ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - دىنىي ئېتقاد

تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ، توغرا بولغان ئېتىقاد قارىشىدا چىڭ تۇرايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 06 - ئاينىڭ 03- كۈنى 03:37   |    ئاپتور :  ئارزۈگۈل غۇپۇر    |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    

    «ئىسلام»ـ ئەرەبچە «تىنچلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.ئىسلام دىنى، ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنى قېرىنداش، ئاللاھنىڭ بەندىسى دەپ قارايدۇ. ئۇ بارچە ئىنسانلارنى تىنچلىقنى سۆيۈپ، ئۆزئارا قېرىنداشلارچە ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى ئىسلام دىنىنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزمەكتە.

    يۇز بېرىۋاتقان ئەسەبىي قىلمىشلار دىنغا قىلىنغان ھاقارەت، ئىمانىمىزغا زور زەربە،ئىسلام دىن يەنى ئاللاھنىڭ يولى توغرا تەشۋىق قىلىنمىسا، قەلىب زەيىپلەشسە مۇناپىق كۆپىيدۇ، ئوغرى كۆپىيدۇ،بۇزۇق كۆپىيىدۇ، مۇتھەملەر كۆپىيىدۇ. يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق، تېرورلۇق ۋەقەلىرى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى. بۇ ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى ناھايتتى قەبىھ بۇلۇپ، ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرۈشتە مىللەت ئايرىمىدى.بۇ ئەر،ئايال ياكى چوڭ كىچىك دەپ ئولتۇرمىدى. ئاللاھ تائالاھ «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن:”كىمكى ناھەق بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ“(سۈرە مائىد 32-ئايەت). تېرورلۇق ئۇ ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمىئەتكە قارشى،ۋە مەدەنىيەتكە قارشى بولغان رەزىل ئىجتىمائىي ھادىسە بۇلۇپ، تىرورچىلاردا دىننىي ئېتىقاد بولمايدۇ، ئەدەب-ئەخلاق بولمايدۇ. ئىسلامنىڭ ھەقىقى ئوبرازىغا زىيان سېلىۋاتقان بۇ قانلىق پاجىئەلەر جەمىئەتتە يامان سۈپەتلىق ئۆسمىلەرنى كۆپەيتىپ، پۈتكۈل جەمىئەت تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە، تىنچ، ئىناق بولغان ۋىزىيەتكە تەسىر قىلماقتا.

    ئىسلام دىنىنىڭ ھەدىس ھۆكۈملىرىدە ئېنىق قىلىپ مۇسۇلمانلارنى جاھىللىقتىن، ئاشقۇنلۇقتىن يىراق تۇرۇشقا، زورلۇق ۋە تىرورلۇقتىن ئۇزاقلىشىشقا چاقىرغان. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە يەنە مۇنداق دېگەن:”ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا يامىشىڭلار“(سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

    ئىسلام دىنى كىشىلەرنى مۇلايىملىققا، مۆتىدىللىككە ۋە ئىناقلىققا ئۈندەيدۇ. كىشىلەر ئارا كەڭ قوساق. ئەپۇچان بۇلۇشقا، باشقىلارغا شەپقەتلىك، رەھىمدىل بۇلۇشقا چاقىرىپ، باشقىلارغا بولغان يامان گۇماندىن، باشقىلارغا بولغان خالىغانچە ھۆكۈمدىن چەكلەيدۇ.ھەقىقىي مۇسۇلمان ئالىيجاناپلىقنى ۋە تىنچلىقنى سۆيىدۇ. تېرورلۇق ھەرىكىتى ئىسلامغا قارشى تۇرغانلىق ۋە ئىسلامغا ئەكىسچە يول تۇتقانلىق.

    قەلىبتە ئىماننىڭ ئورنىنى ئاچكۆزلۈك ۋە ئۆچ-ئادەۋەتكە تەلپۈنۈش ئىگەللىسە ئادەمنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىدۇ. ئىسلام ئالىملىرىمىز جىھادنىڭ مەنىسىنى ”تىرىشىش“،” ئىزدىنىش“ دەپ چۈشەنسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. يەنى ئىمكانىمىز يار بەرگەن ئەڭ زور دەرىجىدىكى بارچە كۈچىمىز، تىرىشچانلىقىمىز، ئىقتىدارىمىز بىلەن دۈشمەن(جاھىللىق،نادانلىق،رەزىللىك ۋە نەپىس)گە تاقابىل تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن:”ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى ئىش خىسلەت ئارقىلىق(يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن،(شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بۇلۇپ قالىدۇ. بۇ خىسلەتكە پەقەت سەرۋچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت نىسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ“(سۈرە فۇسسلەت35~34-ئايەت)دىمەك، جىھاد ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ يولىنى توغرا، ياخشى ئەمەللەر بىلەن دەۋەت ئېتىش دېمەكتۇر. ھەرگىزمۇ ئۇرۇش قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ.

    ھەق ئاتا قىلغان زامان ۋە ماكان نىسىۋىمىز بىلەن شۇنداق بىر زاماندا ياشاۋاتىمىزكى، ئىلىم يىلسىېرى يىڭىلىنىپ، دۇنيا تەرەققىياتى ئەقىلنى لال قىلغۇدەك ئاجايىپ تېزلىشۋاتقان،شۇنىڭ بىلەن بىرگە رىقابەت ۋە خىرىس كۈچەيگەن، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك تالىشۋاتقان، ئەخلاق ۋە ئەنئەنىلىرىمىز سۇسلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي رىئاللىق ۋە رۇھىي ھالەت ئىچىدە، ئىسلام دىنىغا قىلىنغان ھۇجۇم ۋە ھاقارەت ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلار ياراتقۇچى ئالدىدا، ۋەتەن ئالدىدا جاۋابكارمىز. زامان كۈلپەتلىرىدىن بىرى بولغان نادانلىق، خوراپاتلىق ۋە ئىمان ساۋاتسىزلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىسلامنىڭ مەنىسى بولغان تىنچلىقنى قوغداش، ئىلىم-مەرىپەت ئۆگۈنۈش، تەلىم-تەربىيەگە مۇھەببەت قۇيۇش، ئىمان-ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش دەۋىرنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە بىزمۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە چاقىرماقتا..ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:”كىمكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق بېرىدۇ.كىمكى ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن يول ئالسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى شۇكى، بەندىنىڭ ھەقىقى بەخىت-سائادەتكە نەسەبى بىلەن ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ئېرىشىدىغانلىقى، ياخشى ئەمەلنىڭ توغرا يول ئىكەنلىكى ۋە  ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ چوڭ ساۋاب ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. تىنچلىق سۆيۈپ، ئاشقۇنلۇققا، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئىمان ساغلام بۇلۇش كېرەك. ئىمان ساغلاملىقى ئۈچۈن سادىق ئەمەل كېرەكتۇر. ئىمانىغا سادىق بۇلۇش ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئاساسى . بۇ ئاساس مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەلىيىتى يەنى قىلغان ئەمەلى بىلەن دەلىللىنىشى زۆرۆر.

    ئىسلام دىنى ئاللاھقا بولغان مۇھەببەتنى ئۆگىتىدۇ. ئىسلام دىنىمىز مىھىر-مۇھەببەت دىنى، كىشىلەرنى ئاللاھقا مۇھەببەت باغلاشقا چاقىرىدۇ، ئاللاھنى تۇنىغان ۋە سۆيگەن ئىنسان ئاللاھنىڭ بارچە مەخلۇقاتىغا مۇھەببەتىنى ھەم بېرىدۇ.ھەقىقى مۇسۇلمان ئاللاھقا ۋە قۇرئانغا ئېسىلىشى ئۈچۈن تىرىشىدۇ،بۇنداق ئىنسانلار جەمىئەتنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزارمۇ؟ ئون نەچچە ئەسىردىن بۇيان نەچچە مىلىيونلىغان خەلىق ئىسلام يازمىلىرى بىلەن مەنىۋى خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ كەلدى. بۇنداق كىشىلەر ئاسايىشلىقنى سۆيىدۇ ۋە قوغدايدۇ.ھەرگىز بۇزمايدۇ.ئىسلام دىنى مۇسۇلمان خەلقنىڭ مەنىۋى بايلىقىدۇر.

    ھايات مىھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل،دۇنيامۇ ھەم مىھرى-مۇھاببەت بىلەن ئىللىق. ئاللاھ رىزالىقى ئۈسىتىگە قۇرۇلغان بۇ مىھرى- مۇھەببەت بىزنى ئۇلۇغلۇققا يېتەكلەيدۇ. شۇڭا، بىر-بىرىمىزگە كۆيۈنىشنى،ھۆرمەتلەشنى، ياردەم قىلىشنى ئاساس قىلىپ ، دۇنياغا مۇھەببەتلىك كۆزىمىز بىلەن، مۇھەببەتلىك قەلبىمىز بىلەن يۇزلىنىشىمىز، ھەقىقىي ئېتىقاد تىنچلىقنى سۆيىدىغان، مىھىر-مۇھەببەت ۋە ساۋاب ئاساس قىلىنغان، ئىلىم –ئىرشاد يولى بۇلۇپ، بۇ ئاكىتىپ ئىبادەتلەرنى ئۆز ئەمەلىمىزدە كۆرسىتىپ، مۇسۇلماننىڭ تىنچلىقپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر، ئىناق-ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان رۇھىنى گەۋدىلەندۇرۇش يولى بىلەن تېرورلۇققا، ۋەتەننى پارچىلاشقا، مۇسۇلمانلارنىڭ داغ كەلتۈرگەن تىنچلىقنى بۇزغان مۇناپىقلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دىننىي-ئېتىقاد سىياسىتىدە بەلگىلەنگەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىمىزنى قوغدىشىمىز ۋە ئاسرىشىمىز كېرەك.

    تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ دۈشمىنى بولغان تېرورلۇق ۋە دىننىي ئاشقۇنلۇق ھەرىكەتلىرى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاپەت بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى جەمىئەتتىكى ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن بىر ئېغىر ئاپەت.

    بارچە مۇسۇلمانلار ئىمانىمىزنى مۇستەھكەملەش يولى بىلەن ئىسلامنىڭ ئەسلى روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئىسلام ئىلمىگە تۇيۇندۇرۇش، جەمىئەتكە دىنىمىزنىڭ رۇھىنى توغرا چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىشىمىز لازىم.دىننىڭ نىشانى شۇكى، مۇسۇلمانلار تەۋھىد، گۈزەل ئەخلاق، دۇرۇسلۇق، ئادالەت قاتارلىقلاردا ئورتاقلىشىش يولىدا بىر جان بىر تەن بۇلۇپ، ھەق ۋە ھەقىقەت يولىدا بارلقىنى ئاتاش، ئۆزئارا يار-يۈلەكتە بۇلۇش، كىشىلەر ئارا مىھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش ۋە ئىلىم-ئېرپان ئۈگىنىش ۋە تارقىتىش ئارقىلىق پۈتۈن جەمىئەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى خوشال-خورام، ئەخلاق پەزىلەتكە تولغان، جەمىئەت ئەزالىرى بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، باراۋەرلىك ۋە ھۆرلۈك ۋە مىھرى-شەپقەت ھۆكۈم سۈرگەن ئىناق ھالەتكە يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتۇر.بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن چوقۇم ئىلىم-مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چۇنكى ئىسلامنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىلپ يەتكۈدەك ئاڭ-سەۋىيەگە ئىگە بولغاندىلا ئاندىن مەنىۋى كىلەچىلىكىمىز ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ساپ كەيپىيات ئىچىدە تاكامۇللىشىشىدىن سۆز ئاچالايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، جەمىئەتتە ئىلىملىكلەر كۆپەيسە، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ياخشىلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇھىت كۆرۈنەرلىك ساپلىشىدۇ، ئاۋام خەلىق يىڭىلىققا ئىنتىلىپ، توغرا نىشانغا قاراپ پۇختا قەدەم بىسىپ، پايدىلىق ۋە زىيانلىق مەنبەلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، روھتىكى بۇلغانمىلار پاكىز سۈپۈرۈلۈپ، ھاياتلىق دۇنياسى پاكلىنىپ، قەلب ئاسمىنى يۇرۇپ، ئىمانى كۈچلىنىدۇ.

    دەۋرىمىزدىكى مۇسۇلمانلار يەنە ئاللاھنىڭ بىزگە نېسىپ ئەتكەن نىمىئەتلىرىنىڭ شۈكرانىسى قىلىپ، تىنچلىق، ئاسايىشىقنى قوغداپ، ئىلىم- پەن بىلەن قۇراللىنىپ، تەۋھىد ئېلمىنى دۇنياغا تارقىتىشنىڭ ئەڭ مۇدھىش دۈشمىنى بولغان نادانلىق، جاھالەت ۋە پېقىرلىق، تەپرىقچىلىق، ئىختىلاپ بىلەن كۈرەش قىلىپ ،توغرا بولغان ئېتقاد قارىشى تۇرغۇزۇشى ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

    دەۋرىمىزدىكى بارچە ئىنسانلار، مەيلى دىن ئېتقادى بار بولسۇن، ۋە ياكى ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىلەر بولسۇن، مەيلى ئوخشىمايدىغان دىندىكى، ئوخشىمايدىغان مەزھەپتىكى كىشىلەر بولسۇن، ھەممەيلەن ئىختىلاپنى توختىتىپ تېرورلۇق،ئەخلاقسىزلىق، چۈشكۈنلۈك، شاللاقلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇشتا بىرلىشىشىمىز كېرەك.

    

    ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى : شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىېمىيىسى دىن تەتقىقات ئورنى  

     

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى