زۇڭتۇڭ ئەردوئان رەھبەرلىكىدىكى ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 4-نويابىردىكى تۈركىيە چوڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى ھەم يېڭى پارلامېنتتا كۆپ سانلىق مۇقىم ئورۇنغا ئېرىشتى. بۇ غەلىبە-ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئەردوئاننىڭ تۈركىيەنىڭ سىياسىي مۇنبىرىنى تېخىمۇ مەھكەم ھالدا ئۆز قولىغا ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەردوئان ھەم ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش چوڭ سايلامدىن كېيىنكى بىرىنچى چوڭ ئىش بولۇپ قالدى. تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەگە ئوخشاش زۇڭلىلىق تۈزۈمىدىن فىرانسىيە ۋە ئامېرىكىغا ئوخشاش زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىگە ئۆزگىرىشى، يەنى زۇڭتۇڭنى دۆلەتنىڭ سىمۋولى قىلماستىن، بەلكى ئەمەلىي مەمۇرىي ھوقۇققا ئىگە قىلىش-ئەردوئاننىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى بولدى. ئەمەلىيەتتە، ئەردوئان ئاللىبۇرۇنلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاتىسى، يەنى ئاتاتۈرك مۇستافا كامالدىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، ھوقۇقى ئەڭ چوڭ تۈركىيەنىڭ ئالىي رەھبىرىگە ئايلانغان، ئۇدا زۇڭلىلىق، زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ۋاقتى جەمئىي 12 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەگەر ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئەردوئان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ئالىي رەھبەر بولۇپ قالىدۇ.
كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىگە زەربە بېرىش مەسىلىسى-ئەردوئاننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى 2-چوڭ قارالمىسى بولىدۇ. نۆۋەتتە، كۇردلار تۈركىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %20 نى ئىگىلەيدىدىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى 2-چوڭ مىللەت. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قاتارلىق بۆلگۈنچى قوراللىقلار بىلەن قوراللىق تىركىشىپ قالدى، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە يامانلىشىش يۈزلىنىشى پەيدا بولۇپ، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئۈزۈلمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەردوئان بىر تەرەپتىن كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىغا قاتتىق زەربە بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە كۇردلىرى ئىچىدىكى مۆتىدىل كۈچلەرنىڭ كۆڭلىنى ياسىشى مۇمكىن. بۇ قېتىم ئەردوئاننىڭ چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى، بۇ يىل 6-ئايدا خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن نۇرغۇن كۇرد سايلىغۇچىلار بۇ قېتىم مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە ئاۋاز بەردى. شۇڭا، ئەردوئان دۆلەت ئىچىدىكى كۇرد كۈچلىرىگە كۆڭلىنى ياساش بىلەن زەربە بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى قوللىنىشى، يەنى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنى داۋاملىق تازىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە يېتىش ئۈچۈن، يەنە مۆتىدىل كۇردلارغا بولغان سىياسىتىنى داۋاملىق تەڭشەپ، تېخىمۇ كۆپ مۆتىدىللەرنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە كىرىشكە جەلپ قىلىشى مۇمكىن.
سۇرىيە مەسىلىسى-ئەردوئاننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى 3-چوڭ قارالمىسى بولىدۇ. گەرچە تۈركىيە ئىلگىرى سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەدنىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە قەتئىي قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل قارشى تۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ھەم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەردى. ئەردوئاننىڭ ئۆزىمۇ ئىلگىرى ئەسەد بىلەن بىر مەھەل قويۇق ئارىلاشقان ئىدى، ئون نەچچە يىل بۇرۇن باشار يېڭىلا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، ئىككىيلەن يەنە بىر-بىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىگە كېلىپ ئارام ئېلىشقا تەكلىپ قىلىشقان ئىدى، لېكىن كېيىن يەنە بىر-بىرىگە تەتۈر قارىشىپ قالدى. گەرچە تۈركىيە ئەسەدنىڭ تەختتىن چۈشۈش مەسىلىسىدە يەنىلا چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە، رۇسىيەنىڭ نېفىت، گاز تۇرۇبىسى مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتىنى ئويلاشقاندا، تۈركىيەنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنى سۇرىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە قاتناشتۇرۇش-قاتناشتۇرماسلىق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى بوشاشقا باشلىدى. بۇندىن باشقا، تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە بازىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنى بومباردىمان قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى، ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ باش جىنايەتچىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن، تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا يەنىمۇ چوڭ بىر قەدەم تاشلىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەردوئاننىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش پوزىتسىيەسى بۇرۇنقىدىن بەكرەك قەتئىيلەشتى.
ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن، تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قەدەر كۈچلۈك خەلقئارا ئورنىدىن ئاساسەن مەھرۇم قالغاندەك تۇرىدۇ. بىراق، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيەنىڭ ئانتالىيا شەھىرىدە ئېچىلىدۇ، ئەردوئان بۇ قىسقا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۈركىيەنىڭ رايون چوڭ دۆلىتى ۋە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايان قىلىشقا، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن شەرتلىشىپ، مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ زور دەرىجىدە يول قويۇشى ۋە مالىيە بىلەن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە يېڭى كوزىر ھازىرلىماقچى بولدى. خۇددى رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا ئېيتىلغاندەك، ئەردوئاننىڭ بۇ قېتىمقى غەلىبىسى دەل ۋاقتىدا قولغا كەلتۈرۈلدى.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
بەدىئىي سۈرەتلەر
كۈمۈش تۈسكە كىرگەن تەڭرىتاغ
سىرلىق قىياپەتتىكى گۈزەل توغراقلىق
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى