ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قوشنا ئەللەر

بىرمادىكى يۈزلىرىگە چەكمە چەككەن قەبىلە ئاياللىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 10- كۈنى 03:35   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 

 
 
     ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 2- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرمىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى چەت تاغلىق رايونلاردا بەدەنگە چەكمە چېكىشنى گۈزەللىك ھېسابلايدىغان قەدىمىي قەبىلىلەر بار، مەسلەن ماگان قەبىلىسى بىلەن چىن قەبىلىسى. بۇ قەبىلىدىكى چوڭ ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە بوينىغا ھەرخىل مۇرەككەپ چەكمىلەر چېكىلگەن، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش پەرمانىدىن كېيىن، بۇ خىل ئۆرپ-ئادەتمۇ بارا-بارا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان.
    ئىگىلىنىشىچە، قەدىمكى زامانلاردا بۇ قەبىلىدىكى ئاياللار گۈزەللىكتە تەڭداشسىز ئىكەن، شۇ سەۋەبلىك بەزى ئەسكى غەرەزدىكىلەر بۇ قەبىلىدىكى ئاياللارغا داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلغان. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قەبىلە ئاقساقىلى قىزلارنىڭ يۈزىگە چەكمە چېكىشنى بۇيرۇپ، بۇئارقىلىق ئۇلارنىڭ جەزبىدارلىقىنى يوقاتماقچى بولغان، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ بۇيرۇق ئۆرپ-ئادەتكە ئايلانغان، ھەتتا گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان.
    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرغا كەلگەندە بۇ ئەنئەنە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان. ياش قىزلار يۈزلىرىگە چەكمە چەكمەيدىغان بولغان، بۇنىڭ بىلەن ياشانغانلارنىڭ يۈزلىرىدىكى چەكمىلەر تېخىمۇ سىرلىقلىشىپ كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
 
 
 
 
 
 
 
 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە