تارىخىي رومانچىلىق ۋە ئۇيغۇر خەلقىدە تارىخ ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى
تارىخىي رومانچىلىق ۋە ئۇيغۇر خەلقىدە تارىخ ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى
تارىخىي رومانچىلىق زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن شۇنداقلا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان يىرىك بىر ساھە. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخىي رومانچىلىق ئىجادىيىتى 1960- ۋە 1970-يىللاردا ئالدى بىلەن سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا، 1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.
زىيا سەمەدىنىڭ «يىللار سىرى»، «مايىمخان»، «غېنى باتۇر» رومانلىرى، تۇرغان توختەموفنىڭ «نۇزۇگۇم»، ھېزىمەت ئابدۇللىننىڭ «ئوتلۇق چەمبەر» قاتارلىق بىر يۈرۈش يىرىك ئەسەرلىرى سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تارىخىي رومانچىلىقنىڭ نادىر ئۈلگىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. 1980-يىللاردىن كېيىن تارىخىي رومانچىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرە قوزغىغان ئەدەبىي ژانىر بولۇپ قالدى. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» ناملىق رومانلىرىدىن قوزغالغان زىلزىلە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدا تارىخىي رومانچىلىق ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى، ئوقۇرمەنلەردە بولسا چوڭقۇر دەرىجىدىكى تارىخ تۇيغۇسىنى ئويغاتتى. شۇندىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «ئىلى دولقۇنلىرى»، «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»، «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»، «مەھمۇت قەشقەرى»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى»، «ئورخۇن شەجەرىسى»، «قۇم باسقان شەھەر»، «ئانا يۇرت»، «جاللات خېنىم»، «باھادىرنامە» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان نادىر تارىخىي رومانلار يورۇق كۆردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتقا بولغان ئېستېتىك ئېڭى ئۆسۈپلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى تارىخقا بولغان جاۋابكارلىق تۇيغۇسىمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزبېك تارىخىي رومانچىلىقى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئۇ بەدىئىي ماھارەت بىلەن تارىخىي چىنلىقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يورۇتۇلۇشى نۇقتىسىدىن ئابدۇللا قادىرى بىلەن ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تارىخىي رومانلىرىنى سېلىشتۇرما قىلدى.
تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ خىتايدىكى سىياسىي بېسىم تۈپەيلى تاكى 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلىرىنىڭ ئېغىر چەكلىمە ئىچىدە ياشىغانلىقىنى، پەقەت 1980-يىللاردىن كېيىن خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى نىسپىي يۇمشاش نەتىجىسىدە ئۆتكۈر ئەپەندى باشلىق يازغۇچىلارنىڭ قولىغا قايتا قەلەم ئېلىپ نادىر تارىخىي رومانلارنى يېزىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئالىمجان ئىنايەت 1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تارىخىي تېمىدىكى رومانچىلىقنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۆز تارىخىنى بىلىشكە بولغان ئىشتىياقىدىن دەپ بىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆتكۈر ئەپەندىگە ئوخشاش يازغۇچىلارنىڭ تارىخىي ۋە مىللىي ئېڭىدىن تۇغۇلغان دەپ قارايدۇ.
تارىخىي رومانچىلىق 20-ئەسىردىن بۇيان ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان ژانىر ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇللا قادىرىنىڭ «ئۆتكەن كۈنلەر» ۋە «مېھرابدىن چايان» رومانلىرى بىلەن مۇختەر ئەۋىزوفنىڭ «ئاباي» ۋە «ئاباي يولى» ناملىق رومانلىرى ئۆزبېك ۋە قازاق ئەدەبىياتىدا تارىخىي رومانچىلىقنىڭ نادىر ئۈلگىلىرىنى ياراتقان ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا زىيا سەمەدى، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋە زوردۇن سابىرلارنىڭ رومانلىرىمۇ ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەھىپىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ئالىمجان ئىنايەت ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىدىكى تارىخىي تۇيغۇنى ئويغىتىشتا ئوينىغان مۇھىم روللىرىنى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» رومانىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئارقىلىق ئىزاھلاپ ئۆتتى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/tarix-engi-08082013124549.html/u0808-qutlan.mp3
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: تارىخىي رومانچىلىق ۋە ئۇيغۇر خەلقىدە تارىخ ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى