ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
كىشىلەر يۆتىلىپ قالغاندا ھەرخىل داۋالاشلارنى قىلىپ، كېسەلنى ساقايتىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈڭ، بۇنىڭمۇ سوغۇقتىن بولغان يۆتىلىڭىزنى ساقايتىشقا پايدىسى بار. يەنى گېرىلكىنى دۈمبىگە قويۇپ ئۆپكە قاتارلىق ئەزالارغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈڭ، ئىسسىق بۇ ئورۇنلاردىكى يىغىلىپ قالغان سوغۇق يەلنى ھەيدەيدۇ، قان تومۇرلار كېڭىيىدۇ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
گېرىلكىنى دۈمبىگە قويغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 80 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ساقلىنىدۇ، دۈمبىگە ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە ئەڭ ياخشىسى لۆڭگە بىلەن گېرىلكىنى ئوراپ دۈمبىگە قويۇڭ، ھەر قېتىم يېرىم سائەت ئەتراپىدا قويۇڭ، ئىسسىق ئۆتكۈزگەندىن گېرىلكىنى يۇقىرى-تۆۋەن، ئوڭ-سولغا يۆتكەپ تۇرۇڭ.