• ئۇمۇرتقا گۆش قورۇمىسى II

    2009-05-02

    تەۋە تۈرى:قورۇمىلار

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

    خۇرۇچى
     قوي گۆش ئۇمۇرتقا 280گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق،تۇخۇمنىڭ ئېقى ئىككى دانە،قارىمۇچ ئازراق،پۇرچاق ئۇنى 70گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،ھۆل مور تۆت تال،تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سۇڭپىياز بىر تال، سۇ يېغى 500گرام، سامساق تۆت چىش

    قورۇش ئۇسۇلى
     1.ئۇمۇرتقا گۆشنىڭ يىپچىللىرىنى ئېلىۋېتىپ،گۆشنىڭ ئۈستىگە كۈنگۈرە شەكىلدە قىيپاش گۈل چىقىرىپ، ئۇزۇنلۇقى ئالتە سانتىمېتىر كېلىدىغان توم قەلەمچە توغراپ،تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە تۇز، تېتىتقۇ سېپىپ قۇيۇلىدۇ،سۇڭپىياز قەلەمچە ، سامساق نىپىز يالپاق توغرىلىدۇ.
    2.تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ،تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ
    3.شورپىغا ياكى قايناق سۇغا تۇز ،تېتىتقۇ،سوققان قارىمۇچ،چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ،تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
    4.قازانغا ياغ قۇيۇپ بەش دەرىجە قىزىتىپ،گۆشنى قۇيۇق شىرىگە چىلاپ، ياغقا سېلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.
    5. قازانغا ئازلا ياغ قۇيۇپ،سۇڭپىياز،سامساق،مورلارنى سېلىپ قورۇپ،تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ،قايناپ چىققاندا پىشۇرۇلغان گۆشنى سېلىپ، ئىككى ئۈچ قېتىم ئۆرۈپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
    تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمران،يۇمشاق بولىدۇ.


    历史上的今天: