شېئىرىيەت ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
(ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات)
شېئىرنى ھەۋەس ئۈچۈن ياكى دوراپ يېزىش تولىمۇ بىمەنىلىك.شېئىر--- كىشى يازماي دېسىمۇ مەلۇم ھادىسىلەر ئۇنىڭ قەلبىگە ئارام بەرمىگەنلىكتىن، قەلىبنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىن ۋولقاندەك ئېتىلىپ چىققان ئاچچىق-چۈچۈك نىدالارنىڭ، ئۆتكۈر ئەمما يارقىن سۆزلەر بىلەن بەلگىلىك رېتىم،قاپىيە شەكىللىرنى قوللۇنۇپ ئىپادە قىلىنغان تەپەككۈر دۇردانىللىرىدۇر. ھەقىقى شېئىر يازغۇچىلار شېئىرىيەتنى پۇچەكلەشتۈرمەيدۇ.
باشقىلارنىڭ تەلىپى ياكى بۇيرۇتمىسىغا ئاساسەن يېزىلغان شېئىر خۇددى بۇيرۇتۇپ تىكىلگەن چاپانغا ئوخشايدۇ.ئۇنى يازغۇچى ئۆز خاھىشى بىلەن ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ تەلىپى بويىچە يېزىپ قويىدۇ.بۇنداق شېئىرلاردا ياسالمىلىق كۆپىرەك بولىدۇ.
ئۆز مۇددىئاسىنى شېئىر بىلەن ئىپادە قىلىمەن دەپ مەجبۇرى زورۇقۇپ يېزىشتىنمۇ ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ.سۆزگە باي بولمىغان،تارىخى بىلىمى چوڭقۇر بولمىغان،تەپەككۈرى چۇۋالچاق،مەقسىدى غۇۋا بولغان كىشى شېئىر يازىمەن دەپ ئاۋارە بولماسلىقى كېرەك.ياخشى يېزىلغان شېئىرلار كۆپۈنچە ھاللاردا يازغۇچىىغا ئارام بەرمەيۋاتقان مەلۇم ھادىسلەرنىڭ تەبى يۇسۇندا گۈزەل مىسرالارغا تىزىلىشىدىنلا ئىبارەت.بۇنداق شېئىرلاردا ياسالمىلىق،زورۇقۇش،مەزمۇنىدا چۇۋالچاقلىق،چۈشنىكسىزلىك...قاتارلىق شېئىرىيەتكە نۇخسان يەتكۈزدىغان ئامىللار ئۇچىراپ كەتمەيدۇ.
بەزى ئوغۇللىرىمىز مۇھەببەت شېئىرلىرىدا ''يىغلىدىم،ياش تۆكتۈم'' دىگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىۋالىدىغان بولىۋالدى.بۇ ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ مۇھەببەتتىكى مەردانىلىقى،جەسۇرلىقى بىلەن زىت سۆزلەر بولۇپ،بىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىز تارىختىن بۇيان مۇھەببەتكە ئىرشەلمىگەن تەغدىردىمۇ قەلبى ئازاپلانسىمۇ يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن ،چىدام غەيرەت بىلەن ياشاپ ئاشۇ مۇھەببەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەن.شۇڭا ئوغۇللىرىمىز يىغلاڭغۇ شېئىرلارنى يېزىپ سېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
قىزلار بولسا ئەلمىساقتىن بۇيان مۇھەببەتتە ناھايىتى نومۇسچانلىق بىلەن ياشاپ كەلگەن. بىرسىگە كۆڭلى چۈشۈپ قالسىمۇ گەرچە كۆڭلىدە ئازاپلانسىمۇ ئوچۇق ئاشكارە دىيىشتىن نومۇس قىلغان.ھازىرقى قىزلارنىڭ مۇھەببەت شېئىرلىرىدا ئۇ مەشۇقىنى ئۇچىراتسا ھېچ نەرسىسىنى ئايىماي بىردەمدىلا ئەڭ نازۇك قەلبىنى قوش قوللاپ تۇتقۇزۋېتىدىغاندەك مەزمۇندىكى مىسرالارنى ئۇچىرىتىپ قالىمىز.بۇنداق شېئرلارنى ئوقىغان كىشىمۇ غەلىتە بىر سېزىمدا بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا قىزلار بۇ تەرەپتە دىققەت قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
تەنبىھ،نەسىھەت مەزمۇنىدىكى شېئىرلاردا ''تاماق يىمىسە قوساق ئاچ قالىدۇ،دۈشەنبىنىڭ كەينىدىن سەيشەنبە كېلىدۇ...''دىگەندەك ئەڭ ئاددى بولغان تۇرمۇش قانۇنىيەتلىرنىمۇ قايتا -قايتا تىلغا ئېلىپ ئوقىغان كىشىنى زىرىكتۈرۈپ قويدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
شېئىرىيەت توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى ھازىرچە مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي،تورداشلار شېئىرىيەت ھەققىدە قانداق كۆزقاراشتىكىن؟