• كالا گۆشى قورۇمىسى

    2009-04-26

    تەۋە تۈرى:قورۇمىلار

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

    كالىنىڭ پىششىق گۆشى 280 گرام، يېڭى زەنجىۋىل ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، جاڭيۇ ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سامساق بىر باش، شورپا 500 گرام، ئاق شېكەر ئازراق، سۇ يېغى 50 گرام، شاكال بەدىيان ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 

    1. پىشقان كالا گۆشىنى (كالا گۆشى سەل چالىراق پىشقان بولسۇن) ئۇزۇنلۇقى سەككىز سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئۈچ سانتىمېتىر، قېلىنلىقى ئۈچ مىللىمېتىر، يالپاقلاپ توغراپ، تەخسىگە رەتلىك تىزىلىدۇ؛ سۇڭپىياز ئىنچىكە، سامساق ئۇششاق توغرىلىدۇ. 
    2. بىر قاچا شورپىغا تېتىتقۇ، جاڭيۇ، ئاق شېكەر، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 
    3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، شاكال بەدىيان سېلىپ قورۇپ، تەمى چىققاندا سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ تەخسىدىكى كالا گۆشىنى تىزىلغان پېتى سېلىپ تەكشى پىشۇرۇپ، ئۈستىگە تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، سامساق، سۇڭپىياز، زەنجىۋىلنى گۆشنىڭ ئۈستىگە سېلىپ، تەخسە بىلەن ئۈستىنى يېپىپ، پەس ئوتتا 15-10 مىنۇت دۈملەيمىز. شورپا گۆشكە سىڭىپ، دورا - دەرمەكلەرنىڭ تەمى گۆشكە ئۆتكەندىن كېيىن قازاندىكى گۆش رەتلىك ھالدا تەخسىگە كۆمتۈرۈپ ئېلىنىدۇ. 


    历史上的今天:

    قورداق 2009-04-26
    نان چۆپ 2009-04-26
    قورۇما 2009-04-26