ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن شېئىرى
ياپراقلار يېقىملىق شىۋىرلاپ مەستخۇش،
قىلاتتى ئالتۇندەك ئەجرىڭنى بايان.
قىپقىزىل ئالمىدا قوللىرىڭ ئۈزگەن،
قەلبىڭنىڭ رەڭگىمۇ بولاتتى ئايان.
جىغغىدە تىترىدى ۋۇجۇدۇم، تېنىم،
بېغىڭغا كۆز تىكىپ ئالغان چاغ قەدەم.
ئالمىدەك مەڭزىڭنى سۆيگەن يوپۇرماق،
مەن بولۇپ قالسامچۇ دېدىم ئاشۇ دەم.