تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دانا قازى

ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى بىر كەمبەغەل بىرتال گۆھەر تېپىۋېلىپ ئاجايىپ خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ ۋە بۇ گۆھەرنى بىر نەچچە تۇياق قوي – كالىغا تېگىشىپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرمەكچى بوپتۇ.

ئۇ تۇرۇۋاتقان قەبىلىدە تولىمۇ ئاچ كۆز بىر باي بار ئىكەن. ئۇ باي بىر كۈنى ھېلىقى كەمبەغەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ، سەن گۆھىرىڭنى ماڭا بەرگىن. مەن ئۇنى خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ، سەن ئۈچۈن دۇئا – تىلاۋەت قىلدۇراي، بىر ئايدىن كېيىن تۇرمۇشۇڭ ناھايىتى باياشات بولۇپ كېتىدۇ، - دەپتۇ.

كەمبەغەل باينىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، گۆھەرنى ئۇنىڭغا بېرىۋېتىپتۇ. بىر ئايدىن كېيىن، كەمبەغەل ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، چىرايلىق كىگىز ئۆي، قېتىق، قايماقلاردىن ئەسەرمۇ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئالدانغانلىقىنى بىلىپتۇ ۋە باينى ئىزدەپ بېرىپ گۆھەرنى قايتۇرۇۋالماقچى بوپتۇ. باي ئۇنىڭ گۆھىرىنى قايتۇرۇپ بەرمەيلا قالماستىن، يەنە تېخى: «مەن نەدە سەندىن گۆھەر ئالدىم؟ مەندە ئۆزۈم تېپىۋالغان گۆھەر بار» دەپ تۇرۇۋاپتۇ.

كەمبەغەل بايدىن گۆھىرىنى ئالالماي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ. ئامبال كەمبەغەلنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن: «سېنىڭ گۆھىرىڭنى باي ئېلىۋالغانلىقىنى بىرەرسى كۆرگەنمىدى؟» دەپ سوراپتۇ. كەمبەغەل بېشىنى چايقاپتۇ. ئامبال: «ئۇنداقتا گۆھەرنى سېنىڭ تېپىۋالغانلىقىڭنى ئىسپاتلاشقا ئامال يوق، سەن يەنىلا قايتىپ كەت!» دەپتۇ. كەمبەغەل كۆڭلى يېرىم ھالدا كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. يول ئۈستىدە ئۇنىڭغا قازى ئۇچراپ قاپتۇ. قازى ئۇنىڭ بىچارە تۇرقىنى كۆرۈپ: «كۆڭلۈڭدە قانداق ئىش بولسا ماڭا ئېيت، ئېھتىمال ساڭا ياردەم بېرەلىشىم مۇمكىن.» دەپتۇ. كەمبەغەل باينىڭ گۆھەرنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى، ئامبالنىڭمۇ ئۆزى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلىمىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قازى: «بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئاسان، مەن ساڭا ياردەم قىلاي.» دەپتۇ. قازى ھېلىقى باينى چاقىرىتىپ ئۇنىڭدىن: «گۆھەرنى ئۆزىڭىز تېپىۋالغانلىقىڭىزغا قانداق پاكىتىڭىز بار ؟» دەپ سوراپتۇ. باي: «مەن گۆھەرنى تېپىۋالغاندا يېنىمدا ئۈچ كىشى بار ئىدى، ئۇلار ئىسپات بولالايدۇ !» قازى بايغا ھېلىقى ئۈچ كىشىنى چاقىرتقۇزۇپ كەپتۇ ھەمدە ئۇلاردىن: «سىلەر راستتىنلا باينىڭ گۆھەر تېپىۋالغانلىقىنى كۆردىڭلارمۇ ؟» دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى ئۈچ كىشى تەڭلا ئۆزلىرىنىڭ راستتىنلا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكلىرىنى ئېيتىشىپتۇ. قازى: «ئۇنداقتا سىلەر بۇ گۆھەرنىڭ شەكلىنى ئېنىق بىلىسىلەرغۇ دەيمەن؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇلار «ئېنىق بىلىمىز .»دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قازى ھېلىقى كەمبەغەل كىشىنى، باينى ۋە ئۈچ گۇۋاھچىنى بىر ئۆيگە چاقىرىپ، ئاندىن ئۇلارنى ئايرىم – ئايرىم ئورۇندا تۇرغۇزۇپ، ھەر بىرىگە بىر كۇمۇلاچتىن لاينى تۇتقۇزۇپ: «ھەممىڭلار قولۇڭلاردىكى لايدىن گۆھەرنىڭ شەكلىنى ياساپ چىقىڭلار. بىراق مەن بىردىن يۈزگىچە ساناپ بولغۇچە ياساپ بولۇشۇڭلار كېرەك.» دەپتۇ. دېگەندەك، قازى بىردىن يۈزگىچە ساناپ بولغۇچە ھەممەيلەن گۆھەرنىڭ شەكلىنى ياساپ پۈتكۈزۈپتۇ. بىراق، باي بىلەن كەمبەغەلنىڭ ياسىغىنى ئوخشاش بولغاندىن سىرت، ھېلىقى ئۈچ گۇۋاھچى گۆھەرنىڭ شەكلىنى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل شەكىلدە ياساپ چىقىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا قازى: «باي بىلەن كەمبەغەل گۆھەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولغاچقا، ئەينەن ياساپ چىقالىغان. بۇ ئۈچ گۇۋاھچى گۆھەرنى ئەسلا كۆرۈپ باقمىغان. شۇڭا، گۆھەرگە ئوخشىتىپ ياساپ چىقالمىغان. مانا بۇ ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ساختا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. باي بۇ ئۈچ كىشىنى ساختا گۇۋاھچىلىققا تارتقان. دېمەك، ئۇمۇ يالغان سۆزلىگەن. شۇڭا گۆھەرنى تېپىۋالغان كىشى دەل كەمبەغەل.» دەپتۇ. ئامبال قازىنىڭ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ، ئۇنى 50 نەچچە تۇياق قوي – كالا بىلەن تارتۇقلىغاندىن باشقا، ھېلىقى ئاچ كۆز باي ۋە ساختا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن ئۈچ كىشىنى دۆلەت چېگرىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى بۇيرۇش بىلەن بىرگە، ھېلىقى كەمبەغەلنىڭ گۆھىرىنى ئۆز قولىغا قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. 




تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز