ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئادالەت ئابدۇۋەلى خەۋىرى: كۇچا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرىئەتراپلىق تەكشۈرۈش ۋە رازۋېتكا قىلىش ئارقىلىق 12-فېۋرالجىنايەت گۇماندارى يا X نى قولغا چۈشۈردى. بۇنىڭ بىلەن كۇچا، توقسۇ ئىككى ناھىيەدە ئۇدا ئون نەچچە قېتىم دېل سادىر قىلىپ چېتىشلىق سوممىسى 380 مىڭ يۈەندىن ئاشقان ئالاھىدە چوڭ ئوغرىلىق دېلوسى ئاخىرى پاش بولدى. ئوغرىلانغان ئاپتوموبىل قايتۇرۇۋېلىندى.
كۇچا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا چوڭ ئەترىتى 6-يانۋار كۇچا مېھمانسارىيىدىن كەلگەن دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى. كۇچا مېھمانسارىيىدىن بىر خاتىرە كومپىيۇتېر ۋە ئىمپورت قىلىنغان فىڭتيەن رۈيجى ماركىلىق ئاپتوموبىل ئوغرىلانغان ئىدى، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 360 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى. نەق مەيدان تەكشۈرۈپ بارماق ئىزىنى نۇسخىلاش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ چىقىلدى، ھەمدە ساقچىلارنىڭ نەچچە كۈنلۈك رازۋېتكا قىلىشى نەتىجىسىدە بېھىشباغ يېزا چىنەباغ 1-كەنتىدىكى يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان بىر ئۆيدىن جىنايەت گۇماندارىيا X قولغا چۈشتى.
جىنايەت گۇماندارى يا X بۇ يىل 24 ياش بولۇپ، ئىلگىرى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىپ، 2013-يىل 10-مارت قويۇپ بېرىلگەن. 2014-يىل مايدا يەنە بىر قېتىم ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، بىر تەرەپ قىلغۇچى كېپىللىككە بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئون قېتىمدىن ئارتۇق ئوغرىلىق دېلوسىنى يا X بۇلتۇر دېكابىردىن بۇ يىل يانۋارغىچە بولغان بىر ئاي ئىچىدە سادىر قىلغان.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى