ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

تۈركىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28- كۈنى 04:06   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    تۈركىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ زوڭلىسى داۋۇت ئوغلى تۈنۈگۈن كەچتە مەزكۇر پارتىيىنىڭ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى %49.4 ئاۋازغا ئېرىشىپ، پارلامېنتتىكى 550 ئورۇننىڭ 316 سىنى ئىگىلىگەن.

    تۈركىيە بۈيۈك خەلق پارلامېنتى دۆلەتنىڭ ئالىي قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى كابىنېت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن پارلامېنتتىكى ئورنى ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىغا يەتمىگەنلىكتىن، باشقا پارتىيىلەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە مەجبۇر بولغان، بىراق بۇ پارتىيىنىڭ باشقا پارتىيىلەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەش سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاياغلاشقان.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى