• بۆرەك، گۆش، قېرىن قورۇمىسى

    2009-04-26

    تەۋە تۈرى:قورۇمىلار

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم


    لوق قوي گۆشى 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، بۆرەك 140 گرام، جاڭيۇ ئازراق، پىششىق قېرىن 70 گرام، شېكەر رېڭى ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، سامساق تۆت چىش، كۈنجۈت يېغى ئازراق، قارىمۇچ ئازراق، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، تېتىتقۇ بىر چىمدىم.

    1. قوينىڭ گۆشى، بۆرىكى، پىشقان قېرىنى يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. بۇ ئۈچ خىل خۇرۇچنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىڭغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى، سوققان قارىمۇچ، كۈنجۈت يېغى، شېكەر رېڭى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 
    2. بىر قاچىغا 500 گرام شورپا ئېلىپ، ئۇنىڭغا پۇرچاق ئۇنى، جاڭيۇ، تۇز، سوققان قارىمۇچ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تەڭشەلگەن شورپا ياسىلىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 87~ دەرىجە قىزىتىپ، گۆش، بۆرەك، قېرىنلارنى سېلىپ، تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. 
    4. قازانغا 15 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق سېلىپ قورۇپ، ياغدا پىشقان ئۈچ خىل خۇرۇچنى سېلىپ بىر - ئىككى قېتىم ئۆرۈپ، تەييارلانغان شورپىنى تۆكۈپ، يەنە ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا كۈنجۈت يېغى سېپىپلا ئېلىنىدۇ.


    历史上的今天:

    قورداق 2009-04-26
    نان چۆپ 2009-04-26
    قورۇما 2009-04-26