بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ سۆڭىكى سۇنۇپ كەتسە، داۋالاش ھەمدە كالتسىي تولۇقلاش توغرىسىدا بەزى خاتا قاراشلار مەۋجۇت بولماقتا.
ئۇستىخان شورپىسىنى قانچە كۆپ ئىچىپ بەرسە، شۇنچە ياخشى. سۆڭەكتە كالتسىي ماددىسى يۇقىرى، لېكىن بەدەن كۆپ ھاللاردا كالتسىينى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇڭا بالىغا شورپىنى ئاز ئىچۈرۈپ، كالتسىي تولۇقلاش دورىلىرىنى كۆپرەك يېگۈزۈش كېرەك.
سۈت تەركىبلىك ئىچىملىكنى كۆپ ئىچۈرۈش. سۈت تەركىبلىك ئىچىملىكنى بالىغا سۈتنىڭ ئورنىدا بەرگەندە، ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى بولمايدۇ.
پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكنى كۆپ يېگۈزۈش. بۇنداق قىلغاندا، ئەتراپلىق ئوزۇقلاندۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا بالىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن كۆپ خىل ئوزۇقلۇقلارنى يېگۈزۈش، ئاساسلىقى ئۇن تائاملىرىغا تاينىش كېرەك.
ـــ ماتېرىيالدىن
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى