ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

2016-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28- كۈنى 04:11   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» تارقاتتى

    

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «2016-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

    2016-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خۇشال-خۇرام، تىنچ-ئامان بايرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللىقى بىلەن تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش تارقاتتى:

    بىرىنچى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، نىشانلىق قۇتقۇزۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش كېرەك.

    ئىككىنچى، مۇھىم تاۋارلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بايراملىق بازارنىڭ مۇقىم يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئۈچىنچى، ئاممىنىڭ مەنىۋى-مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، جۇڭگوچە بايرام كەيپىياتى بەرپا قىلىش كېرەك.

    تۆتىنچى، چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بايرامدا يولغا چىقىشىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

    بەشىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

    ئالتىنچى، بايرامنى تېجەشلىك، مەدەنىي ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

    يەتتىنچى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

    سەككىزىنچى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، دىجورنىلىق قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەش كېرەك.

    جايلار، تارماقلار يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇقتۇرۇش روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى