ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - داڭلىق شەخىسلەر

مۆتىۋەر ئۇستاز، تۆھپىكار تىلشۇناس نەسرۇللا يول بولدى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 06 - ئاينىڭ 08- كۈنى 10:05   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    مۇخبىرىمىز ئىمىنجان داۋۇت ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، خەلقىمىز ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان مۇنەۋۋەر زىيالىيلار ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە خىزمەت قىلىپ، ئەل – يۇرتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۈن – تىنسىز تۆھپىلىرىنى قوشتى. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، پەننىي بىلىملەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى بولغان ياشلارنى ئىلغار پىكىر ۋە كۆز قاراشقا ئىگە قىلىشتەك مۈشكۈل ھەم شەرەپلىك ۋەزىپە تەبىئىي ھالدا ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنىدى. تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش شارائىتى تولىمۇ جاپالىق ئاشۇ دەۋرنى كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە سۇنماس غەيرىتى، ئۆز كەسپىگە بولغان ئوتتەك مۇھەببىتى، تۈركۈملەپ تەربىيەلىگەن ئىز باسارلىرى بىلەن بۈگۈنكى باي – باياشات كۈنلەرگە ئۇلاشتۇرغان تۆھپىكارلار بىز ئۈچۈن شۇنچە سۆيۈملۈك ھەم قەدىرلىكتۇر.

    تۆھپىكار تىلشۇناس نەسرۇللا يولبولدى بىر ئۆمۈر ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تىل تەتقىقاتى بىلەن ئۆتكەن. ئۇنىڭ دەرس مۇنبىرىدىكى تۆھپىلىرى ۋە تەتقىقات مېۋىلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹تۈركولوگىيە›› دېگەن كىتابتا، 1989 – يىلى چىڭخەي خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹بۈگۈنكى جۇڭگودىكى مىللىي تىلشۇناسلار›› دېگەن كىتابتا، شۇنداقلا 1996 – يىلى ‹‹جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەر لۇغىتى››دە مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان.

    1930 – يىلى ئاتۇشتا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان نەسرۇللا يولبولدى يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شىخو ناھىيەسىنىڭ چېپەيزى يېزىسىغا كۆچۈپ باردى ھەم بىر يىلدىن كېيىن يېزىلىق قازاق باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى(بۇ مەزگىلدە چېپەيزى يېزىسىدا ئۇيغۇر مەكتەپ يوق ئىدى). ئۈچ يىلدىن كېيىن شىخو ئوغۇللار مەكتىپىدە ئوقۇدى. 1945 – يىلى ئوقۇشتىن توختاپ، چېپەيزى يېزىلىق ساقچىخانا ۋە شىخو ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلىدى، 1946 – يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىدە ئەسكەر، كاتىپ بولدى. 1949 – يىلى ھەربىيلىكتىن چېكىنىپ، چۆچەك گىمنازىيەسى(ئوغۇللار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى)دە ئىككى يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، بىلىم ئېلىشقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن سابىق شىنجاڭ كادىرلار مەكتىپىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كەلدى. ئۇ چاغلاردا شىنجاڭدا مائارىپ تېخى ئومۇملاشمىغان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ساۋاتسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان، جەمئىيەت بىر تۈركۈم ئىلغار زىيالىيلارغا، بولۇپمۇ، ئوقۇتقۇچىلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئۇ تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بىر يىلدىن كېيىنلا ‹‹ئوقۇش پۈتكۈزۈپ››، شۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇ بۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلىش جەريانىدا، يەنى 1956 – ، 1957 – يىللىرى مەركەز ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەركىبىدە، تىلشۇناس ئامىنە غاپپار خانىم بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكت – شېۋىلىرىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. بۇ خىزمەت تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شىنجاڭ تىل ئىنستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا خىزمەت قىلدى ۋە مەكتەپنىڭ تاللاپ ئەۋەتىشى بىلەن جىلىن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل بىلىم ئاشۇردى. شۇ چاغلاردا ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، ئومۇمىي تىلشۇناسلىق ۋە لوگىكا قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈش بىلەن بىللە، ئانا تىل تەتقىقاتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى. 1962 – يىلى شىنجاڭ تىل ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ۋە شىنجاڭ ئىنستىتۇتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى. نەسرۇللا يولبولدى شۇنىڭدىن باشلاپ، 1992 – يىلى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى››، ‹‹تىلشۇناسلىق ئاساسلىرى››، ‹‹تۈركىي تىللار تىلشۇناسلىقى››، ‹‹تىلشۇناسلىق نەزەرىيەسى››، ‹‹ئەدەبىيات – سەنئەت نەزەرىيەسى››، ‹‹لوگىكا››، ‹‹ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات تارىخى››، ‹‹ئالتاي تىللىرى تىلشۇناسلىقى›› قاتارلىق ئون نەچچە خىل دەرسلىكنى تۈزدى، مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتلارغا مۇشۇ كەسىپلەر بويىچە دەرس ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار ۋە تىلشۇناسلىق نەزەرىيەسى جەھەتتىمۇ ئالاھىدە تۆھپە يارىتىپ، ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى››، ‹‹تىلشۇناسلىققا مۇقەددىمە››، ‹‹تىلشۇناسلىقتىن ئاساسىي بىلىملەر››، ‹‹جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار›› قاتارلىق ئون نەچچە پارچە كىتابنى تۈزدى ياكى تۈزۈشكە قاتناشتى. ‹‹مەھمۇد كاشغەرى – سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ بوۋىسى››، ‹‹ئۇيغۇر تىلى تۈرك تىلىنىڭ دىيالېكتى ئەمەس›› قاتارلىق 20 پارچىگە يېقىن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. بىر قىسىم كىتاب ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالاندى.

    پىروفېسسور نەسرۇللا يولبولدى ئوخشىمىغان دەۋر ۋە ئوخشىمىغان شارائىتتا تەربىيەلەنگەن ۋە خىزمەت قىلغان زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپلىرىدە بارلىققا كەلگەن ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە، بىر – بىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ كەلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئۈمىد – ئارزۇلىرىغا شاھىت بولدى. ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى دەرس مۇنبىرى ۋە تەتقىقات ئۈستىلىدە ئۆتكۈزگەن بۇ مۆھتەرەم ئۇستاز دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ ئىستۇدېنتلارنى تەربىيەلەش ۋە تىل تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى توختىتىپ قويمىدى. 

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى