13- ماي جۇڭگونىڭ ئاكسىيە بازىرىدا شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ، ئۇدا ئۈچ كۈن ئۆرلەش ئەھۋالى ئاخىرلاشتى. ئانالىزدا ئېيتىلىشچە، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، جۇڭگو ئىقتىسادى تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن، بۇ سانلىق مەلۇماتلار پاي بازىرىدا بېسىم پەيدا قىلغان.
13- ماي، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 4375.76 نۇقتىدا توختاپ، 25.46 نۇقتا تۆۋەنلىدى، تۆۋەنلەش كۆلىمى %0.58 بولدى؛ شېنجىن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 15173.09 نۇقتىدا توختاپ، 106.8 نۇقتا ئۆرلىدى، ئۆرلەش كۆلىمى %0.71 بولدى؛ يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكى 3192.15 نۇقتىدا توختاپ، 58.15 نۇقتا تۆۋەنلىدى، تۆۋەنلەش كۆلىمى %1.79 بولدى.
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 13- ماي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇ يىل 4- ئايدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %10 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكى %10.2 لىك سۈرئەتتىن سەل تۆۋەن بولغان؛ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %5.9 بولغان. بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %12 ئاشقان.
سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ، شۇ كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تۆۋەنلەش كۆلىمى %1 تىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، بلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 13- مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جۇڭگو ھازىر جۇڭگو نېفىت خىمىيە شىركىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت، تەبئىي گاز شىركىتىنىڭ قارىمىقىدىكى نېفىت- تەبئىي گاز يەتكۈزۈش كەسپىنى ئايرىپ چىقىشنى ئويلاشماقتا، مۆلچەرلىنىشچە ئايرىپ چىقىلغان نېفىت- تەبئىي گاز يەتكۈزۈش كەسپى ئايرىم كەسىپ بولۇپ شەكىللىنىدىكەن. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، نېفىت ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار ئۇقۇم پايلىرى تەڭلا ئۆرلەپ، شۇ بۆلەكنىڭ ئۆرلەش كۆلىمى %3 تىن ئاشتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، «ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەر شارىدىكى ئاساسلىق پاي كۆرسەتكۈچلىرىنى تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنىڭ بىرسى بولغان ئۆلچەم- پۇرس دوۋ جونېس كۆرسەتكۈچ شىركىتى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا پېيى بازارغا سېلىنغان جۇڭگو مەبلىغىدىكى پايلارنى ئۆز قارىمىقىدىكى پاي كۆرسەتكۈچىگە تېزلا كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بۇ شىركەتنىڭ كۆرسەتكۈچ كومىتېتىنىڭ رەئىسى داۋېد بلىتزېرنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ «شاڭخەي- شياڭگاڭنى تۇتاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن، ھازىر شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچىنى پاي كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈشكە ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى.» دېيىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مورگان ستانلېي كاپىتال خەلقئارا شىركىتىمۇ 6- ئاينىڭ 9- كۈنى جۇڭگونىڭ ئا دەرىجىلىك كۆرسەتكۈچىنى ئۆزى كەڭ كۆلەمدە قوغلىشىۋاتقان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈش- كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. «ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ ئانالىزىدا ئېيتىلىشچە، ئا دەرىجىلىك كۆرسەتكۈچ يەر شارىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار قوغلىشىۋاتقان بۇ ئاساسلىق پاي كۆرسەتكۈچلىرىگە كىرگۈزۈلسە، جۇڭگونىڭ پاي بازىرىنىڭ ئەسلىدىنلا شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقان ۋەزىيىتىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
«جۇڭگونىڭ پاي بازىرىغا ئۇزۇن مۇددەت مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىيدۇ»، دېيىلدى گېرمانىيە «ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىدە، جۇڭگونىڭ پاي بازىرى تۆۋەن باھالىق دەۋردىن خوشلاشتى، جۇڭگونىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان، ياش پاي بازىرى ھېلىھەم تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى
يايلاقتا يايراۋاتقان قازاق گۈزەللىرى
قاراماينىڭ گۈزەل كەچلىك مەنزىرىسى
گۈزەل جۇڭگو مەنزىرىلىرى
نورۇز كەلدى
كۆكلەم جىلۋىسى
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى