ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - داڭلىق شەخىسلەر

سەنئەت بېغىدىكى پەرۋىشكار باغۋەن – گۈزەلنۇر ئەمەت

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 07 - ئاينىڭ 22- كۈنى 04:26   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  خەلق تورى

    

    قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنىڭ تالانىتلىق ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى گۈزەلنۇر ئەمەت 1982-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 1985-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا – ئۇسسۇل تىياتىر ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ بۇ ئۆمەكتە ئىككى يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، بېيجىڭغا بېرىپ 1987-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىدا ئىككى يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، ئائىلىدىكى چوڭلارنىڭ تەكلىپى بىلەن يەنە قەشقەرگە يېنىپ كېلىپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا – ئۇسسۇل تىياتىر ئۆمىكىگە قايتا خىزمەتكە چۈشكەن. 1997-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن تاھازىرغىچە بۇ مەكتەپتە ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى، ئۇسسۇل ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

    گۈزەلنۇر ئەمەت سەنئەت ئۆمەكلەردە ئىشلەش جەريانىدا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە شەھەرلىرىگە كۆپ قېتىم ئويۇن قويۇشقان چىققاندىن سىرت، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ھىندونېزىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بىر نەچچە قېتىم ئويۇن قويۇشقا چىققان. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك سەنئەت كۆرەكلىرىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجە ۋە مۇكاپاتلارنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ يەنە 2002-يىلى جىڭدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەملىكەتلىك ئۇسسۇل مۇسابىىقسىگە قاتنىشىپ، «كۈسەن ئۇسسۇلى» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلاپ، مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

    گۈزەلنۇر ئەمەت يەنە باشقىلارغا بىلىم بېرىش ئۈچۈن ئۆزىدە مۇكەممەل، ئەتراپلىق، كۆپ تەرەپلىك بىلىم بولۇشى لازىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، 1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل ئىجادىيەت كەسپىدە ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرغان. 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتىدا ئۇسسۇلشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئىككى يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان. 2010-يىلى 1-ئايدا ئۇ يەنە شىياڭگاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىياڭگاڭغا بېرىپ، شىياڭگاڭدىكى ئۈچ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل ئارتىسلىرىغا ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ۋە تاجىك ئۇسسۇلىدىن دەرس ئۆتۈپ، بۇ جەرياندا ئۇلارغا ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدىن «چىنە – تەخسە ئۇسسۇلى»، «ساما ئۇسسۇلى»، تاجىكچە كوللېكتىپ ئۇسسۇل «پامىر قىزلىرى»نى ئۆگىتىپ سەھنىلەشتۈرۈپ، شىياڭگاڭدىكى كەڭ سەنئەتكارلار ۋە تاماشىبىنلارغا ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ رەڭدار، گۈزەل سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ، شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.

    مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە 2013-يىلى 3-ئايدىن 2013-يىلى 9-ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتىدا تەكلىپ بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزى ئىشلىگەن «پىيالە ئۇسسۇلى»نى ئۆگىتىپ سەھنىلەشتۈردى. بۇ ئۇسسۇل شۇ ۋاقىتتا بېيجىڭ شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشپ، ئۇنىڭغا ئاز بولمىغان شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە ئۆزى ۋە ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن 2013-يىلى 8-ئايدا سىنگاپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق ئۇسسۇل مۇسابىقىسى»غا قاتنىشىپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان ۋە ئوينىغان يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل «قەشقەر قىزى»، قوش كىشىلىك ئۇسسۇل «ئۆزبېك قىزى»، كوللېكتىپ ئۇسسۇل «چىنە – تەخسە ئۇسسۇلى» قاتارلىقلارنى ئورۇنداپ، ئىجادىيەت ۋە ئورۇنلاش تۈرى بويىچە 2-دەرىجىگە ئېرىشپ، شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.

    ئۇ قەشقەر سەنئەت مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كەلگەن 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئۆمەكلەردە ئۇسسۇل ئارتىسى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا توپلىغان كۆپ يىللىق بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇسسۇل مائارىپى توغرىسىدا كۆپ تەرەپلىك ئىزدىنىپ، مەكتەپ تاپشۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ، كۆپ قېتىم مەكتەپ ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە «ئىلغار خىزمەتچى»، «ئىلغار سىنىپ مۇدىرى» بولۇپ باھالانغان. ئۇ ئۈچ قارار ئۇسسۇل سىنىپىغا سىنىپ مۇدىرى بولۇپ 200 گە يېقىن تالانتلىق كەسپى ئۇسسۇل خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىر قىسىملىرى ھازىر بېيجىڭدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەنئەت ئالىي – ئوتتۇرا تېخنىكوملىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

    ئۇ يەنە بۇ مەكتەپ سەھنىلەشتۈرگەن بەش قېتىمىلىق مۇقام كېچىلىكلىرى ۋە مەشرەپ پىروگىراممىلىرىغىمۇ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق رولىنى تولۇق نامايەن قىلغاندىن سىرت، يەنە ئۇسسۇل ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، 2003-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كورلىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كەيدى لوڭقىسىنى تالىشىش ئۇسسۇل مۇسابىقىسى»گە ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگەتكەن قىزلار كوللېكتىپ ئۇسسۇلى «ئانار ئۇسسۇلى»، قىز – يىگىتلەر كوللېكتىپ ئۇسسۇلى «مۇئەللىم» قاتارلىق نومۇرلانى قاتناشتۇرۇپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېداللارغا ئېرىشكەن. 2011-يىلى بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئۇ ئىجاد قىلغان يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل «قوڭغۇراق ئۇسسۇلى» 2-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2015-يىلى 5-ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئۇ ئىشلىگەن يالغۇز كىشىلىك تاجىكچە ئۇسسۇل «پامىرغا مۇھەببەت» 1-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

    ئۇ يەنە «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ مائارىپى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئۇسسۇل تەتقىقاتىغا دائىر «ساما ئۇسسۇلى ھەققىدە ئىزدىنىشلەر»، «ئۇسسۇل ئارتىسلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر توغرىسىدا»، «قانداق قىلغاندا ياخشى ئۇسسۇل ئىجاد قىلغىلى بولىدۇ»، «ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل دەرسىنى قانداق ئۆتۈش كېرەك؟» قاتارلىق 10 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ نەچچە يىللىق قان تەرىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە ئۇسسۇل مائارىپى توغرىسىدا ئىزدىنىشلىرىنىڭ نامايەندىسى «ئۇسسۇل سەنئىتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىشلەر» ناملىق كىتابى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2014-يىلى 1-ئايدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇ يەنە قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنىڭ «ئۇيغۇر ئۇسسۇل دەرسلىك قوللانمىسى»نى تۈزۈشكىمۇ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇسسۇل كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدىكى 30 يىللىق توپلىغان قىممەتلىك بىلىملىرىنى بۇ ئوقۇتۇش قوللانمىسىغا كىرگۈزدى. ئۇ يەنە ھازىر «تاجىك ئۇسسۇل دەرىسلىكى» ناملىق ئوقۇتۇش تەتقىقات كىتابى ئۈستىدە جىددىي ئىزدەنمەكتە.

    «تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى ئەكىس ئېتىدۇ». ئۇنىڭ نەتىجە، شان – شەرەپلىرىنى بىرمۇ بىر تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ئارتۇقچە ئەلۋەتتە. بىز سەنئەت بېغىدىكى بۇ ئىجتىھاتلىق، مول ھوسۇللۇق، ھارماس باغۋەننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ياراملىق ئۇسسۇل ئارتىسلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ يەنىمۇ كۆپ تۆھپىسىنى قوشىشىغا، تېنىنىڭ سالامەت، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى