تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بوۋاقلاردىكى ئالتە بېشارەتكە سەل قارىماڭ

بوۋاقلاردىكى ئالتە بېشارەتكە سەل قارىماڭ

      ئاتا - ئانىلار بالىسىنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بوۋاقلاردىكى بىر قىسىم كېسەللىكلەر كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن ئالدىن شەپە بېرىدۇ. بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا ئاتا - ئانىلارنى تۆۋەندىكى ئالتە بېشارەتكە سەل قارىماسلىقنى قەيت قىلدى.

 كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش. روھىي كەيپىياتىنىڭ ناچارلىشىشى بالىلار ساغلاملىقىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىدىغان بەلگە ھېسابلىنىدۇ. ساغلام بالىلارنىڭ روھىي كەيپىياتى ياخشى، كۆزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ، يىغلاپ جېدەل قىلمايدۇ. 

    سەۋەبسىز يىغلاپ جىدەل قىلىش. كىچىك بالىلار بىئارام بولغاندا، مەسلەن: قورسىقى ئاچقاندا، توڭلىغاندا، ئىسسىپ كەتكەندە، ئۇسساپ كەتكەندە يىغلاپ مەقسىتىنى ئۇقتۇرىدۇ. بىراق بالىلار راستتىنلا سەۋەبسىز يىغلاپ توختىمىسا، ئاتا - ئانىلار بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك. 

    بۇنداق چاغدا چوقۇم پۈتۈن بەدىنىنى تەكشۈرۈپ، نەرىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى تېپىشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ قىزىغان ياكى قىزىمىغانلىقىنى بىلىشى، توختىماي يىغلاۋەرسە چوقۇم دوختۇرغا كۆرسىتىشى كېرەك. 

     ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، تامىقى ئازىيىش. ساغلام بالىلار ۋاقتىدا تاماق يەيدۇ، تاماق مىقدارىمۇ بىر قەدەر مۇقىم بولىدۇ. ئەگەر بالىلار ئادەتتە نورمال تاماق يەۋېتىپلا تاماق يېمەيدىغان بولۇۋالسا ياكى تامىقى ئازىيىپ كەتسە، بۇمۇ ئاغرىپ قالغانلىقنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا چوقۇم ئۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىش كېرەك. نەپەسلىنىش يولى ياكى ھەزىم قىلىش يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارمۇ ئىشتىھاسىنى تۇتۇپ قويىدۇ.

   چوڭ تەرىتى قۇرغاق كېلىش. نورمال بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتى يۇمشاق كېلىدۇ. تۇيۇقسىز قۇرغاق ياكى سۇيۇق كەلگەندە، بۇمۇ ئاغرىپ قېلىشنىڭ بېشارتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر چوڭ تەرەت قۇرغاق ھەم تەستە كەلسە بۇ ئۈچىيىدە يېمەكلىكلەرنىڭ تولۇق ھەزىم بولماي ئۇزاق تۇرۇپ قالغىنىدىن ئىچكى ئىسسىقلىقى ئارتىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر بۇ ھال ئۇزاق داۋاملاشسا، تاماق سىڭمەي، قىزىپ قالىدۇ، بۇ چاغدا بالىلارغا ئامال بار يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى، تالالىق يېمەكلىكلەرنى ياكى بانان، ھايمانتۇس، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلارنى يېگۈزۈپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، چوڭ تەرىتىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. 

   ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق. نورمال بالىلار تېز ھەمدە خاتىرجەم ئۇخلايدۇ، مىجەزى يوق بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ، ئاسان ئويغىنىپ كېتىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە ئاشقازان ياخشى بولمىسا، ئۇيقۇ ياخشى بولمايدۇ، دېگەن قاراش بار. ئەگەر بالىلار كۆپ تاماق يەۋالسا، ياكى سوغۇق يېمەكلىكنى يەۋالسا ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يەۋالسا، قورسىقى كۆپىيىپ، ئۈچەي - ئاشقازىنى بىئارام بولۇپ، كەچتە ياخشى ئۇخلىيالماي، توختىماي ئۇياق - بۇياققا ئۆرۈلىدۇ ياكى چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ.

   ئېغىزى پۇراش. ساغلام بالىلارنىڭ ئېغىزى پۇرىمايدۇ، تىلىنىڭ رەڭگى قىزىل، تىل گېزى ئاق كېلىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ ئېغىزى قېتىق پۇرىسا، تىل گېزى قېلىنراپ، كالپۇكى قىزىرىپ، چاپىقى كۆپىيىپ قالسا، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالسا، بەدىنىدە ھەزىم قىلىنىپ بولالمىغان يېمەكلىكنىڭ كۆپلۈكىنى، ئىچ مىجەزىنىڭ ئىسسىق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق چاغدا بالىنىڭ تامىقىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، سۇيۇق - سەلەڭ تاماقلارنى بېرىش كېرەك. 

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز