خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم):ئۇيغۇرلاردا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ ئادەتتە قۇدا چۈشۈش، چاي ئىچۈرۈش ۋە كېلىن يۆتكەش، توي مۇراسىمى قاتارلىق جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھقا بولغان يۈكسەك ئەھمىيەتنى بىلدۈرىدۇ.
1. قۇدا چۈشۈش
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى يالغۇز قۇدىلاشقىلى بارمايدۇ، بەلكى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە چوڭلار بىلەن بىلەن بىللە بارىدۇ ياكى تۇققانلىرىنى بىللە بېرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. شۇندىلا قىز تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاندىن كۈتۈۋالىدۇ. ھەمدە ئۆيىگە قۇدا چۈشتى دەپ شەرەپ ھېس قىلىپ تولىمۇ خۇشال بولىدۇ. قۇدا چۈشۈشكەندە، ئوغۇل تەرەپ قىزغا بىر يۈرۈش سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى كىيىملىك، تۇز، قەنت ۋە بەش نان(بەزى رايونلاردا يەتتە ياكى توققۇز نان)نى تەييارلاپ يۈز كۆرۈشۈش سوۋغىسى ئورنىدا بىرىدۇ. سوۋغاتلار ئىچىدىكى تۇز ۋە نان چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە چاي ئىچۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، قىز تەرەپ ئادەتتە دەرھال جاۋاب بەرمەيدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر ۋە قىزى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھەمدە يىگىتنىڭ ئۆي ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ، ئەگەر قوشۇلسا، ئوغۇل تەرەپكە جاۋاب بېرىدۇ، قوشۇلمىسىمۇ ئوغۇل تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر ماقۇل كۆرسە بۇ توي ئىشىنى ئاشكارىلايدۇ، قىز بىلەن ئوغۇل باردى-كەلدى قىلىپ « قانۇنلۇق » مۇھەببەتلىشىپ، ئۆز ئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ خىل قۇدا چۈشۈش تەرتىپنى (بەش نان تاشلاش)دەيدۇ. قۇدا چۈشۈش تەرىپىدىن ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا تويلۇق تەييارلىقى ۋە چاي ئىچۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.
2. چاي ئىچۈرۈش
قائىدە بويىچە، يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلەر تەييارلايدىغان تويلۇق: قىزنىڭ تۆت پەسىللىك كىيىم - كېچىكىدىن 1 دىن 2 يۈرۈش؛ يەنە ياغلىق، پەلتو، يۇڭ كىيىم، ئاياغ، پايپاق ۋە ھالقا، ئۈزۈك، بىلەيزۈك، سائەت قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قىزنىڭ دادىسىغا بىر چاپانلىق، ئانىسىغا بىر كۆڭلەك، قىزنىڭ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى، ئاچىسىنىڭ ئېرى، يەڭگە ياكى كېلىن سىڭىلگە كىيىملىك تەييارلايدۇ. قىز تەرەپ قىز مېلى دەپ بېرىلىدىغان نەرسە ئاساسەن تۆۋەندىكىلەر: كىر ئالغۇ، گىلەم، يوتقان - كۆرپە، ياستۇق، ئەدىيال، داستىخان ، پەردە، چامادان، ياغاچ ساندۇق قاتارلىق. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، تويلۇق ۋە قىز مېلى بېرىلىدىغان نەرسىلەرمۇ ئانچە ئوخشاش بولمايدۇ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تويلۇق داۋامىدا يەنە بىر قىسىم ئېلېكتر ئۈسكۈنە سايمانلىرى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك تاۋار قوشۇلدى.
3. توي مۇراسىمى
توي مۇراسىمى قىز تەرەپنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاخۇن ئۈستىدە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. قۇرئان ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، رىياسەتچى ئايرىم - ئايرىم ھالدا يىگىت ۋە قىزدىن قارشى تەرەپ بىلەن جورا بولۇشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى سورايدۇ، كەسكىن جاۋابقا ئېرىشكەندىن كىيىن، ئاخۇن ئارقىدىنلا ئىككى نان ئىلىپ، يىگىت ۋە قىزنىڭ بىر پارچىدىن يېشىدىن تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ ئىككى پارچە نان تۇز سۈيىگە چىلانغان بولىدۇ.ناننى قىز بىلەن يىگىت چوقۇم يەپ بولۇشى كېرەك.بۇ كەلگۈسىدە ئەر خوتۇن بىر ئۆمۈر جاپانىمۇ، ھالاۋەتنىمۇ تەڭ كۆرۈپ، مۇھەببەتكە سادىق بولۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدۇ. قىز ئۆيدىن چىققاندىن كىيىن ، ئادەت بويىچە، يۇرتداشلار يېرىم يولدا « ماشىنىنىڭ ئالدىنى توسۇش»كېرەك. بۇ چاغدا يىگىت قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ كۆپچىلىككە سالام بىرىپ، بالىلارغا گېزەك تارقاتسا، ئاندىن ئۆتەلەيدۇ.
4. توي كۆچۈرەش
كېلىن يىگىت تەرەپنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، يىگىت تەرەپنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر دۆۋە ئوت قويۇپ بىرىدۇ، كېلىن كەلگەندىن كېيىن، مېھمان بىر تال مەشئەل بىلەن كېلىننىڭ بېشىدا ئۈچ قېتىم چۆگۈلتىپ، ئاندىن كېلىن ھەربىر مېھمانغا سوۋغا بېرىدۇ، ئارقىدىنلا گۈلخاندىن بىرقانچە قېتىم ئايلىنىپ ئۆتىدۇ، جىن - ئالۋاستىلارنى ھەيدەپ بەختنى كەلتۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن يېڭى ئۆيگە كىرسە بولىدۇ. بۇ تەرتىپدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يىگىتنىڭ بۇرادەرلىرى ۋە مېھمانلار خوشاللىق ناخشا ئۇسۇلنى باشلايدۇ. خۇشاللىق زىياپىتىدىكى ھەر خىل تورت ۋە قوي گۆشى، پولۇدىن بەھرىمەن بولىدۇ، مېھمانلار شۇنچە كۆپ يىسە، ئۆي ئىگىسى شۇنچە خۇشال بولىدۇ. زىياپەتتىن كېيىن، كۆپچىلىك داپ دۇتار ۋە راۋابنى چىلىپ، شادىيانە ئۇسسۇل ئوينايدۇ. يىگىت بىلەن قىزنى بىر مەيدان ئۇسسۇل ئويناپ بىرىشدىن تەكلىپ قىلىنىدۇ، كەيپىيات شۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرىلىدۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن، يېڭى توي قىلغان ئەر -خوتۇن سوۋغات ئېلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە سالامغا بارىدۇ، ئانىسى بىر چۈپ ئەر-خوتۇن ئۈچۈن تاتلىق قىيام ۋە مەززىلىك پولۇ تەييارلاپ قىز-يىگىتكە بەخت تىلەيدۇ.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى
يايلاقتا يايراۋاتقان قازاق گۈزەللىرى
قاراماينىڭ گۈزەل كەچلىك مەنزىرىسى
گۈزەل جۇڭگو مەنزىرىلىرى
نورۇز كەلدى
كۆكلەم جىلۋىسى
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر