ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - جەمئىيەت ۋە قانۇن

پوسكام ناھىيەسىدىكى ساختا تۇز ياساش ئۇۋىسى پاش قىلىندى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 10- كۈنى 03:37   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    قەشقەر ۋىلايەتلىك تۇز باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا پوسكام ناھىيەسىدە ساختا تۇز ياساش، سېتىش ئۇۋىسىدىن بىرنى پاش قىلىپ، 30 توننىدىن ئارتۇق ساختا تۇزنى قولغا چۈشۈردى.

    بۇ يىل يانۋارنىڭ باشلىرىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك تۇز باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار پوسكام ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزا بازىرىدا ساختا تۇز سېتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ھەمدە «پېلەك بويلاپ خەمەك ئىزدەش» ئۇسۇلى بويىچە 20 نەچچە كۈن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ناھىيەنىڭ ئىككىسۇ يېزىسىدىكى ئا ⅹⅹ نىڭ تۇرالغۇسىدىن 30 توننىدىن ئارتۇق ساختا تۇز ۋە تۇز پىششىقلاپ ئىشلەش، ئوراش قاچىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى قولغا چۈشۈردى. شۇ كۈنى قولغا چۈشۈرگەن ساختا تۇزدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدە تەكشۈرتكەندە قولغا چۈشۈرۈلگەن تۇزنىڭ تەركىبىدە يود بولمايلا قالماستىن، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق نۇرغۇن ماددىلارنىڭ بارلىقى بايقالدى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

    مۇخبىر مۇلاھىزىسى: تۇز كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىستېمالىدا كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىك، شۇنداقلا، ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بولغان يود ماددىسىنى تولۇقلاشتىكى مۇھىم ۋاستە. ئادەم بەدىنىدە يود كەمچىل بولسا، مۇسكۇللارنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، پوقاق، پالەچلىك كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ؛ ھامىلىدار ئاياللاردا يود كەمچىل بولسا ھامىلە غەيرىي يېتىلىپ، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپلىنىش كۆرۈلىدۇ، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

    ھالبۇكى، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ھارام پايدا كۆزلەپ، تۇز باھاسىنىڭ ئۆسىدىغانلىقى، تۇز بازىرىنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا ساختا خەۋەرلەرنى تارقىتىپ ھەم ساختا تۇز ياساش، ئېلىش- سېتىش قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈمەكتە.

    ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىچە، نۆۋەتتە ساختا تۇز سودىسى چەت، يىراق يېزا-بازارلىرىدا مەلۇم دەرىجىدە باش كۆتۈرۈپ قالغان. شۇڭا، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆلچەملىك تاللا بازارلىرىدىن ۋە ئىجازەت بېرىلگەن سودا دۇكانلىرىدىن تۇز سېتىۋىلىشىنى ھەم ساختا تۇز ياساش، ئېلىپ-سېتىش قىلمىشلىرىغا ئورتاق بىرلىكتە زەربە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە