جىنىسي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇنقى بەدەن قىزىتىش ئۇسۇللرى
جىنسىي ھەۋەس ئاساسسىزلا پەيدا بولمايدۇ، مۇۋاپىق جىنسىي غىدىقلاش جىنسىي ھاياجاننى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ، ئەرلەردە جىنسىي ئەزانىڭ تولۇق قايىم بولۇشىغا ياردىمى بولسا، ئاياللاردا جىسنىي يولنىڭ يېتەرلىك سىيلىقلىنىشىغا تۈرتكە بولالايدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتتە كۆپ تەرەپلىك سەزگۈنى قوزغۇتۇپ، ئەر–ئايال ئىككىلا تەرەپنىڭ «بەدەن قىزىتىش» نى قولغا كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك.
1. ئاڭلاش سېزىمى. ئاياللاردىكى جىنسىي ھاياجان كۆپرەك ئاڭلاش سېزىمىدىن كېلىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت مۇقەددىمە باسقۇچىدا، ئاياللار ئەر تەرەپنىڭ قۇچاقلىشى، سۆيۈشىنى ئارزۇ قىلغاندىن باشقا يەنە، ئەرلەرنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مۇھتاج بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئەرلەرنىڭ بىر نەچچە ئېغىز مەدھىيە سۆزلىرى، ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى ۋە جىنسىي ھاياجىنىنى قوزغاشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. مۇناسىۋەت جەريانىدا ئايال تەرەپنىڭ قىلغان «ئاشكارە» سۆزلىرى ئەر تەرەپنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىشى مۇمكىن.
2. پۇراش سېزىمى. ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس تەن ھىدى بولىدۇ. بىرەر كىشىنىڭ ئۆزىمىزگە نىسبەتەن جەلىپ قىلىش كۈچى بار دەپ قارىغىنىمىزدا، بۇ خىل قاراش مەلۇم نوقتىدىن ئۇنىڭ تەن ھىدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. جىنسىي ئوبېكتى تەن ھىدىنىڭ رولىنى، جىسنىي مۇناسىۋەت جەريانىدا تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. لېكىن ھازىر كىشىلەر تازىلىققا زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ كېتىپ، تەبىئىي تەن ھىدىنى يۇيۇپ يوقىتىۋېتىدۇ. ئەلۋەتتە، چېكىدىن ئاشقان بەد پۇراق كىشىنى سەسكەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى نوقتىلىق ئورۇنلارنى پاكىز يۇيۇپ، تازىلىققا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، تەن ھىدىنى ساقلاپ قېلىش مۇۋاپىق.
3. تېتىش سېزىمى. بىر قىسىم يىمەكلىكلەرنىڭ تەمىدىن كېلىدىغان غىدىقلاشنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن ئايال تەرەپكە شاكىلات يىگۈزۈش ئارقىلىق ھەۋىسىنى ئويغاتقىلى بولىدۇ.
4. تېگىشىش سېزىمى. كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىنسىي ئەزا، قۇلاق يۇمشىقى، لەۋ، كۆكسى، يوتا قاتارلىق ئورۇنلار روشەن جىنسىي سەزگۈ ئورۇنلار ھېسابلىنىدۇ . مۇناسىۋەت جەريانىدا سىيلاش تەرتىۋىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە، سەزگۈرلىكى ئەڭ تۆۋەن ئورۇندىن باشلاش، ئاندىن تەدەرىجى ھالدا ئەڭ سەزگۈ ئورۇنغا ئۆتۈش كېرەك. باشلىنىشتىلا ئەڭ سەزگۈر ئورۇن سىيلانسا ئەكسىچە تەسىر بېرىپ قويۇش مۇمكىن. ئاياللار سىيلاش كۈچىگە نىسبەتەن بىر قەدەر سەزگۈر بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئاۋال يەڭگىل يېقىملىق سىيلىنىشنى، سىيلاش كۈچىنىڭ تەدرىجى كۈچىيىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.
5. كۆرۈش سېزىمى. ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھاياجىنى كۆپرەك كۆرۈش سېزىمىدىن كېلىدۇ، كۆپ قىسىم ئەرلەرنىڭ چىراق يېقىپ قويۇپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى ياختۇرىشىنى، ئاياللارنىڭ بولسا غۇۋا ياكى قاپ قاراڭغۇ شارائىتتا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى مۇشۇ سەۋەبتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئەرلەر ئوبېكتىنىڭ بەدىنىگە نىسبەتەن كۆپرەك مەدھىيەلەر بېرىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، بۇ ئاياللاردىكى ئوڭايسىزلىنىش تۇيغۇسىنى يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق.
مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى تەييارلىدى.