![]() |
جۇڭگونىڭ «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان تۇنجى ئايال ئەسكەر.
ـ شۇ ۋاقىتلاردا خەنزۇ تىلىنى راۋان سۆزلىيەلمەيتتىم، باشقىلارغا گېپىمنى ئۇقتۇرالماي جىلە بولاتتىم، كۆڭلۈممۇ يېرىم بولاتتى، -دېدى رۇقىيە. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت يېزىسىدىن كېلىپ ، «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىدا تىلدىن قىيىنىلىش ، يۇرتىنىڭ تائاملىرىنى سېغىنىش، مۇھىتقا ماسلىشالماسلىق قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بۇ شىنجاڭلىق قىز قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي تىرىشىپ ، ئۈچ ئايدىن كېيىن سەپداشلىرى بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان، پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى . «قىسىمدىكى ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، گەرچە ئۆيىمىزدىن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ لېكىن قىلچىمۇ غېرىبلىق ھېس قىلمايمىز» دېدى ئۇ .
رۇقىيە مەتسەيدى ئەينى ۋاقىتتا ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بارغان ، ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان قۇربان تۇلۇمنىڭ چەۋرىسى .
ئۇ دادىسىنىڭ ھەربىيلىك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككىلەنمەستىن قىسىمغا كىرىپ، جەمەتىدىكى تۆتىنچى ئەۋلاد ھەربىي بولدى .
رۇقىيە مەتسەيدى: مەيلى قانداقلا يەردە بولاي، ئۆزۈمنىڭ بىر ھەربىي ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالمايمەن، 2013-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى قىسىمغا كەلگەنىدىم، بۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايمەن ، ھەربىي فورما كىيىپ ھەيۋەتلىك ئاۋىياماتكىغا چىققاندا ئۆزۈمدىن تولىمۇ پەخىرلەنگەنىدىم . قىسىمدىكى ھەر بىر كۈنۈم ئىنتايىن مەنىلىك، قىسىمغا كېلىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ تەجرىبىلەرگە ئىگە بولدۇم، بارا-بارا ئۆزۈمنى چوڭ بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم، مەن ھازىر بىر ھەربىي، ئىلگىرىكى يىغلاڭغۇ قىزچاق ئەمەس، ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈمنىلا ئەمەس، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن ! -دېدى .
ئۇنىڭدىن قىسىمدىن چېكىنگەندىن كېيىنكى پىلانلىرىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى:
ـــ قىسىمدىن چېكىنگەندىن كېيىن ئاۋۋال تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيمەن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يەنە قىسىمغا قايتىمەن، چۈنكى قىسىمدا نۇرغۇن ئەسلىمىلىرىم بار، يەنە كېلىپ سەپداشلىرىم ۋە ئەترەت باشلىقىمدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمايدۇ.
______________________________
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ھارپىىسىدا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ‹‹ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ــ ۋەتەنگە بېغىشلانغان تۈمەنلىگەن ھېكايە ›› چوڭ تىپتىكى پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، شىنجاڭدىكى ياخشى ھېكايىلارنى سۆزلەش، شىنجاڭ ئاۋازىنى ھەر تەرەپكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ھەقىقىي شىنجاڭنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە شىنجاڭلىقلارنىڭ ئائىلىسىنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئاددىي-ساددا، سەمىمىي ھېسىياتىنى ئىپادىلەپ بېرىشنى پىلانلىدى. بۇ پائالىيەتتە ئاددىي كىشىلەرنىڭ نادىر ھېكايىلىرى سۆزلىنىپ ، ئاددىي شەخسلەر ئارقىلىق چوڭ ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ،كونا-يېڭى سۈرەتلەر ئارقىلىق يېڭى قىياپەت نامايان قىلىنىپ، كىچىك ھېكايىلەر ئارقىلىق چوڭ ئىشلار يورۇتۇلۇپ ، كىچىك ئائىلىدىن چوڭ جۇڭگو ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.
بىز بۇ بىر يىلدا شىنجاڭدىكى ياخشى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا شىنجاڭ ياخشى ئاۋازىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلايدىغان ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلىمىز.
مۇھەررىر : ئامانگۈل
ئاكادېمىيە پارتكوم سېكرىتارى تۆمۈر تۇرسۇن 3 ئەل خىزمەت گۇرۇپپىسىنى يوقلىدى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى
يايلاقتا يايراۋاتقان قازاق گۈزەللىرى
قاراماينىڭ گۈزەل كەچلىك مەنزىرىسى
گۈزەل جۇڭگو مەنزىرىلىرى
نورۇز كەلدى
كۆكلەم جىلۋىسى
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا