1. قايسى ئىش تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؟
قەرەللىك ھالدا تاشلىۋېتىشنى بىلىش.
2. ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈش دېگەن نېمە؟
ياخشىدىن ھۇزۇرلىنىشنى، ئەسكىگە بەرداشلىق بېرىشنى بىلىش.
3. توي قىلغاندىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم نەرسە نېمە؟
بۇ توينى قىلمىدىم دەپ بىلىش،
4. ئەركىنلىككە بولغان چۈشەنچىڭىز نېمە؟
«ياق»دېيىشنى بىلىش.
5. ئادەم پىشقانسېرى باشقىلارنى ئاسان ياخشى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالامدۇ؟
ئۇنداق چۈشىنىشكە بولمايدۇ، پىشقانسېرى قايسىسى مۇھەببەت، قايسىسى ئەمەس پەرقلەندۈرەلەيدۇ.
6. تۇرمۇشنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن قانداق چىقتىڭىز؟
بىرقانچە قەدەمنى ئارتۇق ماڭدىم.
7. ئالدىنقى يېرىم ئۆمۈر بىلەن كېيىنكى يېرىم ئۆمۈرنىڭ چېگرىسى نەدە؟
دەل مۇشۇ پەيتتە.
8. «سەن قىلالىساڭ، سەن قىل»دېگەن گەپنى قانداق چۈشىنىمىز؟
توڭلاتقۇمۇ ئۆزىنى توڭلىتىشنى بىلمەيدۇ.
9. كىشىلەرگە رىغبەتلەندۈرىدىغان كىتابلارغا قانداق قارايسىز؟
قانچە كۆرسىڭىزمۇ سۆزلەنگىنى باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتى.
10. «بىلمەك بىلەن قىلماقنىڭ بىرلىكى»نى قانداق چۈشىنىسىز؟ئەمەلىي تۇرمۇشقا قانداق تەدبىقلەيسىز؟
قىلالماسلىقنى بىلىش، بىلمەسلىك بىلەن باراۋەر.
11. ئىلىم-پەن بىلەن خۇراپىيلىقنىڭ چېگرىسى؟
«مەن خاتالاشتىم»دەپ قېلىش
12. قايسى تېخنىكىنى ئاز ۋاقىت ئۆگەنسەكلا تۇرمۇشىمىزغا زور ياردەملەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
باشقىلارنى تەرىپلەش
13. ئوقۇش پۇلىغا كىتاپ ئوقۇغان ياخشىمۇ ياكى دۇنيانى ساياھەت قىلغانمۇ؟
بىلىمىڭىز يوق تۇرۇپ دۇنيانى چۆگىلىگىنىڭىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى.
14. نېمە ئۈچۈن «ئەقىللىق قىزلار يۇۋاش بالىلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدۇ»دەيدىغان گەپ بار؟
بەلكىم ئۇ قىز قارىماققىلا «ئەقىللىق»، ياكى ئوغۇل قارىماققىلا «يۇۋاش»بولۇشى مۇمكىن.
15. قەلبىڭىزدىكى مۇكەممەل مۇھەببەت قانداق بولىدۇ؟
مۇكەممەل ئەمەس بولىدۇ.
16. قانداق قىلغاندا دۇنيانى گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ؟
ئۆزىمىزنى گۈزەللەشتۈرگەندە.
17. ئەرلەر ئاياللارنىڭ فىگورى، چىرايى، ئىدىيەسىنىڭ قايسىسىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ؟
چىرايى بىلەن فىگورى ئەرلەرنىڭ ئۇنى چۈشىنىپ بېقىش ئىستىكىنى ئويغىتىدۇ، ئىدىيەسى شۇ ئايالنىڭ چىرايى بىلەن فىگورىنىڭ زادى مۇھىم ياكى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
18. «بالىڭىز باش پەللىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويمىسۇن»دېگەن گەپنىڭ داۋلىسى بارمۇ؟
بىر ئۆمۈر ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرىمەن دەيدىكەنسىز، بۇ كىشىلىك ھايات تراگېدىيەسىنىڭ باشلىنىشى.
19. باشقىلار بىزدىن كۈچلۈك بولسا، بەزىدە ھەسەت قىلىمىز يەنە بەزىدە چوقىنىمىز.سەۋەبى؟
يىراقتىكى ئادەم بولسا چوقىنىسىز، كۆز ئالدىڭىزدىكى ئادەم بولسا ھەسەت قىلىسىز. مەنپەئەت توقۇنۇشى بولسا ھەسەت قىلىسىز، بولمىسا چوقىنىسىز.
20. نېمەئۈچۈن چىرايلىق تارتىلغان رەسىمنى كۆرسەك فوتوئاپپاراتنى سۈرۈشتۈرىمىزيۇ، سەت چۈشكەن رەسىمنى كۆرسەك رەسىمگە تاتقان ئادەمنى سۈرۈشتۈرىمىز؟
ئادەم ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆزىدىن، مەغلۇبىيىتىنى مۇھىتتىن ئىزدەشكە؛ باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇھىتتىن، مەغلۇبىيىتىنى شۇ كىشىدىن ئىزدەشكە ئادەتلەنگەن.
21. سىز ئۇچراتقان ئىدىيەرىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولغان نەزەرىيە؟
تالانت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يۇقىرى چېكىنى، تىرىشچانلىق ئەڭ تۆۋەن چېكىنى بەلگىلەيدۇ. كۆپ ئادەملەرنىڭ تىرىشچانلىقى تالانتىنى سېلىشتۇردىغان دەرىجىگىمۇ بارمايدۇ.
22. ئادەم بۇ ئۆمرىدە نېمە ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك؟
ئەڭ ئازاپلىق ئىش مەغلۇبىيەت بولماستىن، «ئەسلى قىلالايتىم»دىيىش ھېسابلىنىدۇ.
23. ئەگەر ياخشىلىققا ياخشىلىق يانمىسا، يەنە نېمە ئۈچۈن ياخشى ئادەم بولىمىز؟
بىز بىر ئىشنى «ئۈنۈمى بولسۇن» دەپ ئەمەس، «بۇنداق قىلىشىم توغرا» دەپ تۇرۇپ قىلىمىز.
24. «ھېسسى قابىلىيىتى»تۆۋەن بولۇشقا مىسال كەلتۈرۈڭ؟
ناتونۇش ئادەملەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، ئەتراپىدىكىلەرگە ئاچچىقلىنىش.
25. قايسى داۋلىنى ئاڭلاپ ئىشەنگىمىز كەلمەيدۇ، پەقەت بېشىمىزدىن ئۆتكەندىلا ئاندىن ئىشىنىمىز؟
ئىقتىدارىڭىزنى تۆۋەن چاغلىماڭ، ئىرادىڭىزنى چوڭ چاغلىماڭ.
26. «ئەمەلىيرەك بول، جەمئىيەت شۇنداق»دېگەن گەپكە قانداق رەددىيە بېرىمىز؟
«سەن قانداق بولساڭ، دۇنيا شۇنداق بولىدۇ».