پېشقەدەم ئوفېتسىر، ۋەتەنپەرۋەر ئەدىب سابىت ئابدۇراخمان خىتاي تۈرمىسىدە 20 يىل ئازاب تارتقان
پېشقەدەم ئوفېتسىر، ۋەتەنپەرۋەر ئەدىب سابىت ئابدۇراخمان خىتاي تۈرمىسىدە 20 يىل ئازاب تارتقان
ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ قانات يايغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدە ۋە 90-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان شەخسلەر كۆپلەپ سانىلىدۇ.
يېقىندا ئالماتادا، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى سابىق ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلىرىدىن ھەم كېيىنىرەك ئۇنىڭ رەئىسى بولغان سابىت ئابدۇراخماننىڭ قەبرىگە يادىكارلىق ئورنىتىلدى. مەزكۇر يادىكارلىق مەرھۇمنىڭ بىر توپ شاگىرتلىرىنىڭ، مىللەتپەرۋەر ۋە ساخاۋەتلىك كىشىلەرنىڭ خىراجىتى بىلەن ياسالغان ئىدى.
س. ئابدۇراخمان 1928-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىگە قاراشلىق قارىتورۇق يېزىسىدا ئوتتۇرا ھال دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سوۋېت تۈزۈمى تەرىپىدىن مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلگەن كوللېكتىپلەشتۈرۈش سىياسىتى دەۋرىدە، يەنى 1932-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان. ئۇ 1944-يىلى باشلانغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ۋاقتىدا پىدائىي بولۇپ ئۇرۇشقا ئاتلانغان ئىدى. دەسلەپتە ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلى غېنى باتۇرنىڭ شتابىدا كاتىپلىق قىلغان. 1945-يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەت تەشۋىقات بۆلۈمىدە، ئاندىن «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە ئىشلىدى. شۇ يىلى س. ئابدۇراخمان «ئوفىتسېرلارنى تەربىيىلەش» كۇرسىدا ھەربىي تەلىم ئالغان. ئاندىن مىللىي كادىرلارنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن «شەرق» ۋە «روشەن» مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1946-يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ، شىخۇ 7-پىيادە پولك شتابىغا ئەۋەتىلدى ۋە 1947-يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىغىچە ھەربىي تەييارلىق بۆلۈمىدە كاتىپ بولۇپ ئىشلىدى. 1948-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇ گومىنداڭ تەرىپىدىن قوراللاندۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى قوشۇنلار بىلەن بولغان جەڭلەرگە قاتنىشىپ، يېنىك يارىدار بولغان. شۇ يىلى ئۇ بىر توپ ھەربىيلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى «ياش شەرقىي تۈركىستانچىلار تەشكىلاتى» نى قۇرىدۇ. ئاقىۋەتتە مەزكۇر تەشكىلات پاش بولۇپ، س. ئابدۇراخمان تۈرمىگە قامىلىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىگە كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى كىرگەندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتىلىپ، س. ئابدۇراخمان مەلۇم بىر مەزگىل شۇ كورپۇستا ئىشلىگەن، ئامما 1951- ۋە 1952-يىللىرى يەنە تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. ئۇ 1954-يىلى شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى ئەلا باھالار بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئۇستازلىق قىلغان.
1958-يىلى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا «ئوڭچىللىققا، يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ئىستىل تۆزىتىش ھەرىكىتى» باشلىنىپ، مىڭلىغان ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلار تەنقىد قىلىنغان ئىدى. شۇلار جۈملىسىدىن س. ئابدۇراخمانمۇ «ئۇيغۇرىستاننى تىكلەش ئىدىيىسى بار ئۆزگەرمەس ئۇنسۇر» قالپاقلىرى كىيدۈرۈلۈپ، يەنە تۈرمىگە تاشلاندى. 1966-يىلى تۈرمىدىن چىققان س. ئابدۇراخمان ئۆز تەرەپدارلىرى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى» شۆبىسىنى تەشكىللەپ، ھەرىكەت قىلدى. ئەمما يەنە شۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى ساتقۇنلۇقى نەتىجىسىدە 1969-يىلى تەشكىلاتنىڭ بارلىق ئەزالىرى قاماققا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. بۇ قېتىمدا ئۇ ئون يىلدىن كۆپ ۋاقىت تۈرمە ئازابىنى تارتىپ، پەقەت 1981-يىلى بوشىتىلغان ئىدى. شۇ يىلى ئۇ قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، تۇغۇلغان يۇرتىدا تا 1988-يىلغىچە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىگەن.
س. ئابدۇراخمان قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىنمۇ كۈرەشنى توختاتماي، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ئىشتراك قىلغان. 1997-يىلدىن باشلاپ ئۇ «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نى باشقۇردى. س. ئابدۇراخمان 2005-يىلى تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھالاكىتى ئاقىۋىتىدە ۋاپات ئەتكەن ئىدى.
س. ئابدۇراخمان سىياسىي پائالىيەتتىن تاشقىرى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تارىخ ئىلمى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. ئۇ «ھايات ناخشىلىرى»، «ۋەتەن مەكتۇپلىرى»، «تارىختىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى»، «ئۇيغۇرلار توغرىلىق ھەقىقەت»، «خىتاينىڭ ئورتا ئاسىياغا تاجاۋۇزچىلىق خەۋپى»، «خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇر»، «ئۇيغۇرنامە» قاتارلىق شېئىرىي، تارىخىي كىتابلارنىڭ ئاپتورىدۇر.
س. ئابدۇراخماننىڭ شاگىرتلىرى ھەم ئۇنى بىلىدىغانلارنىڭ مەرھۇمنىڭ قەبرىدە ئېيتقان ئەسلىمىلىرى دىققىتىڭلارغا سۇنۇلدى.
مەنبە:
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/qazaqistan-uyghur-07022013170108.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: پېشقەدەم ئوفېتسىر، ۋەتەنپەرۋەر ئەدىب سابىت ئابدۇراخمان خىتاي تۈرمىسىدە 20 يىل ئازاب تارتقان