ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تىل ۋە ئەدەبىيات

قەيسەر قېيۇمنىڭ ‹‹ئالما دەرىخى ئاستىدىكى چۈش›› ناملىق توپلىمى ھەققىدە

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 09 - ئاينىڭ 19- كۈنى 02:42   |    ئاپتور : ئەكرەم ئابدۇمىجىت  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    قەيسەر قېيۇمنىڭ ‹‹ئالما دەرىخى ئاستىدىكى چۈش›› ناملىق پوۋېست – ھېكايىلەر توپلىمىنى ئوقۇغىنىمغا خېلى ۋاقىتلار بولغان بولسىمۇ، بۇ توغرىلىق دەماللىققا بىر نەرسە دېيىشكە پېتىنالمىغانىدىم. شۇنداقتىمۇ بۇ ھەقتە بىر نېمە دېمەي كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشمىدى.

    ‹‹زېمىننىڭ ھېكايىسى›› زۇلۇم – زورلۇقلار تۈپەيلىدىن يۇرتىدا چىقىش يولى تاپالمىغان يەتتە ئائىلىلىك كىشىنىڭ مەسلىھەتلىشىپ يۇرتىدىن ئايرىلىپ جاپا – مۇشەققەتلىك يوللارنى بېسىپ، ئاخىر سۇ ۋە ئوتلىرى مول، تۇپرىقى مۇنبەت، ئادەم ئايىغى باسمىغان، ھەممە تەرەپنى تاغلار ئوراپ تۇرغان خىلۋەت بىر كەنتنى تېپىشى، ئۇزاق يىللار داۋامىدا بۇ زېمىندىن ئايرىلماسلىقى، يۇرت ئاقساقىلىنىڭ گېپى بىلەن ھەممە ئىشلارنىڭ تەرتىپلىك، قائىدىلىك يۈرۈشتۈرۈلۈشى، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەر خىل سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈزبېرىشى، ئىجتىمائىي تەرتىپلەرنىڭ قايتىدىن تۈزۈلۈشى، يېڭىچە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورنىتىلىشى، ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان ھەيۋەتلىك تاغلاردىكى جاۋاھىراتلار دۇنياسىنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن بايقىلىپ، زاۋۇت – كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى، بۇنىڭ بىلەن بۇ خىلۋەت زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك گۈزەل چۈشلىرى بۇزۇلۇپ، بۇ زېمىندىكىلەرنىڭ ئاستا – ئاستا باشقا جايلارغا كېتىشى؛ پوۋېستتا ئىپادىلەنگەن زۇلۇم ۋە زورلۇقلار، يېڭى بىر ھاياتلىق بوشلۇقى، ئۇزاق مۇددەتلىك بېكىنمە تۇرمۇش، يېڭى دېموكراتىك ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى، مەدەنىيەت – مائارىپنىڭ باشلىنىشى، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى، دەسلەپكى كوممۇنا ھەرىكەتلىرى، ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قاتار سىياسىي ئۆزگىرىشلەر دەل يېقىنقى دەۋر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى.

    خىلۋەت ماكاننىڭ بىردىنبىر تەۋەررۈكى بولغان، ھەرقانداق ۋاقىتتا كېڭىشىپ ئىش قىلىدىغان، مەسلىھەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان، ئاخىرقى تىنىقىغىچە خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاقساقال، يۇرتداشلىرىنىڭ ئامانلىقى ۋە يۇرتىنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان باقى، ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئەركىنلىك – ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان، تىنچ ۋەزىيەتتە ئىلىم – مەرىپەت ئۈچۈن تىنماي ئىزدەنگەن پەرھات، بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىللىرىدە ئوۋچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەر خىل ھەرىكەتلەردە يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرۈش رولىنى ئوينىغان يېزا باشلىقى سۇلتانخوجا، ئۆمرىنى ئوۋچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن، ئاخىر تىلەمچىگە ئايلانغان بولسىمۇ يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇمىغان، رىۋايەتلىك شەخسكە ئوخشايدىغان ساۋۇت ئوۋچى قاتارلىقلارنى ھەرخىل تائىپىدىكى كىشىلىرىمىزنىڭ تىپىك ۋەكىلى دېيىشكە ھەقلىقمىز. بۇلاردىن ۋۇجۇدىمىزدىكى ھەر خىل كۈچلەرنى، سىمالارنى، خاراكتېرلارنى كۆرەلەيمىز.

    ‹‹ئالما دەرىخى ئاستىدىكى چۈش›› ‹‹مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› ۋە ‹‹شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› قاتارلىق مۇكاپاتلارغىمۇ ئېرىشتى، خەنزۇ كىتابخانلارغىمۇ تونۇشتۇرۇلدى. ئەسەردىكى مەزمۇننى ‹‹مۇقەددەس ئەقىدىگە يۆلەنگەن بىر ئادەمنىڭ غېرىبلىقى›› دەپ چۈشەندىم. قېرى ئالما دەرىخىگە سىمۋوللۇق مەنالار ئاساسىدا تەبىر بېرىش توغرا كەلسە، ئۇ مېھىر – ۋاپا، سەمىمىي – ساداقەت، ئەقىدە – ئېتىقاد، پاك مۇھەببەتنىڭ ماددىيلاشقان سىمۋولى. ئەسەر قەھرىمانى قاچانكى بۇ قېرى ئالما دەرىخىگە يۆلەنسە، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇنىڭ خىياللىرى رەڭدارلىشىدۇ، باي – باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ، مۇھەببەتتە غەلىبە قازىنىدۇ، ئىشلىرى يۈرۈشىدۇ. ئەكسىچە، قاچانكى قېرى ئالما دەرىخىدىن يىراقلاشسا، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇ غېرىبلىق، يېگانىلىققا يۈزلىنىدۇ، ئىشلىرى ئالغا باسمايدۇ، ئۆزىنى تولىمۇ تەنھا، بىچارە سېزىدۇ. دېمەك، قەيسەرنىڭ قېرى ئالما دەرىخىنى ۋە ئۇنىڭ شاخلىرىنى ماكان قىلغان كاككۇكنى سىمۋوللۇق ئوبراز سۈپىتىدە تاللىۋېلىشىمۇ ئاساسسىز ئەمەس. ئىنسان روھىيىتى بىلەن چىڭ باغلانغان بۇ قېرى ئالما دەرىخى پاجىئەگە تولغان رېئاللىق ئالدىدا قۇرۇپ قاقشال بولۇشقا باشلايدۇ، ئەمما ئىنساندىكى چەكسىز ئۈمىد بىلەن يەنە كۆكلەيدۇ. بۇ يەردە ئاپتور كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مەڭگۈ يوقالماس بىر ئەقىدىنى دەلىللىگەن. روھلارنىڭ بىرىكمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆزەتكەندە، ئەسەردىكى بىر – بىرىگە ئوخشايدىغان رېئاللىق بىلەن خىيالنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياشاۋاتقان ئىككى تەننىڭ پاجىئەسىدىن ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى رەزىللىك بىلەن ئادالەتنىڭ، ھەققانىيەت بىلەن ساختىپەزلىكنىڭ، غۇرۇر بىلەن خۇشامەتچىلىكنىڭ تەڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلالايمىز.

    توپلامدىكى ھېكايىلەردىن تەبىئەت تىراگېدىيەسىگە تەۋە بولغان ‹‹ئارسلان››، ئىجتىمائىي ئەخلاق پاجىئەلىرىگە تەۋە بولغان ‹‹مەنمۇ توي قىلاي دەيمەن››، ‹‹ھاراق كىرىزىسى›› قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. ‹‹ئارسلان››دىكى بۆرە بىلەن ئاتاۋۇل بوۋاينىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى بىزگە ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ مەڭگۈلۈك گارمۇنىيەسىنى ئەسلەتسە، قۇرۇلۇش ئەترەت باشلىقىنىڭ پاجىئەسى بىلەن تاغ باغرىدىكى خىلۋەت يېزىغا يېڭى كەلگەن باشلىقنىڭ زاۋۇت قۇرۇش جەريانىدىكى پاجىئەسى خورلانغان تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا بولغان كۈچلۈك قارشىلىقىنى سەمىمىزگە سالىدۇ. ‹‹مەنمۇ توي قىلاي دەيمەن››، ‹‹ھاراق كىرىزىسى›› قاتارلىق ھېكايىلەردە جەمئىيىتىمىزدىكى ئەخلاق مەسىلىلىرى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن يورۇتۇلغان بولۇپ، ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم چاكىنىلىقلار بىلەن ئەخلاقسىزلىقلار، قىز – ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى ساختا مۇھەببەت بىلەن ئاشنىدارچىلىق، ھاراقكەشلىكتىن كېلىپ چىققان پاجىئەلەر، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ئوتتۇرىسىدىكى خۇشامەتچىلىك قاتارلىق تۇرمۇش دېتاللىرى دەل جايىدا تىپىك ۋەقەلەر بىلەن بايان قىلىنغان.

    ئاپتور ‹‹يىگىت جۈرئەتلىك بول›› ناملىق ھېكايىسى ئارقىلىق ياشلىق، قىزغىنلىق ۋە مۇھەببەتكە تولغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى لىرىك ھېسسىيات بىلەن ئىپادىلىگەن. مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكە تۇيغۇلارغا تويۇنغان، سىرلىق ۋە جەلپ قىلارلىق ۋەقەلەرگە باي، تۇز – تەمى تەڭشەلگەن دىيالوگ ۋە مونولوگلارغا ئىگە بۇ ئەسەرنى توپلامدىكى ئەڭ يورۇق نۇقتا دېيىشكە بولىدۇ. ئىگەمبەردىدىن ئىبارەت بىر ياشنىڭ مۇرەككەپ ھېس – تۇيغۇلىرىنى راۋان تىل، ئورۇنلۇق مۇلاھىزە، مەنتىقىلىق ۋەقەلىك ئىچىگە قويۇپ ئىپادىلەپ بېرىشى قەيسەرنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى ئۆزىگە خاس ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. توپلامدىكى ‹‹قېچىش››، ‹‹قىسقا يول››، ‹‹شائىر››، ‹‹خەۋەر ئىزدەپ››، ‹‹باشلىق بولغانمۇ ياخشىكەن›› قاتارلىق قىسقا ھېكايىلەردىنمۇ تۇرمۇشنىڭ كەسمە يۈزىدىن ئېلىنغان ئەھمىيەتلىك دېتاللارنى بايقايمىز. ‹‹شائىر›› ناملىق ھېكايىدىكى يېشى يەتمىشتىن ھالقىغان بولسىمۇ شېئىردىن ئىبارەت بۇ مەنىۋىيەتكە بارلىقىنى بېغىشلىغان توختى ساۋۇت بوۋاي، ‹‹يېقىن يول›› ھېكايىسىدىكى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدىغان، ئەمما قويمىچى قىزغا ئالدىنىپ كەتكەن غالىپ، ‹‹خەۋەر ئىزدەپ›› ناملىق ھېكايىدىكى بايلىقنىڭ كۈچىدىن ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببەتنى ئۇنتۇغان ‹‹لوبەن›› ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى، ‹‹كالا ۋەقەسى››دىكى ئىنسانىي بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە ساۋۇتئاخۇن، ‹‹ۋەھىمە››دىكى خۇراپاتلىق تۈپەيلىدىن بەزى قۇشلارنى ئۆلتۈرسە بولىدۇ دەپ پەتىۋا چىقارغان ياسىن قارى قاتارلىقلار ئوبرازىنى كۆرگىنىمىزدە، ئاپتورنىڭ تۇرمۇشنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدىن ئەپچىللىك بىلەن ۋەقەلىك ئېلىشقا ۋە ئۇنى قۇراشتۇرۇشقا، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرىنى تۇتۇشقا ماھىرلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىمىز، ئەلۋەتتە.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە