باش بەت » قىستۇرما »

تور بەتلەردە فورمۇلا تەھرىرلەش قىستۇرمىسى WpMathEditor

ۋاقىت: 2012-02-18 17:48 / كۆرۇلىشى: 122 / باھا: 0 ئىنكاس يوللاش

تور بەتلەردە ماتېماتىكىلىق فورمۇلالارنى قانداق تەھرىرلەيدىغاندۇ دەپ بېشىڭىز قېتىۋاتامدۇ؟ تەبىئىي پەنلەرگە دائىر ماقالىلارنى تورغا قانداق قىلسام ئېلان قىلالايمەن دەپ بىلەلمەي يۈرەمسىز؟ سىز مەخسۇس تەبىئىي پەن بىلەن شۇغۇللىنامسىز؟ ماقالىلىرىڭىزنى تورغا ئېلان قىلىپ تېخمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇنماقچى بولىۋاتامسىز؟ …

ئۇنداق بولسا بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە بۇ مەسىلىنى WordPress تە قانداق ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتەي. WordPress نى دۇنيادىكى داڭلىق بىلوگ سۇپىلىرىدىن بىرى قىلىۋاتقان دەل شۇ WordPress نىڭ قىستۇرمىسى بولۇپ، بۇ مەسىلىنى بىز تۆۋەندە WordPress نىڭ تور بەتلەردە فورمۇلا تەھرىرلەش قىستۇرمىسىدىن بىرى بولغان WpMathEditor ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە ئىشنى باشلاڭ.

1. ئاۋال WpMathEditor نى بۇ يەردىن چۈشۈرىسىز. ئامال بار ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ. بۇ يەردە ئەڭ يېڭى بولغان نەشىرىگە ئېرىشەلەيسىز.

2. Zip ھالەتتكى بۇ ھۆججەتنى يېشىپ بوشلۇقىڭىزدىكى /wp-content/plugins نىڭ ئىچىگە قاچىلاپ، تور بېتىڭىزنىڭ باشقۇرۇش رايونىغا كىرىپ، قىستۇرما بېتىدىن مەزكۈ قىستۇرمىنى قوزغىتىسىز. ياكى بولمىسا، باشقۇرۇش بېتىدىكى قىستۇرمىلارنى يېڭىدىن قوشۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق Zip ھالەتتكى بۇ ھۆججەتنى بىۋاستە قوشۇۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

3. بوشلۇقىڭىزدىكى /wp-content/plugins/WpMathEditor/phpmathpublisher/img مۇندەرىجىسىنىڭ ھوقۇقىنى 755 كە تەڭشەڭ. 777 قىلىپ تەڭشىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

4. ئۇنداق بولسا يازما يېزىشنى باشلاڭ. ماقالىڭىزدە فورمۇلاغا يولۇقسىڭىز بىلەن    …   نىڭ ئارىسىغا ئېلىپ LaTex تىلىنىڭ گىرامماتىكىلىق قائىدىسى بويىچە يېزىۋىرىڭ. LaTex تىلىنىڭ گىرامماتىكىلىق قائىدىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. بۇ يەردە كىرگۈزمەكچى بولغان فورمۇلانى سىناپ كۆرۈپ بېقىشقا بولىدۇ. ئاۋال سىناپ بېقىپ توغرا بولغاندىن كېيىن ئاندىن كۆچۈرۈپ يازمىڭىزغا چاپلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بۇ قىستۇرمىنى ئىشلىتىپ يېزلغان فورمۇلا يازمىنىڭ تېكىست رايونىدا، ئىنكاس رايونىدا نورمال ئىشلەيدۇ. ئورگان بېتىنىڭ دېيىشىچە بۇ قىستۇرما WordPress نىڭ  تۆۋەنرەك نەشىرىدە نورمال ئىشلەيدىكەن. 3.01 دىن يۇقىرى نەشىرىدە ۋە ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرى 3.1 دە ئىشلەيدىغان ياكى ئىشلىمەيدىغانلىقى نامەلۇم. مەن 3.1 نەشىرىدە سىناق قىلسام نورمال ئىشلىمىدى. تۆۋەنرەك نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا سىناپ بېقىپ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ قىستۇرمىنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىللىرى بولسا مۇشۇ يەردە ئوتتۇرغا قويسا، بىرلىكتە ھەل قىلساق دىگەن ئۈمىتتىمەن

مەنبە:http://www.izdengin.com/?p=779

يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ

يازما ئاپتورى:
UYBBJبلوگ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: بلوگىمىز مەخسۇس بلوگ بىلىملىرىنى يىغىپ بلوگ بىلىملىرى ئالبۇمى قىلىش ئۈچۈن بۇ بلوگنى قۇردى، شۇ سەۋەب ھەر قايسى بلوگلاردىن بلوگگىرلار بلوگ يىزىش جەريانىدا يولۇقۇپ ھەل قىلىپ ئۆتكەن بىشىدىن ئۆتكەن ساۋات ۋە باشقا بىلىملىرىنى يوللاپ ئورتاقلاشقانلارنىڭ تىمىسىنى ئەسلى مەنبەنى ئىنىق ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ ئىلان قىلىدۇ، ھەر قايسى ئۇستازلارنىڭ قوللاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەممىسى ئۇيغۇر بلوگ چىلىقى ئۈچۈن!
يازما سەھىپىسى: [ قىستۇرما ]
يازما مەنزىلى: تور بەتلەردە فورمۇلا تەھرىرلەش قىستۇرمىسى WpMathEditor [ يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش: ]
(يازما ھوقوقى ئەسلى ئاپتورغا تەۋە! كۆچۈرسىڭىز ۋە ياكى بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئەسلى مەنبەگە كىرىپ سوراڭ.)

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 0 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. ۋاقتىنچە ھېچقانداق ئىنكاس قالدۇرۇلمىدى! نېمىشقا سىز قالدۇرۇپ قويمايسىز؟

ئىنكاس يوللاش

回到页首