇ ئەھۋاللار تۈگىتىلسە  مۇنبەر تېخىمۇ يېڭى-يېڭى رەڭدار تىمىلار بىلەن بېزىلىپ ھەممىنىڭ دېققىتىنى ھازىرقىدىنمۇ بەك تارتىدۇ دەپ ئويلايمەن.
شەبنەم مۇنبىرىدە سىزنى ئەڭ تەسىرلەندۇرگەن تىما ياكى پائالىيەت قايسى ؟ ئەڭ ئۆكۇندۇرگىنىچۇ ؟
شەبنەم مۇنبىرىدە مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن تىما فىرقەت ئەپەندىنىڭ «بىر يۈئەن پىلانى»ناملىق تېمىسى.مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن پائالىيەت «شەبنەم تورداشلار يىغىلىشى»دىكى ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان تورداشلارنىڭ شۇنداق قىزغىن، سەمىمى دىدار كۆرىشىشى،بىر-بىرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشى،ئاخىرىدا ئايرىلىشقا قىيالماي قېلىشلىرى مانا بۇ بىزدىكى ئۇيۇشقاقلىقنى نامايەن قىلغان كۆرنىشلەردىن مەن ھەقىقەتەن تەسىرلەنگەن ئىدىم.
مېنى ئۆكۈندۈرگىدەك ئىش تېخى بولمىدى.بۇندىن كىيىنمۇ بولماسلىقىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن.
يىقىىندىن بىرى مۇنبەردىكى كۆزگە كورۇنگەن باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالار مۇنبەردىن چىكىندى بۇنىڭدىكى سەۋەب نىمە؟
يېقىندىن بىرى مۇنبەردىن ۋاقىتلىق ئايرىلغان مۇنەۋۋەر،كۆزگە كۆرۈنگەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇنداق قىلىشى«يەتتە قىزنىڭ تولغىقى بىر كۈندە تۇتۇپتۇ»دىگەندەك،مەن بالا باقىمەن دىسەم يەنە بىرسى ئوقۇش جىددى بولۇپ كەتتى دىدى،يەنە بىرسى قوپۇپ تۇرمۇش بېسىمى يامان قىلدى دىدى.شۇنداق قىلىپ ۋاقىتلىق كىرەلمەي قالدى.مەن ئىشىنىمەن ئۇلارنىڭ ئىشلىرى جايىغا چۈشكەندە يەنە مۇنبەرداشلارنى ئەسلەيدۇ ھەم قايتىپ كېلىدۇ.
سىز شەبنەم مۇنبىرىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۋاتىسىز ، ئاساسلىق سەۋەبى نىمە ؟  تورداشلارنىڭ سىزنى قانچە ياد ئەتكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ قاچان قايتىپ كەلمەكچى؟
بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرمەك بەك تەس ئىكەن.مەن خىزمەت،تۇرمۇش بېسىملىرى تۈپەيلى چارچاپتىمەن.يېقىندا ئاسان چېچىلىدىغان،ئاچچىقىم يامان بولۇپ قالدىم،جىمجىت ئولتۇرۇپ خىيال قىلسام بۇ چارچىغانلىقنىڭ ئالامىتى ئوخشايدۇ.شۇڭا ۋاقتىنچە ئارام ئېلىش ئىلتىماسنامەمنى سۇنۇپ قويۇپ،تەستىقلەنمىسىمۇ ئۆكتەملىك قىلىپ ئارام ئېلىۋالدىم.بۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ خىجىلمەن.
تورداشلار بەلكىم مېنىڭ قوپال لېكىن تۈزلا ئېيتىلغان گەپلىرىمنى سېغىنىپمۇ قالغاندۇ.ئەمەلىيەتتە مەنمۇ مۇنبەرنى كۆپ سېغىندىم.ئىسمىم بىلەن كىرمىسەممۇ زىيارەت قىلغۇچى قاتارىدا ئارىلاپ زىيارەت قىلىپ تۇردۇم.مۇشۇ جەرياندا ساقلانغان مەسلىلەرنىڭ خېلى كۆپلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم.مەن ھاردۇقۇم چىققاندا،كەيپىياتىم تۇراقلاشقاندا  قايتىپ بارىمەن،مېنى ھازىرچە چاقىرماي تۇرساڭلار،يەنە بىر قېتىم ئۆزرە سورايمەن.
شەبنەم مۇنبىرى ئەزالاردىن نىمىلەرنى كۇتىدۇ ؟
شەبنەم مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلاردىن كۈتىدىغىنى:
./read.php?tid-24914-keyword-.html
شەبنەم مۇنبىرىنىڭ ئەزالاردىن كۈتىدىغىنى:
./read.php?tid-33941.html
./read.php?tid-25024-keyword-.html
./read.php?tid-26096-keyword-.html
./read.php?tid-2355-keyword-.html
./read.php?tid-957-keyword-.html

يۇقۇرقىلارنى بىر يەرگە توپلىسام بەك جىق بولۇپ كەتتى.دىمەك مەن مۇشۇنداق تىمىلار ئارقىلىق تۇرۇپ  تۇرۇپ ئەسكەرتىپ تۇردۇم.يېقىندا يوللىغان«تىما ئوغىرلىرى ھوشۇڭىزنى يىغىڭ!»ناملىق تىمام  مۇنبەردىن ئوغۇرلىنىپ  كەتتمىكىن يوقاپ كەتتى(چاقچاق قىلىپ قويدۇم،ئۆچۈرۈلدى)ئۇ تېمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجابى رولى خېلى بار ئىدى.بارلىق ئۇيغۇر مۇنبەرلىردىن كىرىپ مەخسۇس زىيارەت قىلىۋاتاتتى.شەبنەم تورىنىڭ تىما ئوغىرلىرىغا،كۆچۈرمىكەشلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ھەممە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتاتتى.ئۇ تېمىنىڭ ئۆچۈرۈلگىنى«ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ سەركىسى شەبنەم تورىنىڭ كۆچۈرمىكەشكە يول قويغىنىمۇ؟»دىگەن سۇئال خېلى كۆپ كىشىلەردە تۇغۇلۇپ ھەيران بولۇشتى.ئەمەلىيەتتە شەبنەم مۇنبىرى كۆچۈرمىكەشلىكنى ياقتۇرمايتتى.
كەلگۇسى پىلانىلىرىڭىز بارمۇ ؟ شەبنەم مۇنبىرىنىڭ تەرەقىياتى ئۇچۇن قانداق پىلانلىرىڭىز بار ؟
شەبنەم مۇنبىرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پىلانلىرىم خېلى بۇرۇندىن بار بولۇپ،بۇرۇن قىلغان پىلانلىرىمنىڭ ھازىر %50 ى ئەمەلگە ئاشتى دىسەم پو ئاتقان بولمايمەن.چۈنكى چايخانىدا مەشرەپ،زىھنى سىناش،قانۇندىن مەسلىھەت،تىببى مەسلىھەت ۋە يېقىندا  يولغا قويغان كىتاپ ئوقۇش پائالىيىتى،ئۇندىن باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىناقلىقى قاتارلىقلار سۆھبەتخانىنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
مۇنبەردە بولسا يېڭى-يېڭى سەھىپىلەرنى ئېچىشقا مەجبۇر بولىشىمىز،مەزمۇنلارنىڭ رەڭدارلىقى،باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچان،ئىناقلىقى،يوللانغان تېمىنىڭ كۆرۈش قېتىم سانىنىڭ ،ئىنكاسلىرىنىڭ كۆپ بولىشى(بەزى ئىنكاسلار بەك ئاددى بولسىمۇ) كەيپىياتنى جانلاندۇرىدۇ.بۇ سورۇن ھەرقانداق تور ئابۇنتى ئۈچۈن ياخشى سورۇن بولالايدۇ.ئەمدىكى مەسىلە مۇنبەردىكىلەرنى ياخشى تىما-ئىنكاسلار بىلەن قايىل قىلىپ توغرا يۆلنىشكە يېتەكلەپ مېڭىش.مۇنازىرلىشىش ئاساسىدا ئىتتىپاقلىقنى ساقلاپ تەرەققى قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.بولمىسا ئادەم كۆپ يەردە ۋەقە چىقسىمۇ بەك چوڭ ۋەقە چىقىپ كىتىدۇ.دىمەكچى بولغىنىم توغرا تەشكىلەش توغرا يىتەكلەش،ئەڭ ئاۋال باشقۇرغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەش،يەنى تېخنىكا ۋە ئىددىيە جەھەتتىن تەربىيەلەش ئىنتايىن مۇھىم.
ئاخىردا تورداشلارغا ئىتىدىغان يۇرەك سۆزلىرىڭىز بارمۇ ؟
تورداشلارغا دەيدىغىنىمنى يۇقۇرىدا دەپ بولدۇم،جىق سۆزلەپ ۋاقتىنى ئالغىنىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن.
سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.سىزمۇ شەبنەم قېرىسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ تور بەتكە قوشقان ھەسسىڭىز ئاز ئەمەس.سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت ،سىڭلىم.

ۋاقىت مۇناسىۋىتى تۇپەيلى سۆھپىتىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى . شەبنەم مۇنبىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن شەبنەم مۇنبىرىدە ئەركىزات ئەپەندىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۇمۇد قىلمەن .
تورداشلار ئەركىزات، فىرقەتلەردەك ئۇلگۇلۇك قۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ياكى جەمىيەتىكى كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىش پائالىيەتلىرىنى يوللاپ تۇرغايسىلەر .


___ئۇيغۇرجان  تەھرىرلىدى
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:10(firkat)
  • شۆھرەت:10(xabnam)
  • تۆھپە:9(uyghur839)
  • يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 02:47 | [باش تېما]
    stars_gmg
    ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 172
    شۆھرەت: 205 نۇمۇر
    پۇل: 1740 سوم
    تۆھپە: 80 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:56(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-27
    ئاخىرقى:2008-03-04

    مەن ئەزەلدىن ئەركزات ئاكىمىزنى شۇنداق ھۆرمەتلەيتتىم ، سۆھبەت مەزمۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن بىر قەدەر چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئېرىشتىم ، رەھمەت سىزگە butterfly ،سىزنىڭ بىزنى ئەركزات ئاكىمىزنى تېخىمۇ ياخشى تۇنۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 10:51 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
    mehrigiya
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 2
    يازما سانى: 1155
    شۆھرەت: 1275 نۇمۇر
    پۇل: 11620 سوم
    تۆھپە: 172 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:522(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-12
    ئاخىرقى:2008-03-12

    تولىمۇ ياخشى سۆھبەتلەرنى يوللاۋاتىسىز سىڭلىم ، سىزگە كۆپ تەشەككۈر .
    ھەممەيلەنگە مەلۇمكى ئەرىكزاتنىڭ مۇنبەر ۋە چايجانا ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىگە ۋە تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ . شەبنەم مۇنبىرىنىڭ مۇشۇنداق قابىل باشقۇرغۇچىلىرى بولغاشقا شەبنەم مۇنبىرىنىڭ نوپوزىمۇ ، رەڭدارلىغىمۇ كۆپنى قايىل قىلىدۇ .مەن شەبنەمنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ گۈللىنىشىنى ، ئەرىكزات قېرىندىشىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق ، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك ، خاتىرجەم ئۆتۈشىنى تىلەيمەن .
    بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
    بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 10:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
    nimjan816

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 76
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    پۇل: 610 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:172(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-24
    ئاخىرقى:2008-03-09

    تىما ئاپتۇرىغا تەشەككۇر!
    مەن شەبنەم مۇنبىرىدە   مۇنبەر تەرەققىياتى ئۇچۇن مىننەتسىز ئەجىر سىڭدۇرىۋاتقان تۆھپىكار باشقۇرغۇچىلار -قەلەم ساھىپلىرى توغرىسىدا يېزىلغان سوھبەت خاتىرىسىنى كۇرۇپ ،فۇرقەت ئەپەندى،ئەرىكزات ئەپەندىلەرگە بولغان چۇشۇنۇشۇم ۋە قايىللىغىم ھەسسىلەپ ئاشتى ، شەبنەم مۇنبىرىگە كۆڭۇل رىشتىم تۇتاشتى، مەن بىريىلدىن بۇيان شەبنەمنى كۇندە زىيارەت قىلىپ كىلىۋاتقان بولساممۇ ،ئەزا بولمىغان ئىدىم ،مانا ئەمدى ئەنۋەر جۇلا ئەپەندىنىڭ نادىر تىمىلىرى ۋە بوتتىرپىل خانقىزنىڭ ئىككى پارچە سوھبەت خاتىرىسىنى كورۇپ،شەبنەم مۇنبىرىنىڭ بۇگۇنىنى تۇنۇدۇم ، ئەتىسىىگە ئىشەندىم ،مۇنبەر مىنى ماگىنىتتەك ئۇزىگە تاتتى ،شەبنەم دىكى ئوت يۇرەك دوستلار !،بۇگۇندىن باشلاپ سىلەربىلەن مۇرۇنى مۇرىگە تىرەپ ، شەبنەمنىڭ تېخىمۇ گۇزەل ئەتىسى ئۇچۇن كۇچ چىقىرىشقا بەل باغلىدىم !
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 11:00 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
    ئەرك

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 27
    شۆھرەت: 48 نۇمۇر
    پۇل: 270 سوم
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:62(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-06-16
    ئاخىرقى:2008-03-06

    ئەركزات ئاكىمىز بىلەن بىر قول شاخمات ئويناپ باققۇم كەلدى.
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 11:13 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
    kuyhumar0998
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1025
    شۆھرەت: 1095 نۇمۇر
    پۇل: 17370 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:303(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-13
    ئاخىرقى:2008-03-13

    ھارماڭ ، مەن ئەركىزات باشلىق مۇنبەر ئەھلىنىڭ مۇنبىرىمىزگە قايتىپ كېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
    ھەممەيلەن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ شەبنەمنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلايلى !!!!!
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 12:01 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
    ~uyghurjan~

    مەزھەپ:xabnam.com xabnam.com
    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1388
    شۆھرەت: 1419 نۇمۇر
    پۇل: 13565 سوم
    تۆھپە: 118 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:360(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-12-21
    ئاخىرقى:2008-03-14

    مەن ئەرك-زاتىمنى ئىزدەيمەن .
    مۇنبەرگە تېزراق قايتىپ كىلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن .

    بۇ سۆھبەت بەك ياخشى ئېلىپ بېرىلىپتۇ . ئەرك-زات ئەپەندىمنىڭ تىزراق مۇنبەرگە قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . رەھمەت سىزگە . . . . .
    ohxax.cn
    ﺟﯩﻤﻰ ﮬﻪﻣﺪﯗ ﺳﺎﻧﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ ،ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰ ﺳﺎﯕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺪﯨﻨﻼ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ . (ﺋﺎﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ) \

    http://www.Qimbulak.comچىمبۇلاق تورى

    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 14:47 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
    alturuk
    ئىجاتچان ئەزا

    مەزھەپ:تەۋپىق ئىزچىسى تەۋپىق ئىزچىسى
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 320
    شۆھرەت: 366 نۇمۇر
    پۇل: 4060 سوم
    تۆھپە: 55 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:83(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-08-29
    ئاخىرقى:2008-03-13

    ھەقىقەتەنمۇ شەبنەم مۇنبىرى ماختىلىگۈچىكىگى بار توربەتلەرنىڭ بىرى،شۇڭابارلىق ئىشتىراكچىلارنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج.
       
    ئىسەڭگىرەپ غەمگەپاتىمەن،
    مەن بەئەينى يىرتىللغان كىتاپ.
    قەۋىممگەباھار چىللايمەن،
    يېشىللىقتا ساقايسۇن بىتاپ.
      شائېر قەدىمدىن كەلگەن گۆدەك دانىشمە،شۇنداقلاكېلەچەكتىن كەلگەن ئەقىللىق ساراڭ.
    شېئر ئەنە شۇ شائېرنىڭ دۇنياغا تىكىلىشى ۋە دۇنيانىڭ شائېرغا تىكىلىشىدىن تۇغۇلغان سەبى بوۋاق...
                - (مەمەتتۇرسۇن مىجىت ئەلتۈرك)
    چ چ ،963806759،969188606،958542853،961677824
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 14:47 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
    HISLAT
    ئالاھىدە تۆھپە

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1407
    شۆھرەت: 1512 نۇمۇر
    پۇل: 8138 سوم
    تۆھپە: 8 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:465(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-05-29
    ئاخىرقى:2008-03-14

    butterfly سىزگە يەنە بىر رەت تەشەككۈر ، شۇنداقلا ئەقلىڭىزگە بارىكاللا   . ھەممىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ، شەبنەم مۇنبىرى ۋە چايخانىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان ، تۆھپە قوشىۋاتقان پەخىرلىك قېرىندىشىمىز   ئەركزات بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىدىكى قەيسەرلىكنى ،   ئۇنڭدىكى كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقنى ، ئۆزىگە بولغان چەكسىز ئىشەنچنى، تەلەپچانلىقىنى   . . . نامايەن قىلىپسىز .   ئەركزات ئۆزىنىڭ ئاشۇ خىل روھى بىلەن نەزىرىمىزدىكى تالانت ئىگىسى ، قەلب تۆرىمىزدىكى تۆھپىكار ، شۇنداقلا ئۆگۈنۈش ئۈلگىمىز   . شەخسەن مېنىڭ ئەركزاتقا بولغان قايىللىقىم كۈچلۈك ، ھۆرمىتىم چوڭقۇر   .  
    ئەركزات ئەپەندىمنىڭ ئىشلىرىغا مۇۋەپىقىيەت ، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن .
      ھەممىمىزگە مەلۇم، باشقىلارنى زىيارەت قىلىشتىن مەقسەت بىرەر شەخسنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇپ قويۇشتىنلا ئىبارەت ئەمەس ، بەلكى شۇ شەخسنىڭ   ئىلغار تەرەپلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ، ئاشۇ ئىلغارلىقىلاردىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۈلگە ئېلىپ تېخىمى كۆپلىگەن ئىلغار ئىش ، ئىلغار شەخسلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى قولغا كالتۈرۈشنىمۇ مەقسەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر .  
    butterfly   خانقىز   سۆھبەت خاتىرىسى ئارقىلىق بىزگە ناھايىتى ياخشى ئۆگۈنۈش ئۈلگىلىرىنى تىكلەپ بېرىۋاتىدۇ . قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ تۆھپىسى قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ .   ئېزىز قېرىندىشىمىزنىڭ   مانا مۇشۇنداق ياخشى ئىش ، ياخشى ئادەملەرنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىپ تۇرۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن ھەمدە كېيىنكى سۆھبىتىگە ، خىزمىتىگە   ئۇتۇق تىلەيمەن   .
    دۇنيا ئالىدىغان نېسىۋىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەل ، بېرىدىغان نېسىۋىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن رەزىلدۇر .
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 14:59 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
    arkinomar
    يازما يوللاش ئۇستىسى

    مەزھەپ:شەبنەم مۇنبىرى شەبنەم مۇنبىرى
    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: تېما چولپىنى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1656
    شۆھرەت: 1657 نۇمۇر
    پۇل: 16449 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:852(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-04-19
    ئاخىرقى:2008-03-14

    بەك ياخشى سۆھبەت بوپتۇ . بۇ سۆھبەتتىن ئەرك-زات ئەپەندىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۇشەندىم .
    ئەرك-زات ئەپەندىنىڭ مۇنبەرگە تىزراق قايتىپ كىلىشىنى ،ئېسىل تىمىلىرىنى تورداشلارغا سۇنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
    تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر .
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 17:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
    دۇنيا
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

    مەزھەپ:ئىللىق دۇنيا ئىللىق دۇنيا
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1173
    شۆھرەت: 1236 نۇمۇر
    پۇل: 11523 سوم
    تۆھپە: 125 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:479(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-01-06
    ئاخىرقى:2008-03-14

    شەبنەم دەل شۇ باشقۇرغۇچىلىرى بىلەنلا شەبنەم بولۇپ تۇرالىغان ئىكەن .ھەي ھازىر......
    [code]

    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-24 22:00 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
    dilare320

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 224
    شۆھرەت: 225 نۇمۇر
    پۇل: 2120 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:114(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-08
    ئاخىرقى:2008-03-04

    مەن شەبنەم مۇنبىرىگە كىرگىلى ئۇزاق بوللمىدى ، ئەركزات ئەپەندىمنىڭ كونا تېمىلىرىنى تېخى كۆرگىدەك بولمىدىم .
      ئەركزات ئەپەندىمنىڭ   تېما كۆچۈرمىكەشلىرىگە ئەجەللىك زەربە بېرىشى ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىگە قوشقان زور تۆھپىسى دەپ قارايمەن !!    
    يۈرەكتىن چىققان سۆز يۈرەككە تىگىدۇ
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-25 03:39 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
    دوستۇم

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 94
    شۆھرەت: 95 نۇمۇر
    پۇل: 940 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:61(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-25
    ئاخىرقى:2008-03-14

    شەبنەمدە ھەممە بالىلارنى كىچىك بالىمىكىن دىسەم زامانداش ۋە كەسپداشلىرىممۇ باركەندە؟!
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-25 08:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
    يىگىت

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 13
    شۆھرەت: 14 نۇمۇر
    پۇل: 130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:9(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-18
    ئاخىرقى:2008-03-11

    Ark-zat زات ئەپەندى قايتىپ كىلىڭ . مەن بۇرۇندىن تارتىپلا ئىزچىل شەبنەم مۇنبىرنى كۆرۈپ كىلۋاتمەن . ئەمدىلىكتە ئەزا بولدۇم .
    مۇنبەردىكى ھەممەيلەن سىزنى سىغىندى .
    خوش
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-25 15:26 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
    majnuntal666
    مۇنبەر قىززىقچىسى

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تېما چولپىنى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1009
    شۆھرەت: 1050 نۇمۇر
    پۇل: 10090 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:218(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-10
    ئاخىرقى:2008-03-14

    سۆبەت مەزمۇنى بەك ياخشى بوپتۇ ، سۆبەتتىن خەۋەردار قىلغىنىڭىز بۇ بىر ياخشى ئىش بولدى .بۇ تىمىنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت .ھارمىغايسىز .
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-25 16:53 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )


     

    Time now is:03-14 15:26, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation