باش بەت » دەرىسلىك »

ھەقسىز بوشلۇقتا «بلوگ» ياكى «توربېكەت» قۇرۇشنى خالامسىز؟

ۋاقىت: 2012-03-13 01:19 / كۆرۇلىشى: 600 / باھا: 1 ئىنكاس يوللاش
خەتكۈچلەر:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار! تېنىڭلار سالامەت، ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىۋاتامدۇ؟ كەمىنە ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، تېنىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيدۇ.

ئەمدى ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك، توردۇنياسىغا قەدەم قويغىلىمۇ نەچچە يىللار بولۇپتۇ. شۇ يىللار جەريانىدا تۈرلۈك – تۈمەن ئىشلاردىن خەۋەردار بولدۇق ۋە ئاز – تولا تەجىربىلەرگە ئىگە بولدۇق. شۇ جەرياندا ئىگە بولغان، بۈگۈنگىچە پايدىلىنىۋاتقان تەجىربىدىن تورداشلارغا ئازراق سۆزلەپ بېرىشنى لايىق تاپتىم.

ئەمدى سۆزۈمنى باشلاپ كەتتىم. ئېزىپ – تېزىپ سۆزلەپ قالسام ئەيىپكە بۇيرىمىغاسىلەر…

ئەھھە – ئۆھھۆ:

ھەقسىز بوشلۇقتا بىلوگىڭىز ياكى توربېكىتىڭىزنى ئېچىۋالغىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى جەريانلارغا دىققەت قىلغايسىز.

بىرىنجى قەدەمدە (主机屋) http://www.zhujiwu.com تورئادرېسىنى ئاچقاندىن كېيىن (免费注册) دىن تىزىملىتىسىز.

zhujiwu_a

تىزىملىتىش مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن (实名认证) بۇيەردىن سالاھىيىتىڭىزنى دەلىللىتىپ، بوشلۇققا ئېرىشىشكە بولىدۇ. سالاھىيەت دەلىللەشكە كېرەكلىك ماتېرياللار تۆۋەندىكىچە:

سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى (ئىككىنجى ئەۋلات نۇسقىسىنىڭ رەڭلىك كۆپەيتىلگەن نۇسقىسى) ۋە تۇرمۇشتا چۈشكەن بىر پارچە رەسىم.

سالاھىيەت گۇۋاھنامە نومۇرى:

مۇقۇم تېلېفون نۇمۇرى:

دائىملىق ئالاقىلىشىش نومۇرى:

ئىشلەتكۈچىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم – فامىلىسى:

ئېلخەت ئادرېسى:

يۇقارقى ئۇچۇرلارنى دەلىللىتىپ بولغاندىن كېيىن،

يۇقارقى رەسىمدىكىدەك سىزنىڭ تەمىنلىگەن كىملىك ۋە رەسىمىڭىز ئىشلەتكۈچى نامىڭىزنىڭ ئەزەلار مەركىزى (实名认证) ھەقىقىي سالاھىيىتى دېگەن يەردە كۆرىنىدۇ.

ئەمدى بوشلۇقنى ئىلتىماس قىلىشنى باشلىساق بولىدۇ.

بىز ئەزالار مەركىزى دەيدىغان يەرگە قارايدىغان بولساق، 虚拟主机管理 دېگەن خەتنى كۆرۈمىز. بىز دەل مۇشۇ يەردىن بوشلۇق ئىلتىماس قىلىمىز، zhujiwu_c

رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك 免费虚拟主机 نى تاللاپ ئىلتىماس قىلساق بولىدۇ. ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىزگە 2- دەرىجىلىك تورنامىدىن بىرنى بېرىدۇ. بىز باشقۇرۇش (管理) دىن كىرىپ بوشلۇقنى باشقۇرساق ۋە ئەلاقىدار ئۇچۇرلارغا ئېرىشسەك بولىدۇ. تورنامى باغلاش، بوشلۇقنى توختىتىش ۋە ئەچىش، ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش، مەخپى نومۇر ئۆزگرتىش قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇرۇشقا كىرىپ قىلىشقا بولىدۇ.

بوشلۇقنىڭ ۋاقتىنى قانداق ئۇزارتىمەن؟

بۇ سۇئالغا قارىتا مۇنداق جاۋاپلار چۈشۈشى مۇمكىن. سىز باشقۇرۇش دېگەن يەرگە كىرىپ مۇنداى بىر خەتنى ئۇچراتقان بولىشىڭىز مۇمكىن (网站延期) توربېكەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش. بۇنىڭدىن باشقا ئەزالار مەركىزىدىن بوشلىقىڭىزنىڭ بۇ ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىز، يانى بوشلۇق ئېچىلغان ۋاقىت ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتى. مۇشۇ ئۇچۇرلارنىڭ يېنىدا مۇنداق بىر گەپ ئۇچرايدۇ (延期) مۇشۇنى چەكسىڭىز بىۋاستە ۋاقىت ئۇزارتىش رايونىغا باشلاپ بارىدۇ. يەنى تۆۋەندىكىدەك:

zhujiwu_d

بۇيەردە بۇ ئۇچۇرلارنى بايقىشىڭىز مۇمكىن.

    • ھەقسىز بوشلۇقنى پەقەت بىر ئىشلەتكۈچى نامىڭىزغا بىرلا بوشلۇق ئىشلىتەلەيسىز.
    • بوشلۇقنىڭ ئەڭ يۇقرى ئىشلىتىش ۋاقتى بىرئاي ( يەنى ھەر ئايدا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسى تاپشۇرىسىز)
    • سىز ئەگەر ھەقسىز بوشلۇق ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز، بوشلۇقتا مۇنبەر ئېچىشقا بولمايدۇ.
    • ۋاقىت ئۇزارتىش ئۈچۈن بېكىتىمىزنىڭ تەشۋىقاتى قىلىنغان ئۇلىنىش ئادرېسى لازىم.
    • ئىلتىماسىڭىز 30 مىنۇت ئەتراپىدا تەستىقلىنىدۇ… قاتارلىق ۋاھاكازالار.

بوشلۇقىڭىزنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن (主机屋) نىڭ تەشۋىقاتى قىلىنغان ئۇلىنىش ئادرېسى لازىم ئىكەن. پېقىرمۇ ئۇشبۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق مەزكۈر بىلوگنى مەڭدۇرىۋاتقىلى ئۈچ ئايغا قەدەم قويغىلى تۇرۇپتۇ.

تورنامىمغا باغلانمىسا قانداق قىلىمەن؟

بۇ سۇئالغا ئاددىي جاۋاپ چۈشۈسى مۇمكىن. يەنى سىز ئۇلاار تەلەپ قىلغان بويىچە (申请白名单) بۇ يەردىن كىرىپ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يەنە بىر دەلىللەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.


يۇقارقى مەزلارنى سىزگە قالايمىغان سۆزلەپ يەتكۈزۈشۈمنىڭ سەۋەبى شۇكى، سىز بۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ نەپكە ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداقلا مەنمۇ ئاز – تولا نەپكە ئېرىشىمەن. چۈنكى ئۇشبۇ تاققا – تۇققۇ گەپلىرىم ئارقىلىق مەنمۇ بوشلۇقنىڭ ۋاقتىنى يەنە بىر ئاي ئۇزارتىۋېلىشىم مۇمكىن. بۇ مېنىڭ ھەقسىز بوشلۇق ئىشلىتىشتىكى ھازىرغىچە ئىگە بولغان ھەم ئۆزۈم ئىشەنچ قىلغان تەجرىبە بولۇپ، سىزنىڭمۇ سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىپ قېلىشى مۇمكىن.

主机屋 نىڭ ھەقلىق ۋە ھەقسىز بوشلىقىنىڭ تەپسىلاتىنى بۇيەردىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ. ئادرېسى: http://www.zhujiwu.com/PriceHost.asp

ئەسكەرتىش: بۇلارنىڭ بوشلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تەۋسىيە قىلىپ كېتىشىمنىڭ سەۋەبى بەزى تورداشلار نەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ ئالغان بوشلىقىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىدىنمۇ تېزبولغانلىقى، مۇلازىمىتېرنىڭ مۇقۇم بولغانلىقى سەۋەپ بولدى. بۇلارنىڭ مۇلازىمىتى ياراپ قالسا ھەقلىق مۇلازىمىتىدىن بەھىرلەنسەكمۇ بولىدۇ. تەپسىلىي ئەھۋاللارنى مۇلازىمەتچىدىن سوراپ بىلگەيسىلەر…

  • مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بۇلارنىڭ ھەقسىز بوشلۇقى بەزى پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان بوشلۇقلاردىن ياخشىدەك بىلىندى. مەسىلەن مۇلازىمىتېر مۇقىم، سۈرئىتى تېز، ئۇنىڭدىن سىرت تورنامىڭىزنىڭ ئەن نومۇرى بولىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. بوشلۇقنى ئېچىپلا بېكىتىڭىزنى ئاچالايسىز. مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەر كۆزدە تۇتۇلغان ئاساستا، ئۇشبۇ بوشلۇققا ئىھتىياجى بار، تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولغان دوستلارغا پايدىلىنىش ئۇچۇرى بولسۇن ئۈچۈن تەييارلاندى. بۇنىڭدىن كېيىنكى تەجىربىلەرنى بىرگە ئورتاقلاشقايمىز.

مەنبە: http://biryil.com/?p=691

يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ

يازما ئاپتورى:
UYBBJبلوگ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: بلوگىمىز مەخسۇس بلوگ بىلىملىرىنى يىغىپ بلوگ بىلىملىرى ئالبۇمى قىلىش ئۈچۈن بۇ بلوگنى قۇردى، شۇ سەۋەب ھەر قايسى بلوگلاردىن بلوگگىرلار بلوگ يىزىش جەريانىدا يولۇقۇپ ھەل قىلىپ ئۆتكەن بىشىدىن ئۆتكەن ساۋات ۋە باشقا بىلىملىرىنى يوللاپ ئورتاقلاشقانلارنىڭ تىمىسىنى ئەسلى مەنبەنى ئىنىق ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ ئىلان قىلىدۇ، ھەر قايسى ئۇستازلارنىڭ قوللاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەممىسى ئۇيغۇر بلوگ چىلىقى ئۈچۈن!
يازما سەھىپىسى: [ دەرىسلىك ]
يازما مەنزىلى: ھەقسىز بوشلۇقتا «بلوگ» ياكى «توربېكەت» قۇرۇشنى خالامسىز؟ [ يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش: ]
(يازما ھوقوقى ئەسلى ئاپتورغا تەۋە! كۆچۈرسىڭىز ۋە ياكى بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئەسلى مەنبەگە كىرىپ سوراڭ.)

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 1 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. ئابدۇخالىق مۇنداق يازغان:

    رەھمەت سىزگە ،مەنمۇ سىناپ باقاي !

ئىنكاس يوللاش

回到页首