• ئۇمۇرتقا گۆش قورۇمىسى I

    2009-05-02

    تەۋە تۈرى:قورۇمىلار

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم


      خۇرۇچى
     قوي گۆشى ئۇمۇرۇتقا 500گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،تېتىتقۇ بىر چىمدىم، ئۇن قىيامى (مىيەنجاڭ)ئازراق، كاۋاۋىچىن ئازراق،پۇرچاق ئۇنى 50گرام،جاڭيۇ ئازراق،سۇڭپىياز بىر تال،سۇ يېغى 500گرام، خورايدىنىغنى 70گرام،تۇخۇم بىر دانە
      قورۇش ئۇسۇلى
    1.قوينىڭ ئۇمۇرتقا گۆشىنىڭ يىپچىللىرىنى ئېلىۋىتىپ، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ سانتىمىتىر قىلىپ چوڭ چوڭ قەلەمچە تەييارلىنىدۇ،سۇڭپىياز سامساقلار يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.
    2.توغرالغان گۆشكە تۇز سوققان كاۋاۋىچىن ،تېتىتقۇ،تۇخۇم،چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرىلىدۇ.
    3.يېرىم قاچا شورپىغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ، تۇز ،تېتىتقۇ ، جاڭيۇ سېلىپ شورپا تەييارلىنىدۇ
    4.قازانغا ياغ قۇيۇپ، يەتتە دەرىجە قىزىتىپ گۆشنى سېلىپ، ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.
    5.قازانغا ياغ قۇيۇپ،سۇڭپىياز ،سامساق، ئۇن قىيامى سېلىپ قورۇپ،تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ قاينىتىپ،شورپىسى قۇيۇقلاشقاندا گۆشنى سېلىپ، ئىككى قېتىم ئۆرۈپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.

    ئالاھىدىلىكى
    تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق ھەم چايناشلىق


    历史上的今天: