ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەدەبىي ئەسەرلەر

ياشنا ، ئۇلۇغ پارتىيەم

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 07 - ئاينىڭ 03- كۈنى 03:17   |    ئاپتور : دولقۇن تۇرسۇن  |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    

    

    ( نەسىر)

    

    توخسان تۆت ياز،كۈز ،قىش، باھار ئۆتۈپ كەتتى. يۇمران بىر كۆچەت ئىدىڭ، پۈتكۈل جۇڭخۇا زىمىنغا سايە تاشلاپ تۇرىدىغان مەزمۇت چىنارغا ئايلاندىڭ. زەررىچە بىر نۇر ئىدىڭ، قۇياش كەبى پارلاپ تۇرىدىغان جۇلالىق ئوتقاشقا ئايلاندىڭ. يوقسۇل ئىدىڭ، ئەڭ سىخىي بايۋەچچىگە ئايلاندىڭ. جەڭگاھلاردا ھەر بىر ۋەتەن ئوغلىنىڭ ئەركىنىلكى ،كەلگۇسى بەخىت- سائادىتى ئۈچۈن تۈمەنلىگەن باتۇر ئەزىمەتلىرىڭنىڭ ئىسسىق قېنى تۆكۈلۈش بەدىلىگە كەلگەن يېڭى بىر گۈزەل دۇنيا قۇرغان ئىدىڭ. مانا بۈگۈن ھەممە شۇنداق خۇشال. شۇنداق ئىناق ۋە خاتىرجەم. ئۇلار بەخىت ناخشىسىنى ھەر ۋاقىت ياڭرىتىپ سەن باشلىغان داغدام يول بىلەن تىچلىق ۋە تەرەققىيات مەنزىلىنى بويلاپ پايانسىز كەتكەن ۋەتەن تۇپرىقىدا دادىل ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.

    بۈگۈن ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە كۈلكە، قەلبىدە ئالەمچە شادلىق، پۈتكۈل ئانا ۋەتەن قوينى تۇغۇلغان مۇقەددەس كۈنۈڭنى خوشاللىق ئىچىدە تەبىرىكلەشمەكتە، ھەتتاكى ياپ –يىشىل دەرەخ شاخلىرىمۇ ئىللىق سابادا يەڭگىل تەۋرىنىپ شىلدىرلاپ ئۇسۇل ئوينىماقتا. قۇشقاچلارمۇ چىرايلىق ۋىچىرلاپ سايرىشىپ تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتىشماقتا. سۇلارنىڭ شىلدىرلغان ئاۋازىدىكى خوشاللىقمۇ بۆلەكچە.قىسقىسى، بۈگۈن پۈتكۈل جۇڭخۇا ئىلنى كاتتا خوشاللىق قاپلىغان.... ئۇلار...ئانا تەبىئەت... ياق بارچە جۇڭخۇا پەرزەنتى بۈگۈن باشقىچ جانلىنىپ كەتكەن. ئۇلار ساڭا تەنتەنە قىلشماقتا...ساڭا چەكسىز مەدىيە ئوقۇماقتا. كەلگۈسىڭگە يەنىمۇ ئۇتۇق تىلىمەكتە.

    ئىھ، ئۇلۇغ ،توغرا، شەرەپلىك پارتىيەم. سەن بولغاچقىلا بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بولغان، سەن بولغاچقىلا گۈزەل، ئۇلۇغ، بۈيۈك- جۇڭخۇا بولغان .سېنىڭ ئەجرىڭ ،مېھنىتىڭنى ،تارىتقان جاپا –مۇشاققەتلىرىڭنى ، بۈگۈنىمىزنى بەرپا قىلىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭنى ھەر قانچە تەرىپلىسەممۇ تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ.چۇنكى ،سەن ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ قەلبىدىكى پارلاپ تۇرغان قۇياش. مەڭگۈلۈك ئابىدە.

    ئېھ، ئۇلۇغ پارتىيەم. بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن. مەڭگۇ ياشناپ دۇنيا سەھنىسىدە ئەبەدىي پارلاپ تۇرغايسەن.....بىز ھەر ۋاقىت سەن بىلەن بىللە....

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى