خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:22-دېكابر، چىڭگىل ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تۆلىمىنى نەقلەشتۈرۈش يىغىنى ئارال يېزىلىق پارتىيە - ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسال بىناسىدا ئېچىلدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقان ئائىلىلىرىگە بېرىلىدىغان يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تۆلەم پۇلى نەقلەشتۈرۈلدى.
2015-يىلى، چىڭگىل ناھىيىسىدە جەمئىي 176 مىڭ مو يەر خەلق مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى چىڭگىل تارماق شىركىتى تېرىقچىلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان. قۇرغاق ئىسسىق شامالنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، چىڭگىل ناھىيەسىدە نۇرغۇن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ھوسۇلى كېمىيىپ كەتتى. خەلق مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى چىڭگىل تارماق شىركىتى ناھىيىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان دېھقانلارنىڭ يېرىنى تەكشۈرۈپ زىياننى بېكىتتى. زىيانغا ئۇچرىغان بۇغداي 23 مىڭ موغا، تۆلەم سوممىسى 4 مىليون 300 مىڭ يۈەن، جەمئىي نەپكە ئېرىشكەن دېھقان ئائىلىسى 1911 گە يەتتى.
بۇ يىل چىڭگىل ناھىيىسى يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىغا تاپشۇرغان سۇغۇرتا ھەققى جەمئىي 75مىليون 90مىڭ يۈەن، مەركەز، ئاپتونۇم رايون، ۋىلايەت - ناھىيىلەر تولۇقلىما ياردەم پۇلى ئاجىرتىپ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلەرنى قوللىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز مالىيىسى % 40 ئىقتىسادىي ياردەم بەردى، ئاپتونوم رايون مالىيىسى % 25 ئىقتىسادىي ياردەم بەردى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مالىيىسى % 5 ئىقتىسادىي ياردەم بەردى، چىڭگىل ناھىيە مالىيىسى % 20 ئىقتىسادىي ياردەم بەردى. دېھقان ئائىلىلىرى ئۆزلىرى %10 تاپشۇردى، دېھقان ئائىلىلىرى تاپشۇرغان سۇغۇرتا ھەققى مۇنداق ھېسابلىنىدۇ : بۇغداي ۋە ياغلىق ئاپتاپپەرەس ھەر مو يەرگە 4.2 يۈەن. قوناق، سېرىق پۇرچاق، قىزىلچا بىر مو يەرگە 4.9 يۈەن .
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
بەدىئىي سۈرەتلەر
كۈمۈش تۈسكە كىرگەن تەڭرىتاغ
سىرلىق قىياپەتتىكى گۈزەل توغراقلىق
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى