• قورداق

    2009-04-26

    تەۋە تۈرى:قورۇمىلار

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

    خۇرۇچى
    قوي ياكى كالا گۆشى بىر كلوگرام،كاۋاۋىچىن ئازراق، ئەبجەش ياغ 105گرام،زەنجىۋىل ئازراق،ياڭيۇ 500گرام،كۆك ياكى قىزىل لازا ئىككى تال،سەۋزە ياكى تۇرۇپ 500گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،پەمىدۇر ئىككى تال ،جاڭيۇ ئازراق ،پىياز بىر باش ،يۇمغاقسۈت ئازراق.

    قورۇش ئۇسۇلى
     1.گۆش سۆڭىكى بىلەن توغرىلىدۇ.كىچىك ياڭيۇ ئىككى پارچە ،چوڭلىرى تۆت پارچە سەراڭگە قېپىدەك پارچىلىنىدۇ.سەۋزە ياكى تۇرۇپ پىياز،لازا پەمىدۇرلارنى چوڭ چوڭ يۇمغاقسۈت ئۇششاق توغرىلىدۇ
     2.قازانغا ياغ قۇيۇپ يەتتە دەرىجە قىزىتىپ ،گۆشنى سېلىپ قورۇپ قىزارتىپ، سۇڭپىيازنى سىېلىپ سارغايتىپ ، ئاندىن جاڭيۇ،پەمىدۇر سېىلىپ ئىزىلدۈرۈپ قورۇلىدۇ.كىيىن ، ياڭيۇ ،سەۋزە ياكى تۇرۇپ سېلىپ قورۇپ، ئاندىن خۇرۇچلار چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ،تەمىنى تەڭشەپ،زەنجىۋىل،سوققان كاۋاۋىچىن سېلىپ،پەس ئوتتا 50-60مىنۇت سىم سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.قاچىلارغا ئېلىشتىن بۇرۇن يۇمغاقسۈت سېلىنىدۇ.شورپىسى بىلەن بىللە چوڭ چىنىلەرگە ئېلىپ ، ئۆي نېنى ياكى گىردە نان بىلەن بىللە داستىخانغا كەلتۈرىلىدۇ.

    ئالاھىدىلىكى
    كۆپ خىل ماتىرىيالدا قورۇلغان بولۇپ ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ،يىيىشلىك ھەم مەززىلىك.